大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 56 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 56 ـ قىسىم aybarawazi
2024-03-16
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بۇ ئەسەرنىڭ 57 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49





55



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


56 - قىسىم



دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى .  ئەسلىدە ئۇنىڭ قورسىقى بەكمۇ ئېچىپ كەتمىگەن ئىدى .لېكىن. ئۇ قۇربانغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر نەرسە يېمىسە بولمايتتى . شۇندىلا ئۇ كىيىمنى كىيىپ ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرەلەيتتى .  قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى .، لېكىن ،ئۇنىڭغا  پۇرسەت بولماي قالغانىدى .  روزى ،ئۇنىڭغا قاراپ :  

-سىز ئەڭ ياخشىسى سىرتتا ساقلاڭ . دوختۇرمۇ ،-دېدى . دىرېكتور، تىخى  خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكىنى يوق .لېكىن ،سىز بۇ يەردىن ئايرىلسىڭىز بولمايدۇ.؟   

-چاقچاق قىلماڭە .مەن قەيەرگىمۇ باراي . ھېچ يەرگە بارمايمەن ،-دىدى    .

شۇنىڭ بىلەن   قادىرنىڭ ئاكىسى بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىغا بۇيرۇق قىلىپ، يەيدىغان نەرسەئەكەل،- دىدى  .  

بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تېلېفونى يەنە سايرىدى . تېلېفوننىڭ ئېكرانىدا ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسمى تۇراتتى .ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ : 

- ئاپا، قۇربان تېخى ھوشىغا كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ ئىنتايىن ئەنسىرىگەن ئىدى .   

-ئۇ قانداقراق؟

-  ئۇ بايا   ئوپېراتسىيە خانىدا ئىدى . ھازىرغىچە  ئەھۋالى ياخشى ئەمەس .دوختۇر ئۇنى ئەتىگىچە ھوشىغا كېلەلىشى مۇمكىن دەيدۇ .  

-ھە ،بولىدۇ ئەمىسە. سەن ئۇ يەردىن ئايرىلما .  ساڭا دەيدىغان مۇھىم بىرئىش  بار.  ئاكاڭنىڭ ئوغلى   ئېسىڭدە بارمۇ؟  ئۇ بەش يىل بۇرۇن ئۆيدىن ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى .  كېيىن ئۇقسام   قۇرباننىڭ ئۆيىدە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن . ھەمدە قۇرباننىڭ بەش يىل ئاۋۋالقى ئايالىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپتىكەن .  قۇرباننىڭ ئايالى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن  ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جىيەنىڭمۇ   ئىز دېرەكسىز يوقالدى .  كېيىن ،  مەن ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدىم .  ئۇنىمۇ شۇ سوفىيە خېنىم   ئەسىرگە ئېلىۋالغان ئىكەن . بۇ ئىشنى قۇربان دېرىكتورىمۇ ئوبدان بىلىدۇ ،- دېدى.

قادىرنىڭ ئاكىسى ھەيران بولۇپ :

- ئاپا ، بۇ زادى  نېمە ئىش ؟ ماڭا ئېنىقراق دەڭچۇ !

-بۇ ئىشنىڭ سوفىيە خېنىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمىكىن دەيمەن، ئوغلۇم . مەن  نەۋرەمدىن   بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالغان خەتتە ئاشۇنداق ئېيتقانكەن  .  ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى پەقەت سوفىيە خېنىم بىلەن ئوبدان بىلىدۇ .

- ئاپا ، ھازىر بۇ ئىشنى بىز دېمەي تۇرايلى . ئاۋۋال قۇربان ساق سالامەت كېسىلىدىن ساقايسۇن . ئۇنىڭدىن كېيىن بىز دېيىشەيلى .مەن سوفىيە خېنىمدىن ئەپۇ سوراپ ئامال بار جىيەنىمنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيمەن. ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى چۇقۇم تاپىمەن .

-ئەمىسە، ھازىر قانداق قىلساق بولار ؟- دېدى قادىرنىڭ ئاپىسى .  

-يەنە قانداق قىلالايتتۇق ، بۇ ئىش مۇشۇنداق بولدى. قۇربان بىزگە قانداق قارشى چىقسا مەيلى ، بىز چۇقۇم مەسۇلىيەتنى  ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك .  ھە راست ئاپا .…  سىزمۇ كۆپ ئويلىماي ياخشىراق ئارام ئېلىڭ .  

- ئوغلۇم .ئەگەر، ئىش بەكرەك ئېغىر بولۇپ قالسا ، مەن بېرىپ سېنىڭ ئورنۇڭدا ئەپۇ سوراي بولمىسا ؟

- ئاپا ، سىز كەلمەڭ! سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەس .دوختۇرخانىدا مېنى ساقلاڭ . بۇ يەردىكى ئىشلارغا مەن بار 

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تېلېفوننى قويىۋەتتى . ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ ،  يانچۇقىدىن بىر تال  تاماكىنى ئالدىدە چېكىشكە باشلىدى .  چۈنكى ،ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە ئۈچۈن قۇربان سوفىيە خېنىمنى ،جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ئۇنى قوغدايدۇ ؟...  چۈنكى ئۇ قۇربان بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشنى پەقەتلا خالىمايتتى .  ئەمەلىيەتتە ،قۇربانمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ   ئۇلارنىڭ جىيەنىنى تېپىشپ بېرىشكە ماقۇل بولغان ئىدى .  رەنا بولسا مىكروبسىز كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ   قۇربان ياتقان كېسەلخانا ئۆيىگە كىردى. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سېستىرالار ئۇنىڭغا ئوكۇل ئالماشتۇرۇۋاتقان ئىدى .  

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-« سېستىرا ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولسا بىزنى ئىزدەڭ دەپ تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى» .

كېسەلخانا كۆزىتىش ئۆيىدە  ، رەنا بىلەن قۇربانلا قېپقالغان ئىدى .  ئەتراپ تىپتىنچ بىر ئاز ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى .  رەنا ھوشسىز ياتقان قۇربانغا قاراپ ،  بەش يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى بىردىنبىر ئويلاپ چىقتى .  ئەزەلدىن قۇرباننىڭ بۇنداق ئاجىز ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . لېكىن بۈگۈنكى پەيتتە ،  ئۇ قۇرباننىڭ بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغىننى  كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا ئازراق كۆڭلى يۇمشاپ قالغاندەك ھېس قىلدى .  ھۇشسىز ياتقان قۇربان خۇددى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىغاندەكلا ياتاتتى. رەنانىڭ  كاللىنسى نۇرغۇن خىياللار چىرمىغانىدى ، ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشىغا توساتتىن ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى . تېلېفوننى ئۇنىڭ قىزى ئۇرغان  ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن  قىزىنىڭ سۈرەتلىك ئۇرغان تېلېفوننى ئالدى . 

- ئاپا .  قىزىنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك يۇمشاق بوغۇق ، ھالەتتە چىقاتتى .  

ئۇ ھازىرقى ھالەتتە قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ، يۈرىكى خۇددى پىچاق تىلغاندەك بولۇپ كەتتى .

- سۈرىيە ھازىر ئورنۇڭدىن تۇردۇڭمۇ .؟ ھەئە ئاپا ، بۈگۈن ئاپتاپ ناھايىتى ياخشى ئاپا ، مېنىڭ كۆكسۈم بىئارام بولىۋاتىدۇ ئاپا، سىز قەيەردە دوختۇرخانىدىمۇ ؟ سىز ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ ؟  

قىزىنىڭ جىددىيلەشكەن ھالىتىنى كۆرۈپ ، رەنا؛

- ئۇنداق ئەمەس ، قىزىم مەن ئاغرىپ قالمىدىم . مېنىڭ بىر دوستۇم ئاغرىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمەن 

-ئاپا ، سىزنىڭ دوستىڭىزمۇ ، مەن ئۇنى تونۇمىدىم ، ئۇ ئوغۇلمۇ قىزمۇ . ئاپا مەن كۆرۈپ باقايچۇ؟

- قىزىم سەن نېمىشقا؟ بۇ دوستۇمنى كۆرمەكچى بولۇپ قالدىڭ ؟  

-مەنمۇ بىلمىدىم ئاپا. شۇ كۆرگۈم كېلىپ ئاپا كۆرسەم بولمامدۇ؟ قىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قۇرباننىڭ ھالىتىغا ئوخشاش ئىدى . ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىراڭغۇ ، چىرايىدا قان دىدارى يوق ئىدى . رەنا ئەسلى قىزىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،ئۇ   ئاستاغىنە تېلېفوننىڭ ئېكراننىى قۇرباننىڭ يۈزىگە قاراتتى. 

-ئاپا، ئۇ كىمۇ؟

رەنا ، قىزىنىڭ مۇشۇنداق سورايدىغانلىقنى بىلەتتى .  لېكىن ، نېمىلا بولمىسۇن. سۈرىيە بىلەن ئەرافات قۇرباننىڭ پۇشتى ئىدى .    رەنا سەل جىددىيلەشكەن ئىدى.

- ئۇ مىنىڭ ……؟ ئۇ مېنىڭ داداممۇ ؟  قىزىنىڭ بۇنداق  دىيشىدىن ئۇ  نىم قىلارىنى  بىلمەي  قالغان ئىدى .  ئۇ گەپنى يۆتكەپ :

- قىزىم، سۈرىيە .بۇ ئىشنى مەن كېيىن ساڭا ئېيتىپ بېرەي بولامدۇ ؟

 سۈرىيە بىر ئاز ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى . لېكىن ،  يەنىلا چىرايغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

- ئاپا ،ئۇ نېمە بولدى؟ ئاغرىپ قالدىمۇ ؟ماڭا ئوخشاش ئاغرىقمۇ ؟ ئۇنداقتا ، سىز  ئۇنى شاڭخەيگە ئەكىلىپ   داۋالىتامسىز ؟ 

سۈرىيەگە نىسبەتەن ، دوختۇرخانىدا ياتقانلارنىڭ ھەممىسى كېسەل بىمارلار ئىدى .  ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقىلى ئۇزۇن  بولغاچقا دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەلمەيتتى .

- ئۇنداق ئەمەس، قىزىم .ئۇ ئازراق يارىلاندى . بىر ئاز دوختۇرخانىدا داۋالانسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .

- ئاپا ، ئۇنداقتا مېنىڭ كېسىلىم ساقايغان ۋاقتىدا ، مەن بېرىپ تاغامنى كۆرۈپ كەلسەم بولامدۇ،-  دېدى سۈرىيە .

قىزىنىڭ قۇرباننى «تاغا» دەپ  چاقىرغان بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەنانىڭ يۈرىكىنى بىر پىچاق تىلغاندەك بولدى . 

- قىزىم گەپ ئاڭلاڭ ، پەقەت دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىسىڭىزلا چۇقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسىز .

- كېسىلىڭىز ساقايغاندا  ،سىز تاغىڭىزنى كۆرۈپ كېلىمەن دېسىڭىزمۇ ،نېمە دېسىڭىز سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قوشۇلىمەن…؟ 

- ئاپا ، سىز نېمە دېگەن ياخشى. ئۇنداقتا، تاغامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ. بولمىسا ، مەن قايتىپ بارغاندا ئۇنى كۆرەلمەي قالماي. رەنا بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى . 

- قىزىم، سىزنىڭ تۇتۇق ئاتىڭىز كەلدىمۇ كەلمىدىمۇ؟ ئەگەر، ئۇ سىزنىڭ قاق سەھەردە تېلېفون ئوينىغىنىڭىزنى كۆرۈپ قالسا ، ئۇ چۇقۇم سىزنى ئەيىبلەيدۇ. بالدۇرراق تىلفۇننى يىغىشتۇرۋېلىڭ! 

-ماقۇل . ئاپا .

- ئەمىسە كېيىن كۆرۈشەيلى .

رەنا شۇنداق دېگىنىچە ،خۇشال بولۇپ تېلېفون قۇيۋەتتى . بىراق ،ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنمىغان ئىدى . ئۇ كېسەل كارۋىتىدا ياتقان قۇربانغا  قاراپ   نۇرغۇنلىغان خىياللار ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەزمەكتە  ئىدى. 

كۆڭلىدە ئۇ قۇربانغا سۈرىيەدەك بىر قىزنىڭ بارلىقىنىمۇ دېمەكچى بولغانلىقىنىمۇ ئويلىغانىدى .  بىراق ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قۇربان ئۇنى قوغداپ مۇشۇ سەۋەبتىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى رەنانىڭ كۆڭلىنى  سەل ئىرىتكەن ئىدى .  رەنا ئۆز قىزىنى ئويلىمىسا بولمايتتى .  ئىشقىلىپ  نۇرغۇنلىغان قالايمىقان خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەزمەكچى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ   ئورنىدىن  تۇرۇپ دوختۇرنى چاقىراي دەپ تۇرۇشىغا ،توساتتىن ئۇنىڭ قولىنى بىرىسى تۇتۇۋالدى …

- رەنا مەندىن ئايرىلماس كەتمەڭ !

قۇرباننىڭ ئاۋازى ئىنتايىن سوغۇق ئىدى .  بىراق، ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنانىڭ يۈرىكى  سەپ كەتكەن ئىدى .  ئۇ بېشىنى قايرىپ قارىسا ، قۇربان تېخى ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ئىدى .  

-رەنا، كەچۈرۈڭ .مەن بۇرۇنلا سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلالمىغان ئىكەنمەن. بالىلىرىمىزنىڭ تاسادىپىيلىققا ئۇچرىشى مېنىڭ خاتالىقىم.

قۇربان كۆزنى يۇمۇپ بۇ گەپلەرنى دىدى . ياشلىرى ئېقىشقا باشلىدى .  رەنا ئەسلى قولىنى  تارتىۋالاي دەپ ئويلىغانىدى .لېكىن ،ئۇ قۇرباننىڭ كۆزىدىكى ياشنى كۆرۈپ توختاپ قالدى .  ئۇ تۇنجى قېتىم قۇرباننىڭ يىغلىغىنىنى كۆرگەن  ئىدى.رەنا كۆڭلىدە «قۇرباننى   ياسالمىلىق قىلىۋاتىدۇ ، ئويۇن قويۇۋاتىدۇ ،-دەپ» ئويلىدى . 

- قۇربان .قولۇمنى قويۇۋېتىڭ !

بىراق ، قۇربان يەنىلا قالايمىقان جۆيلۈيتتى . 

- ئوبدان ئىنىم مېنى كەچۈرگىن . مېنى راستىنلا كەچۈرگىن. مەن  ... مەن سېنى ياخشى قوغدىيالمىدىم .  لېكىن ،مەن ساڭا  ۋەدە بېرەي. مەن سىنىڭ   ئوغلۇڭنى ئۆزۈمنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش كۆرىمەن .  ئۇ دۆت بولسۇن ياكى ئەقىللىق بولسۇن ، ئۇ يەنىلا سېنىڭ ئوغلۇڭ.

قۇربان ئويغانماي، بارغانسېرى قالايمىقان سۆزلەشكە باشلىغانىدى . قۇرباننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى   قۇدرەت بولۇپ   رەنا بۇرۇن بۇ قۇدرەتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى .  لېكىن ،بايا قۇرباننىڭ   مەن ئاكاڭ تۇرۇپ  سېنى قۇتقۇزالمىدىم دېگىنىدىن ،  بۇ قۇدرەت ئىسىملىك بۇ ئادەمنىڭ قۇرباننىڭ قوشكېزەك ئىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى .  رەنا ئىزچىل ئۆز- ئۆزىگە   بۇرۇنقى قۇرباننىڭ ئۆزىگە ئېيتقان مېنىڭ قوشكېزەك ئىنىم بار دېگەن ھېكايىسىنى بىر باھانە دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،ھازىرقى پەيتتە   بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئازراق ئىشەنگەن ئىدى.

- قۇربان ،مېنىڭ قولۇمنى قويۇۋېتىڭ . سىز ھازىر ئۆلۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ . سىز ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز ، مەن بېرىپ دوختۇرنى چاقىراي .

رەنا بوش ئاۋازدا قۇربانغا ئېيتاتتى . لېكىن ،قۇرباننىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپ كىرمىگەن ئىدى .  ئۇ يەنە جۆيلۈشكە باشلىدى 

- رەنا ، مەن سىزنى سۆيىمەن. مەندىن ئايرىلماڭ !ئەينى ۋاقىتتا ، سىز مېنىڭ ئوغلۇمغا ھامىلدار بولغان ۋاقتىڭىزدا مېنىڭ قانچە خۇشال بولغىنىمنى سىز بىلمەيسىز .  بىراق، ئۇ ۋاقىتتا مەن سىزنى قېشىمدا قالدۇرسام بولمايتتى .  چۈنكى، مەن مۇنىرەنىڭ سىزگە بىرەر ئىش قىلىپ قويۇشتىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم . بىراق ، رەنا مەن    بۇ ۋاقىتتا ، سىزنىڭ ئۇزىتىش مۇراسىمىڭىزنى ئۆتكۈزۈشۈمنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقماپتىمەن ؟  سىز شۇنداقلا كېتىپ قالدىڭىز ؟  مېنى تاشلىۋەتتىڭىز سىز مېنى ياخشى كۆرمەمتىڭىز؟  نېمە ئۈچۈن؟ سىز مېنىڭ بالامنى بىللە ئېلىپ كېتىسىز ؟  رەنا ، سىز قايتىپ كېلىڭ بولامدۇ ؟  پەقەت سىز قايتىپ كەلسىڭىزلا ؟ مەن نېمە ئىش بولسا سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن. سىزدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايمەن.  سىزنىڭ سىزغان سىزىقىڭىزدىن چىقمايمەن .  مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي،  مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .  سىزنى پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىمەن .  ئەينى ۋاقىتتا سىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى ، ئۈچ يىل ئىچىدە مەن ئاللىقاچان سىزنى ياخشى كۆرۈپ بولغان ئىدىم .  مەن بۇ ئىشنى ھېس قىلىپ كەتكەن ۋاقتىمدا، سىز بالامنى ئېلىپ يىراقلاپ كەتتىڭىز ؟  مەن ئىشەنمەيمەن، سىز ھەرگىزمۇ باشقا ئەرلەر بىلەن قېچىپ كەتمىدىڭىز ؟سىز  ، مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان تۇرۇپ  ، سىز مەن ئۈچۈن ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزدىڭىز .پۈتكۈل يامان ئاھانەتلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۈستىگە ئالدىڭىز.  مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ، سىز قانداقمۇ باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، رەنا؟  مېنىڭ يۈرۈكۈم ئاغرىۋاتىدۇ كەتمەڭ بولامدۇ ؟  ئوت ئاپىتىگە يۇلۇققان ۋاقتىڭىزدا ،سىز قانچىلىك قورقىغان بولغىيتتىڭىز ؟  شۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ كېلىپ سىزنى قۇتقۇزۇشۇمنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلغان بولغىيتتىڭىز، بىراق مەن باردىم كېچىكىپ قالدىم. رەنا مېنى كەچۈرۈڭ !

قۇربان ،بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ، كىچىك بالىدەك يىغلاشقا باشلىغانىدى


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k