大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 63 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 63 - قىسىم aybarawazi
2024-03-22
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 64 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55





62



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


63 - قىسىم



گەپ قىلىۋاتقان ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى .

خۇددى ئۇ بىرسىنىڭ ئاڭلاپ قىلىشىدىن قورققاندەك ، شۇنچىلىك تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلاتتى. بۇ ئادەم قارا كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ . چاپىنىنىڭ بىر پۇشقىقى  ئۇنىڭ يۈزىنى توسۇۋالغان ئىدى. سەمىرە بولسا تېرىككەن ھالدا:  

-سىز،ئۇنىڭغا قانداق قىلماقچى ؟ ھازىر، قۇربان پۈتكۈل ئۈرۈمچىنى بۇنى تېپىشقا  ھەرىكەتلەندۈرگەن تۇرسا . بىز ئازراقلا چاندۇرۇپ قويساق چۇقۇم  ھايات قالمايمىز…  

-ئەسلىدە ،بىز بۇ كىچىك بالىنى سۇ يولى ئارقىلىق چەتئەللىككە سېتىۋەتمەكچى بولغان  لېكىن، ھەممە پىرىستاندا  قادىرنىڭ ئادەملىرى بار. بۇنىڭدىن بىزنىڭ ئەسلا پۇرسىتىمىز يوق. بولمىسا سىز بېرىپ قادىرنىڭ ئاپىسى بىلەن  ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭ. 

- سىز مېنى ئۆلسۇن دېدىڭىزمۇ ؟ مەن ھازىر ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشسام ،سىزنىڭچە قۇربان شۇنداق ئەخمەقمىدۇ،- دېدى ھېلىقى ئادەمگە ئاچچىقلانغانچە.  

ئۇنىڭ، بۇ گېپىنى ئاڭلاپ سەمىرەنىڭمۇ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى .

- قۇربانغۇ ئەخمەق ئەمەس . سىز شۇ بىر ئايال ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ بۇ ئايال سىزنى يولۋاسنىڭ ئېغىزىغا ئىتتىرىۋاتسا ، سىز تېخىچە بىلمەيۋاتىسىز . ھېلىقى ئايالمۇ سىزنىڭ ئۆلۈك تىرىكىڭىز بىلەن كارى يوق .

- بولدى بەس .ئارتۇق گەپ قىلماڭ . ئەگەر سىز ماڭا ياردەم قىلىشقا قوشۇلمىسىڭىز ،رايىڭىز بولمىسا قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .كېيىنكى يولنى ئۆزۈم باسىمەن  . 

ياش يىگىت شۇنداق دېگىنىچە ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قاراپ  كەتمەكچى بۇلىشىغا : 

- مەن سىزگە ياردەم قىلمىدىممۇ ؟ نەچچە يىللاردىن بۇيان مەن قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە ئات ئېشەكتەك ئىشلىمىگەن  بولسام سىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بۇنداق ياخشى ئورۇنغا ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىنمۇ ؟ مەن سىزنى دەپ پۈتۈن نەرسەمدىن ۋاز كەچتىم. مەن ھازىر قۇربان ئائىلىسدىكىلەرنىڭ دۇشمىنى بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە سىز ماڭا ياردەم قىلمىدىڭىز دەپ ئاغرىنىۋاتىسىز . سۇبات سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز قەيەرگە كەتتى،- دېدى سەمىرە ئاچچىقلانغىنىچە ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىراپ…  

سەمىرەنىڭ ئاغزىدىن بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلاپلا . بېرىپلا سەمىرەنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى ھەمدە بوش ئاۋازدا .

- ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئىسمىمنى دەپ ۋارقىرايسىز ؟ قۇرباننىڭ ئادەملىرى بىزنى تېپىۋالسۇن دېمەكچىمۇ؟

سەمىرە يىغلامسىرىغىنىچە سۇباتقا قاراپ تۇراتتى . سۇبات بىر ئاھ سنىۋەتكەندىن كېيىن:   

-مەنمۇ ئىككىمىزنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن.

-بولدى،،، بولدى . بۇ ئىشتا مەن خاتا قىلدىم . مەن بەكلا جىددىيلىشىپ كېتىپتىمەن . بۇ كىچىك سولتەكمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ھوشىغا كېلىدۇ . ئەگەر ئۇ بايقاپ قالسا ، بىز تۇگىشىمىز؟  

سەمىرەمۇ ئۆزىمۇ  بۇ يامان ئىشنى قىلىپ ئارقىغا قايتالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى دە:   

-بولمىسا، بىز باشقا ئادەملەرگە بۇ كىچىك بالىنى تۇتقۇزۇپ قويايلى . ئاندىن ، سوفىيە خېنىمغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارقىتايلى،- دېدى سەمىرە .  

-قەتىي بولمايدۇ . قۇربان دېگەن ھەربىي بولۇپ باققان. ئۇنىڭ كۇزىتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى . ئەگەر بىز تېلېفون قىلساق ، مەيلى ، بىز قەيەردە بولايلى چۇقۇم ئاشكارىلىنىپ قالىمىز . سۇبات دەرھاللا رەت قىلىۋەتتى . ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ سەمىرە تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى .

-ئۇنى قىلساق تېخى بولمىسا ، بۇنى قىلساق تېخى، بولمىسا زادى قانداق قىلىمىز ؟ بۇ بالا بىزنىڭ قېشىمىزدا يۈرسە ، بىزگە خەتەر بار بولمىسا ئۇنى يولغا تاشلىۋېتەيلى .

-ئۇنداق قىلساق بىزنىڭ ۋەزىپىمىز  مەغلۇپ بولغان بولىدۇ . بىزنىڭ خوجايىن بىزگە پۇل بەرمەيدۇ . بەلكىم مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن .5يىل ئاۋالقى رەنانىڭ ئۆلۈمىدە  ،مەن  ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك  ئەھۋالدا قالغانلىقىمنى ھېس قىلغان سەمىرە ،- دېدى سۇبات ئاھسنغىچە سەمىرەگە قاراپ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تال تاماكىسىنى ئېلىپ ، قاتتىق شورىۋەتتى ھەم  قاپىقىنى تۈرگىنىچە : 

- بولمىسا ، بۇ كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى . نېمىلا بولمىسۇن مەن 5يىل بۇرۇن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ باققان . بىرنى ئارتۇق ئۆلتۈرسەك ھېچنېمە بولمايدۇ.

-قەتىي بولمايدۇ ،-دېدى سەمىرە ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ . سۇبات ،مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ بولامدۇ . بولمىسا، بىز بۇ كىچىك بالىنى ھېلىقى ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا ئاپىرايلى .

-ئۇ يەر ئىنتايىن بىخەتەر ، ھېچكىم بارمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەرنى بىلىدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز . بۇ بېسىقچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن . بىز پۇرسەت تېپىپ بۇ كىچىك بالنى سېتىۋېتەيلى . مۇشۇنداق قىلساق ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق بولمايدۇ . سىزمۇ ھېلىقى ئايالغا يۈز كېلەلەيسىز . 

سۇبات سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:   

-بولىدۇ ، بىز ھازىر بۇ كىچىك سولتەكنى شەھەرگە ئاپىرايلى . بۇنى سىز ئاپىرىڭ! بارچە ئىشلارپاك پاكىزە بولسۇن . سىزمۇ بىلىسىز قۇربان دېگەن ئادەمنىڭ قانچىلىك ھىيلىگەرلىكىنى ، بىز ئۇنىڭغا ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك . -ئۇقتۇم ، ئەمىسە مەن ماڭدىم .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سۇبات شۇنداق دېگىنىچە ، ھوشسىز ياتقان ئەرفاتنى كۆتۈرۈشكە باشلىدى ، ھەمدە ئۇنىڭ تونۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، يۈزىگە ئاق پايپاق كەيدى -دە . بىر سەت توكسىكلىتنى تېپىپ كېلىپ ، تېز سۈرەتتە ھۆسن تۈزەش ئورنىغا باردى . ھۆسن تۈزەش ئورنىغا ئاز قالغاندا . سۇبات قۇرباننىڭ ئادىمنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بايقىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستاغىنە ئارقا يول بىلەن ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ  ئاستىنقى ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ھەمدە مەلۇم  بىر بۇلۇڭ پۇشقاققا بېرىپ . ئەرفاتنى بولسا خالتا كەيدۈرۈپ پۇت قوللىرىنى باغلاپ شۇ يەردە توختىتىپ قويدى. ۋە ئۇنىڭغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن كىتىپ قالدى. ئەرفات كىچىك بولسىمۇ شۇنچىلىك ئەقىللىق ھوشيار ئىدى . ئۇ ئويغىنىپ قارىسا ، پۈتكۈل ئەتراپ قاپقاراڭغۇ بولۇپ  ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتى .شۇنىڭ بىلەن بىرازدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلدى- دە  ئارتۇق گەپ قىلماي  ئەينى ۋاقىتتا ، ھەربىي بازىسىدا  مۇسا ئوفىسرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن نەرسىلىرىنى ئەسكە ئالدى… ئۇ ئاپىسىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرىگەن ئىدى . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ،قېيداپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن  مۇشۇنچىۋالا ئاۋارچىلىققا ئۇچراپ  ئاپىسىنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئاپىسىنى بەكلا سېغىنغانىدى. 

ۋاقىت بولسا رەنا ۋە قۇربانغا نىسبەتەن بىر قىيىن جەريان ئىدى . ئۇلار توختىماستىن ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلاتتى .  ئۇلار تېزراق مەلۇم بىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشنى ئويلايتتى ، لېكىن ،ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىدى ، تېلېفونمۇ يوق ئىدى . قۇربانغا ياردەملەشكەن بارلىق ئادەملەر خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك  ئىزدەۋاتاتتى ، لېكىن ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىدى . مۇنىرە ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى بۇ  ئىشتىن ئازراق ئەنسىرەيتتى.قۇربان  ئۇ تەرەپنى بەك  تەپسيلى تەكشۈرمىگەن ئىدى . چۈنكى ،قۇربانغا نىسبەتەن ئۇلار تېخىچە ئۆيدە سىرتقا چىقمىغان، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايتى  .رەنا بولسا  تاقەتسىزلىنىپ ئولتۇرالماي قالدى  . مەن بۇ يەردە ساقلاپ ئولتۇرىۋەرسەم بولمايدۇ .  

«مەن ئۆزۈم چىقىپ بىر ئىزدەپ باقاي .مەن بەلكىم بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپ قېلىشىم مۇمكىن ،- دېدى »رەنا ساراڭلاردەك سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلدى . رەنانىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ قاپاقلىرى ئىششىپ چىرايلىرى سارغىيىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل قورقۇنچ ، مانا مەن دەپلا ئەكىس ئېتەتتى . بىراق ، قۇربان ئۇنى قۇچاقلىۋېلىپ:   

-رەنا، سىز بۇنداق قالايمىقان يۈگۈرۈپ تەكشۈرسىڭىزمۇ ، ئىزدىسىڭىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ.

-پايدىسى بولمىسمۇ ،مەن بېرىپ ئىزدەيمەن . قۇربان سىز ئانا ئەمەس .مەندەك بىر ئانىنىڭ قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقىنى سىز چۈشەنمەيسىز .ئەرفاتنى مەن جېنىمنى تىكىپ تۇرۇپ  ئاران تۇغقان .ئۇ دېگەن مېنىڭ ھاياتلىق يىلتىزىم . مەن ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىساممۇ  يەنە چىقىپ تاپىمەن . بەلكىم ،ئۇنى بىر بۇلۇڭ پۇشقاقتا ئۇچۇرتۇپ قالارمەن . مەن بۇنداق ئۆيدە ئولتۇرىۋەرسەم، بالامغا ھەرگىزمۇ يۈز كېلەلمەيمەن .  ئەگەر ،ئەرفات ئوغلۇمغا ، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەنمۇ ياشىيالمايمەن ،- دېدى رەنا قۇرباننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپ تۇرۇپ . 

-بولىدۇ .ئەمىسە ،ئىككىمىز چىقىپ بىللە ئىزدەيلى .

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياردەمچىسى سەل ھەيران قالدى- دە

-قۇربان دېرىكتور، بولمايدۇ؟ سىز ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ چوڭ كاتتىۋېشى .ئەگەر ،ئۆزىڭىز چىقىپ ئىزدىسىڭىز. بەلكىم ئۈرۈمچى قالايمىقان بولۇپ كېتىشى مۇمكىن،- دېدى . 

-قالايمىقان بولسا بولسۇن. مەن ھازىر قۇربان دېرىكتور ئەمەس . مەن ھازىر بىر ئاتا .ئوغلىدىن مەھرۇم بولغان دادا  .مەن پەقەت ئوغلۇمنى قايتىپ كەلسىكەن دەپ ئويلايمەن. سەن بارلىق ئاخباراتلا ۋاسىتلىرىغا  خەۋەر قىلغىن . ھەمدە ئاخباراتقا ئەرفاتنىڭ رەسىمىنى تارقىتىپ چىقارغۇزغىن. بارلىق ئادەملەرگە ئۇنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى ئۇلارغا تەمىنلىگىن . ئەگەر، ئەرفاتنىڭ ئىز دېرىكى بولۇپ قالسا ، مەن ئۇلارغا كۆڭۈل سوۋغىسى بېرىمەن . ئەگەر بىرەرسى ، مېنىڭ ئوغلۇمنى قەستەنگە تۇتقۇن قىلغان بولسا . مەن بارلىق مۈلۈكۈمنى چىقىرىپ ئۇ ئادەمنى تىرىك بەدەل تۆلەتكۈزىمەن ،-دېدى قۇربان قاپىقىنى تۈرگىنىچە 

بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،مۇسا  ئوفىتسېرمۇ  يېتىپ كەلدى . مۇسا ئوفىسىر ،قۇربان بىلەن رەنانىڭ ھالىتىنى كۆرۇپ ھەممىنى  چۇشەنگەن ئىدى  .بۇ خىل ئەھۋالدا ، ھەر قانداق بىر ئاتا ئانا ھەرگىزمۇ خاتىرجەم بولالمايتى .مۇسائوفىسسىر بوش ئاۋازدا : 

-ھەربى مەشىقتىكى ۋاقىتتا ئەرفات بىلەن فۇرقەتكە تۇتقۇن قىلىنغاندا مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەتكەن ئىدىم . مەن ئەرفاتقا ئىشىنىمەن ، ئۇ ئىنتايىن تەمكىن ھەم ئەقىللىق ئۇ چوقۇم بىزگە يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قويىدۇ . 

-ھازىرقى ئەھۋالدا ، بىز ئۇنىڭ بۇنداق پۇرسەت قالدۇرۇپ قويماسلىقىدىن ئەنسىرەيمىز . بولمىسا مۇنداق بولسۇن . مەن ئادەم ئېلىپ پۈتكۈل ئۈرۈمچىنى بىر ئايلىنىپ باقاي ، بەلكىم بىرەر بايقاشلارغا ئېرىشىپ قالارمەن . مۇسا ئوفىسسرنىڭ گىپىدىن رەنا تەسىرلىنىپ كەتتى .  

-رەھمەت . سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي چۇقۇم ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ ئەكەلسىڭىز . رەنا جىددىيلەشكىنىچە مۇسانىڭ قولىنى تۇتتى ، بىر تەرەپتە قۇربان بۇنى كۆرۈپ ، سەل قاپىقىنى دە ، لېكىن ھېچقانداق گەپ قىلمىدى . لېكىن ، مۇسا رەنانىڭ قولىنى قويىۋېتىپ بوش ئاۋازدا ،

-خاتىرجەم بولۇڭ رەنا خېنىم . مەن چۇقۇم پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ ئەرفاتنى قايتۇرۇپ ئەكىلىمەن . سىزگە كاپالەتلىك قىلاي . ئۇ شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى .  

بىراز ئۆتكەندىن كېيىن ، قۇربان ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە بىر كىيىمنى كەيدۈرگۈزدى دە ئۇمۇ سىرتقا چىقىپ ئىزدەشكە باشلىدى .

ئەرفاتنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى پۈتكۈل ئۈرۈمچىگە تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرگە ئەڭ ئۇچراتقىنى بولسا مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئىدى . بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن . ھېلىقى ئىپلاس خوتۇن ئەينى ۋاقىتتا ئوت ئاپىتىدە  ئۆلۈپ بولغان ئىدىغۇ ؟ قانداقمۇ قۇربانغا بالا تۇغۇپ بېرەلىسۇن ؟ -دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى مۇنىرەگە قاراپ ئاچچىقلىنىپ . 

مۇنىرەمۇ بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن شۇنداق ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى . 5يىل ئاۋۋال قىشتا سەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزكۆزۇڭ بىلەن  كۆرگەن ئەمەسمىدىڭ ؟- دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى مۇنىرەگە ؛  

-شۇنداق ، ھەممە ئىشلارنى سۇبات قىلغانىدى. ئۇ مېنىڭ قولۇمدىكى بىر پېشكا خالاس .ئۇ ھەرگىز ماڭا يۈزسىزلىك قىلمايدۇ ،-دېدى مۇنىرە…  

-ئاپا، ئەينى ۋاقىتتا سىز ماڭا ئەرفاتنى ھېلىقى سوفىيە خانىمنىڭ بالىسى دېگەن ئىدىڭىز .ئەجەبا، ھازىرقى سوفىيە ئەينى ۋاقىتتكى  رەنامىدۇ؟ - دېدى مۇنىرە ئاپىسىغا . 

ئاپىسى سەل ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن : 

- بەلكىم ئەينى ۋاقىتتىكى ،ئوت ئاپىتىدە ئۇنىڭ چىرايى كۆيۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن . لېكىن سەن ئويلاپ باققىن . ھازىرقى سوفىيەنىڭ بوي ئېگىزلىكى ،بەدەن تۇرقى بىلەن رەنانىڭ بۇي تۇرقى ئوخشايدۇ . قۇربانمۇ 5يىلنىڭ ياقى ھېچقانداق بىر ئايال بىلەن يېقىن ئۆتمىدى .تۇيۇقسىز ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتى .ئەجەبا بۇ تاسادىپىيلىقمۇ ؟  

ئاپىسىنىڭ گېپى مۇنىرەنى ئويغاتقان ئىدى . مۇنىرە ئاخىرى قۇرباننى چۈشەنگەن ئىدى . قۇربان بولسا ، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلەيدىغان . مۇھەببەتكە سادىق ئادەم . 5يىلنىڭ ياقى ئۇ قانداق ئامال ئىشلەتكەن بولسۇن ، ئۇ ھەرگىزمۇ قۇربان بىلەن بىللە بولالمىغان ئىدى . لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سوفىيە بىر پەيدا بولۇپلا قۇرباننىڭ دىققىتىنى تارتىۋالغان ئىدى . دېمەك ، بۇ ئايالنىڭ قۇربانغ نىسبەتەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن،- دەپ ئويلىدى مۇنىرە . ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ دەسسىدە ئورنۇنىدىن تۇرۇپ كەتتى دە 

-ئاپا ، ئەگەر بۇ ئىپلاس خوتۇن راستىنلا ئەينى ۋاقىتتىكى رەنا بولسا . ئۇنداقتا بۇ ھېلىقى كىچىك بالىنى بىز ئېلىپ قالمايلى . بىز بۇ نەس باسقۇرنى  ئېلىپ قالساق بىزگە ئاۋارىچىلىق قىلىدۇ. رەنا دېگەن ئىپلاس خوتۇننى مەن ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن. مەن 5يىل كۈتتۈم . ئاران تەسلىكتە فۇرقەتنى ، قۇرباننىڭ مال مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان سالاھىيەتكە ئىگە قىلدىم. بۇ ئىشمۇ ئاسان ئەمەس . مەن بىر يات بىر كىچىك سولتەكنىڭ فۇرقەتنىڭ نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىشقا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمەن،- دېدى مۇنىرە .

-بۇ ئىشنى سەن يەنىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرگىن!

- نېمىنى تەكشۈرىمەن ئاپا ؟ بۇ ئايالنىڭ پەيدا بولۇشى مەن ئۈچۈن بىر بالايىئاپەت . سىز كۆرمىدىڭىزمۇ ؟قۇربان مۇشۇ ئايالنى دەپ نۇرغۇنلىغان زىيانلارنى  تارتتى . ئەگەر ،مەن ئۇنىڭ رەنا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ، ئۇ قايتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنىلا ، قۇربانغا يىقىن يولاتقۇزمايتتىم .مەن ھېلىمۇ سۈكۈت قىلدىم  تېخى .ئۇ بىر كىچىك بالىنى بىللە باشلاپ كەپتۇ .ئەسلىدە ئۇ ئۆزئۆيىگە  قايتاي دەپ ئويلاپتىكەن- دە مۇمكىن ئەمەس . قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكى ئاياللىق ۋارىسلىق ئورۇن پەقەتلا مېنىڭ .ئۇنىڭ ۋارىسى پەقەت مېنىڭ ئوغلۇملا ۋارىسلىق قىلالايدۇ . باشقا ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ كېتىمەن دەپ خام خىيال چەكمىسۇن…  

مۇنىرە شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى ئىستاكاننى جوزىغا قاتتىق ئۇردى . مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق باياشات بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى . چۈنكى ، قۇربان بولغاچقا ، ئۇلار ئاچ يالىڭاچ سوغۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن ئىدى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k