
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 88 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 86 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
87 - قىسىم
رەنا بولسا سىرتتا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى .
بۇ ۋاقىتتا سەمەتنىڭ ئاپىسى رەناغا تېلېفون قىلىپ لايىھە توغرىسىدا ئېغىز ئاچقان ئىدى . ھەمدە تېزلىكتە لايىھەنى پۈتكۈزۈپ شىركەتكە تاپشۇرۇشنى بۇيرىدى . بولمىسا ،سەمەت قۇربان بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كىردى -دە ئاپپاق قەغەزنى ئېلىپ لايىھە سىزىشقا باشلىدى . قۇربان بولسا . فۇرقەتكە قان تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى . ئۇ ساقچىخانىغا باردى . ئۇ ساقچىخانىغا بېرىشىغا بىر ئادەمنىڭ ئاپپاق خالاتنى كەيگىنىچە مۇنىرە تۇرىۋاتقان ئۆيگە قاراپ كىرىپ كىتۋاتقانلىقىنى كۆردى . مۇنىرە تۈرمىدە ئوغلىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ پۇت قولىدا جان يوق ئوغلۇنى سېغىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇنى تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ . ئەينى ۋاقىتتا ئاپىسى بەرگەن دورىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقنى ئېسىگە ئالدى .
مۇنىرە دوختۇرنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ يانچۇقىدىن ھېلىقى دورىنى ئالدى -دە . ئىچەي دەپ تۇرۇشىغا دوختۇر ئۇنىڭ دورىسىنى تارتىۋالدى . مۇنىرە قوپاللىق بىلەن .
-ئەكىلىڭ ،ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ! -دېدى دە ، ساراڭلارچە ئتىلىشقا باشلىدى . بىراق ، دوختۇر قولىدىكى دورىنى مەھكەم تۇتقىنىچە ، سىرتتىكى ئىشىك باقارنى چاقىردى .قوغدىغۇچى كىرىپلا مۇنىرەنى چىڭ تۇتۇۋالدى .
-دوختۇر، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟
- ياق ، ھېچ ئىش بولمىدى .
دوختۇر قولىدىكى دورىغا قاراپ ھەيران قالدى -دە .
- بۇ دورىنى نەدىن تاپتىڭىز؟
بىراق ،مۇنىرە گەپ قىلماي جىم تۇراتتى . ئۇ داۋاملىق ساراڭ بولۇشنى تاللىدى .
-مېنىڭ كەمپۈتۇم ، كەمپۈتۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ ؟
مۇنىرە بارچە كۈچى بىلەن دورىنى ئالماقچى بولدى .لېكىن ، قوغدىغۇچى ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
- مەن تېلېفون ئۇرۇشۇم كېرەك .
- بولىدۇ ،قېنى مەرھەمەت ،- دېدى ئىشىك باقار .
-قايتىپ كەل ! مېنىڭ دورامنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر .
مۇنىرە ساراڭلارچە ۋارقىراشقا باشلىدى . ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇنىڭ ۋارقىراشلىرىغا چىدىماي قورسىقىغا بىرنى تەپتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىممىدە بولۇپ قالدى . ئۇ «فۇرقەت ،،،فۇرقەت مېنىڭ ئوغلۇم» ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قورسىقىنى تۇتۇپ يېتىپلا قالدى . دوختۇر سىرتقا چىقىپ ھېلىقى دورىنى ئالغاندىن كېيىن قۇربانغا تېلېفون قىلدى .
- دېرىكتور، سىزگە مۇھىم بىر ئىشنى دېيىشىم كېرەك.
-ھە ، قېنى سۆزلەڭ .
دوختۇر ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا .
- مەن ھازىر ساقچىخانىدا ، مەن بايا مۇنىرە بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم .ئۇنىڭدا بىر تال دورا بار ئىكەن. ئەسلىدە ئۇ دورىنى يىمەكچى بولغانىدى . مەن ئالدىن كېلىپ بۇنى بايقاپ قالدىم . ئۇ ،بەلكىم مېنى ئاپىسى ئەۋەتكەن ئادەم ئوخشايدۇ دەپ قالدى .
-نېمە دورا ؟ قانداق دورا ؟
-بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن، پەرىزىمگە ئاساسلانغاندا بۇ زەھەرلىك دۇرا بولۇشى مۇمكىن . بۇ خىل دورىنى ئىچكەندە . تەستىرەك ئادەمگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن . لېكىن ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ،- دېدى دوختۇر .
–تۇرسۇنگۈل، قىزىنى ئۆلسۇن دېدىمىكىنە. ئۇ دېگەن ئۆزىنىڭ ئۆز قىزى تۇرسا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىش كېتەمدۇ ،- دېدى قۇربان . بەلكىم ،ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ ئۇ باشقىلاردىن پايدىلىنىپ بىرەر ئىش قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . بۇ تۇرسۇنگۈل ،ئىنتايىن ھىيلگەر خوتۇن . ئۇ قىزىنى بۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ .
-ئۇ مۇشۇنداق پەسكەش ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ ئوغلىنى كۆرمەكچى. لېكىن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى . مەن ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياسالمىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ ،-دېدى . دىرېكتور سىز قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز ؟
-مۇنىرەنى دەرھال ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ تارقىتىڭلار ھەمدە ئۇنى نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكەڭلار ئۇنى ئايرىم داۋالاڭلار! ھازىرچە مۇنىرە ئۆلسە بولمايدۇ. نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىمىز كېرەك .
-خوپ، بولىدۇ .
دوختۇر تېلېفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن مۇنىرەنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتتى . يەر يۈزىدە بولسا مۇنىرە قورسىقىنى تۇتقىنچە ياتاتتى.مۇنىرە دوختۇرنى كۆرگەندىن كېيىن :
-سىز، ئاپام ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم شۇنداقمۇ ؟سىز مېنى ئېلىپ چىقىپ كېتىسىز ؟چۇقۇم ئېلىپ چىقىپ كېتىسىز ؟مېنىڭ ئوغلۇم ئاغرىپ قالدى .مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك .سىزگە قانچە پۇل بولسا ، مەن بېرەي .مېنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭ !
مۇنىرە بەكلا ھەيران قالغانىدى . دوختۇر ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا : -ئەگەر، چىقىپ كەتكىڭىز بولسا مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشىڭىز كېرەك .
-ماقۇل ، ئاڭلايمەن .
دوختۇر ، مۇنىرەگە نېرۋا پارچىلىنىش دەپ دىئاگنوز قويۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىشقا تەستىقلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي شۇ كۈنىلا مۇنىرەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان يولدا مۇنىرەنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز ئاغرىپ ۋارقىراپ كەتتى . ئۇ تازلىق ئۆيىگە بارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى . لېكىن ، ھېچكىم ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان ئىدى . جىق ۋارقىراشلاردىن كېيىن دۇختۇر ياندا تۇرغان ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇنى تازلىق ئۆيىگە ئاپاردى .مۇنىرە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتتى .
بۇ، خەۋەر قۇرباننىڭ قۇلىقىغا يەتتى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساقچىخانىدىكىلەر بىرلىشىپ مۇنىرەنى ئىزدەشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ،رەنا كېسەلخانا ئۆيدە لايىھە سىزىپ ئولتۇراتتى .ھەمدە چۈشلۈك تاماق تەييار قىلىپ روزىدىن قۇربانغا ئەۋەتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن روزى تېلېفون قىلدى .
-خېنىم ، سىزگە ئېيتدىغان بىر گەپ بار . مۇنىرە قېچىپ كېتىپتۇ .
-نېمە ؟
رەنا شۇ زامات قاپىقىنى تۈرۈپ كەتتى . -ساقچىخانىنىڭ بەلگىلىمىسى شۇنچىلىك چىڭ تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ قاچالايدۇ ؟
روزى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى رەناغا ئېيتىپ بەردى .
-ئەجىبا ،تۇرسۇنگۈل قىزنى ئۆلتۈرمەكچمىدۇ؟
-بىز مۇشۇنداق پەرەز قىلالايمىز. بىراق ، مۇنىرە قانچىلىك خەتەرگە يولۇقىشدىن قەتىئينەزەر، فۇرقەت بەگزادىنى كۆرگىلى كېلىشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا بىز بۈگۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلىشىمىز كېرەك .سىز ۋە بەگزادىلەر ھەرگىز سىرتقا چىقىشىڭلارغا بولمايدۇ !-دېدى روزى .
-بولىدۇ . چىقمايمىز ،-دىدى رەنا.
ئەرفات بىلەن فۇرقەت ناھايىتى خۇشال -خۇرام ئويناۋاتتى. ئۇلار ئۇيناپ ئۇيناپ كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى. رەنامۇ سافادا ئۇخلاپ قالدى.مۇنىرە بۇ ۋاقىتتا كەلگەن ئىدى.ئۇ كىسەلخانا ئۆيگە كىرىپلا رەنانى كۆرۇپ غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا قارۋەتكەندىن كىيىن ئۇدۇللا كىسەل كارۋىتىغا قاردى.كارۋاتتا فۇرقەت بىلەن ئەرفات شىرىن ئۇيقىدا ئۇخلاۋاتاتى. ئۇ بۇلارنى كۆرۇپ بەكلا ئاچىقى كىلىپ كەتتى.ھەمدە رەنادىن ئۆچ ئىلىش ئۇچۇن ئىككلا بالىنى كۆتۇرگىنچە چىقىپ كەتتى.
چىقىپ كىتىش ئالدىدا ئۇ كىسەلخانىدىكى كۇزىتىش ئاپىراتىنى بۇزۇپ چىقۋەتتى. ھەمدە ئاستاغىنە كىسەلخانا ئۆيدىن ئايرىلدى.رەنا ئويغىنىپ قارسا دەرىزە ئۇچۇق .كارۋتقا قارسا فۇرقەت بىلەن ئەرفات كۆرۇنمەيتتى،ئۇ بەكلا جىدىيلىشىپ ۋارقىرىۋەتتى .سىرىتكى ئامانلىق قوغدىغۇچى يۇگرەپ كىرىپ كەلدى .ھەمدە گۇرۇپپىغا بۆلنىپ بالىلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. بالىلار ھىچ يەردە كۆرۇنمەيتى.رەنا دەرھال قۇربانغا تىلفۇن قىلدى.قۇربان باللىرىمىز يوقاپ كەتتى،-دىدى .
ھايال ئۆتمەي قۇربانمۇ يىتىپ كەلدى. ئۇ رەنانى كۆرۇپ قۇچاقلىغىنچە:
-ئۆزىڭىزگە ئىشنىڭ. ئۇ چۇقۇم قايتىپ كىلدۇ.بىز باللىرىمىزنى تاپالايمىز ،-دىدى.
رەنا بىشىنى لىڭشىتتى.لىكىن، ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئىشەنىچ قالمىغان ئىدى.ئۇ كۆڭلىدە مۇنىرەنىڭ ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئويلىدى. دىمسىمۇ شۇنداق ئىدى.فۇرقەت بولسا ئۆزىنىڭ ئوغلى .لىكىن ،ئۇ ئەرفاتقا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ رەناغا ئايان ئىدى. ئىشقىلىپ ھەممە ئىشلار قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىدى.قۇربان بىلەن رەنانىڭ بۇ چاغدا سۇكۇت قىلماقتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.
ئەرفات بىلەن فۇرقەت يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن قۇربان، قادىرنىڭ ئاكىسى . ھەتتا قادىرمۇ قول تىقىپ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغان ئىدى . مۇنىرەنىڭ ، ئاپىسى، تۇرسۇنگۈل ئوخشاشلا شىركەتتە ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن بېرىش ، كېلىش قىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى . مۇنىرەنىڭ قولىدىكى زەھەرلىك دورا ئېنىقلاپ چىقىلدى . بۇ جاننى ئالىدىغان دورا ئىدى . ئەقلى يەتمىگەن يېرى شۇكى مۇنىرە تۇرسۇنگۈلنىڭ ئۆز بالىسى تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرىدۇ دېگەن مەسىلە ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە زىخ بولۇپ تۇراتتى. ئۇلار شۇنداق ئىزدەپمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىدى. ھەتتا، تۇرسۇنگۈلمۇ ئۆزىنىڭ قىزىنى ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدى. كەيپىياتى مۇقىملاشمىغان رەنانىڭمۇ ئىككىنچى كۈنىسى لاھىيىلىگەن رەسىمى پۇتۇپ قالاي دېدى.
ھەمدە شاڭخەيدىكى باش شىركەتكە يوللاپ بەردى . باش شىركەت ئۇنىڭ لايىھىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەمكارلىقنى رەسمىي تۈردە باشلىۋەتتى . قۇربان رەنانىڭ خىزمەتكە بېرىلىپ ئىشلەۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى . ئۇنى ھەر قانچە توسسىمۇ رەنا يەنىلا توختىماي خىزمەت قىلىۋەردى . ساق بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئەرفاتنىڭ ھېچقانداق دېرىكى يوق ئىدى. بۇ ۋاقىتتا رەنا ئاغرىپ قالدى .
بىر كۈنى كەچتە ، رەنانى قارا بېسىپ قالدى .چۈشىدە، ئوغلىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ھەر قانچە قىلىپ قۇتقۇزالمىغانلىقىنى كۆرۈپ . «ئەرفات» دېگىنىچە ئويغىنىپ تۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدىنى قارا تەرگە چۆمۈلگەنىدى .
-يامان چۇش كۆرۇپ قاپسىزمۇ ؟-دېدى قۇربان ياستۇق بېشىدىكى چىراغنى يېقىپ .
-مەن چۈشۈمدە ناھايىتى چوڭ ئوتنى كۆردۈم .ئوتتا ئوغلۇم كۆيۈپ كېتىپ بارغۇدەك. ئۇنىڭ ھەر بىر بەدەنلىرى كۆيۈۋاتقاندا ئۇ بەك ئازاب تارتىپتۇ ، ئۇ مېنى چاقىردى . لېكىن، مەن ئۇنى قۇتقۇزالمىدىم . دېگىنىچە يىغلاپ سالدى . قۇربان ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىغىنچە:
-مەن، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئاختۇردۇم ھەر بىر دۇكانلارنى بىردىن قويماي ئاختۇردۇم .لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىدىم .رەنا سىزنىڭ ئالدىراۋاتقانلىقىڭىزنى مەنمۇ بىلىمەن . مەنمۇ ئالدىراۋاتىمەن . ئەرفات مېنىڭمۇ ئوغلۇم. بىزنىڭ قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئوغلى .
چۇقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ . دېگىنىچە رەنانى باغرىغا باستى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



