大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 34 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 34 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-22
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 35 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25



33 32
31



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


34 - قىسىم


ئۇ تاماكىنى چېكىپ بولغاندىن كېيىن يانچۇقىدىكى تېلېفوننى چىقىرىپ ، تېلېفوننى ئۇردى:

 -ۋەي سەلىم ياخشىمۇ ؟ ماڭا ياردەم قىل،- تۈن يېرىم بولغاندا قۇرباننىڭ تېلېفونى قوبۇل قىلغان سەلىم ، ئاچچىقلاپ: 

  - كېسىلىڭ بارمۇ سېنىڭ يېرىم كېچىدە نېمىشقا ماڭا تېلېفون قىلىسەن ؟ نېمە ئىش بولسا ئەتە دېيىشسەك بولمامدۇ ؟

 - بولمايدۇ ، ھازىر چۇقۇم ياردەم قىلىشىڭ كېرەك . ئېسىمدە قېلىشىچە سەن بۇرۇن شاڭخەيدە خىزمەت قىلاتتىڭ ، سەن شاڭخەيدىكى hj گۇرۇھىنى بىلەمسەن ؟

 - نېمە قىلىسەن ؟ 

    - مۇنداق ئىش ، سەن ئۇلارنىڭ گۇرۇھىدا بىرەر ئىش كېلىشمەسلىكنى تۇغدۇر ، ئۇ گۇرۇھ ئالدىراشچىلىقتا بولۇپمۇ گۇرۇھنىڭ باشلىقى سەمەت دېرىكتۇر نۇرغۇن زىيان تارتىشى كىرەك ! ئەگەر سەن بۇ قېتىملىق ئىشتا ماڭا ياردەم قىلساڭ ، مەن سەن نېمە دېسەڭ ، قانداق باھا دېسەڭ ئالدىڭغا قويىمەن! 

   - سەمەت دىرېكتور ، نېمە گۇناھ قىلدى ؟ 

    قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. سەلىم قۇرباننىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى بولۇپ ئۇ شاڭخەيدە خىزمەت قىلاتتى . سەلىم تېلېفوننى قايتۇرۇپ ئۇرۇشىغا قۇربان تېلېفوننى ئېتىۋەتتى. ئۇ ئاچچىقىدا قۇرباننى بىر مۇنچە تىللىۋەتتى . ئۇ قۇرباننىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتكىنىگە ، ئاچچىقى كېلىپ قىرىنداشلار ئۇندىدارىدا :     

يىڭى خەۋەر قۇرباننىڭ ئايالى قايتىپ كېلىپتۇ . ئۇ تېخى ئاشنا تۇتۇۋاپتۇ ،- دەپ بۇ ئۇچۇرنى يوللىدى . تۈن يېرىم بولغاچقا ، ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان ئىدى .

   رەنا تۈن يېرىم بولغاندا ، تۇيۇقسىز ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كەتتى دە ھاجەتخانا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ئۇنىڭ پۇتى بەك ئاغرىغاچقىمىكىن ، قەدەملىرى شۇنچىلىك ئېغىر ئىدى ، ئۇ ھاجەتخانا ئۆيگە كىرىشىگە، قۇربان كېسەلخانا ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ، ھەمدە جىددىيلەشكىنىچە : 

   - سىز نىمىشقا يالغۇز پەسكە چۈشۈپ قالدىڭىزمۇ؟ نېمىشقا چاقىرمىدىڭىز ؟ لېكىن رەنا ئالىبۇرۇن تازلىق ئويىگە كىرىپ بولغان ئىدى .

    - ھېچقىسى يوق ،سىز چىقىپ كىتىڭ. ماڭا ياردىمىڭىز لازىم ئەمەس ! 

لېكىن ، قۇربان گەپ قىلماي ، ئىشىك تۈۋىدە تۇراتتى. ئۇ رەنا تازىلىق ئۆيىدىن چىقىشىغا رەنانىڭ قوشۇلمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇنى يۆلەپ كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ قويدى . قۇربان ئاللىبۇرۇن رەنانى قۇچاقلاپ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇراتتى : 

   - قۇربان دېرىكتور سىز ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى بىلەمسىز ياقمۇ ؟  

بىلمەيمەن سىز ئاغرىپ بولغاندىن كېيىن ئاغرىقتەك بولمامسىز

 -نېمە يېگۈڭىز بار، قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ ؟ مەن ھازىر ئەكىرىپ بېرەي . 

 - بولدى رەھمەت، پەرىدە ئەكىلىپ بېرىدۇ . 

رەنانىڭ رەت قىلىشىنى ئاڭلىغان قۇرباننىڭ شۇ زامات غەزىپى تۇتتى. توساتتىن سىرتتىن «ئاپا » دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

  ئەرفات يېتىپ كەلگەن ئىدى : 

 - ئاپا ، بۈگۈن قانداقراق تۇرىسىز، ياخشىلىنىش باردۇر ؟ قۇربان ئەرفاتنى كۆرۈپ يۈرىكى سوقۇپ كەتتى . نېمىلا بولمىسۇن ئۇ كۆڭلىدە ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلېكىنى بىلەتتى . ئەرفات ئەركىلىگىنىچە ، ئاپىسىغا:

    -جېنىم ئاپا ، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئازراقمۇ ئازار يېمىسۇن دەيمەن . مەن سىز ئۈچۇن ھەر ئىش قىلىشقا تەيىيار جىنىم ئاپا . ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قۇربان كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ئازراق سۆيۈنۈش ئەكىس ئەتكەن ئىدى . رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ: 

 - ئاپپاق ئوغلۇم مەنمۇ سېنى ماڭا جىقراق ھەمراھ بولسىكەن دەيمەن ،لېكىن دوختۇرخانىدا مىكروب جىق ، سەن ئاغرىپ قالساڭ ، مەن چىدىمايمەن . مەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا كۈندە سېنى قۇچاقلاپ بىللە ئۇخلايمەن بولامدۇ؟

 ئەرفات بىلەن رەنانىڭ مېھرى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى .

 -شۇنچە چوڭ بولوپ قالدىڭ ،يەنە ئاپاڭنى قۇچاقلاپ ئۇخلامسەن؟- دىدى قۇربان.

- ئىشىڭىنى قىل،- دىدى ئەرفات ياندۇرۇپلا. ئۇ شۇنداق دېگەچ ، ئاپىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى:

 - ئاپا ، سەن مېنى بەك ياخشى كۆرىسەن ، شۇنداقمۇ ؟ - دېدى ئەركىلگەچ .

 - شۇنداق ، مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن ئاپپاق ئوغلۇم ،- رەنا ئوغلىغا نىسبەتەن نېمىنىڭ كەم ئىكەنلېكىنى بىلەتتى . ئۇ بولسىمۇ دادىسىنىڭ مېھرى . ئۇ پۈتكۈل ئازابنىڭ ئورنىغا قىزى سۈرىيە، ئوغلى ئەرفات ئۈچۈن پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئاتىغانىدى . گەرچە ئۇنى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرسىمۇ يەنىلا دادا مېھرىنى ئۇنىڭغا ھېس قىلدۇرالمايتى . ئەرفات قۇربانغا قاراپ ، بىرنى ئالىيىپ قويدى . قۇربان سەل ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئەرفات ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى، قېرىشقاندەك ئوغلى ئۇنىڭغا قارشى چىقاتتى . قۇربان سەل ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئەرفاتنىڭ قولىدىن تارتىپ : 

 - يۈرە ، بىز سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى ،ئاپاڭنى ئاۋارە قىلمايلى ! ئۇ گەپنى دېيىشكە ئەرفات ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭماقچى بولۇشىغا ئىشىك تۈۋىدە پەرىدە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، پەرىدەنىڭ قولىدا تاماق تۇراتتى ئۇپەرىدەگە «رەنانىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ » دېگىنىچە ، ئەرفاتنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .

-سەن قۇرباننىڭ بىرەر ئىش قىلىشىدىن ئەنسىرىمەمسەن؟ قاراپ تۇرۇپ ئەرفاتنىڭ بىللە چىقىپ ، كېتىشىگە يول قويدۇڭ .؟ دېدى پەرىدە ئەجەبلىنىپ . ئەنسىرىمەيمەن قۇربان ئاللىبۇرۇن ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلېكىنى بىلىپ بولدى ، لېكىن ئۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى . قارىغاندا ئۇ بۈگۈن ئىش باشلايدىغان ئوخشايدۇ .

-پەرىدە سەن بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە تاپىلاپ ئۇ قۇربان بىلەن ئەرفاتنىڭ ئىزىغا چۈشسۇن. ئەرفاتنىڭ بىخەتەرلېكىنى قوغدىسۇن .! دېدى رەنا ئەنسىرەپ . 

-ئۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ رەنا !

رەنا قۇرباننى چۈشىنەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇشۇنداق قىلىشى ئىدى .ئۇ كۇلۇپ تۇرۇپ: 

 -پەرىدە سەن بىلمەيسەن ، بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە مەن قۇربانغا شۇنچىلىك ئىشەنگەن ، پۈتكۈل مۇھەببىتىمنى بەرگەن ، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئۈمىدنى ئېلىپ بەرگەن ئىدىم لېكىن ، بۇ ئادەمدە ئۇنچىلىك يۇرەك يوق  

  پەرىدە رەنانىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى چۈشىنەلمەي تېلېفوننى قولغا ئالدى دە ، سىرتقا چىقپ ئوز ئادەملىرىگە تېلېفون ئۇردى . ئۇ تېلېفوننى ئۇرۇپ بولۇپ كىرىپ رەنادىن : 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-سەن راستىنلا قۇرباندىن ئەنسىرىمەمسەن .؟ دەپ ياندۇرۇپ سوردى :

 -مەن ئەنسىرەيمەن قۇربان ئۇ دېگەن بىر ئىپلاس . ئوغلۇم ئەرفاتتىنمۇ ئەنسىرەيمەن . ئەرفات بەك ئەقىللىق قۇربان ئۇنىڭغا نېمە قىلسۇن ئۇ چۇقۇم قارشى تۇرالايدۇ . نېمىلا بولمىسۇن ، ئەرفات ئۇنىڭ ئوغلى ، ئەگەر قۇربان ئۇنىڭغا قالايمىقان نىيەتتە بولۇپ قالسا . مەن قۇربانىڭ جىننى تىندىن جۇدا قىلمەن .

 - نېمىشقا سېنىڭ ئەسلى مەقسىتىڭ ئەسلى قۇرباننى ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرۈگۇزۇش ئىدىغۇ ؟ 

ئۇنداق قىلساڭ ئەرفات راستتىنلا خەتەرگە ئۇچرايدۇ.

  -خاتىرجەم بول . بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئوغلۇمنى قوغدايدۇ پەرىدە مەن ھېرىپ قالدىم ئارام ئالاي .  

  پەرىدە گاڭگىراپ قالدى ، ھەمدە ئارتۇق گەپ قىلماي بېشىنى لىڭشىتتى دە ، سىرتقا چىقىپ كەتتى . قۇربان ئەرفاتنى تامىقى ئوخشايدىغان بىر ئاشخانىغا باشلاپ ئېلىپ كىردى . ھەمدە ئەرفاتقا نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئۈستەل لىق تاماققا توشتى . ئەرفات مۇلايىملىق بىلەن قۇلىنى يۇيۋەتكەندىن كېيىن . تاماقنى بىر چوكىدىن ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى . قۇربان بولسا تاماق يېمەي ئەرفاتنىڭ تاماق يېگەن ھالىتىگە قاراپ تۇراتتى .

- مۇشۇ بەش يىلغىچە ئاپاڭ بىلەن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدىڭ؟

  قۇربان بىلىپ بىلمەي ، ئىختىيارسىز بۇ سوئالنى سوراپ قالدى .؟ ئەرفات مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ : 

  -قانداق ئۆتكۈزدۇق ؟ نورمال ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق؟ قۇربان سەن مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم دەپ مەندىن ئەھۋال ئىگىلەيمەن دەپ خام خىيال قىلما . مەن ئۇنداق ئاسان يەمچۈك بولمايمەن .! مەن ھەرگىزمۇ سېنى ئاپامغا يېقىنلاشتۇرمايمەن .

  - نېمىشقا ؟ قۇربان ھېچ ئىشنى بىلەلمەي ياندۇرۇپلا سورىدى . ئەرفات مىقىدە كۈلۈپ قويۇپ:  

-ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى ئۆزۈڭگە ئايان ، مېنىڭ ئالدىمدا تولا ياسالمىلىق قىلما؟دىدى كەسكىنلا

 -ئۇنداق ئەمەس ، زادى مەن نېمە قىلدىم مەن قايسى قالايمىقان ئىشلارنى قىپتىمەن سەن ماڭا دېگىنە . مېنىڭ قايسى ئىشىم سېنى بۇنداق ماڭا ئۆچ قىلىۋەتتى .؟ سەن كىچىك سولتەك ئالدىنقى قېتىم ، بىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە ، تازىلىق ئۆيىدە ئۆيىدىكى ھېلىقى ۋىدىيونى سەن تورغا يوللىۋېتىپسەن ، شۇنداقمۇ ؟ 

 -سەن نېمە دەۋاتىسەن ،مەن چۈشەنمىدىم .؟ دېدى ئەرفات بىلمىگەنگە سېلىپ . 

    قۇربان سەل ئەجەبلىنىپ قالدى ھەمدە كۆڭلىدە ،«بۇ كىچىك سولتەك ئىككەيلەننىڭ ئاتا بالا ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيدىكەن-دە . دەپ ئويلىدى .  

-سەن چۈشەنمىدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟ ماقۇل ئەمىسە بىز بۇ تازىلىق ئۆيىدىكى ئىشلارنى دېيىشمەيلى .ئەمىسە ،سەن ئالدىنقى قېتىم فۇرقەتكە بىر ئويۇننى لايىھىلەپ بەرگەن ئىدىڭغۇ ؟ سەن كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەن ئاساسى سان سىپىرلارغا شۇنچىلىك پىششىق ئىكەنسەن . بۇ خۇددى بۇرۇن بىر قارا مېھماننىڭ بىزنىڭ شىركەتنىڭ تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغان يولىغا ئوخشايدۇ . سەن كىچىك بالا بولغاندىن كېيىن ، مەن بۇ ئىشنى جىق سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدىم ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ، سەن بۇنى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالاتتىڭ . ئالدىنقى كۈنى مەن ئاپپاراتتىن سېنىڭ مېنىڭ ئىشخانامغا كىرگەنلىك ۋىدىئونى كۆردۈم . ئەمىسە سەندىن سوراپ باقاي ، ئەرفات ، كىچىك ئەپەندىم مېنىڭ ئىشخانامدا نېمە ئىش قىلغانتىڭ ؟ قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەرفاتنىڭ چىرايى ئۆزگەردى -دە .   

  بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى بار ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىشخانىغا كىرگەندە ئۇ كۆزىتىش ئاپپاراتىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئېسىدە ئىدى . لېكىن ،قۇرباننىڭ بايقاپ قالغانلىقى ئەرفاتنى سەل جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنئىدى .

-سەن قالايمىقان گەپ قىلما ؟! مەن ھېچقاچان سېنىڭ ئىشخاناڭغا كىرمىدىم .؟

 ئەرفات ئۆلۈپ كەتسىمۇ ھەرگىز ئىقرار قىلمايتى. لېكىن ،ئۇنىڭ پۇت قوللىرى تىترەپ تۇراتتى .قۇربان ، بۇ ۋاقىتتا كۈلۈپ تۇرۇپ .: 

 -سەنزە ئىشخانىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى ئېتىۋەتسەڭلا كۆرەلمەيدۇ دەپ ئويلىغانمىتىڭ ؟ئۇنتۇپ قالما ، مەنمۇ كومپيۇتېر كەسپىنى ئوقۇغان .   مەن سېنىڭ ھيىلەڭنى بايقىيالايمەن . سەن فۇرقەتكە ئويۇن ياساپ بەرگەن ، مەن كومپيۇتېردا ياسىغان تور يوللىرىڭىنڭ ھەممىسىنى كۆرگەن ھەم چۈشىنەلەيمەن . سەن ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ كومپيۇتېرىمنى ئىشلىتىپ . تور يولىدا ئىز قالدۇرغان ئىدىڭ ، مەن بۇنى بايقاپ قالدىم . 

 ئەرفات بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ جىددىيلەشتى -دە چېكىدىن تەر ئېقىشقا باشلىدى. 

قۇربان بولسا سودا ساھەسىدە داڭقى چىققان ئەڭ داڭلىق سودىگەر ئىدى . ئۇ بىر كىچىك بالىغا ئۇتتۇرۇپ قويارمۇ ؟ نېملا بولمىسۇن .ئەرفات ، ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا يول قوياتتى . ئۇ ئەرفاتنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا ئازراق مېھرىبانلىق قىلدى -دە .  

 -بولدى ئۆتكەن ئىش ئۆتۈپ كەتتى ، مەن بۇ ئىشنى يەنە دەپ يۈرمەيمەن . خالىساڭ بىز دوست بولۇپ ئۆتەيلى قانداق 

   ئەرفات ھاڭۋېقىپ قالدى . چۈنكى ئۇ قۇرباننىڭ بۇ گەپلىرىنى خۇددى ئۆزىگە قىلىنغان تۇزاقتەك ھېس قىلاتتى . ئۇ قاپقىنى تۇرۇپ:  

 -سېنىڭ نېمە مەقسىتىڭ بولۇشىدىن قەتىينەزەر ، مەن ھەرگىزمۇ قورقۇپ قالمايمەن. سەن بىر سودا ساھەسىدىكى بىر ھىيلىگەر تۈلكە. سودا سا ھەسىدەيامان بولساڭ ، نېمە بوپتۇ كارايىتى چاغلىق . ئەگەر سەن تەكشۈرۈپ تاپالىساڭ ، ناھايىتى مېنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدىكەنغۇ . ئەرفاتنىڭ بۇ قاتتىق گەپلىرى قۇرباننى بىئارام قىلدى ھەمدە :  

 - سەن نېمە دەپ قالايمىقان سۆزلەيسەن ؟ مەن ياراتقان ئىگىلىكنڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەجرىمدىن كەلگەن . مەن ئەزەلدىن ھىيلىگەرلىك قىلىپ باقمىدىم . ئەگەر مەن بۇ ئىشنى ساقچىلارغا دېسەم سېنى چۇقۇم تۇتۇپ تۈرمىگە ئالىدۇ. سەن كىچىك، تۈرمنىڭ قانداق يەر ئىكەنلېكىنى بىلەمسەن ؟تۈرمە دېگەن ئادەمنى قايتىدىن ئادەم قىلىدىغان يەر . ئاپاڭ سېنى مىڭ بىر جاپادا تۇغۇپ مۇشۇنچىلىك قىلدى . ئەجەبا ، مەن سېنىڭ تۈرمىگە كىرىپ كېتىشڭنى خالامدىم . 

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئەرفات سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى . قۇربان گەپ قىلماي . بولدى ، بۇ ئىش مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتسۇن ، مەن ساڭا ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرەي . بۇ قىتىم تۇتۇۋېلىپ قالسام مەن سېنى راست قاتتىق جازالايمەن . ئۇنتۇپ قالما! ئاپاڭنىڭ سېنى بېقىشى ئاسان ئەمەس .

  قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئەرفات گەپمۇ قىلماي سۈكۈت تۇرۇشقا باشلىدى . شۇ دەقىقىدە قۇربان ئەرفاتنى قۇچاقلىغۇسى كەلگەن ئىدى ، لېكىن ئۇ جۈرەت قىلالمايتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفات: 

  - سەن ئۆزۈڭچە مۇشۇنداق قىلسام مېنى تەسىرلىنىدۇ دەپ ئويلاپ قالما . مەن مۇشۇ قىلغىنىمنىڭ جاۋابىنى چۇقۇم بېرىمەن . لېكىن، سېنىڭ ئاپامغا گەپ قىلىشىڭنى خالىمايمەن .ئاپامغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، مەن سېنى قاتتىق جازالايمەن .

ئەرفاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى . كۆڭلىدە ،« بۇ سەن مېنىڭ ئوغلۇممۇ ياقمۇ ؟ نېمىشقا ماڭا شۇنداق ئۆچ ؟شۇنچە قارشى تۇرىسەن ؟»دەپ ئويلىدى .لېكىن بۇ گەپنى سىرىتغا چىقىرالمايتى .

 - سەن زادى مەن بىلەن ئۆچەكىشىشنى خالامسەن ھە ؟  

ئەرفات.

 -شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى -دە 

-بۇ قېتىم مەن سېنى مېھمان قىلغان بولاي ، سەن مېنى ئۇزاتمىساڭمۇ بولىدۇ. دېگىنىچە ئارقىغا ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى 

 قۇربان ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .دەرۋەقە ، ئالتە ياشلىق بىر كىچىك بالا ئۆزىنى مېھمان قىلغان ئىدى ، بۇ ئۇنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن بىر بىمەنە ئىش ئىدى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k