
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 100 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 91 |
90 |
89 |
88 |
87 |
86 |
| 97 |
96 |
95 |
94 |
93 |
92 |
| 98 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
99 - قىسىم
-سىز نىمىشقا بۇنداق تاش يۇرەكلىك قىلسىز؟ ئاپام ئاتايىن قىشىڭىزغا بارسا ،بىر ئىغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلۋىتىپسىز! سىز ئۇرۇمچىگە قايىتقان ۋاقىتتا، سىز ماڭا نىمە دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىز؟ سىز سۇرىيەنىڭ كىسلىنى داۋالىتىمەن دەپ بارغان ئىدىڭىزغۇ .لىكىن، سىز ئىككىلا بالىنى ئۇنىڭ قىشىغا قايتۇرغۇزۋەتمەكچى بۇلۋاتىسىز؟ سىز ئۇنىڭ بىلەن يارشىۋىلىش ئۇچۇن بارغان شۇنداقمۇ؟- دىدى سەمەت ئاچىقىنى باسالماي.
رەنا بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كىىيىن:
- بەش يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇ قىلمىغان ئىكەن. ئۇ دىگەن بىر ئۇقۇشماسلىق.ئۇمۇ بەكلا جاپا تارتىپتۇ،-دىدى رەنا.
- ئۇ جاپا تارتىپتىمۇ؟ مەن جاپا تارتماپتىمەنمۇ؟ مەن، سىزنى دەپ ھەممە نەرسەمدىن ۋاز كەچتىم . ھەتتا، ئەرفات بىلەن سۈرىيەنى ئۆز بالامدەك كۆردۈم . ئەرفاتمۇ ، ھازىر قۇرباننى دادام دەپ ئېتىراپ قىلدى .شۇنداقمۇ ؟ مېنىڭ سىزگە بىردىن بىر قىلغانلىرىمنى سىز كۆزىڭىزگە ئىلىپمۇ قويمىدىڭىز ؟ئەرفاتمۇ ئۇ يەرگە بىرىۋىلىپ ماڭا تىلفۇن قىپمۇ قويمىدى؟-دىدى.
- سەمەت، بۇنداق قىلماڭ! سەمەت، توغرا مەن سىزگە يۇز كىلەلمەيمەن. بۇ بەش يىل مەن سىزگە ئاز مالامەت يەتكۇزمىدىم. لىكىن ،بۇ قىتىم مىنى قۇيۋىتىڭ بۇلامدۇ؟ مەن ئۇغلۇمنى تىپىشىم كىرەك. ئۇمىنىڭ ھاياتىم، ئۇ بولمىسا مەنمۇ ياشمايمەن؟- دىدى رەنا يىغلىغىنچە.
-بولدى ئىزدىمەڭ. ئۇ ئالىقاچان ئۆلۇپ كەتتى. قۇربان بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بالسى ئۆلۇپ كەتتى،- دىدى سەمەت رەناغا ۋاقىرغىنچە.
-سىز،،، نىم دەۋاتىسىز؟ نىم دىدىڭىز ؟-دىدى رەنا ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي.
-ئەرفات ئالىقاچان ئۆلۇپ كەتتى. ئۇنى مۇنىرە ئۆلتۇرۋەتتى. ئاڭلىشمچە ئۇ ئوغلىڭىزنى ئۆلتۇرۋىتىپ دىڭىزغا تاشلىۋىتىپتۇ. قۇربان ئادەم تەشكىللەپ ئۆلۇپ كەتكەن ئۆلۇكلەرنى سۇزۇپ چىقىپتۇ. لىكىن، ئۇنىڭ جەستى تىپىلماپتۇ.
-ياق، مومكىن ئەمەس. سىز خاتالىشىپ قالدىڭىز؟ ئۇ شۇنداق ئەقىللىق .ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىردى. ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. دەپ يىغلىدى رەنا ئۇنىڭغا ئىسلىپ تۇرۇپ،سەمەت بوش ئاۋازدا:
- بۇ دىگەن بىر ئەمەلىيەت. ئۇرۇمچىدىكى ھەممە ئادەملەر بىلىدۇ. لىكىن ،سىز بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ. مۇنىرەمۇ ئۆلۇپ كەتتى.ئۇنىڭ خۇنىنى تۆلەپ بولدى. بۇگۇندىن باشلاپ سىز مۇشۇ يەردە تۇرسىز. مەن سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمەن. ماڭا ئىشنىڭ. ئىككىمىزنىڭ بالسى بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە سىز ئەرفاتنى ئۇنتۇپ كىتىسىز؟- دىدى.
- سىز، نىمە دەۋاتىسىز؟ سىز زادى نىمە دىمەكچى؟ -دىدى رەنا ھەيران قىلىپ.
سەمەت ئۇنىڭغا بىر قارۋەتكەندىن كىيىن:
- سىز بۇرۇن كىم بولۇشىڭىزدىن قەتىينەزەر ، ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق. مەن سىزنى ئۇ يەردىن سېتىۋالغاندىن كېيىن سىز مېنىڭ ئادىمىم. ھازىر قۇربان سۈرىيەگە ئوپېراتسىيە قىلىشقا تەمشىلىۋاتىدۇ. ئەگەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ئۇ سۇرىيەنى شاڭخەيدىن ئېلىپ كېتىدۇ . ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالسا ئۆلۇپ كېتىدۇ ئامال يوق . قۇربان شاڭخەيدىكى بارلىق مال مۈلكىنى مېنىڭ قول ئىلكىمگە ئۆتكۇزۇپ بەردى. ئۇ بەرىبىر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىدۇ . شۇڭا ،بۇنىڭدىن ئىككىمىزنىڭ يېڭى تۇرمۇشى باشلىنىدۇ ،-دىدى سەمەت .
- سىز ،ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟مېنى قويۇۋىتىڭ ؟
-دەڭە، ئۇ مىنىڭمۇ قىزىم . مەن ئۇنىڭ تەسلىكتە ھايات قىلشىغا سەۋەب بولغان ئىدىم. بولمىغان بولسا ، 5يىل بۇرۇن ئاللىقاچان ئۆلۇپ كىتەتتى. مەن ئەمەلىي كۈچۈمنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ھايات قىلىشىغا سەۋەب قىلدىم . مەن سۈرىيەگە ھەم ئەرفاتقا ياخشى مۇئامىلە قىلدىم.رەنا ئىسىڭىزدە بولسۇن سىز ماڭا قەرىز.شۇڭا، ھازىردىن باشلاپ ياخشى داۋالىنىڭ !سىز ساقايغاندا توي قىلىمىز . ماڭا بالا تۇغۇپ بىرشىڭىز كىرەك! بۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ يىڭى تۇرمىشمىز بولىدۇ؟ چۇشەندىڭىزمۇ؟.
-سەمەت ،بۇنداق قىلماڭ، توغرا مەن سىزگە قەرىز .لىكىن ،مىنى قۇيۋىتىڭ!
- سىز ئاۋال ياخشى ئارام ئىلىڭ !
سەمەت شۇنداق دىگنىچە چىقىپ كەتتى. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن سەمەت بىر قاچا تاماق ئىلىپ كىردى. رەنا بولسا گەپ قىلماي يىغلىغىنچە جىم تۇراتتى .
-رەنا، ئازراق تاماق يەۋىلىڭ بۇلامدۇ؟ بولمىسا مەن ئەنسىرەپ قالدىكەنمەن ؟- دىدى سەمەت.
-سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي! مىنى قۇيۋىتىڭ بۇلامدۇ؟ مىنى ئۇرۇمچىگە قايتىقىلى قۇيسىز شۇنداقمۇ؟ -دىدى بىچارىلارچە…
سەمەت ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
- بۇ ئۆمرىڭىزدە كېتىمەن دېگەن خىيالنى ئويلىماڭ !-دىدى سەمەت ۋە تاماقنى رەنانىڭ ئاغزىغا تىقىشقا باشلىدى .
رەنا بەكلا ھەيران قالغانىدى. چۈنكى ،ئۇ سەمەتنىڭ بۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كېتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .رەنا «ھۆ…» دىگىنچە تاماقلارنى ياندۇرۇشقا باشلىدى. سەمەت ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دەرھال ئادەم بۇيرۇتۇپ ، دوختۇرنى چاقىرىتتى . دوختۇر بىردەمنىڭ ئارىلىقىدا كەلدى .بۇ ۋاقىتتا سەمەت رەناغا قاراپ سوغۇققىنە:
-سىز، تېخى ماڭا قەرزلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بولالمىدىڭىز ؟ مەن ئۆلۈپ كەتسەملا بولىدىغۇ دېگەن خىيالنى قىلماڭ رەنا ! مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي يېقىندا قۇربان ئوپېراتسىيەگە چۈشىدىغان بولدى . ئەگەر ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا ، مەن قۇرباننى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. سۈرىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىدۇ . سىز مۇشۇنداق قىلىشىمنى خالامسىز ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى . رەنا ھەيران قالغىنىچە ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .
- سەمەت سىز چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟ سۈرىيەنى سىز بېقىۋاتقىلى بەش يىل بولدى ؟
- ئۇنداق بولسا ، نېمە بوپتۇ ؟ مەن ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭغاشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلسام ، بارلىق خىزمەتلىرىمنى قويۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسام .لېكىن ،سىز بىلەمسىز ئۇ قۇرباننى كۆرۈپلا ئۇنى دادا دەپ چاقىرغان ۋاقىتتا ئۇ ماڭا نەزەر تاشلاپمۇ قويمىدى .مېنى ئۇنتۇپلا كەتتى. مەن ئۇنى 5يىلنىڭ ياقى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ باقسام… ھەي يەنىلا ئۆزىنىڭ بالىسىغا يەتمەيدىكەن لېكىن ،ھېچقىسى يوق .مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ بالىسىنى ياخشى ئاسرايمەن. ۋاقتى كەلگەن چاغدا ئۇنىڭغا بەكمۇ كۆيۈنىمەن ،-دىدى، دېدى سەمەت كۈلگىنچە .
رەنا بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى .
-سەمەت ، بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ ؟مېنى قىزىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ ، مەن ئۇنى بىر كۆرۈۋالاي؟ -دېدى رەنا يالۋۇرغىنىچە . سەمەت كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك:
-سىز ،ئۇنى كۆرسىڭىز بولىدۇ ؟ ھەتتا ئۇنىڭ ئوپېراتسىيىسىنىڭ جەريانىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ .ھازىر چۇقۇم ياخشى تاماق يېيىشىڭىز كېرەك !
- ماقۇل ،،، ماقۇل . مەن تاماق يەي ، ھازىر تاماق يەي ،- دېدى رەنا.
سەمەت كۈلۈپ كەتتى ، ھەمدە ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىغاچ .
-سىز نېمىدېگەن ياخشى. ئەمدى ،مېنىڭ قىز دوستۇمغا ئوخشىدىڭىز؟
رەنا تاماقنى ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى . بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا ، يېگەن تاماقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياندۇرىۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا ، سەمەت دوختۇرغا ۋارقىراپ:
-بۇ نېمە ئىش ؟ دەرھال ئۇنى تەكشۈرۈڭلار ؟ -دېدى ھەمدە رەنانىڭ بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ:
- سىز، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ بېرىپ ، قۇربان بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟-دىدى .
رەنا قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنچە:
- ئاۋۋال مېنى قويۇۋېتىڭ ؟
- ماڭا جاۋاب بېرىڭ ؟ سىز قۇربان بىلەن بىرگە بولدىڭىزمۇ يوق ؟ -دېدى قاپىقىنى تۈرگىنىچە .
-مەن ،ئۇنىڭ بىلەن نىمىش قىلاي سىز بىلەن ئالاقىسى يوق.سەمەت مەن سىزگىمۇ ئىيىتتىم، مەن بۇ ئۆمرۇمدە قۇرباننىلا ياخشى كۆرمەن. پەقەت ئۇنى سۆيمەن. مەن سىزنى ئۆز ئاكامدەك كۆرمەن. بۇ دىگەن بىر ياخشىلىق، مەن ھامان بىر كۇنى قايتۇرمەن. لىكىن ،مەن بۇ ئۆمرۇمدە قۇرباننىلا ياخشى كۆرمەن،-دىدى رەنا سەمەتكە تىكلىپ قاراپ تۇرۇپ.
سەمەتنىڭ شۇ زامات ئاچچىقى كېلىپ:
- مېنى ياخشى كۆرمەيسىز شۇنداقمۇ ؟ مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرمەيسىز ؟ مېنىڭ قايسى يېرىم بولمايدىكەن ؟ ماڭا ئېيتىڭ ؟ مېنىڭ قايسى يېرىم قۇربانغا يەتمەيدىكەن ؟سىز ئۇنى شۇنداق تەستە ئۇنتۇيسىز ، شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق . مەن ئۇنىلا ياخشى كۆرىمەن .مەيلى 5يىل ياكى 50يىل بىر ئۆمۈر بولسۇن. پەقەت ئۇنىلا ياخشى كۆرىمەن ،-دېدى رەنا كەسكىنلا . ئۇنىڭ گېپى سەمەتنىڭ يۈرىكىگە تەگكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن سەمەت ئۇنىمىسىمۇ ئۇنىماي رەنانى سۆيۈشكە باشلىدى . رەنا تولغىشىپ ئۇنى ئىتتىرىشكە باشلىدى ئاخىرى كۈچى يەتمەي ، ئۇنىڭ لېۋىنى كۈچەپ چىشلىدى .
- سىز مېنى چىشلەشكە پېتىندىڭىزمۇ ؟ سىز كىمگە ئۆزىڭىزنى ساقلىماقچى؟ قۇربانغىمۇ ؟ سىزگە ئېيتىپ قوياي ، سىزنى مەن سېتىۋالدىم . ئەگەر ،مەن سېتىۋالمىغان بولسام قانچىلىغان ئادەم سىزگە باسقۇنچىلىق قىلاتتى .بىلەمسىز بۇنى ؟
- شۇڭلاشقا ،سىزمۇ شۇنداق قىلماقچىمۇ ؟سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىز توغرىمۇ ؟ سەمەت . سىز مەن تونۇيدىغان بۇرۇنقى سەمەت شۇمۇ؟ سىز مېنى ياخشى كۆرگەچكە ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىز ؟ سىز قانداق چىدىيالايسىز ؟ 5يىلنىڭ ياقىسى مەن ئۈچۈن بالىلىرىم ئۈچۈن ئۇ بىزگە توختىماي ياخشىلىق قىلىپ كەلدىڭىز. ئەمدى ئاقىۋەتتە ، سىز مۇشۇنداق قىلىپلا قىلغانلىرىڭىزنى يوق قىلىۋەتمەكچىمۇ ؟ بوپتۇ سىز سىناپ بېقىڭ ، ئەگەر ماڭا چېقىلىدىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە ئۆلۈپ بېرىمەن . بۇ ھاياتىمدا قۇرباندىن باشقا ھېچكىم ماڭا چېقىلىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن،-دىدى كەسكىنلا.
سەمەت رەنانى چۈشىنەتتى . ئۇ چۇقۇم دېگىنىنى قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقىدا يېنىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئېتىشقا باشلىدى. ھەمدە ئەتراپىدىكىلەرنى قورقىتىۋەتتى .بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن بىرىسى :
-دىرىكتۇر سىز بىلەن بىرسى كۆرۇشمەكچى ئىكەن.
- كىم؟ بۇ ۋاقىتتا مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ؟ -دېدى سەمەت دىرېكتور ئاچچىقلانغىنىچە .
- ئىسمىنى قۇربان دەيدۇ مەخسۇس سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ.
رەنا ئۇنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى . ھەمدە «قۇربان» دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى . لېكىن ،بۇ ۋاقىتتا سەمەت ئۇنىڭ ئاغزى مەھكەم ئېتىۋالغانىدى .
- ئەگەر ،سىز يەنە ۋارقىرايدىغان بولسىڭىز .مەن باشقىچە ئامال قىلىپ ئۇنى ئوپېراتسىيەخانىدا ئۆلتۈرۈۋېتىمەن ،- دېدى سەمەت .
رەنا بولسا سەمەتكە بىر ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن گەپ قىلماي جىم تۇراتتى . ئۇنىڭ ھازىر پۇتۇن خىيالىدا پەقەت رەنالا بار ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانىڭ ئاغزىنى پىلاستىر بىلەن تېڭىپ ئاغزىنى مەھكەم ئەتكىنىچە:
- بۇ يەرگە ياخشى قاراڭلار ، ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭلار !- دېدى -دە ، چاپىنى كىيىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



