
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 32 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
31 - قىسىم
ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن خۇددى رەنانى نەچچە مىڭ پارچە قىلىۋەتكۈسى بار ئىدى . رەنا ئۇيان بۇيانغا قاراپ تۇيۇقسىز مۇنىرەنىڭ زەھەرلىك تىكىلىشلىرىگە دۇچ كىلىپ قالدى .
رەنامۇ مۇنىرەگە قاراپ كۈلۈپ قويدى . ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى بىر خىل ئۆچمەنلىك مەنىسى ئىپادىلەيتى . مۇنىرە بۇنى كۆرۈپ رەنانىڭمۇ بوش ئايال ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى ، ئەجەبا ، ئۇ مەندىن ئۆچ ئالماقچىمىدۇ ؟ مەن يا ئۇنى تونۇمىسام ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ ؟ ئۇنداقتا ئۇ زادى كىمۇ؟ بىر خىل گاڭگىراشلار كاللىسىنى چىرمىغان ئىدى ، لېكىن يەنە جاۋاب تاپالمىدى . ئۇ كوڭلىدە قۇربان نىمىشقا ئۇ ئايالغا شۇنداق مىھىرىبانلىق قىلدىغاندۇ ؟ -دەپ ئۇ ئايالغا ئازراق ھەسەتمۇ قوزغالغان ئىدى .مۇنىرە ۋاقىراپ تۇرۇپ:
-قۇربان ئۇ ياخشى ئايال ئەمەس ،سز ئۇ ئايالغا ئالدىنىپ كەتمەڭ؟ مۇنىرە توختىماي ئۆزىنى چۇشەندۇرۋاتاتتى لېكىن ،
روزى ئۇنى ئۇرىۋەرگەنلىكتىن ئاغزى ئاغرىپ ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەيۋاتاتتى . قۇربان دەرھال :
- روزى ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋال ، ئۇ قالايمىقان گەپ قىلىپ سوفىيە خېنىم نى قورقۇتۇپ قويمىسۇن!
- خوپ ،- دىگىنچە مۇنىرەنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى . مۇنىرە سىلكىنىپ، تولغىنىپ باقاتتى ، لېكىن ، روزىنىڭ قولىدىن بوشىيالمىدى . شۇنداق قىلىپ ، مۇنىرە ئون تەستەكنى يېدى. ئۇ ئۆلگىلى تاسلا قالدى ، ئۇنىڭ يۈزلىرى ئاغرىپ ، قىم قىم قىلاتتى . روزى ئۇرۇپ بولۇپ ، يان تەرەپتە قۇربانغا :
-دىرېكتور ئۇرۇپ بولدۇم .
بۇ ۋاقىتتا رەناقەستەنگە مۇنىرەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،قۇربانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى ھەمدە قولنى مۈرىسىگە قويدى . قۇربانمۇ ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ سەل تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا :
-قۇربان دېرىكتور مېنى قويۇۋېتەرسىز . ئۇنىڭ گەپ قىلىشلىرى شۇنچىلىك يېقىملىق قۇربانغا ئەركىلەپ تۇرۇپ ، گەپ قىلاتتى . قۇربان بۇ ۋاقىتتا ھەيران قالدى ، ئۇنىڭ ئەركىلەشلىرى خۇددى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا ئوپمۇئوخشاش ئىدى . ئۇ تۇيۇقسىز، خۇددى ئۆزىنى بەش يىل ئاۋۋالقىغا قايتىپ كەتكەندەك، ئايالى قېشىدا باردەك ھېس قىلدى .
- قويۇپ بەرمەيمەن ،ھەرگىزمۇ قويۇپ بەرمەيمەن! - قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەممىسى ھەيران قالدى . رەنا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، قۇرباننى بىر ئىتتىرىۋېتىپ ، پەسكە چۈشۈپ مۇنىرەگە قارىدى ھەمدە ئوزىنى تۇتۋىلىپ تۇرۇپ :
- قۇربان دىرېكتور بۇنداق قىلسىڭىز مۇنىرە خېنىم خاتا چۈشۈنۈپ قالماسمۇ ؟ ۋاقتى كەلگەندە ئۇ مەندىن ئۆچ ئالسا قانداق قىلىمەن ؟ ئۇ گەپلىرىنى دەپ بوپلا مۇنىرەگە قاراپ قويدى . بۇ ۋاقىتتا مۇنىرەنىڭ يۈزلىرى ئىششىپ خۇددى سېمىز چوشقىغا ئوخشاپ قالغان بولوپ گەپ قايتۇرۇشقا مادارى قالمىغان ئىدى . ئۇ ھازىرقى ئاچچىقىدا ئالدىدا تۇرغان رەنانىڭ قىيما- چىما قىلىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايتتى . شۇ ئاچچىقىدا رەناغا قاپىقىنى تۈرۈپ قارايتتى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-ھازىردىن باشلاپ ، مۇنىرە خېنىمنى دېڭىز بويىدىكى داچىغا سولاپ قويۇڭلار ، ئۇ يەردىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ياخشى قاراڭلار ھەمدە ئون نەچچىڭلار بېرىپ ، ئۇنى ياخشى قوغداڭلار
ئۇ قالايمىقان مېڭىپ يۈرۈپ ، يەنە ئىش چىقىرىپ يۈرمىسۇن ، يەنە ئۇ بىزنىڭ فۇرقەتنىڭ ئاپىسى ، سوفىيە خېنىمنىڭ پۇتى قاچان ساقايسا ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتا قويۇپ بەرسەڭلار بولىدۇ . بۇ ئىشنى روزى ، سەن ياخشىراق بېجىرگىن !
قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مۇنىرە ساراڭ بولاي دېدى:
- ياق ، ئۇنداق قىلماڭلار . قۇربان ئۇنداق قىلماڭ ،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ ، مەن سوفىيە خېنىمنىڭ ئالدىدا گۇنايىمنى تۇنۇي، فۇرقەت يەنىلا ماڭا مۇھتاج !- مۇنىرە شۇنداق دېگەچ تىركىشىۋاتاتتى ئامال بار ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكى گەپلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى ، لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھېچكىم قۇلاق سالمىدى . ئەسلىدە ئۇ رەنانىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزلىنىشنى ئويلىغانىدى ، لېكىن ئىككى ئىشىك باقار ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغاچقا مىدىرلىيالمىدى .
ھايات نېمىدېگەن رەھىمسىز ،بەش يىل ئاۋۋال ئۇ قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە تولىمۇ ئەتىۋارلىق ئىدى . قۇرباننى دەستەك قىلىپ رەنانىڭ دەككىسىنى بەرگەن ئىدى .لېكىن ، بۇ قېتىم لايىھىلىگۈچى سوفىيەنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۆزى دەككىسىنى يىدى
ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ، رەناغا شۇنچىلىك ئالايدى، ئۇنى نەچچە مىڭ پارچە قىلىۋەتكۈسى بار ئىدى ، رەنا بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە ئەركىلىگەچ قۇربانغا:
- قۇربان دىرېكتور ،بۇنداق قىلسىڭىز قىز دوستىڭىزغا سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بوپ قالارمىكىن؟ نېمىلا بولمىسۇن ئۇ فۇرقەتنىڭ ئاپىسى . ئەگەر ئۇ بالا نەچچە كۈن ئاپىسىنى كۆرمىسە ، نېمە ئىشلار بولىدۇ ھېچكىم ئۇقمايدۇ.
قۇربان ئاستاغىنە ئويلاپ ئويلىنىپ قالدى ،شۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئوغلى فۇرقەتنى ئۇنتۇپ قالغانىدى . مۇنىرەمۇ ئوغلى فۇرقەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى . شۇنداق بولسىمۇ ، قۇربان يەنىلا قاپىقىنى تۈرگىنىچە مۇنىرە قاراپ تۇراتتى .
قۇربان مۇنىرەگە ئازراقمۇ رەھىم قىممىدى، ئۇ يەنە :
-سەن فۇرقەتتىن ئەنسىرىمە ، ئۇنىڭ يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋاقتى كەپ قالدى ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ۋارىسىمىز . سەن داچىغا بارغاندىن كېيىن ئەنسىرمىسەڭمۇ بولىدۇ . مەن ھەممە نەرسىلەرنى تەق قىلىپ قويدۇم ، سەن نېمە دېسەڭ شۇ بار ، سەن ئۇ يەردە جىم ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭنىڭ خاتالىقىنى ياخشى تۇنۇ !بۇ ساڭا بەرگەن ياخشى پۇرسەت . بۇدا يەنە قۇربان ئائىلسىگە داغ تېىگىدىغان ئىشنى قىلما !
قۇرباننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مۇنىرە يەردە يىغلاپ ئولتۇرۇپ قالدى . رەنامۇ قىلچە رەھىم ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا قارىغاندا رەنا ئۇنى تىخى ئادىغىنا جازالىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئىشىك قوغدىغۇچى سۆرەپ سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى .
قۇربان رەناغا قاراپ :
- ئەمدىغۇ قېپ قالارسىز ؟
رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ :
- ئەلۋەتتە قېپ قالمەن .
- نىمىشقا ؟ -دىدى قۇربان . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا چۆچۈپ كەتتى ، ھەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەيتتى . قۇربان رەنانىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
- سىز مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىسىز. رەنا توك تەپكەندەك قولىنى ئاجراتماقچى بولاتتى، لېكىن قۇربان چىڭ تۇتۇۋالدى:
-رەنا سىز ھازىرغىچە ماڭا ئەينەن ئەھۋالنى دېمەمسىز ؟ - رەنانىڭ يۈرىكى سوقۇپ نەپەس يېتىشمەي قالغانىدى :
- نېمە ؟ سىز نېمە دەۋاتىسىز ؟ قۇربان دىرېكتور بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق . سىز ئۆزىڭىز ماقۇل بولۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى چىقىرىپ بەردىڭىز؟ يەنە تېخى ھازىر ماڭا غەلىتە گەپلەرنى قىلىسىز ، بۇنداق دېسىڭىز باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالماسمۇ ؟
-كىم خاتا چۈشىنىدۇ ؟ سىز كىمنى دەۋاتىسىز سەمەت دىرېكتورنىمۇ ؟ سەمەت دېرىكتور بىلەن ئىككىڭلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
رەنا سەل ئىسىگە كىلۋالغاندىن كىيىن :
- مەن بىلەن سەمەت يېقىن دوستلاردىن خالاس .
- سىز ئۇنى سەمەت دەپلا شۇنداق يېقىن چاقىردىڭىز ، ئەجەبا مۇناسىۋىتىڭلار ئاددىي ئەمەس ئىكەن ؟ سىز مېنى نېمىشقا قۇربان دەپ چاقىرمايسىز ؟ -دىدى قۇربان رەشىك قىلىپ .
رەنا شۇ زامات قاپىقىنى تۈرۈپ:
- قۇربان دېرىكتور بىز ئىككىمىز يېڭى تونۇشتۇق!
-تونۇشمايمىز؟ رەنا ھەممە ئادەم مۇشۇنداق دېيەلەيدۇ ، لېكىن سىز ئۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ . ھامان بىر كۈنى سىز مېنىڭ ساداقىتىمنى ھېس قىلىپ قالىسىز . شۇڭلاشقا سىز ھازىرچە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماڭ . سىز قوشۇلسىڭىزلا ئۈرۈمچىدە ، نېمە ئىش قىلىمەن دېسىڭىز مەن شۇنى تەييار قىلىپ بېرىمەن . رەنانىڭ ئالدىدا گەپ قىلىۋاتقىنى بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ داڭلىق شاھزادە ، ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر دېسە بىر، ئىككى دىسە ئىككى ، دەرۋەقە ئۇ بىر ئايالنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ ، ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى . لېكىن ، رەنا بۇ ئادەمنى ناھايىتى رەھىمسىز دەپ ئويلايتتى . قىلىۋاتقان گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئويۇن ئويناۋاتىدۇ دەپ چۈشىنەتتى . رەنا سەل سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ :
-قۇربان دېرىكتور . سىز مېنى بەك چوڭ بىلىپ كەتتىڭىز ئەگەر قۇربان دىرېكتور سىز راستىنلا ماڭا ھاجىتىڭىز چۈشسە ، مەن ئوخشاشلا ئىككى شىركەتنىڭ توختامىغا ۋاكالىتەن سىزگە ياردەملىشىپ ئىشلىسەم بولىدۇ ، گەرچە پۇتۇم يارىلانغان بولسىمۇ ، لېكىن سېخېمىنى لايىھىلەش قولۇمدىن كېلىدۇ . رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قۇربان سەل بىئاراملىق ھېس قىلدى . شۇنداقتىمۇ ، ئاچچىقىنى زورغا بېسىپ تۇرۇپ :
- سىز خۇشال بولىدىغانلا ئىش بولسا قىلايلى . لېكىن سېخىما لايىھەلەشىدا بىز ئالدىرىمايلى چۈنكى يېقىندا شىركەتتە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر يۈز بەردى ، ئاۋۋال شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك . ئاڭغىچە سىزمۇ دوختۇرخانىدا ياخشى كۈتۈنۈپ داۋالىنىڭ سىزنىڭ پۇتىڭىز ساقايغاندا بىز ياخشى ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلايلى بولامدۇ .؟ دېدى قۇربان مېھرىبانلىق بىلەن . قۇرباننىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى سەمىمىي ئىدى ،لېكىن شۇنداق بولسىمۇ رەنا ئۇنىڭغا يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلسا بولمايتتى . رەنا قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدى دە ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قايتۇرمىدى ھەمدە كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرىۋالدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قۇربان يەنە ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇشنى خالىمىدى . ھەمدە ئۇنىڭغا: سىز چارچاپ قالغان بولسىڭىز ، سىز بۇ ئارام ئېلىۋېرىڭ مەن ئالاھىدە سېستىراغا تاپىلاپ قوياي ، چۈشلۈك تامىقىڭىزنى ؟
-چۈشلۈك تامىقىمىنى پەرىدە ئەكىلىپ بېرىدۇ . رەخمەت قۇربان دىرىكتۇر ! - دېدى رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ .
- بۇ نەرسىنى كەچتە يەنە يۈزىڭىزگە يەنە بىر قېتىم يېقىڭ.
- رەخمەت دىدى رەنا ئىرەن قىلماي شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىيلەننىڭ پارىڭى تۈگەپ قالغانىدى .
بۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنىرەنى ئېسىگە ئېلىپ قالدى ، مۇنىرە، ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىنچىلىق قىلسىمۇ لېكىن ئۇ ئىرەن قىلمايتى ، بۇ كۈندە ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تاغدەك يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى . ھېسسىيات دېگەندىن ئېغىز ئاچمىسىمۇ بولاتتى .قۇربان شۇلارنى ئويلاپ :
-ئەمىسە سىز ياخشىراق ئارام ئېلىڭ مەن قايتاي ! -ماقۇل، رەنانىڭ خوشلىشىشى ناھايىتى بىپەرۋا ئىدى. قۇربان كېسەلخانا ئۆيىدىن ناھايىتى پەرىشانلىق ئىچىدە ئايرىلدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


