
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 70 |
69 |
68 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
71 - قىسىم
مەن ،ئەرفاتنىڭ كارۋىتىدا ئۇخلاي .سىز يارىلاندىڭىز، سىزنى قىيناپ قويغۇم يوق . ئەگەر، مەن بىلەن بىللە بولغۇڭىز بولسا تېزراق ياخشىلىنىڭ،- دېدى .
رەنانىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ يۈرىكى ئاغرىشقا باشلىدى . ھەمدە ئۇنىڭغا ئارقىسىنى قىلىپ ئۆرۈپلا ئۇخلاشقا باشلىدى . رەنا، قۇرباننىڭ بۇ كىچىك بالىدەك ھالىتىنى كۆرۈپ 5يىل ئاۋۋالقى ھالىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ تولىمۇ يېقملىققىنە كۈلۈپ قويدى . رەنا 5يىل ئاۋالقى ئوت ئاپىتىدىكى ئىشلارنى ئويلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغانىدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان رەناغا ئىچ ئاغرىتقانچە كارىۋاتتىن چۈشتى ۋە يوتقاندىن بىرنى ئېلىپ ، رەنانىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى. ھەم پېشانىسىگە سۆيۈپ چاپاننى يېپىنچاقلىغىنىچە كېسەلخانا ئۆيدىن ئايرىلدى . سىرتتا تۇرغان ئامانلىق قوغدىغۇچى . قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . لېكىن ،ھېچقانداق شەپە چىقارمىدى .
ئۇ« خېنىمنى ياخشى قوغداڭلار . ئەگەر ئۇ ئويغىنىپ مېنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىمنى سورىسا . مېنىڭ ئۆيگە كەتكەنلىكىمنى ھەمدە بىر نەچچە قۇر كىيىم ئالغاچ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويساڭلار بولدى »دىدى.
قۇربان تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى . ئۇ ئۇدۇللا ساقچىخانىغا باردى. ساقچىخانا باشلىقى قۇرباننى كۆرۈپ ھەيران قالدى دە ، ئۆزى چىقىپ كۈتۈۋالدى .
-قۇربان دىرېكتور ، سىز نېمە ئىش بىلەن كېلىپ قالدىڭىز ؟ قانداق تاپشۇرۇقىڭىز بولسا ماڭا دەڭ! بىز چۇقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بېجىرىمىز ؟
قۇربان ساقچى باشلىقىغا ئارتۇق گەپ قىلماي ، سوغۇققېنە سورىدى:
- مۇنىرە قەيەردە؟
ساقچىخانا باشلىقى كۈلۈمسىرىگەنچە:
- مۇنىرە خېنىم ، بۇ يەرگە كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە پەقەت ياخشى ئەمەس . مەن ئۇنى ئايرىم بىر ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم . ھەمدە ئۇنى ياخشى تاماقلار بىلەن كۈتتۈم . قۇربان دېرىكتور مۇنىرە خېنىم ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايدۇ .
ساقچىخانا باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
-مەن ئۇنى بۇ يەرگە بەختتىن ھوزۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەكەلمىگەن. لېكىن. سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز ئىنتايىن ئەتراپلىق بوپتۇ . مەن سىزنى بۇ يەردە بىر ساقچى باشلىقى دەپ ئاتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق . قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپ، خاپا بولغانچە ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ساقچى باشلىقى بولسا ھەيران قالدى . ھەم ئۇ ئارقىدىن ئەگىشىپ:
- قۇربان دېرىكتور ،سىزنىڭ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
- نېمە دېگىنىم بولاتتى ؟ مەن بۇ يەرگە مۇنىرەنى سوراق قىلىڭلار دەپ ئەكەلسەم ، سىلەر ئۇنى ئەكسىچە بەختتىن ھوزۇرلاندۇرۇپسىلەر . ئادەم قېنى، مېنى باشلاپ ئاپىرىڭ ؟
قۇرباننىڭ بۇنداق دېگىنىدىن ساقچىخانا باشلىقى ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىچكىرىگە باشلاپ باردى . قۇربان تېخى قاماقخانا ئىشكىگە بارماي تۇرۇپلا مۇنىرەنىڭ ۋارقىراپ جارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .ھەم مەلۇم نەرسىلەرنى پەسكە ئاتقاندىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىدى . قۇربان قوشۇمىسنى تۈرگىنىچە گەپ قىلماي جىم تۇراتتى . ساقچىخانا باشلىقى پېشانىسىدىكى تەرىنى ئىيتقىنچە ئىشىك قاراۋۇلغا قاراپ:
- نېمە ئىش بولدى ؟
-مۇنىرە خېنىم، بىز ئېتىپ ئەكەلگەن تاماقلارنى ياقتۇرمايدىكەن.ئۇ قۇربان ئائىلىسىدىكى ئاشپەز كىلىپ ماڭا تاماق ئېتىپ بەرسۇن دەيدۇ . بىز راستىنلا تەس كۈنگە قالدۇق ،- دېدى .
قۇربان سوغۇقلا قىلىپ:
- ئۇنىڭ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ تامىقىنىى يېگۈسى بارمىكەن؟ يەنە نېمە قىلغۇسى بار ئىكەن ؟
قۇربان بۇ گەپنى دەۋاتقاندا ياتاق ئىچىدىن بىر قاچىنى ئاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى .
- ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار . سىلەرنىڭ راستىنلا كۆزۈڭلار يوقكەن . ئەجەبا ،مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەمسىلەر؟ مەن دېگەن مۇنىرە . قۇرباننىڭ ئايالى . قۇربان ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ۋارىسنىڭ ئۆز ئاپىسى . سىلەر ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىسلەر؟ مەن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىمەن .مېنى تېزدىن چىقىرىۋېتىڭلار .
مۇنىرە كوت كوت خوتۇندەك سۆزلەپ كېتىپ باراتتى . قۇرباننىڭ قاپىقى تېخىمۇ سەت تۇرۇلۇشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن مۇنىرە چىقىپلا قۇربانغا يولۇقتى. قۇربان ئۇنىڭ بېلىكىدىن تۇتىقىنچە:
- سىز چىقىپ نېمە ئىش قىلماقچى ؟ سىز قاچاندىن باشلاپ مېنىڭ ئايالىم بولۇپ قالدىڭىز ؟ مەن بۇ ئىشنى بىلمەيدىكەنمەنغۇ ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇنىرە ھەيران قالدى . ئۇ سەل ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈۋالغاندىن كىيىن بىچارە ھالەتكە ئۆزگىرىپ قۇربانغا ئەركىلىگىنىچە :
- قۇربان ،سىز كەلدىڭىزمۇ ؟ سىز مېنى ئېلىپ كېتىسىز شۇنداقمۇ ؟ مەن بىلىمەن ، سىز ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز سىز مېنى بۇ نەس باسقۇر جايدىن ئېلىپ كېتىڭ بولامدۇ
قۇربان بولسا گەپ قىلماي جىم تۇراتتى .مۇنىرە ، يەنە بىر قېتىم:
- بۇ يەر بەكلا قاراڭغۇ ئىكەن . ھەم بەك تىنچ ئىكەن مەن بەكلا قورقتۇم . قۇربان مېنى ئېلىپ كېتىڭ بولامدۇ ؟ فۇرقەت مېنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. ئاڭلىسام ئۇ قايتىپ كەپتۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەي دېگەن . ئۇزۇن ۋاقىت بولدى.
مۇنىرەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ چىرايى تېخىمۇ ئۆچكەن ئىدى .
- مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ ، سىز يەنىلا باھانە قىلىپ ، بۇ يەردىن ئايرىلىشنىڭ چوتىنى سوقۇۋاتامسىز ؟ مۇنىرە. سىز بولمىسىڭىزمۇ بىزنىڭ ئائىلە فۇرقەتنى چوڭ قىلالايدۇ . بەش يىلنىڭ ياقى بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى . بىزنىڭ ئائىلىدە پۇل جىق .بۇ ئىشلاردىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەگەر سىز يەنە بىزنىڭ ئائىلدىكى ئادەملەرگە بىرەر ئىش قىپ قالسىڭىز ، مەن ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمەن.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- قۇربان ،بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز ؟ مەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنەلمەيلا قالدىمغۇ؟ مەن بەش يىلنىڭ ياقى سىزگە ھەم ئوغلۇمغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقاندىمەن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر ئاجىزە ئايال . سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق زىيان يەتكۇزگەن يىرىم يوققۇ ؟ سىز باشقىلارنىڭ ئاقماس گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى بۇزىۋەتمەكچىمۇ ؟
- بىزنىڭ ئارىمىزدىكى دوستلۇق؟ قاچاندىن باشلاپ ئارىلىق پەيدا بولۇپ قالدى ؟ مۇنىرە . مۇشۇ قەدەم كەلگەنمۇ ، يەنىلا پۇشايمان قىلمامسىز ؟
قۇربان يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنىڭغا ۋارقىراپ گەپ قىلىۋاتاتتى . مۇنىرە بولسا توشقاندەك قورقۇپ كەتتى . ھەمدە كۆزلىرىگە ياش ئالغانچە ئارقىغا بىر قەدەم چېكىندى.
- قۇربان نېمە دەۋاتىسىز ؟ ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلسىڭىز بولامدۇ ؟ 5يىلنىڭ ياقى مەن سىزنىڭ ھەم ئوغلۇم فۇرقەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدىم . مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم
مۇنىرەنىڭ ياسالما ھالىتىنى كۆرۈپ قۇربان تېخىمۇ بىزارلىق ھېس قىلدى . قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي مۇنىرەگە قاراپ سوغۇققىنە:
-مۇنىرە، مەن سىزگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرەي . پەقەت سىز ،بىزنىڭ ئائىلىگە نېمە ئىش قىلغانلىرىڭىزنى بىردىن بىر سۆزلەپ بەرسىڭىز ،مەن سىزنى تۈرمىدە ياتقۇزماسلىققا كاپالەت بېرىمەن . ئەگەر سىز مۇشۇ پۇرسەتتىن ۋاز كەچسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ، بىزنىڭ ئائىلىدە ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭىز قالمايدۇ . فۇرقەتكە كەلسەك، ئۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مۇنىرە تىڭىرىقاپ تۇرۇپ قالدى .
-مەن نىمە ئىش قىپتىمەن ؟ سىزگە نېمىنى دەيدىكەنمەن ؟
-ھازىر مەنمۇ كۈتۈپ تۇرىۋاتىمەن، سىز نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئوبدان بىلىسىز .؟
قۇربان ئۇنىڭغا مەنىلىك تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋاتاتتى.
-قۇربان، سىز ماڭا بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ ؟ مەن گۈلدەك بەش يىللىق ھاياتىمدا سىزنىڭ بالىڭىزنى بېقىپ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردە ئات ئېشەكتەك ئىشلىدىم . ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز ؟
قۇربان ئىككى ساقچىنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلدى ۋە مۇنىرەنىڭ ئىككى جەينىكىدىن تۇتقۇزدى . بىر ساقچى سەل ياش بولغاچقا مۇنىرەنى تۇتقىنىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى . مۇنىرە ئۇنىڭغا قاراپ ، قاپىقىنى تۈرگىنىچە:
سەن، نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئۆلگۈڭ كەپتۇ- دە . دېگىنىچە بىر تەستەك سالدى . قۇربان ئۇنىڭ بۇ جېدەلخور ھالىتىنى كۆرۈپ:
-قارىغاندا ،سىز پۇشايمان قىلمايدىكەنسىز؟ شۇنداقمۇ؟ بۇ يەر ئىنتايىن ياخشى. سىز ياخشى ئويلىنىڭ! ياخشى ئويلىنىپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئىزدەڭ .
قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي قاماقخانىدىن ئايرىلدى. ھەمدە قېشىدىكى ساقچىخانا باشلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ، بوش ئاۋازدا :
- بۇ، يەر بەك كىچىك ئىكەن . مۇنىرەنى باشقا كۆزىتىش ئۆيىگە ئاپىرىڭلار . ئەگەر ئۇ خاتالىقنى ئىقرار قىلمىسا ، ئۇنىڭغا ئۇسسۇزلۇق ھەم تاماق بەرمەڭلار .
ساقچىخانا باشلىقى ، بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈردى. قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان مۇنىرە ھەيرانلىق قالدى ھەمدە:
-قۇربان، سىز نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز ؟ فۇرقەت تېخى كىچىك . ئۇ مەندەك ئاپىسىدىن ئايرىلسا بولمايدۇ . ئەجەبا ، كەلگۈسىدە ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ماڭا قىلغانلىرىڭىزنى بىلىپ سىزدىن نەپرەتلىنىشتىن قورقمامسىز؟ سىز ئاللىقاچان ئېنىڭىزغا يۈز كېلەلمىدىڭىز .يەنە تىخى ،ئوغلۇمنى ئانىسىدىن ئايرىۋاتىسىز . بۇنداق قىلسىڭىز ئىنىڭىز ، قانداقمۇ خاتىرجەم ياتالار؟
مۇنىرە توختىماستىن قۇرباننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇراتتى. قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىدىيالماي ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا مۇنىرەنىڭ گېلىدىن سىقتى . ھەمدە:
-سىز، ئىنىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەقلىق ئەمەس. ئەگەر سىز يەنە ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىڭىز، مەن سىزنى ھازىرلا ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلغۇزىۋېتىمەن ، ئىشىنەمسىز ؟
مۇنىرەنىڭ قورققىنىدىن ، بەدەنلىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى .
-قۇربان سىز ،- دېدى مۇنىرە .
-سىزنىڭچە مەن نېمە ئىشلىقىنى بىلمەمدىم . ئىنىمنىڭ ئۆلۈشدىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئازراقمۇ يىرىم بولمىدىمۇ؟ ئەگەر، ئىنىم سىزنى ھامىلدار قىلىپ قويمىغان بولسا. سىز مۇشۇ كەمگىچە ياشىيالامتىڭىز؟ بەش يىل ئاۋۋالقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ، سىزمۇ ئاللا بۇرۇن ئۆلۈپ كېتەتتىڭىز ،- دېدى قۇربان.
گېپىنى دەپ بولۇپ مۇنىرەنى سىلكىۋەتتى . مۇنىرەنىڭ بولسا بەدەنلىرى تىترەپ ، چىرايلىرى سارغىيىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالماي قالدى . قۇربان ئامال بار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى بېسىشقا ئۇرۇندى . لېكىن ،بۇ قېتىم پەقەتلا چىداپ تۇرالمىغان ئىدى .
-مۇنىرە، بۈگۈندىن باشلاپ ئىنىمنىڭ ئىسمىنى ئىغىزىڭىزغا ئېلىشىڭىزغا روخسەت يوق . ئەگەر، مەن كېلەر قېتىم يەنە ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام سىزنى قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىمەن . ئۆزىڭىز مۇشۇ يەردە گۇناھىڭىزنى ئوبدان تونۇڭ . مەن دېگىنىمنى قىلىمەن. ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ سەۋر تاقىتىمنى سىنىماڭ!
قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپ قاماقخانىدىن ئايرىلىپ كەتتى . يان تەرەپتە تۇرغان ساقچىخانا باشلىقىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، دەرھال مۇنىرەنى نازارەتكە ئالدى . ساقچىخانا باشلىقى يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقتى:
- قۇربان دېرىكتور، يەنە قانداق تاپىلاشلىرىڭىز بار؟ئەجرىمىز
قۇربان تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ بولغاندىن كېيىن بوش ئاۋازدا؛
-ئەگەر، بۈگۈن كەچكىچە ئۇ گۇناھىنى تاپشۇرمىسا ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىڭلار . بۇنداق بولغاندا ئۇ ھاياتنڭ قانچىلىك قىممەت ئىكەنلىكىنى، ئازابنىڭ قانچىلىك جىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ساقچىخانا باشلىقى ھەيران قالدى .
-قۇربان دېرىكتور، بىز دېگەن قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار، بۇنداق قانۇنسىز ئىش قىلساق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس .
قۇرباننىڭ قاپىقى تۈرۈلۈشكە باشلىدى . ساقچىخانا باشلىقى پېشانىسىدىن چىققان تەرنى ئېيتىۋەتكەندىن كېيىن:
- راستىنلا بولمايدۇ، قۇربان دىرېكتور .
- ئۇنداقتا بۈگۈن كەچتە مەن ئادەم ئەۋەتىپ سىلەرگە كۆپرەك زىياپەت ئورۇنلاشتۇراي . مەن مېھمان قىلاي . بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەردى . سىلەر قايتىپ كېلىپ بىر تەرەپ قىلساڭلار بولىدىغۇ ؟
-بۇ، بۇلىدىغان گەپكەن . ئەمىسە قۇربان دىرېكتورغا رەھمەت ئېيتىمىز ،-دېدى ساقچىخانا باشلىقى .
قۇربان ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە پاراڭلاشماي ساقچىخانىدىن چىقىپ كەتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


