
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 36 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 34 |
33 | 32 |
31 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
35 - قىسىم
رەنانىڭ ئادەملىرى بولسا يىراقتىن قۇربان بىلەن ئەرفاتنى كۈزىتىپ تۇراتتى . بۇ ۋاقىتتا ئەرفات تاماقنىڭ پۇلىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن رەنانىڭ ئادەملىرى رەناغا تېلېفون قىلىپ ، ئەرفات بىلەن قۇرباننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلارنى بىردىن بىر ئىنكاس قىلدى .
رەنا كۆڭلىدە قۇربان زادى نېمە ئىش قىلماقچىدۇ ؟ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىپادە بىلدۈرمەيدىغاندۇ ؟ ئۇ بۇلارنى ئويلىنىپ تۇرۇۋاتقاننىڭ ئۆزىدە پەرىدە كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
-رەنا نېمە بولدۇڭ ؟ قۇربان ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدى . ئۇ ئەرفاتقا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ
-ئەجەبا قۇربان كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقاندۇ ؟
رەنانىڭ بۇ سوئالغا پەرىدەمۇ جاۋاب بېرەلمەي ، ھاڭۋېقىپ قالدى. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفات كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
- ئاپا ، مەن تاماق يەپ بولدۇم. تاماق يېدىڭىزمۇ ؟ ئەرفات شۇنچە خاتىرجەم گەپ قىلىۋاتاتتى .
-ئاپاڭنىڭ قورسىقى ئاچمىدى . سەن يېگەن بولساڭ ياخشى ئاپپاق ئوغلۇم ،- دېدى. رەنا ئەرفاتنىڭ بېشىنى سىلاپ .
بۇ ۋاقىتتا قۇربانمۇ كېسەلخانا ئۆيىگە يېتىپ كەلدى ، ئۇنىڭ قولىدا رەنا ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار تۇراتتى . ئۇ جوزىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ تاماقلارنى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىسىز ،قورسىقىڭىز ئاچقاندا يەسىز .! قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا ئۆزىنىڭ كارۋىتىغا قايتتى . دوختۇرخانا باشلىقى كېسەلخانا ئۆينى تەكشۈرگىلى كىردى .
پەرىدە ئەرفاتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى . دوختۇر تەكشۈرۈۋاتقاندا رەنا قۇربانغا يېنىشلاپ قاراپ قويدى :
- قۇربان دىرېكتور ،ۋاقتىدا دورا يەڭ ، ئامال بار سىزگە رېئاكسىيە قىلغان نەرسىلەرگە يېقىنلاشماڭ !
-ماقۇل ، رەھمەت دوختۇر ،- دېدى قۇربان بىچارىلەرچە
دوختۇر رەنانىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭغا قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىقنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى . بىر كېسەلخانا ئۆيدە ئىككى ئادەم شۇنچە زېرىكىشلىك ھېس قىلاتتى .قۇربان بولسا رەناغا گەپ قىلماي ، ئۇنىڭغا يېنىشلاپ قاراپ ئولتۇراتتى .بۇنىڭدىن رەنا ئۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلاتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئاق قەغەزنى ئېلىپ رەسىم سىزىشقا باشلىدى .
ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق دىققىتىنى بۇرىماقچى ئىدى . لېكىن ،ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك بۇرۇقتۇرما ئىدى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن قۇرباننىڭ تېلېفونى سايرىدى . قۇربان رەناغا بىر قاراپ قويغاچ تېلېفون ئېكراندىكى نومۇرغا قاراپ تېلېفوننى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى . قۇرباننىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىگە رەنا سەل تىنچلانغاندەك ھېس قىلدى . تېلېفون بولسا قۇرباننىڭ خاس دوختۇرى رىنات دوختۇردىن كەلگەن ئىدى. ئۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكىلات قىلدىغاندەك تۇراتتى . قۇربان دېرىكتور:
- چاچتىكى DNA نىڭ نەتىجىسى چىقتى .ئىككى ئادەمنىڭ چېچى ئوخشاش ،بىر ئادەمنىڭ چېچى ئىكەن.
قۇربان رىنات دوختۇرنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلاپ ئىچ -ئىچدىن خوش بولۇپ كەتتى- دە ، كېسەلخانا ئۆيدە ياتقان
ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلدى . ئۇ ئىشەنمىگىنىچە -سەن راست دەۋاتامسەن؟
- راست ،مەن ئۆزۈمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ بېرەي .ئۇ بىر ئادەمنىڭ چېچى .
رىنات دوختۇر بولسا قۇرباننىڭ قېشىدا تۇرغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىدى ، قۇربان ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ، قۇربان ئۆزىنىڭ خۇشاللىقنى تاپقاندەك ھېس قىلدى ، دەرھال يۈگرەپ كىرگىنىچە، كېسەلخانا ئۆيدىكى رەنانى چىڭ قۇچاقلاپ ، بەش يىل ئىلگىرى قەيەرگە كەتكەنلىكىنى قانچىلىك ئازاب تارتقانلىقىنى سورىغۇسى كەلدى… ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگە ، رەنا پۇتلىرىنى تۇتقانچە ئىڭراپ تۇراتتى .ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئىدى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- كونا كېسەل بەزىدە مۇشۇنداق ئاغرىپ قالىدۇ .
-يەنە كونا كېسەل ئاغرىيدۇ دەيسىزغۇ؟ جان لازىممۇ، ئەمەسمۇ ؟ بۇنداق قىلماڭ ، مەن دوختۇر چاقىراي .
- ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭ بولامدۇ ؟ قۇربان دېرىكتۇر ،- دېدى . رەنا ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ .
رەنا ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ بوش ئاۋازدا؛
-مېنىڭ پۇتۇمنىڭ پېيى بۇرۇنلا تارتاتتى. دوختۇر چاقىرساقمۇ پايدىسى يوق ، ئۇۋىلاپ بەرسەم ياخشى بولۇپ قالىدۇ .؟
رەنانىڭ گەپ قىلىشلىرى شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدى . قۇربان سەل گاڭگىراپ قالدى . قۇربان رەنانىڭ پۇتلىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى . رەنا ئۇنى رەت قىلمىدى .بىر ئازدىن كېيىن ،رەنانىڭ پۇتى ياخشى بولۇپ قالدى .قۇربان يوتقاننى يېپىپ قويغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ بەردى . رەنا ئىچىۋېلىپ يېتىپ قالدى .رەنا قۇربانغا بىر ئىغىز رەخمەتمۇ دىمدى. شۇنىڭ بىلەن كېسەلخانا ئۆيدە بىر ھازا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى .
ئاخىرى قۇربان چىدىيالماي ، مەن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەي . دېگىنىچە ، سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئۇ دوختۇرخانا گۈللۈكنى ئايلانماقچى بولۇپ ، يالغۇز ئايلىنىپ تۇراتتى . ئوي خىيالى رەنادىلا ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بەش يىل بۇرۇن ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقى ،ئايالىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىنى ئويلايتتى .ھازىر مىڭ ياخشى كۆرىمەن دېسىمۇ ئۆزىنىڭ كېچىككەنلىكىنى بايقىغان ئىدى .
ئىچ -ئىچىدىن ئۆز ئايالىغا قەرزداردەك، بىر خىل ئۆكۈنۈش بار ئىدى . يەنە بىر تۇرۇپ ، كۆڭلىدە:« ئۇ بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشدە ،چىرايىنى ئۆزگەرتىپ كەپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلى ئەرفاتنىڭ بارچە كۈچى بىلەن ماڭا تاقابىل تۇرىشى، يەنە تىخى شىركەتنىڭ مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىۋېتىشى، شىركەتكە نۇرغۇن زىيان سالدى. ئەجەبا ؟ بۇ رەنانىڭ مەندىن ئۆچ ئىلىش پىلانىمىدۇ ؟ » قۇرباننىڭ كاللىسىدا مىڭ خىيال ،ئۇ ئۇياندىن-بۇيانغا مىڭىپ مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرشىغا ،ئالدى تەرەپتە ياردەمچى روزىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى . رۇزى جىددىيلەشكىنىچە:
- قۇربان دىرېكتور ،يېڭى ئەھۋال بار .
- نېمە ئەھۋال تېز دە !
-بىز شاڭخەيدىكى HJ گۇرۇھتىكى سوفىيەنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلدۇق . بۇ خېنىم ئەينى ۋاقىتتا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ ساقىيىش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن .كېيىن ، HJ گۇرۇپپىدىكى سەمەت دېرىكتور، بۇ ئىشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان.
«سەمەت دىرېكتور» . دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قۇربان سەل كۈلۈپ قويىدى ،- دە:
-سەن يەنە بېرىپ تەكشۈر ، سەمەت دىرېكتور قانداق ئادەم ؟ ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى كىم ؟
-تەكشۈردۈم . سەمەت دىرېكتور بولسا HJ گۇرۇھنىڭ باشلىقى . بەش يىل ئىلگىرى ،ئۇ بىر قىزنى بېقىۋالغان . لېكىن ،ھېچكىم بۇ قىزنى كۆرۈپ باقمىغان . ئىگىلىشىمىزچە ،بۇ قىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا ،دوختۇرخانىدىلا كۈتۈلگەن .
-ئۇنىڭ سوفىيە خېنىم بىلەن مۇناسىۋىتى شۇنداق ياخشى ئىكەن . سەمەت دىرېكتورنىڭ بېقىۋالغان قىزى كىم ؟ئۇ قىز بالىنىڭ ئاپىسى كىم ئىزدەپ باقتىڭمۇ ؟
-ياق بۇ ئىشنى تېخى تەكشۈرۈپ بولالمىدۇق. ئاڭلىشىمىزچە، ئۇ قىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى پەقەت ياخشى بولمىغاچقا ، سەمەت دىرېكتور پۈتكۈل مۈلكىنى چىقىرىپ ئۇ قىزنى قۇتقۇزغان . ھەم باشقا كىشىلەرگە، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان . ئارىلىقتا قانداق ئىش بار ؟ ھېچكىم ئۇقمايدۇ . بىزمۇ تەكشۈرۈپ بولالمىدۇق .
- ھە ، ياخشى . سەن توختىماي تەكشۈر . ھە راست ،شىركەتتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدىڭمۇ ؟بىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلەر قانداق بولدى؟
- بىز بۇ ھۆججەتلەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلاشقا ئىلتىماس قىلدۇق ، كۆپىنچە ھۆججەتلەر تەستىقلاندى . لېكىن ،بىزنىڭ بىر سودا پىلانGJ تۈر ھەل بولماي قالدى . بۇ پىلان باشقىلار تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى .
- كىم يۈتىۋالدى ؟
قادىر...
قۇربان بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ قاپىقىنى تۇرۇپ كەتتى .
قادىر بولسا قۇربان بىلەن سودىدا رىقابەت ئىدى. ئۇ قۇربان گۇرۇھىدىن قالسىلا ، ئۈرۈمچىدىكى ئىككىنچى چوڭ گۇرۇھ ھېسابلىناتتى. ئۇ قۇربانغا شۇنچىلىك ئۆچ ئىدى ، ئىچىدىن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلاتتى .ھەم ئۆزىگە ھامان بىر كۈنى قۇرباندىن ئېشىپ چۈشىمەن دەپ قەسەم قىلاتتى. يۇ ،قۇربان مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ داۋاملىق ئىككىنچنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى . قۇربان سەل ئەجەبلىنەرلىك ھېس قىلىپ كۆڭلىدە:« ھۆججەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتسە ، بۇ قادىرغا پايدا بولىدۇ. قادىرنىڭ سوفىيە بىلەن ئالاقىسى بارمىدۇ ؟»دەپ ئويلىدى.
-قادىر بىلەن سوفىيەنىڭ ئالاقىسى بارمۇ ؟
بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن رىنات دوختۇر رەناغا بىر پارچە ئۇچۇر يولىدى …
-رەنا خېنىم . مەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قۇربان دېرىكتورغا ئېيتتىم . سىز قۇربان دىرېكتورنى قانداق قىلاي دەۋاتىسىز ؟ رەنا رىنات دوختۇرىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ، ئىنكاس قايتۇرمىدى .«كۆڭلىدە مېنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىم قۇربان ئۈچۈن ، مەن ئۇنى قانداقمۇ بىر نەرسە قىلاي » دەپ ئويلىدى . مىيقىدا كۇلۈپ قويدى. ئۇرېنات دوختۇرغا ئۇچۇر قايتۇرماستىنلا كۆرۈپ بولۇپ ئۇچۇرنى يۇيۇۋەتتى.
دېمىسىمۇ رىنات دوختۇرنىڭ ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قىلغان ياردىمى ئىدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىسىمۇ بولاتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ، قۇربانمۇ كېسەلخانا ئۆي تەرەپكە يېتىپ كەلدى .ئۇ كېسەلخانا ئۆيگە كىرمەي ئىشىك تۇۋدە تۇرۇپ رەنانىڭ ھەرىكەتلىرىگە نەزەر سالاتتىى . رەنا بولسا غەمسىزلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ، دېرىزە سىرتىدىكى دەرەخكە قاراپ تۇراتتى . ئۇ كۆڭلىدە بىر نېملەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى . يەنە توساتتىن بېشىنى قايرىپ ئىشىك تەرەپكە قارىدى -دە ، ئىشىك تەرەپتە قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
- قۇربان دىرېكتور ،نېمە ئىچىگە كىرمەي سىرىتتا ماڭا قارايسىز يۈزۈمدە بىرەر نەرسە بارمىكەن ؟-دىدى.
ئۇنىڭغا ساختا كۈلۈمسىرەپ:
-سىز بىزنىڭ شىركەتكە بىر قارا مېھماننىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
-قۇربان دىرېكتور سىز شۇنچىلىك قالتىس تۇرسىڭىز قايسى قارا مېھمان ھۇجۇم قىلالايدۇ ؟ سىز توسۇيالمىدىڭىزمۇ ؟
-توغرا بىر قارا مېھمان ھۇجۇم قىلدى .لېكىن ، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئالاھىدىرەك .
-شۇنداقمۇ ؟ۋاي قانچىلىك ئالاھىدىرەك ؟سىزنىڭ كونا ئاشىقىڭىز سىزگە زىيانكەشلىك قىلمىغاندۇ ؟
-كونا ئاشىغىم بولسىغۇ ئاسان تۇتۇۋالالايتتىم . لېكىن، بۇ قېتىمقىسى ئوخشىمايدۇ . بىر كىچىك بالا بىزگە ھۇجۇم قىلدى
-چاقچاق قىلماڭە قۇربان دېرىكتور ،بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن …
رەنا ئىشەنمىگەندەك قىلىپ تۇرىشىغا قۇربان تېلېفوندىن بىر سۈرەتلىك ۋىدىئونى رەناغا بەردى . ۋىدىئودا ئوغلى ئەرفاتنىڭ فۇرقەتكە ئويۇن ياساپ بەرگەنلىكىنى كۆردى … ئەرفاتنىڭ كومپيۇتېرغا شۇنچىلىك ماھىر ئىكەنلىكىنى ھەتتا ،رەنانىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى .بۇنى كۆرۈپ ئۇ ھاڭ تاڭ قالدى .
- سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئەرفات ؟ سىزنىڭ
شىركىتىڭىزنىڭ تور بىكتىگە ھۇجۇم قىلدىمۇ ؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. سىز چاقچاق قىلىشقا بەك ئۇستىكەنسىز قۇربان دېرىكتور .
-قانداق سوفىيە خېنىم ؟ ئۆزىڭىز باققان بالىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزىڭىزنى بىلمەيدىكەنسىز .قاراڭە ، ئۇ كومپيۇتېرغا شۇنچىلىك ماھىر ئىكەن .
-مومكىن ئەمەس .
رەنانىڭ ئىشەنمىگەنلىك ھالىتىدىن قۇربان رەنانىڭ تىخىچە ئۆز ئوغلىنىڭ كومپيۇتېرغا ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقنى بىلدى .
-توغرا ، سىز ئىشەنمەيسىز. ئىشەنمىسىڭىز مېنىڭ قېشىمدا يەنە بىر سۈرەتلىك ۋىدىئو بار ، ئۇنى كۆرۈپ باقامسىز ؟ ئۇ تېلېفوننى يەنە رەناغا ئۇزارتتى .ۋىدىئودا ئوغلى ئەرفاتنىڭ قۇرباننىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ كومپيۇتېرغا چېقىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بۇ كۈن دەل قۇرباننىڭ شىركەتتىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ تورغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىكى ۋاقىت ئىدى .… رەنا ئىشەنمەي دېسىمۇ ئەمەلىيەت كۆز ئالدىدا تۇراتتى .
ئۇ كۆڭلىدە :«دېمەك ھەممە ئىشنى ئەرفات قپتۇ! »دەپ ئويلىدى . ئۇ ئوغلىنىڭ بۇ ئىشنى قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.بولۇپمۇ ئالتە ياشلىق ئوغلىنىڭ بۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلالىشىغا ئىشەنمەيتتى . ئۇ قۇرباننىڭ كومپيۇتېر جەھەتتە بىلىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ئەمما ئۆز ئوغلىنىڭمۇ قۇرباننىڭ ئىزىنى بېسىپ ، بىر كومپيۇتېر پېشۋاسى بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .
رەنا سەل تىنىچلىنۋالغاندىن كېيىن ، قۇربانغا قاراپ سىز نېمە قىلماقچى ؟ - دەپ سورىدى ئەنسىرەپ. ئەمەلىيەتتە، رەنا قۇرباننىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئوبدان بىلەتتى .ئەرفاتنىڭ ئۇنىڭغا سالغان زىيىنى كىچىك ئەمەس ئىدى . ئەگەر ،باشقا ئادەم بولغان بولسا قۇربان ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيتتى . يەنە بىر جەھەتتىن، قۇرباننىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلىغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى . لېكىن ،قۇربان ئەرفاتنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكى رەنانىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان رەنانىڭ كۆڭلىدە ،نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتىدە كۈلۈپ تۇرۇپ :
-مەن ھېچقانداق قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم . ئەگەر ،مەن بۇ ئىشنى سودا سانائەت باشقارمىسىدىكىلەرگە تاپشۇرسام ئۇ ۋاقىتتا ئوغلىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ .
- سىز بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ .ئەرفات ئۇ .…… رەنا تاسلا ئاغزىدىن چىقىرىۋېتەي ،-دېدى . لېكىن ، ئۆزىنى توختىتىۋالدى .
بۇ ۋاقىتتا ، قۇربان ئۇنىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىپ ، كۆزىگە قادىلىپ تۇرۇپ :
- نېمە ، ئۇ زادى مېنىڭ نېمەم ؟
-ھېچنېمە .… قانداق قىلسام ئوغلۇمنى قويۇپ بېرىسىز ؟
ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ، رەنا پەقەت ئوغلىنى قوغداشنىلا ئويلايتتى . رەنا ئەرفاتنىڭ قۇرباننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى . لېكىن ،بۇ قېتىم قۇربان رەناغا قانچىلىك بېسىم ئىشلىتىشتىن قەتىينەزەر ، ئۇ ئەسلى ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان ئىدى. چۈنكى ،كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەم دادا بولۇشقا لايىق ئەمەس ئىدى .ئۇنىڭ نەپرىتى قۇرباننى بىسىپ چۇشەلەيتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



