
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 99 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 91 |
90 |
89 |
88 |
87 |
86 |
| 97 |
96 |
95 |
94 |
93 |
92 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
98 - قىسىم
- مەن پەقەت ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى؟- دىدى قۇربان.
ئۇنىڭ مەيدىسىدىن قان چىقىشقا باشلىدى . خوجىدار ئايال ئۇنىڭ يېنىدا ئازابلىنىشقا چىدىيالمىدى ، ھەمدە؛
- ماقۇل . مەن ئېيتىپ بېرەي .ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزمەڭ .سىز نېمىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، مەن ئېيتىپ بېرەي ،-دىدى غۇجىدار ئايال يىغلىغىنچە.- ئورنى…ئورنى شاڭخەي. مەن ئۇلارنى يۈك توشۇش كېمىسىدە شاڭخەيگە ئاپىرىۋەتكەن ئىدىم. ئۇ يەردە بىر چوڭ كېچىلىك يىغىلىش بار . ئۇلار ۋاقىت بەلگىلەپ ئۇ يەردىكى مالنى ئادەملەرنى كىمارتۇق قىلىپ ساتىدۇ . ئۇ يەردە مېنىڭ ئادىمىم بار. بەلكىم ، بالا ئاللىقاچان سېتىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ،-دىدى.
قۇربان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . ئۇنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ ئاغرىشقا باشلىدى .ھەمدە يەنە ئاغزىدىن قان چاچراپ كېسەل كارۋىتىنى قان قىلىۋەتتى .غۇجىدار ئايال يىغلىۋەتتى.
-ئەپەندىم! دىگىچە ئۇنى يۆلەشكە باشلىدى. لىكىن ،قۇربان ئۇنى سىلكىۋەتتى.
-ھازىردىن باشلاپ،ئەڭ ياخشىسى رەنانىڭ تېنچ ئامانلىقى ئۈچۈن تىلەپ قويۇڭ بولمىسا ،،،دېدى قۇربان ئايالغا قاراپ .
- نېمە ئۈچۈن ئۇ بىر ئايال كىشىغۇ ؟ بەش يىل بۇرۇن ئۇنى ياخشى كۆرمەيتىڭىزغۇ؟ ئۇ سىزنىڭ قېشىڭىزدىن كەتمەيتتى . ئۇ ھازىر ياخشى كىيىنىپ، چىرايلىق يۈرگەچكە ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ ؟- دېدى خوجدارئايال . قۇربان خوجىدار ئايالغا:
- بەش يىل بۇرۇن مەن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم . مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشمنى بىلمەيتتىم .لېكىن ،ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ بالامغا ھامىلدار بولغانىدى. مىنڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقمنى بىلەمسىز؟ لېكىن مېنىڭ بۇ خۇشاللىقىمنى بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتى يوق قىلدى. مەن شۇ سەۋەبلىك نەچچە يىل ئازابلاندىم. ئەمدى مەن شۇ خۇشاللىقىمنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى.
ئۇ بۇرۇن مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى. ھەر كۈنى كۈنى كەچتە قايتىپ كەلسەم مېنى ساقلايتتى. مەن مەست بولۇپ قالغان ۋاقتىمدا ھاردىم تالدىم دېمەي مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى . مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .مەن ئۇنىڭ قېشىدا بولسام كۆڭلۈم ئىنتايىن خاتىرجەم بولاتتى .ئۆزۇمنى بەكلا بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم . بىراق، 5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتى ئۇنى مېنىڭ قېشىمدىن ئايرىدى. مەن بۇ ئىشنى بەكلا غەلىتىلىك ھېس قىلىمەن .لېكىن تەكشۈرۈپمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم . مەن ھازىر ئۇنىڭغا بۇرۇنقىنى تولۇقلاپ بىرەي دېسەممۇ ئۇ ھازىر مېنىڭ قېشىمدا ئەمەس . لېكىن ،مەن ھازىر چۈشىنىپ يەتتىمكى ھەممە ئىشنى پىلانلىغان سىز ئىكەنسىز . بەلكىم ،5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتى سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .5يىل بۇرۇن ، سىز ئۇنىڭغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىڭىز. مەن تېخى سىزنى ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. لېكىن ،ھازىر ھازىر بىلدىمكى ، سىز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدىكەنسىز زادى نېمە ئۈچۈن ؟ دېدى قۇربان .
-مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىز ئۈچۈن قىلدىم . 5يىل بۇرۇن سىز ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىڭىز. بىراق ،ئۇ ئۆلسىمۇ سىزگە چاپلىشىپ يۈردى .مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ پەقەتلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىم كېرەك . لېكىن ، ئۇنىڭ مۇھەببىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى بۇ يەردىن ئايرىۋېتىشنى ئويلىدىم . ئۇ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن قورسىقىدا قاپتىكەن. بۇ ۋاقىتتا مۇنىرەنىڭمۇ ئىنىڭىزدىن بويىدا قالدى . بۇ ئىنىڭىزنىڭ ئاخىرقى پۇشتى . مەن رەنانىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا قۇيۇشنى پەقەتلا خالىمىدىم،- دىدى غۇجىدار ئايال.
قۇربان ئايالى ۋە ئوغلىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ خوجىدار ئايال ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا كۇلۇپ كەتتى.
-سىز ، مەن بىلەن ئىنىمغا مۇشۇنداق كۆيۈنەمسىز ؟ سىز زادى نېمىڭىزگە تايىنىپ مۇشۇنداق قىلىسىز ؟زادى نېمىگە ئاساسەن ؟بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمزنى سىز بەلگىلەيسىز ؟ سىز دېگەن بىزنىڭ ئاپىمىز ئەمەس . ھازىر، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئاپاممۇ مېنىڭ بۇ ئىشلىرىمغا ئارىلاشمايدىغان تۇرسا . سىز نېمىشقا بۇنداق زەھەرخەندىلىك قىلىسىز ؟ - دېدى قۇربان .
-نېمىڭىزگە ئاساسەن ؟ قۇربان سىزگە ئېيتىپ قوياي . ئەگەر ،مەن بولمىغان بولسام ، بۇ دۇنيادا سىز بىلەن ئىنىڭىز ھەرگىزمۇ بولمايتتى،- دېدى غوجىدارئايال.
-سىز، ھەممە ئىشنى يوق قىلىشقا ئۇستا ئىكەنسىز؟ مىنڭ ھازىر سىز بىلەن پاراڭلىشىشقا ۋاقتىم يوق . روزى ، ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئايالنى تۇتۇپ سولاپ قويۇڭلار ! پەقەت بولمىسا قادىرنىڭ ئاكىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭلار . ئائىلىدە، كىم خوجىدار ئايالنىڭ ئادىمى ، ھەممىنى تەكشۈرۈپ چىقىڭلار .ھەمدە ھازىرلا ماڭا ، شاڭخەينىڭ ئايروپىلان بېلىتىدىن بىرنى زاكاز قىلىپ بەر ، ھازىرلا ئايروپىلان بىلەن شاڭخەيگە قايتىمەن،-دېدى قۇربان جىددىيغىنە، ھەمدە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى .
روزى بېرىپلا غوجدار ئايالنى تۇتۇۋالدى .
- سىز بارسىڭىز بولمايدۇ؟ ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ ھازىر سالامەتلىكىڭىز بۇنداق تۇرسا سىز قانداقمۇ شاڭخەيگە بارالايسىز ؟ سىز ھازىر بۇ يەرگە بارسىڭىزمۇ رەنا ئاللىقاچان باشقىلارغا بۇزۇلۇپ بولدى. سىز بۇنداق بۇزۇق ئايال بىلەن بىللە ئۆتۈشنى خالامسىز ؟
چاڭ قىلغان تەستەك غۇجىدار ئايالنىڭ ئوڭ يۈزىگە تەگدى .
- ئۇ ھەر قانچە تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ ،بىز سىزدىن پاكىز .
-سىز چۇقۇم پۇشايمان قىلىسىز. ماڭا مۇشۇنداق قىلغىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسىز ؟-دېدى خوجىدار ئايال تۇلغانغىنىچە .
قۇربان ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي دەرھال كىرىپ كىيىمنى ئالماشتۇردى ۋە شاڭخەيگە قايتتى . بۇ ۋاقىتتا روزى يۈز بەرگەن ھەممە ئىشلارنى قادىرنىڭ ئاكىسىغا ئېيتقان ئىدى . قۇربان بىر دەمنىڭ ئارىلىقىدا شاڭخەيگە يېتىپ باردى ھەمدە ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي ھېلىقى سېستىرا باشلاپ بارغان ھېلىقى ئۆيگە كىردى . بىرىسى قۇربانغا قاراپ:
- ئەپەندىم ،كىمارتۇق قىلىپ سېتىش ئاللىقاچان ئاياغلاشتى ،-دېدى .
- كىم رەنانى سېتىۋالدى ؟زادى كىم؟ ماڭا كىمنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىلا، مەن ئۇنىڭغا كۆپ پۇل بېرىمەن ؟- دېدى قۇربان .
قۇربان ساراڭلارچە تېلېفونىنى چىقىرىپ رەسىمدىكى رەنانىڭ رەسىمىنى ئەتراپتىكىلەرگە كۆرسەتتى. ئۇ يەردىكى قارا كىيىم كيىگەن ئادەم ، بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن سەل ھەيران قالدى . ئۇ سەمەت دىرېكتورنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭغا دېسە بولمايتتى .
-كەچۈرۈڭ ، ئەپەندىم . بۇ يەردە ئۇنداق ئايال كىشى يوق . بىز بۇ يەرگە كەلگەن ئادەملەرنى ئىنتايىن مەخپىي ساقلىشىمىز كېرەك . قايتىپ كېتىڭ !-دېدى .
-سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي قانچە پۇل ئالىمەن دېسەڭلار مەن قوشۇلىمەن، ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار ؟-دېدى يېنىدىكى بارلىق پۇللارنى چىقىرىپ . ھېلىقى قارا كىيىم كەيگەن ئادەم ، سەمەت دېرىكتورنىڭ گېپىنى چىقارماي ئۇنىڭ پۇلىنى ئالدى ۋە قۇربانغا :
-بۇ ئايالنى بىر ئافرىقىلىق سودىگەر سىتىۋالدى .ئۇنىڭ قانداق ئارقا تېرىكى بار ؟ ئۇنى مەن بەكمۇ ئېنىق بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن،-دىدى.
- ئافرىقىلىق سودىگەر ؟؟؟
قۇربان ھەيران قالدى . ئۇنى راستىنلا چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ دەپلا ئايلىنىپ چۇشتى . ھېلىقى سېستىرامۇ ئۇ يەردە تېخى بار ئىدى .ھەمدە قۇرباننىڭ ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا باردى . ئەسلىدە سەمەت دېرىكتور ئۇ يەردىكى ھەممە ئادەملەرنى سېتىۋالدى. بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمەسلىكنى رەنانى سەمەتنىڭ سىتىۋالغانلىقىنى ھېچكىم ئۇنىڭغا دېمىگەن ئىدى . سەمەت دېرىكتور رەنانى مەلۇم بىر ئۆيگە ھېچكىم بارمايدىغان ، بىخەتەر بىر جايغا ئاپارغان ئىدى . ئۇ ھوشىغا كېلىپ قارىغان ۋاقىتتا كارىۋاتقا ئۆزىنىڭ باغلانغان ھالىتىنى ، پۇت قوللىرىنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئۇ ھىچنىمنى ئەسلىيەلمىگەن ئىدى .باشلىرى قېيىپ ، بىر نەرسىنى ئويلاي دېسىمۇ ئويلىيالمىغان ئىدى . ئۇنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا بىرسى يېتىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتتا، رەنا كۆزنى يۇمۇپ يېتىۋالغان ئىدى .
سەمەت دېرىكتور ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇھ تارتقىنچە:
-تېخى ھازىرغىچە ھوشىڭىز كەلمىدىڭىزمۇ ؟قارىغاندا يول ئازابىنى بەكرەك تارتقان ئوخشايسىز؟ بوپتۇ ، ھېچقىسى يوق . ھازىردىن باشلاپ ھېچكىم سىزگە ئازار يەتكۈزەلمەيدۇ . دېگەنچە رەنانىڭ قولىنى تۇتقاچ ئۇنىڭ قولىنى سىيلىدى . رەنا چۆچۈگىنىچە كۆزنى ئاچتى .
–ئويغاندىڭىزمۇ؟ قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ ؟ دوختۇر ئېيتتى ،سىزگە سۇ بەرسەم بولمايدىكەن ؟ سوغۇق سۇ زىيانلىق ئىكەن . مەن ئەتىگەندە تۇرۇپ بۇلاقتىن سۇ ئەكىرگەن ئىدىم دەپ سۇنى ئۇنىڭ ئاغزىغا قويۇشقا باشلىدى . رەنا ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىندىن ھەيران بولۇپ:
-سەمەت ، نېمە ئۈچۈن مېنى باغلاپ قويىسىز ؟ سەمەت كۈلگىنىچە:
-خاتىرجەم بولۇڭ! مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا سىزنى باغلاپ قويدۇم . سىزگە زىيان زەخمەت يەتكۈزمەيمەن . سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە يارا بار . دوختۇرغا ماسلىشىپ چۇقۇم ياخشى داۋالىنىشىڭىز كېرەك . سىزنى قالايمىقان مىدىرلىسا بولمايدۇ دىگەن بۇ دوختۇرنىڭ ھاۋالىسى .شۇڭا مەن سىزنى باغلاپ قويدۇم .ياخشى بولۇپ كەتسىڭىز سىزنى قويىۋىتىمەن ،-دىدى .
بىراق رەنا تىركەشكىنچە:
-مېنى قويىۋىتىڭ ؟ مەن بۇ يەردە تۇرسام بولمايدۇ . سەمەت مەن سىزنىڭ مېنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىڭىزنى بىلىمەن . يەنە بىر ئادەمگەرچىلىك قەرز بولغىنىمنى بىلىمەن . بۇ ياخشىلىقىڭىزغا چۇقۇم جاۋاب قايتۇرىمەن . بىراق، مەن ھازىر بۇ يەردە تۇرسام بولمايدۇ .چۈنكى ،قۇربان مېنىڭ سېتىلىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ. ئۇ ھازىر جىددىيلىشىپ ساراڭ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس . مەن چۇقۇم ئۈرۈمچىگە قايتىشىم كېرەك. مېنى ئۈرۈمچىگە قايتقىلى قويۇڭ بولامدۇ ؟
رەنا ئېغىزدىن چۈشۈرمەي قۇربان، ئەرفات ، دەپ سۆزلەۋېرەتتى .
- گەپ ئاڭلاڭ ، سىز ھازىر ياخشى داۋالىنىشىڭىز كېرەك . سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن دېيىشەيلى .
-سەمەت، ئەرفات ھازىر خەتەر ئىچىدە ،ئۇنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنى ئۇقمايمەن ، مەن قايتىشىم كېرەك . مېنى قويۇۋېتىڭ ؟
رەنانىڭ پۈتۇن ئەس يادى قۇربان بىلەن ئەرفاتتا ئىدى . رەنانىڭ بۇ جىددىي ھالىتى سەمەتكە سەل تەسىر قىلغان ئىدى .
-قۇربان،،، قۇربان. سىزنىڭ كاللىڭىزدا مۇشۇ قۇربانلار بار . رەنا سىزگە ئېنىق بوپ كەتسۇن ، 5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە مەن سىزنى قۇتۇلدۇرغان ئىدىم. سىزگە بىر ھاياتلىق يولى ئاتا قىلغان ئىدىم. ھەمدە سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ سالامەت تۇغۇلۇشقا ياردەم قىلدىم . 5يىلدىن بۇيان سىز ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىسىز. مەن سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن ، سىز بۇنى چۈشىنىپ يەتمىدىڭىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە قۇربانلا بار؟ ماڭا ئازراقمۇ ئورۇن بەرمەيسىز ؟-دىدى سەمەت…
رەنا، تۇنجى قىتىم سەمەتنىڭ ئاچىقلىنىشىنى كۆرىشى ئىدى. ئۇ نىم قىلارىنى بىلمەي قالدى.
-سەمەت ،بۇ سىزنىڭ نىم دىگىنىڭىز؟ ئەرفات كىچكىدىن سىزنىڭ قىشىڭىزدا چوڭ بولدى. لىكىن، ھازىر ئۇنىڭ ئۆلۇك تىرىكلىكىنى بىلمەيمەن. سىز ئازراقمۇ ئەنسىرمەمسىز؟- دىدى رەنا.
- مەن نىمىشقا ئەنسىرگىدەكمەن. ئۇ دىگەن قۇربان ئىككىڭلارنىڭ بالىسى تۇرسا، مىنڭ نىمە كارىم؟
-دىدى سەمەت…
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



