
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 60 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 56 |
55 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
59 - قىسىم
قۇربانمۇ خىل گۇمانلىنىپ قالغان ئىدى.رەنا بۇ چاغدا فۇرقەت بىلەن ئەرفاتنى ياساندۇرۇپ ،ئەتكەن تاماقنى تاماق قۇتىسىغا قاچىلاپ تەييار بولغان ئىدى. سىرىتتا بولسا ئامانلىق ساقلغۇچىسى ئۇلارنى ساقلاۋاتاتتى.فۇرقەت گەرچە رەنانىڭ ئوغلى بولمىسمۇ ئۇ مۇنىرەگە ئۆچ بولسىمۇ كىچىك بالىدا نىمە گۇناھ .رەنا فۇرقەتكە شۇنچىلىق ياخشى مۇئامىيلە قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جابدۇنۇپ سىرىتقا چىقتى. ھەمدە ماشىنىغا چىقىپ دۇختۇرخانغا قاراپ ماڭدى.بىر ئازدىن كىيىن كىيىن ،ئۇلار دوختۇرخانغا كەلدى. ھەمدە فۇرقەت يۇگرەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى .
-ھەي كالۋا . سەن داداڭنىڭ قايسى كىسەلخاندا ياتقانلىقىنى بىلەمسە ؟ دەپ ۋارقىردى ئەرفات .
- ياق ، مەن بىلمەيمەن،- دىدى بىشىنى قاشلاپ.
-ئەمسە ، بىز بىلەن بىللە ماڭ ! دۆت .
ئەمسە ،-دىدى ئەرفات . فۇرقەت جىم بۇلۇپ قالدى .
-دادام ئۆلۇپ قالامۇ،ئاچا؟
- ئاغزىڭنى يۇم ،-دىدى ئەرفات قاپىنى تۇرۇپ.
فۇرقەت يەنە جىم بولۇپ قالدى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار قۇربان ياتقان كىسەلخانغا كىردى.قۇربان رەنانى كۆرۇپ كۆڭلى بەكلا يايراپ كەتكەن ئىدى.
- دادا،ياخشى بوپ قالدىڭىزمۇ ؟-دىدى فۇر قەت يۇگرەپ بىرىپ دادىسىنى قۇچاقلىدى .
ئەرفات بولسا ئۇنىڭغا قاراپ بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيدى .ئۇنىڭ بۇ ھالىتى قۇربانغا بەكمۇ ئوخشاپ قالغان ئىدى .رەنا تاماقلارنى ئۇستەل ئۇستىگە قۇيۇپ يان تەرەپتىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى.فۇر قەت دادىسىنى كۆرۇپ بەكمۇ خوش بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ،ئەرفات بىلەن فۇرقەت تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كەتتى .كىسەلخاندا بولسا قۇربان بىلەن رەنا قالغان ئىدى .قۇربان رەنانىڭ قولىنى تۇتۋىلىپ :
-مەن ،سىزنى ياخشى كۆرمەن .مىنى قۇچاقلاپ قۇيۇڭ ،-دىدى.رەنا كىلىپلا ئۇنىڭ لىۋىغا يىنىكىنە سۆيۈپ قويدى .
قۇربان رەنانىڭ ئۆزىنى ئاكتىپلىق بىلەن سۆيگىنىدىن ھەيران قالدى . ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى توك تەپكەندەك رەناغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . رەنامۇ سەل خىجىل بولۇپ ، كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ ،-دېدى . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەنادىن كەلگەن خوش پۇراق ھىدى قۇرباننىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلۇپ بۇ خوش پۇراقتىن ھوزۇر ئېلىۋاتقان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى باسالماي رەنانى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
- ئاپا ، مەن شورپا ئىچىمەن .
ئەرفاتنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئىككى ئادەمنى ئايرىۋەتتى . رەنا تېزلىكتە قۇرباننى ئىتتىرىۋەتتى .ھەمدە ئۇنىڭ يۈزلىرى قىپقىزىل ئاناردەك بولۇپ كەتكەن ئىدى .
-بىردەم ساقلاپ تۇرغىن ، مەن ساڭا ئۇسۇپ بېرەي.
رەنا شۇنداق دېگىنىچە ، تېزلىكتە شورپا ئۇسۇشقا تەمشەلدى . ئەرفات بولسا قۇربانغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . سەن ،ئاپامدىن يىراق تۇرۇشۇڭ كېرەك دېگەندەك بىشارەتتە قاراپ تۇراتتى .
قۇربان ئوغلىنىڭ بۇنداق غەزەپلەرچە تىكىلىپ قارىشىدىن ھەيران بولۇپ:
- ئەرفات ،سەنچە مەن ئاپاڭ بىلەن يارىشىپ قالسام خالىمايدىغان ئوخشىمامسەن ؟
قۇربان ،ئەسلىدە بۇ ئىشنى شۇنداق كىچىككىنە ئىش دەپ ئويلايتتى .، لېكىن ، ئەرفات بولسا ئۇنىڭغا ئاچچىقدا بىرنى ئالىيىۋەتتى . رەنا شورپىنى ئۇسۇپ بولغاندىن كېيىن ئوغلىغا تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالماي ، بوش ئاۋازدا :
-مەن قۇربان دېرىكتورغا يەيدىغان نەرسە ئاپىرىپ بېرەي دېدى
ئەرفات شۇنچە ئويلاپمۇ چۈشىنەلمىدى .چۈنكى ، ئۇ ئاپىسىنىڭ پەقەت سەمەت دېرىكتور بىلەنلا بىللە بولۇشنى بەكمۇ خالايتتى .لېكىن، ئۇ ھازىر قۇربانغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانمىدۇ ؟ دەپ ئويلىدى . رەنا بولسا تەستە قۇرباننىڭ ئالدىغا كېلىپ يەيدىغان نەرسە ئىلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى .
-سىز ،ماڭا يېگۈزۈپ قويۇڭ! بىلىكىم بەكلا ئاغرىپ كەتتى ،-دېدى قۇربان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- مەن خوجىدار ئايالنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتىم،- دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قۇربان ھەيرانلا قالدى .
- نېمە ئىش بولدى ؟
- ھېچ ئىش بولمىدى. بۇ ئايال داۋاملىق مېنى كۆرسىلا تىللاپ ، مېنى ياقتۇرماي كەتتى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم .
-نېمە ؟ سىز خۇشال بولمىدىڭىزمۇ ؟ ئۇنداق بولسا ، مەن ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلەي ،- دېدى رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ .
ئۇ راستىنلا چاقچاق قىلىۋاتمايۋاتقاندەك تۇراتتى . قۇربان بولسا بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ،
-خوجىدار ئايال قېرىپ قالدى. ئۇنىڭ پېنسىيىگە چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى . بۇ ئىشنى سىز مۇشۇنداق بېجىرگەن ئىكەنسىز مەن قارشى تۇرمايمەن . بىزنىڭ ئۆيدە سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب،-دىدى قۇربان .
- راستىنلا، مېنىڭ دېگىنىم ھېسابمۇ ؟ مىنىڭ سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىشىمدىن ئەنسىرمەمسىز؟- دېدى ئۇ قۇربانغا مەنىلىك قاراپ تۇرۇپ.
خوجىدار ئايالنىڭ ،قۇربان ئۈچۈن قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . ئۇ دەرۋەقە بۇ ئايالنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەنگە قۇرباندىن تەنقىد ئاڭلارمەنمىكىن دەپ ئويلىغانىدى .لېكىن ،ئىش ئەكسىچە چىقتى . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلاردا ئۇ نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلماقچى بولدى . قۇربان رەنانىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ :
- ئەگەر، سىز خۇشال بولىدىغان ئىش بولسا ، مىنى سېتىۋەتسىڭىزمۇ مېنىڭ كارىم يوق .
-ھى...ھى ، سىزدەك قېرىپ قالغان ئەرنى كىممۇ ئالار؟
رەنا قۇرباننى مەسخىرە قىلىدى ،قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ :
- مىنىڭ يېشىم قىرىقتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن، مېنىڭ ئەرلىك سېھرى كۈچۈم بار . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ،قېيىن ئاتام ماڭا ئون سەككىز ياشلىق قىزدىن بىرنى تونۇشتۇرغان ئىدى ،-دىدى .
-ۋاي تخى، ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ . ئەمىسە سىزنىڭمۇ ئون سەككىز ئون يەتتە ياشلىق قىزلارنى تاپقۇڭىز بارئوخشىمامدۇ؟ بولمىسا مەن سىزگە ئىزدەپ تېپىپ بەرمەيمەنمۇ؟ - دېدى رەنا سەل قىزغانغاندەك قىلىپ.
لېكىن ،قۇرباننىڭ يەنە داۋاملىق چاقچاق قىلىشقا كۆڭلى بارمىدى .
-ماڭا ،سىز بولسىڭىز بولدى . مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياۋايى خاراكتېرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن،- دېدى قۇربان . رەنانىڭ بىلىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
-ئۆزىڭىزنى بىسۋىلىڭ ھە ،-دىدى رەنا ئاگاھلاندۇرپ.
رەنا يېنىككىنە يۆتىلىپ قويدى . لېكىن، يۈزىدە بولسا خىجىللىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى . ئەرفات ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ مۇشتلىرىنى تۈگۈپ كەتكەن ئىدى . فۇرقەت ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ :
-ئاكا،ئاچام بىلەن دادام نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟
ئەرفات دەرھال فۇرقەتنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالدى. فۇرقەت بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ يەنە سوئال سورىدى :
-ئەرفات ئاكا ،دادام بىلەن ئاچامنىڭ مۇناسىۋىتى سەل بىنورمال ئىكەن ھە؟ دادام ئەزەلدىن ،ئاپامغا بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئەرفات ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قالدى
- سېنىڭ ئاپاڭچۇ ؟ئۇ نېمىشقا سېنىڭ داداڭ بىلەن كارى بولمايدۇ؟ ئاپاڭنى باشلاپ ئەكەلسەڭ ، داداڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا بولمامدۇ ؟ ھازىر ئاپامنى ئېزىقتۇرغىلى تۇردى سېنىڭ داداڭ،- دېدى ئەرفات ئاچچىقلاپ . فۇرقەت بېشىنى تۆۋەن ، سېلىپ تۇرۇپ :
- مەن باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئاپامنى دادام چوڭ ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋېتىپتۇ. مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن،-دىدى .
-ئۇ سېنىڭ ئاپاڭ ئەمەسمۇ ؟ئۇنى چوڭ ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋەتسە ، سەن نېمىشقا ئۇقمايسەن ؟ئەجەبا كېچىلىرى ئۆزۈڭ يالغۇز ئۇخلامسەن ؟
ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان فۇرقەت مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ قويدى
- بىللە ئۇخلاش بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن ؟ كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام مەن بىلەن بىللە ئۇخلىغان . لېكىن كېيىن دادامنىڭ ئېيتىشىچە ، ئوغۇل بالا يالغۇز ئۇخلاشنى ئادەت قىلىش كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپام ياندىكى ئۆيدە ئۇخلايتتى . لېكىن ئاپام بىلەن دادام ھەرگىزمۇ بىرەر قېتىم بىر ئۆيدە ئۇخلاپ باقمىغان . ھەمدە داداممۇ ،ئاپامنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىشىنى ياقتۇرمايدۇ ، رەت قىلىدۇ .
پۇرقەتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئەرفاتنىڭ تېخىمۇ گۇمانى قوزغالغان ئىدى . ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە:
-ئۇلار بىللە ئۇخلىمىسا، ئۇنداقتا سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردىكى خىزمەتكارلار ئاپاڭنى نېمە دەپ چاقىرىدۇ ؟مۇنىرە خىنىم .
فۇرقەت تەبىئىيلا مۇشۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى .
-سېنىڭ داداڭ بىلەن ئاپاڭ توي قىلمىدىمۇ ؟
- توي دېگەن نېمە ؟ - دېدى فۇرقەت بارمىقىنى چىشلەپ تۇرۇپ .
ئەرفات فۇرقەتنىڭ شۇنچە دۆت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئارتۇق گەپ قىلماي :
-ھېچنېمە.دەپلا بېشىنى قايرىپ ئاپىسى بىلەن قۇربانغا قارىدى .قۇرباننىڭ قولى ئىزچىل رەنانىڭ بېلىدە ئىدى . ئەرفات بۇنىڭغا چىدىيالماي. كېسەلخانا ئۆيىگە ئۈسۈپلا كىردى دە:
- ھەي قىرى، سز دېگەن ھازىر ئېغىر كېسەل . ئاپام مېنىڭ ھالىمدىن ھەم فۇرقەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا بولدى .
ئۇ مۇشۇنداق جاپا چېكىپ ھېرىپ كېتىدۇ . سىز نېمىشقا باشقا ئالاھىدە سېستىرالارنى ئۆزىڭىزگە قاراشقا بۇيرىمايسىز ؟
ئەرفاتنىڭ توساتتىنلا كىرىپ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلىغان قۇربان بىلەن رەنا ھەيران قالدى .
- سەن مېنى قىرى دىپ چاقىردىڭمۇ ؟ -دېدى قۇربان ھەيران قېلىپ .
-مەن شۇنداق قېرىمىكەنمەن ، -دېدى قۇربان ئەرفاتقا قاراپ تۇرۇپ ....
- سىز، قېرى ئەمەسمۇ ؟ سىز قىرىققا كىرەي دىدىڭىز . ماڭا قارىغاندا سىز دېگەن بىر قېرى .
- ئەرفات،- دېدى رەنا ئەرفاتقا قاراپ مەنىلىك ئىشارەت قىلىپ .
- ئاپا ، مەن يا خاتا گەپ قىلمىسام ؟
-ئەدەپسىزلىك قىلساڭ بولمايدۇ،-دىدى رەنا.
قۇربان سەل ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ :
- بولدى ...بولدى .ئۇ قانداق چاقىرغۇسى كەلسە شۇنداق چاقىرسۇن .ئۇ خۇشال بولسا بولدى . مەنمۇ ئۇنى داۋاملىق كىچىك سولتەك دەپ چاقىراتتىم ئەمەسمۇ كۆنۈپ قاپتىمەن- دېدى قۇربان ئەرفاتنى قوغداپ .
قۇرباننىڭ ئۆزىنى قۇغداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەرفات تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ ، يۇقىرى ئاۋازدا :
-مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى بىلمەيۋاتامسىز ؟ قۇربان، مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي بازىىغا بېرىپ مەشىقكە قاتناشمايمەن . ئاپام بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ جاپا چېكىدۇ . سىز ئۆزىڭىزگە سېسترا تەكلىپ قىلىۋېلىڭ ،- دېدى ئەرفات .
قۇربان ،ئەرفاتنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . چۈنكى ،ئۇنىڭ مەقسىتىدە ئۇ ئاپىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى .ئۇنىڭغا ھېچكىم يېقىن يوللىمىسا دەپ ئويلايتتى .
- سەن بىلەن فۇرقەت ھازىر چوڭ بولۇپ قالدىڭلار . ئاپاڭلار سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ، مەن ئاپاڭ بىلەن ماشىنا لايىھىسى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىۋاتىمەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يېڭى پىكىر ئىدىيەلەرنى ئىجاد قىلىپ چىقىرالايمىز . ماڭا ئالاھىدە سېستىرانىڭ لازىمى يوق . ناتونۇش ئاياللارنىڭ ماڭا يىقىن كىلىشىنى خالىمايمەن .
-بىراق، مېنىڭ ئاپاممۇ ناتونۇش ئەرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ياقتۇرمايدۇ ؟ - دېدى ئەرفات قۇربانغا قارشى چىقىپ
قۇربان بولسا گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى .بۇ ۋاقىتتا رەنا ئۆزىنى باسالماي قالدى.
«ئەرفات...»
رەنا ئەرفاتنىڭ داۋاملىق جېدەل قىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا قاپىقىنى تۈرگىنىچە ۋارقىراپ ئىسمىنى چاقىردى .
-ئۇ سىنىڭ ... دىيشىگە
-ئاپا ، ئەمىسە تۇتۇق دادامچۇ ؟ تۇتۇق دادام بۇرۇنلا دېگەن ئىدى . سىزنى رەسمىي ھالدا ئەمرىگە ئېلىپ توي قىلىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ، مەن ئاغرىپ قالغان ۋاقتىمدا ،تۇتۇق دادام ، مېنىڭ قېشىمدا مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغان ئىدى . مەن دادا مېھرىگە موھتاج بولغان ۋاقتىمدا تۇتۇق ، دادام ماڭا ھەمراھ بولغان . ئاپا ، سىز بۇنداق قىلسىڭىز تۇتۇق دادامغا يۈز كېلەلمەيسىز .
رەنا ئابايىقى ئىككى ئېغىز گېپىنىڭ ئاخىرىنى دەي دەپ تۇرۇشىغا ئەرفات بۇ گەپلەرنى دېيىشكە باشلاپ كەتكەن ئىدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇربان بىلەن رەنا ھاڭ تاڭ قالدى
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



