大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 96 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 96 - قىسىم aybarawazi
2024-04-24
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 97 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86


95
94
93
92



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


96 - قىسىم


ئۆزى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئۆزى شۇنداق ئىشەنگەن ئادەمنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ھېس قىلغان قۇرباننىڭ شۇ تاپتا كۆڭلى لەختە لەختە بولۇپ كەتكەن ئىدى . رەنانى ئۆز ئاپىسى ياخشى كۆرمىسۇن ،ئەرفاتنى نەۋرەم دەپ ئېتىراپ قىلمىسىمۇ .لېكىن ، نېمە ئۈچۈن ئاپىسى ئەرفاتنىڭ يوقاپ كېتىشىگە، رەنانىڭ يوقاپ كېتىشكە بۇنداق سۇس مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ ؟ قۇرباننىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى. لېكىن، زادى بۇ نېمە سەۋەبتىندۇ ؟ پەقەتلا خوجىدار ئاياللا ئۇنىڭغا ھەقىقىي جاۋابنى بېرەلەيتتى . لېكىن ،ئۇ ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى . 5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىنى مۇنىرەنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغىنىنى ھەمدە ئاستىرىتتىن ئاپىسى تۇرسۇنگۈلنىڭ پىلانلىغانلىقى، سۇباتنىڭ ياردەملەشكەنلىكى بۇلار قارىماققا ئۇنداق ئاسان ئىشتەك ئەمەس ئىدى .

سۇبات بىلەن سەمىرەنى قۇربان دارىلېتامدىن خوجىدار ئايالنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئىدى .ھەمدە ئۆيدىكى ۋاقتىدىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ، شۇنداق ياخشىلىقىنى داۋاملىق ئۇلارغا يەيدىغان نەرسە ئېتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرەتتى . شۇ ۋاقىتتا قۇربان كۆڭىلدە خوجىدار ئايالنىڭ بالىسى بولمىغانلىقتىن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مېھرىنى بېرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،ھازىرقى پەيتتە ئۇ شۇنى ئويلاپ يېتىپ ، خوجىدار ئايال سۇبات بىلەن سەمىرەنى سېتىۋالغان ئىكەن . لېكىن ،ئويلاپ يېتەلمەيدىغىنى 5يىل بۇرۇن خوجىدار ئايال رەناغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .شۇنداق مېھرىبانلىق قىلاتتى. لېكىن ،ئوت ئاپىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇ ھىس قىلغان ئىدى . بۇ ئىشلار زادى نېمە سەۋەبتىندۇ ؟ قۇربان نۇرغۇن خىياللار ئىلكىدە غوجىدار ئايالغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ چىقتى .

قادىرنىڭ ئاكىسى قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

-سۇبات بىر ئەركەك . ئۇ بىزنىڭ ئائىلىدە تۇرغان ۋاقتىدىمۇ ئائىلە ئىشنى ھەرگىز سىرتقا ئاشكارىلىمايتتى . ئۇ سەمىرە ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلاتتى . 5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە سۇبات ئوت قويغان .مۇنىرە يول كۆرسەتكەن شۇنداقمۇ ؟- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

- بىز، مۇشۇنداق دەپ ئويلىساق بولىدۇ. لېكىن ئىشلار ئۇنداق ئاسان ئەمەس . مۇنىرە ئاللىقاچان تۈرمىدىن قېچىپ كېتىپتۇ ھەمدە ئوغلۇم بىلەن ئوغلىنى بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى شۇنداق ئوڭۇشلۇق بوپتۇ . ئۇ ئۈرۈمچىدىن قېچىپ كېتەلەيتتى . لېكىن ،ئۇ نېمە ئۈچۈن كەتمەيدۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ئۇ زادى نېمىنى كۈتۈۋاتقاندۇ ؟ بەلكىم ،بىرەرسى ئۇنىڭ كېتىشىنى توسۇۋاتقاندۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇرقەت قېچىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكى يوق . مەن ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە قارىغان ۋاقتىمدا ، ئۇ چۇقۇم قېچىپ كېتەلەيتتى. لېكىن ،ھازىر ئۇ ئۆلۈپ كەتتى . ئۆلۈشىمۇ ئىنتايىن سىرلىق بۇلارنىڭ ھەممىسى غەيرى ئىشلار ،- دېدى قۇربان . تاماكىنى ئاچچىق شۇرغاچ .

- بەلكىم بىرەرسى ئوكۇلدىن پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى زەھەرلىك يېمەكلىك ئارقىلىق ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولغاندۇ؟ - دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

- سەن بىلەمسەن ؟

-مەن قەستەن ئادەم ئەۋەتىپ مۇنىرەگە فۇرقەت ئاغرىپ قالدى . ئۆلۈك تىرىكلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس ،-دېدىم .ئۇ ۋاقىتتا ئاپىسى تۇرسۇنگۈل قىزى بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپتۇ . ھەمدە قىزىغا بىر تال دورا بېرىپتۇ .مۇنىرە ئۇ دورىنى يېسە ۋاقىتلىق ساراڭ بولۇپ قالىدىكەن، ئىككىنچى كۈنىسى دوختۇر كەلگەن ۋاقىتتا مۇنىرە ساقىيىپ قاپتۇ . لېكىن ،ئۇ دورىنى دوختۇر تارتىۋاپتۇ.

- نېمە دورا ئىكەن ؟

- زەھەرلىك دورا . ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچسىلا زەھەرلىك دورا ئىكەن .

قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى ھەمدە .

-بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟

- شۇنى دېگىنە؟ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن .تۇرسۇنگۈلنىڭ ئاران مۇنىرە بىر تاللا قىزى بار تۇرسا ، ئۇ پۈتكۈل ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى مۇنىرەگە قويغان تۇرسا ھەمدە تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۇنى بىزنىڭ ، ئائىلىنىڭ خېنىمى قىلماقچى بولدى . چۈنكى، ئاپىسى ئۇنىڭ قىينالماي، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بەكمۇ خالايدۇ .ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ ئۆز قىزىغا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىدۇ ؟ -دېدى قۇربان سۇسقىنە.

- سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ تۇرسۇنگۈلنى باشقىلار مەجبۇرلىغان . شۇڭلاشقا ئۇ بىلىپ بىلمەي ھېلىقى دورىنى بەرگەنمۇ ؟

- بەلكىم ،مۇشۇنداق ئېھتىماللىق بار. لېكىن ،مۇنىرەغۇ ئازراق ۋىجدانى بار ئادەم ئەمەس . ئۇ بىر نەچچە كۈن ئۆتە ئۆتمەيلا يەنە تۈرمىدىن قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ قېچىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرفات بىلەن فۇرقەتنى بىللە ئېلىپ كەتتى .ئۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق رەنادىن ئۆچ ئالماقچى ئىدى .

-سەن، بۇنى چۈشەنمەمسەن .رەناغا شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئايال يەنە ئۆچ ئالماسمۇ ؟ ئۇ مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق رەنانى بوش قويۇۋېتەرمۇ ؟- دېدى قۇربان .

- ئەمىسە، ساڭا فۇرقەت بىرەر يىپ ئۇچىنى دەپ بەرمىدىمۇ ؟

- فۇرقەت دېگەن بىر كىچىك بالا. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان ئۇ فۇرقەتكە بەكلا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى .ھەمدە مەنمۇ ئۇنى ئۇرۇپ باقمىغان ئىدىم . لېكىن ئۇ ئۇنى ئۇرىدۇ. فۇرقەت بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى . ئەگەر، ئەرفات بولمىغان بولسا قانداق ئادەمگە ئايلىنىپ قالاتتى. بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ . ئۆزىنىڭ باغرىدىن چۈشكەن بالا تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلدى . مەن ئۆيگە قايتىپ بارغاندا دائىملا كىچىلىرى يامان چۇشتىن يىغلاپ ئويغۇنۇپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدى. مەن سورىسام ھەرگىزمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى دەپ بەرمەيتتى . ئىشىقىلىپ مۇنىرە دىگەن بۇ ئايال بەكلا رەھىمسىز. فۇرقەتكە زومىگەرلىك قىلاتتى . مەن بولسام بىر خىل ، مەن يوق يەردە بىر خىل مۇئامىلە قىلاتتى. شۇڭلاشقا ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئانچە يېقىن ئەمەس . ئۇنىڭ گەپلىرىگە بەك جىق پىسەنت قىلىپ كەتمەيمەن ،-دېدى قۇربان .

- فۇرقەت ئىنىڭنىڭ ئوغلىمۇ ؟

-ھەئە .

قادىرنىڭ ئاكىسى ھەيران قالدى .ھەمدە؛

- سېنى مۇنىرەگە نېمشقا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكىن دېسەم. ئەسلى، ئۇ ئىنىڭنىڭ ئايالى ئىكەن ئەمەسمۇ . نەچچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان سۆز چۆچەكلەر بولۇندى .مەن تېخى راستمىكىن دەپ قاپتىمەن .

- مەن پەقەت ئايالىم ۋە ئىنىمغا يۈز كىلەلسەم بولدى . باشقىلار بىلەن كارىم يوق. ھەم باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنىمۇ قوبۇل قىلىپ بولالمايمەن ،- دېدى قۇربان .

قۇرباننىڭ گەپلىرى قادىرنىڭ ئاكىسىنى قايىل قىلغان ئىدى ھەمدە:

- مەن چۇقۇم ساڭا ياردەملىشىپ رەنا خېنىم ۋە ئەرفاتنى تېپىپ بېرىمەن. سەن خاتىرجەم شاڭخەيگە بېرىپ كەلگىن ھەمدە ئائىلەڭدىكى بەزىبىر ئىشلارغا مەن ياردەملەشسەم بولىدۇ سەن خاتىرجەم بولغىن ،-دىدى.

- رەھمەت ساڭا ،- دېدى قۇربان ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىر مۇشتلاپ قويۇپ .

-خاتىرجەم بولغىن . ھەر قانچە قىيىن بولسىمۇ مەن چۇقۇم يىپ ئۇچى تاپىمەن. پەقەتلا بولمىسا مەن مۇنىرە خېنىم ياتقان دوختۇرخانىدىن باشلاپ تەكشۈرەيمەن . گەرچە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ گىنى ئوخشىمايدىغان چىقىپ قاپتۇ .بەلكىم مۇنىرە خېنىم تۇغۇلغان ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا بىرەرسى ئالماشتۇرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن . ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپىسىنىڭ تۇغۇتىدىكى ئىشلارنى تەكشۈرسەكلا چۇقۇم يىپ ئۇچى بولىدۇ . ھازىر رەنا خېنىمدىن خەۋەر بولمىسىمۇ مەن چۇقۇم ئامال قىلىپ ساڭا ياردەم قىلىپ تېپىپ چىقىمەن .

- ھە ، ماقۇل . بۇ ئىشقا بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر قول تىقمايلى. بىرىنچىدىن ، ھازىر كىم مېنىڭ دۈشمىنىم تېخى ئۇقمايمەن. ئىككىنچىدىن ، رەنانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى تېخى ئىنىقلانمىدى . ئۇ ئاتا- ئانىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە ئۇنىمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن ئۈچىنچىدىن، ئەگەر مەن شاڭخەيدە بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالسام ، بەلكىم ،مەن قېيىن ئانام ۋە قېيىن ئاتاملار بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكىم مۇمكىن ، شۇڭلاشقا ……!

- خاتىرجەم بولغىن . بۇ ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرغىن ،- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

-سەمىرە، سىلەرنىڭ بالاڭلار ئەمەسكەنغۇ ؟ يەنە باشقا يىپ ئۇچى بارمۇ ؟ دېدى قۇربان . قادىرنىڭ ئاكىسى بېشىنى لىڭشىتقىنىچە:

- بۇ ئىشلار باشتىن ئاياغ سەل قالايمىقان . سۇباتنىڭ ئېيتىشىچە، مېنىڭ ئاپام ئاكامغا قورساق كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ، ئاكامنىڭ ئەرلىك ئاجىزلىق تۇغما كېسىلى بار ئىكەنتۇق . لېكىن ھازىر سۇباتمۇ ئۆلۈپ كەتتى . سەمىرەمۇ ئەسلى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بالىسى ئەمەس . بىزنىڭ ئائىلىدە راستىنلا غەيرى بالا بولۇپ باقمىغان بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەپقاچتى گەپلەر . لېكىن ،ئاپام بۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتىدۇ ،-دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى كۈلۈپ قويۇپ .

بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆينىڭ ئالدىغا بىر ماشىنا توختىدى قادىر سەكرەپ چۈشۈپ:

- مەن، رەنا خېنىمنىڭ ئۇچۇرىنى تاپتىم ،-دىدى.

-نىمە؟

قادىرنىڭ ئاكسى ۋە قۇربان دەرھاللا ماشىندىن چۇشتى. ھەمدە قادىرنىڭ قىشىغا باردى.

قۇربان ئۇنىڭ ياقسىدىن تۇتتى.

- قۇربان ،مېنى قويىۋەت! نېمە ئىش قىلاي دەيسەن؟- دىدى قادىر.

بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قادىرنىڭ ئاكىسى بىلەن قۇربان رەنانى ئىزدەيمەن دەپ ساراڭ بولاي دەپ قالغان ئىدى .

-قۇرپان ئاۋۋال ئۇنى قويىۋەتكىن ، ئۇ قانداق ئىش بىز ئاڭلاپ باقايلى! ئۇنى سىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويساڭ ، بىز ھېچقانداق خەۋەرگە ئىگە بولالمايمىز ؟ - دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

قۇربان دەرھال ئۇنى قويىۋەتتى . قادىر بىلىكىنى ئۇۋىلىغاچ:

- قۇربان ،سەن راستتىنلا بىر نېرۋا كېسەل ئىكەنسەن. بۇرۇنلا بىلگەن بولسام ئۇنىڭ خەۋىرىنى دېمەس ئىكەنمەن . مەن ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ ئىزدىگەن بولسام ، ئۇ گۈزەل قىز مېنىڭ بولار ئىكەن.

- سېنىڭ ئۆلگۈڭ كەپتۇ شۇنداقمۇ ؟

-بىلەمسەن سەن بۇ يەردە ۋارقىراپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئۇنى يۇتتۇرۋەتكەن ئادەم سەن . ئۇنى باشقىلارغا سېتىۋەتكەن ئادەم دەل سېنىڭ ئادىمىڭ!

-سەن نېمە دەۋاتىسەن ؟- دېدى قۇربان ھەيران قېلىپ . سەن زادى نېمە دېمەكچى . ئىنىق گەپنى دە ،-دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى قاپىقىنى تۈرگىنىچە .

- بۇنى ماڭا بىر يېقىن ئاغىنەم شۇنداق دېدى . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ھازىر بىر تۈركۈم ئادەملەرنى ئادەم بېدىكلىرى چەتئەلگە ئاچىقىپ ساتماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرسى رەنانى كۆرگەن ئىكەن .ئۇ كۆرگەن ۋاقتىدا، رەنا ھوشسىز ئىكەن . غوجىدار ئايال ئۇنى كېمىگە ئېلىپ چىقىپتۇ . ھازىر ھەممە ئادەم ئۇ كيىمە ماڭغان ئارالنى يېگانە ئارال دەپ ئويلايدىكەن . ئاقىۋەتتە ،ئۇ كېمە شۇ دېڭىز بويىغا قاراپ كىتىپتۇ. ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ،تۇتۇپ ئەكەتكەن ئادەملەرنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار قورقۇنۇچتا گەپ قىلالمايدىكەن…

قادىر يەنە ئاخىرىنى دەي دەپ ئويلىغانىدى .لېكىن ئۇ رەنانى ياخشى كۆرگەن بولغاچقا ،دىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گەپ قىلمىدى .

- ھەممىنى قىلغان سەن قۇربان . سىنڭ ئۇ ئىككىسىنى قوغدايدىغان كۈچۈڭ بولمىسا يەنە نېمىشقا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىۋالىسەن؟ خوپ بولدىمۇ مانا ،رەنامۇ يوق ، ئەرفاتمۇ يوق . ئۇنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز .بەلكىم ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن .ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرسا قانداقمۇ قايتىپ كېلەلىسۇن .ئۇ شۇنداق قاشتېشىدەك سۈزۈك ، شۇنداق چىرايلىق تۇرسا ، باشقىلار ئۇنىڭغا پوخۇرلۇق قىلماسمۇ؟ سەنمۇ ئوغۇل بالا ئەركەكمۇ ؟ رەنانى قايتۇرۇپ ئەكەلسەكمۇ ، ئۇنى بۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىمايدۇ دەپ سەن كاپالەتلىك قىلالامسەن ؟سەن يەنە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلالامسەن ؟- دېدى قادىر ۋە بىرمۇش بىلەن قۇرباننى ئۇردى . قۇربان يەرگە يىقىلىپ چۈشتى . قۇرباننىڭ ئىچى لىق ئاچچىققا تولغان ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭاي دېدى لېكىن بىر يەڭدەپلا يەرگە يېقىلىپ چۇشتى .



داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0