大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 65 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 65 - قىسىم aybarawazi
2024-03-24
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 66 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55



64
63
62



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


65 - قىسىم


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچ تۆت ئادەم كېتىپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى . ئۇ ئەسلىدە چوڭ يولغا چىقماقچى ئىدى .لېكىن، بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئارقىغا چېكىندى دە ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ئۇ تەسلىكتە بىر ئۆيگە كىردى دە كارۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالدى .بۇ يەردىكى ئالاھىدە كۈتۈش ئۆيىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ھەمدە، تەكشۈرگۈچىلەرمۇ ئاز كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن توساتتىن تازلىق ئۆيىدىن سۇنىڭ شارقىرىغان  ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، ئەرفات بىرسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىدى ۋە دەرھال كارىۋات ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالدى . رەنا بولسا يالغاندىن ياسىنىپ ھۆسن تۈزەش ئورگىنىغا كىردى . ئۇ بۇ يەرگە كىرىشىگىلا بۇ يەرنىڭ ناھايىتى نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى . چۈنكى، ئۇ كىرگەن ۋاقىتتا ھۆسن تۈزەش ئورنىدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى .  

-ئادەم بارمۇ ؟ رەنا ۋارقىرىدى . لېكىن، ھېچقانداق سادا چىقمايتتى .ئۇ تېخىمۇ ئىچكىرىگە كىرىپ باقماقچى بولدى .بۇ ۋاقىتتا، ئۈچ مۇلازىمەتچى چىقىپ يېتىپ كەلدى .

-ياخشىمۇ سىز ؟سىزگە قانداق مۇلازىمەت كېرەك ؟ -دېدى بىر ياش خېلى چىرايلىق بىر قىز رەنانىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .  

رەنا سەل بىسەرەمجانلىق ھېس قىلسىمۇ ، لېكىن يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ ،

-ئاڭلىشىمچە بۇ يەرنىڭ تېرە ئاسرىشى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن . مەن قىلدۇرۇپ باقاي دېگەن ئىدىم .قەيەردىن پۇل تولۇقلايمەن ؟ بىر قېتىم تولۇقلامدىم ياكى ئالاھىدە ئەزا نامىدا تولۇقلامدىم ؟قايسى ۋاقىتتا پائالىيىتىڭلار باشلىنىدۇ ؟ 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

رەنا شۇنداق دېگەچ ھۆسن تۈزەش ئورگىنىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قۇردىن قاراپ چىقتى . بۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىدا نۇرغۇنلىغان ئاستىرتتىن قويۇلغان تېلېكامېرالار تۇراتتى . رەنا بۇلارنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى -دە ، بۇ يەرنىڭ ئادەتتىكى جاي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى . ئۇ كۆڭلىدە چۇقۇم بىر مەسىلە بارلىقىنى، ئوغلىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىگە كۆڭلىدە  ئازراق گۇمان چۈشتى . شۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەتچى قىزچاق  مۇلازىمەت ئۈستىلىگە باردى -دە  بۇ يەردىكى چىقىم  تۈرى دەپتىرىنى رەناغا بىردىن بىر سۆزلەشكە باشلىدى  .ئەمەلىيەتتە، رەنانىڭ ئاڭلىغۇسى يوق ئىدى . لېكىن، ئۇ يالغاندىن ئەستايىدىل ئاڭلىغاندەك بولىۋالدى . ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئوغلىدا ئىدى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئىشىك قوڭغۇرىقى سايراشقا باشلىدى . مۇلازىمەتچىلەر  جىددىيلەشكىنىچە:   

-مۇنىرە خېنىم قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟- دېدى.  

رەنا بىشىنى تۇلغاپ مۇنىرەگە قاردى . ئۇ مۇنىرەنى كۆرۈپ مۇشتلىرىنى كۆرۈپ كەتكەن ئىدى .  مۇنىرە رەنانى كۆرۈپ ئۇنى كۆرمەسكە سالدى -دە ناتونۇش ئادەم قىياپىتىدە: 

- مەن سۇبات دىرىكتۇرنى ئىزدەپ كەلدىم . بەدەنلىرىم بەكلا ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ .ئۇ مېنىڭ بەدەنلىرىمنى ئۇۋىلاپ قويسا بولاتتى .  

مۇلازىمەتچى كۈلۈمسىرىگىنىچە سۇبات دېرىكتورنىڭ سىرتتا ئازراق ئىشى بولغاچقا چىقىپ كەتتى .بولمىسا مۇنىرە خېنىم  ئالاھىدە كۈتۈنۈش ئۆيىدە ساقلاپ تۇرۇڭ . مەن ھازىرلا سۇبات دېرىكتورغا خەۋەر قىلاي ،-دىدى . 

- ماقۇل . تېزراق بولۇڭلار. چۈشتىن كېيىن مېنىڭ يەنە ئىشىم بار.مېنىڭ ئىشىمغا دەخلى قىلماڭلار !

- بولىدۇ ،،بولىدۇ .

مۇلازىمەتچى قىزچاق مۇنىرەگە ئىگىلىپ سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن  ،ئۇنى ئالاھىدە كۈتۈنۈش ئۆيىگە قاراپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . رەنا مۇلازىمەتچىنىڭ مۇنىرەگە قىلغان پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ مۇنىرەنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . رەنا سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن   قاپىقىنى تۈرگىنچە:  

- ئۇ سىلەرنىڭ مېھمىنىڭلار؟ بولسا،مەن سىلەرنىڭ مىھمىنىڭلار ئەمەسمۇ ؟مەن ئاۋۋال كەلگەن تۇرسام، نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسىلەر! بۇ سىلەرنىڭ مېنى ياراتمىغىنىڭلار بولماي نېمە ؟ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارچە ، مەن سىلەرنىڭ ئالاھىدە مىھمىنىڭلار بولالماسمەنمۇ،-دېدى رەنا

مۇنىرە ،رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قەدىمىنى توختاتتى - دە:

- سىز ،نېمىگە ھېساب؟ سىز ئۆزىڭىزنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالامسىز؟ مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي ، مەن بولسام قۇربان ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى  ئايال خوجايىنى . مېنىڭ ئوغلۇم فۇرقەت بولسا قۇرباننىڭ مال مۈلكىگە ئىزباساربولالايدىغان بىردىنبىر ۋارىس . پۈتكۈل ئۈرۈمچى خەلقى  بۇ ئىشنى ئۇقىدۇ . بىز سىزنى ساقلاپ تۇرۇڭ دېگىنىمىز ، سىزنى كۆزگە ئىلغىنىمىز سىزگە يۈز قىلغىنىمىز . ئەگەر، يەنە قالايمىقان گەپ قىلسىڭىز ، مەن سىزنى سىرتقا ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىمەن ،-دېدى مۇنىرە ئاتىكاچىلىق بىلەن .  

رەنامۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سۆزلەشكە باشلىدى .

- سىز بايام، ئۆزىڭىز دېدىڭىز، كەلگۈسىدىكى دەپ ..لېكىن ،ھازىر ئۇنداق بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق خەلىق ئىچىدە  پەقەت قۇرباننىڭ ئائىلىسىگىلا گېپى ئۆتىدىغان ئىش يوق . ھازىر ئىچىدە سىرتىدا ھەممىسى . قۇرباننىڭ ئوغلىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئەرفات ئوغلۇم بولسا بىردىن بىر قۇرباننىڭ مال مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلالايدىغان ئادەم . شۇڭا مەن سىزگە نەسىھىتىم بولۇپ قالسۇن .ئەڭ ياخشىسى زومىگەرلىك قىلماڭ ؟ 

- خەپ ، سىزنى،-دېدى مۇنىرە.  

ئۇ يەنە رەنا بىلەن سوقۇشاي دەپ ئويلىغانىدى ، لېكىن، ئۆزىنىڭ بۇ يەرگەكىلىشتىكى  مەقسىتىنى ئويلاپ ، ئۆزىنى سەل توختىۋالدى .  

- بوپتۇ، بۈگۈن مېنىڭ كەيپىياتىم ياخشى .سىز بىلەن تاكاللاشماي . سىزنىڭ ھېلىقى ياۋايى ئوغلىڭىز قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن. قېنى كۆرۈپ باقارمىز . ئوغلىڭىزنىڭ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ مال مۈلكىسىگە ۋارىسلىق قىلالامدۇ يوق؟

مۇنىرە گېپىمنى دەپ بولۇپ  ئالاھىدە كۈتۈش ئورنىغا كىرىپ كەتتى . مۇنىرەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپ كەتتى. 

رەنا سەل ئۆزىنى  توختىتىپ ، تۆت ئەتراپقا قاراپ قوياتتى .بۇ ۋاقىتتا، مۇلازىمەتچى خادىمنىڭ سۇبات دېرىكتورغا تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى .

- سۇبات دېرىكتور ،سىز قەيەردە تېزدىن قايتىپ كېلىڭ ؟مۇنىرە خېنىم قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ دېيىشىچە ،سىز ئۇنىڭغا بەدەن ئۇۋۇلاپ قويىدىكەنسىز؟ نېمە؟ سەمىرە…؟ ئۇ دۇكاندا ئەمەس… رەنا كۈتكۈچى خادىمنىڭ ئاغزىدىن «سەمىرە» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . ھەمدە سەمىرەنىڭ مۇشۇ ھۆسىن تۈزەش ئورنى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . رەنا قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالماي  چوڭقۇر نەپەستىن بىرنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، تېخىمۇ ئاچچىقلانغان قىياپەتتە:  

-سىلەرنىڭ بۇ يەرنى ھۆسن تۈزەش ئورنى دېگىلى بولامدۇ ؟خېرىدارنى مۇشۇنداق بوزەك قىلساڭلار بولامدۇ ؟ بوپتۇ . ئۈرۈمچىدە پەقەت بىر تال ھۆسن تۈزەش ئورگىنى بارمىدى .سىلەر مۇشۇنداق قىلىپ خېرىدارلىرىڭلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەنسىلەر . بوپتۇ مەن بۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم . 

رەنا گېپىنى دەپ بولۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى -دە يەنە جوزىنى بىرنى تېپىۋەتتى .ھەمدە كىچىك سومكىسىنى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى . ئۇ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىگە مۇلازىمەتچى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى .سەل ئازادىلىك ھېس قىلدى .

-تېز بېرىپ قايتىپ كۆرۈپ بېقىڭلار! كەينىمىىزدىكى ئادەم   ھېلىقى كىچىك سولتەكنى تاپالىدىمۇ يوق . ھازىر دەرھال  مۇلازىمەتتىن توختىدى ،- دېگەن تاختاينى ئېسىپ قويۇڭلار .ھېچكىم كىرمىسۇن . ھېچقانداق ئىش بولمىسۇن .

رەنا ،بۇنى ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدى . ھۆسن تۈزەش ئورگىنىدىن چىقىۋاتقان رەنانى كۆرۈپ قۇربان ئۈزىنى  تۇتۇۋالالماي ئۇنى باغرىغا باستى ۋە:  

-سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟ مېنى بەكلا قورقۇتىۋەتىڭىز؟

- قۇربان، بۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىدا راستىنلا مەسىلە بار ئىكەن، ئوغلىمىز چۇقۇم بۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن؟

-سىزنىڭ دېيىشىڭىزچە .…؟

رەنا شۇ ئورۇننىڭ ئىچىدىكى تېلېكامېرادىن تارتىپ ، مۇلازىمەتچىنىڭ سەمىرەنى ئېغىزغا ئالغاندىن تارتىپ ھەممە ئىشلارنى قۇربانغا دەپ بەردى . قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قالدى .

-مەن ئەزەلدىن بۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ بۇنچىلىك نىقاپ بىلەن قاپلانغانلىقىنى بىلمەپتىمەن،- دېدى قۇربان .

-ھازىر قانداق قىلىمىز؟ مەن ئەرفاتنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتىمەن . مۇنىرە ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ، سۇبات دىرېكتور دەپ ئېغىز ئاچتى . گەرچە مەن سۇبات دىرېكتورنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ ئەرفاتنىڭ يوقاپ كېتىشى بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ،- دېدى رەنا قۇرباننىڭ كۆزلىرىگە قاراپ . قۇربان بەكلا جىددىيلىشىپ كېتىپ باراتتى . لېكىن. ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا :

- ھازىر، بىز بۆسۈپ كىرسەك بىرەر يامان ئىش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمىز .ئەرفات ئەگەر ئۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ قالسابىز  ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويساق . ئەرفاتنىڭ ھاياتىغا خېيىم خەتەر يېتىش مۇمكىن . ئۇ ھەربىي بازىىدا مەشىقكە قاتناشقان .مۇسائوفىسسر ماڭا،- دېدى ئۇ ئۆزىنى قوغداش تېخنىكىنسى ئۆگەنگەنكەن . مەن ھازىر  ئېنىق بولغان ئىسپاتقا ئېرىشىشىم كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئۇ  روزىغا تېلېفون قىلدى . ھەمدە:  

-ماڭا دەرھال بۇ ھۆسۈن تۈزەش ئورنىنىڭ سىخىما خەرىتىسىنى ئەكىلىپ بەر!

-قۇربان دىرېكتور ، مەن بۇ ھۆسن تۈزەش ئورگىنىنىڭ سىخىما خەرىتىسى كۆرۈپ بولدۇم .

-ھە .

-بۇ ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر مۇنچە كىچىك ئامبار ئۆيلەر بار ئىكەن . لېكىن ، بۇ ئۆيلەر ئىنتايىن ۋەيرانە بولۇپ  جىق ئادەم كىرىپ چىقىپ قىلمايدىكەن. ئەگەر، بىز بۇ ۋاقىتتا ئادەم ئەۋەتىپ ئەرفاتنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقساق  بەلكىم سىرتتىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارنى قوزغاپ قويۇشىمىز مۇمكىن . قۇربان دېرىكتور سخېمىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:  

-مەن كىرەي .

رەنا قۇرباننىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى . قۇربان بولسا تەسىرلىنىپ  رەنانى مەھكەم باغرىغا باستى .  ياردەمچى روزىمۇ قۇرباننىڭ كىرىشكە قوشۇلمىغان ئىدى . 

-بولمىسا مەن كىرەي ئەرفات مېنى تونۇيدۇ .

- بولدى باشقا گەپ قىلماڭلار! مەن ئوغلۇمنى ئۆزۈم قۇتقۇزىمەن . سىلەر مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمنى يار بەرمەيدۇ دەپ ئويلاۋاتىسىلەر ؟-دىدى .

رەنا بىلەن روزى بەكلا ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى .رەنا ئەنسىرگەن ھالدا: 

- سىز كىرسىڭىز بولىدۇ ؟ لېكىن، مەن سىزدىن راستىنلا ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن تېخى بايلا پەردازخاندىن چىقتىم . مەن ئۇ يەردىن ئاچچىقلىنىپ چىققان . بەلكىم ئۇلار مېنىڭ گەپلىرىمگە ئاچچىق يۇتۇپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن . مەن ئاۋۋال كىرىپ ،ئۇلارنى ئۆزۇمگە قارىتىپ تۇراي ، ئاندىن كېيىن سىز كىرىڭ بولامدۇ،-دېدى رەنا .

رەنانىڭ گەپلىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىدى .

- ئەمىسە، باشقا ئادەم كىرسۇن . مەن تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن 

-سىزنىڭچە، ئىچىدە چۇقۇم بىزنىڭ ئوغلىمىزبارمىدۇ ؟مەنمۇ ئۇنىڭ ئاپىسى. مەنمۇ شۇنداق  قىلىشىم كېرەك. ناۋادا ئەرفات ئىچىدە بولۇپ قالسا  بەلكىم تېپىشىمىزغا ئاسان بولۇپ قالار . بەلكىم ئوغلۇم يەنە ئىچىدە ساقلاپ تۇرىۋاتقاندۇ ؟ -دېدى رەنا.

پەردازخانا تەرەپكە قاراپ . قۇربانمۇ ئۇنىڭ گېپىگە قارشى تۇرمىدى. ھەمدە قىيمىغان ھالدا:

- بوپتۇ، ئېھتىيات قىلىڭ .

ماقۇل .

- روزى،سەن رەنانى ياخشى قوغدىغىن!

رەنا ھەيران قالدى . ئۇ بۇرۇن مۇشۇ ئىسىمنى ئاڭلاشنى نەچچە يىللار كۈتكەن بولغىيتتى ھە. ئاخىرىدا  قۇربان مۇشۇنداق دەپ ئېغىزدىن چىقاردى.

داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k