
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
73 - قىسىم
-سىز بۇنداق ۋاقىتتا خىزمەتنىڭ ئىشىنى چىقارسىڭىز مەن خۇددى تىرىشمىغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن ،- دېدى قۇربان سەل ئىچى سىقىلغاچ . ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىدەك جەلىپكار ھالىتىنڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، كىچىك بالىدەك خاپا بولۇشقا باشلىدى .
رەنا ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلگىنىچە:
- ھۆرمەتلىك گۇرۇھ باشلىقى . سىز ئۇنتۇپ قالماڭ! مەن بۇ يەرگە سىز بىلەن سودىدا ھەمكارلاشقىلى كەلگەن بىر لايىھىلىگۈچى . ھازىر، بىز توختاملاشقان ۋاقىت يېتىپ كېلىۋاتىدۇ . ئەگەر مۇددەتتىن بۇرۇن لايىھىلەرنى بىزنىڭ گۇرۇپپىغا تاپشۇرمىساق، مەن سەمەت دېرىكتور قانداق جاۋاب بېرىمەن ؟
رەنانىڭ سەمەت دىرېكتورنى تىلغا ئېلىشى بىلەنلا قۇربان چىدىيالماي قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر جۈملە بىر جۈملىدىن سوراشقا باشلىدى .
- توغرا ، سەمەت دىرېكتور، سىز ۋە بالىمىزغا مېھرىبانلىق قىلغان ياردەم قىلغان .لېكىن ، رەنا ئۇنتۇپ قالماڭ ؟مەنمۇ بىر ئەر كىشى . مېنىڭ كۇنلىكىم قوزغىلىدۇ . مەن ئۇنىڭ، سىزنىڭ ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىندىن بەكلا تەسىرلەندىم . سىز ئۇنىڭغا قانداق ھېسسىياتتا بولۇڭ. بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق . لېكىن، مەن سىز ۋە ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشنى پەقەتلا خالىمايمەن .ھەرگىزمۇ ...
رەنا، ئۇنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلۈۋەتتى -دە:
- سەمەت ، مېنىڭ ياخشى دوستۇم . ئۇ مېنى سىڭلىسىدەك كۆرۈپ ، بارچە ئىشلىرىمنى ياخشى قىلىپ بەردى. 5يىلدىن بۇيان ئۇ مېنى ئۆز قېرىندىشىدەك ئاسراپ ، بالىلىرىمغا كۆيۈنۈپ كەلدى . مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىڭغا قەرز.ئۇ قەرزىمنى قايتۇراي دېسەممۇ قايتۇرۇپ بولالمايمەن . ئەگەر، سىز ماڭا ياخشى بولسۇن دېسىڭىز ھەرگىز مېنى قىينايدىغان ئىشنى قىلماڭ .مەن hj گوروھنىڭ لاھىلىگۇچىسى. ئۇلار مىنى ئۇرۇنلاشتۇرغاچقا ئاندىن بىز ئىكەيلەن ئەستايىدىل پاراڭلىشىپ قىلۋاتمىز. بۇنداق قىلساق چۇشۇنۇش تىخىمۇ چۇڭقۇرلاپ ماڭىدۇ! سىزنىڭچىچۇ؟
قۇربان ئەزەلدىن رەنانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . لېكىن، ئۇنىڭ خىزمەت توغرۇلۇق بۇنداق ھېرىسمەنلىك بىلەن سۆزلىگەن ھالىتى قۇرباننى مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى .
-سىز ،راستىنلا ماشىنا ھەيدەشنى ياخشى كۆرەمتىڭىز ؟
- شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ . لېكىن، تۇنجى قېتىم ماشىنا بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمدا بۇنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن دەپ ئويلىغان ئىدىم . چۈنكى، سىز ماشىنا لاھىيىلەشنى بەكلا ياخشى كۆرىسىز . داۋاملىق ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چېغىڭىزدا يالغۇز بىر مۇنچە لايىھەلەرنى سىزاتتىڭىز مەن ئازراقمۇ بىلمەيتتىم . سىزگە دىسەم، سىزغان لايھەلىرىڭىز بەكلا چىرايلىق ئىدى . كېيىن مەن شاڭخەيدە تۇرىۋاتقان ۋاقتىمدا ،سەمەت دېرىكتور ، ماڭا بىردىن -بىردىن ئۆگىتىشكە باشلىدى . مۇشۇنداق بولغاندا ،ئۇ بۇ جەمىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالىشىمنى ،-دېدى . ئەينى ۋاقىتتا مەن ھېچنەرسىنى بىلمەيتتىم .كاللام پەقەت قۇرۇقلا ئىدى . ئۇ ۋاقىتتا، كاللامغا سىز سىزغان رەسىملەر كەلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ سەزگۈم بويىچە ماشىنا لايىھەلەش كەسپىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم . راستىنى دېسەم ،مەن بۇ كەسىپكە قەدەم قويغان ۋاقتىمدا بۇ ئىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .
رەنا گەپ قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدى.
- رەنا ، ماڭا ماقۇل بولۇڭ !كىم سىزنى قوغلىشىدىن قەتىينەزەر ، سىز چوقۇم رەت قىلىۋېتىڭ !ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەرفاتنى بىز ئىككىمىزلا بەختلىك قىلالايمىز،-دىدى قۇربان .
قۇرباننىڭ كۆڭلىدە پەقەت رەنالا بار ئىدى .ئۇنى دەپ ھەر قانداق ئىش قىلىشقا رازى ئىدى . رەنا سەل ئۇھسىنغان ھالدا:
- ھەممە ئادەمنى ئۆزىڭىزگە ئوخشىتىۋاتامسىز؟ ياخشى كۆرسىلا بىللە ئېلىپ ماڭالايدىغان ؟
- بالىسى بار ئاياللار ، بالىسى يوق ئاياللارغا قارىغاندا سېھرىي كۈچى يۇقىرىراق بولىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز قايتىپ كەلگەندىلا مەن سىزنىڭ رەنا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ بولغان. سىزنىڭچە، مەن باشقا ئاياللارغا قانات سۆرەپ يۈرىدىغان ئەرلەردىنمۇ ؟- دېدى قۇربان رەنانىڭ قولىنى يۈرىكىگە قويۇپ تۇرۇپ .
رەنا ئەسلى قولىنى تارتىۋېلىشنى ئويلىغانىدى . بىراق قۇرباننىڭ گەپلىرىگە داۋاملىق قۇلاق سالدى .
- مەن ،بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت سىزنىڭلا . مەن بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن . ناۋادا سىز مېنى لازىم قىلمىسىڭىز مەن ئۆلۈپ كېتىمەن ،-دىدى . قۇرباننىڭ گەپلىرى شۇنچە ئەستايىدىل ئىدى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن شۇنچە ئۈمىدۋارلىق چىقىپ تۇراتتى .
بۇ ۋاقىتتا رەنا روزىنڭ ھىلىقى گەپلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ھەمدە بەش يىلنىڭ ياقى قۇرباننىڭ ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئىشلەيدىغانلىقنى ھىس قىلدى . ئۇ بۇ تەرەپلەرنى ئويلاپ يۈرەكلىرى سەل يۇمشىغاندەك بولدى .
- پەقەت سىزلا ،مېنى يۈتتۈرۈپ قويمىسىڭىز. مەن ھەرگىزمۇ سىزنى تاشلىۋەتمەيمەن .بۇ ئۆمرۈمدە سىز بىلەنلا ئۆتسەم ئىكەن دەيمەن رەنا .
قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى . رەنا دىققەت بىلەن ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىدى.
-قۇربان، مەن بىر ئىشنى ئويلاۋاتىمەن .
-نېمە ئىشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟
رەنا چاچراپ ئورنىدىن تۇردى -دە ، قولىغا بىر تال ئاق قەغەزنى ئېلىپ جوزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، بىر نېمىلەرنى يىزىشقا باشلىدى . قۇربان بولسا كارۋات ئۈستىدىكى ياستۇققا يۆلەنگىنىچە ئەستايىدىل رەناغا قاراپ تۇردى .
بۇ ۋاقىتتا يەنە روزى يېتىپ كەلدى . ھەمدە ئۇ قۇربان بىلەن رەنانىڭ ئەستايىدىل ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشنى خالىمىدى .شۇنىڭ بىلەن قۇربان ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ سىرتتا چىقىدىغىننى ئىيىتتى .
- يەنە نېمە ئىش بولدى ؟بۇنچە ئالدىراپ يۈگۈرۈپ كەلگۈدەك،-دىدى .
روزى سەل ئۆزىنى تۇزەشتۇرۋالغاندىن كىيىن:
- خوجىدار ئايال ئاغرىپ قاپتۇ. قۇربان دېرىكتور .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۈرلۈشكە باشلىدى .
- نېمە كېسەل ئىكەن ؟دوختۇرخانىغا ئاپاردىڭلارمۇ ؟
روزى بوش ئاۋازدا :
- غوجىدار ئايال ئۆلۈپ كەتسەممۇ ،دوختۇرخانىغا بارمايمەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ .ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قىززىپ قورقۇپ كېتىپتۇ .ھېچقانداق ئادەمنى قىشىغا كەلتۇرگۈزمەپتۇ. دورا-ئوكۇل ئۇرغىلى قويماپتۇ. پەقەت سىز بىلەنلا كۆرۈشىدىكەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قاپاقلىرى تېخىمۇ تۈرۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ ئىشىك يوچۇقىدىن رەنانىڭ ئەستايىدىل رەسىم سىزىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ:
- سەن بۇ يەردە قېلىپ رەنانى قوغداپ تۇر، مەن بېرىپ غوجىدار ئايال بىلەن كۆرۈشەي ،-دىدى .
- قۇربان دىرېكتور، ئۆزىڭىز يالغۇز بارامسىز؟
سېنىڭچە، خوجىدار ئايال ماڭا زىيانكەشلىك قىلارمۇ؟ ئۇ بەلكىم رەنانى ياخشى كۆرمىگەچكە ، ئاشۇنداق قىلغان گەپ. لېكىن ئۇ مېنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ . خاتىرجەم بولغىن .ھېچ ئىش بولمايدۇ !ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمىدىم . سېنىڭچە ئۇ ماڭا نېمە قىلىپ كېتەر ؟
قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ روزى گەپ قىلمىدى . بىراق ،سىزنىڭ كېسىلىڭىز ئېغىر. دوختۇر ، سىزنى ياخشى داۋالىنىڭ دېگەن ئىدى .
-ھازىر ،سىرتتامەن بىجىرىدىغان شۇنداق كۆپ ئىشلار تۇرسا ، مەن بۇ يەردە قانداقمۇ تىنچ داۋالىنالايمەن . مەن رەنا ۋە ئەرفاتنىڭ يېنىدىكى خەتەرلەرنى تازلىۋەتسەم ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن .
قۇربان بۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ رەناغا بىر قۇر قارىۋەتتى .
-ئەگەر، سەن ماڭا ياخشى بولسۇن دېسەڭ. رەنانى ياخشى قوغدا! ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىش بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن ،-دىدى .
- خوپ !
قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئۇزۇن ئۆتمەي قادىرنىڭ ئاكىسى يېتىپ كەلدى . روزى قادىرنىڭ ئاكىسنى كۆرۈپ ئۇنى توستى .
- كەچۈرۈڭ . سوفىيە خېنىم ھازىر ئالدىراش. مېھمان بىلەن كۆرۈشمەيدۇ. قۇربان دېرىكتورنىڭ سىرتتا ئىشى بولغاچقا چىقىپ كەتتى. ئەگەر، سىز قۇربان دىرېكتورنى ئىزدىسىڭىز باشقا كۈنى كېلىڭ .
روزىنىڭ توسقىنىدىن قادىرنىڭ ئاكىسى سەل خاپا بولدى .
- مەن سوفىيە خانىمنى ئىزدەپ كەلدىم .
- سىزگە دېدىمغۇ ؟ئۇ ھازىر بەكلا ئالدىراش .مېھمان بىلەن كۆرۈشمەيدۇ .
روزىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپ كەتتى .
- روزى، سېنىڭچە مەن سېنى ھېچنېمە قىلالمامدىم ؟
- قېنى، جۈرەت قىلىپ بېقىڭ ؟ سىزغۇ ئۈرۈمچىدە خېلى نامىڭىزغا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەم.
- نېمە ئىش بولسا، مەن مەسۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن.
مىنى تەڭقىسلىقتا قويمىغان بولسىڭىز!
قادىرنىڭ ئاكىسى بوپتۇ دەپ قايتاي دەپ تۇرۇشىغا توساتتىن بىر توپ ئاياق ئاۋازى كېسەلخانا تەرەپكە قاراپ كەلدى .
-مۇشۇ دوختۇرخانىمۇ؟
- ھە ،مۇشۇ شۇ .بىز ئىزدەپ باقايلى.
كېلىۋاتقان ئادەملەر بىر تەرەپتىن ماڭغاچ بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىۋاتاتتى . قادىرنىڭ ئاكىسى قاپىقىنى تۇرۇشكە باشلىدى .
- بۇ قانداق يەر ؟ خالىغانچە ئادەملەر كىرسە بولامدۇ؟ سېستىراچۇ ؟
قادىرنىڭ ئاكىسى سېستىرانى چاقىراي دەپ تۇرۇشىغا ياردەمچى روزى كېلىۋاتقان ئادەملەرنى قارشى ئالدى.
-تىشلىقمۇ ! ھەدە ئاچا؟ ياخشى تۇردىڭلارمۇ؟
روزى دەرھاللا كېلىۋاتقان ئادەملەرگە سالام قىلدى . قۇرباننىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى ئىنتايىن مەخپىي ئىدى . لېكىن ،بۇ ئىشنى ئاللىقاچان رەنانىڭ ئاتا ئانىسى بىلىپ قېلىپ ئۇ يەرگە كەلگەن ئىدى.
روزى ئۇلارنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۇتتى .
-تىشلىقمۇ! روزى ئەپەندى. قۇرباننى ئاغرىپ قالدى دەپ بىز يوقلاپ كەلدۇق،- دېدى ئەنسىرىگەنچە.
ياردەمچى روزى رەنانىڭ ئاتا ئانىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن؛
- كەچۈرۈڭ ، خانىم . قۇربان دېرىكتورنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ كېسىلى ئانچە ئېغىر ئەمەس .سىلەرنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتۇق، -دىدى .
-ھە شۇنداقمۇ؟ ئۇ يوق دەڭە؟
ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدا ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىك چىقىپ تۇراتتى. روزى ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ:
- قۇربان دېرىكتور يوق بولغىنى بىلەن سوفىيە خېنىم بار .
-نىمە؟
- سوفىيە خېنىم، ئىچىدە لايىھە سىزىۋاتىدۇ.
سوفىيە دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغان رەنانىڭ ئاپىسى ئۇنى بىر كۆرۈپ باقماقچى بولدى .
-بىز ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باقساق بولامدۇ ؟
-بۇ…… مۇنداق بولسۇن . مەن ئىچىگە كىرىپ سوفىيە خېنىمغا دەپ قوياي ، سىلەر سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار !
روزى كۈلۈمسىرىگىنچە ئۆرۈلۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى .قادىرنىڭ ئاكىسنىڭ ئاچىقى كىلىپ:
- روزى ، سىز بايا سوفىيە خېنىم ئالدىراش. مېھمان بىلەن كۆرۈشمەيدۇ دەۋاتمامتىڭىز؟ ئۇلار ،نېمىشقا كۆرۇشسە بولىدۇ ؟ روزى كۈلۈمسىرىگەنچە:
- سىلەرنىڭ سالاھىيىتىڭلار ئوخشىمايدۇ .
- ئۇلارنىڭ نېمە سالاھىيىتى بار ئىكەن .
-ئۇلار دېگەن قۇربان دېرىكتورنىڭ قېيناتىسى قېينائاپىسى . قېنى ، باشقا مەسىلە بارمۇ ؟
قادىرنىڭ ئاكىسى سەل ھەيران قالدى . ئۇ كۆڭلىدە ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ رەنانىڭ ئاتا -ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
قادىرنىڭ ئاكىسى توختىماستىن رەنانىڭ ئاتا -ئانىسىنى كۆزىتىۋاتاتتى .
رەنانىڭ دادىسى قادىرنىڭ ئاكىسغا زەن سېلىپ قاراپ تۇراتتى .نېملا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكىلىرى ئىنتايىن نام چىقارغان ئائىلە بولۇپ داڭقى خىلى بار ئىدى.
-تىشلىقمۇ؟
رەنانىڭ دادىسى قادىرنىڭ ئاكىسىغا سالام قىلدى . قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى . روزى كېسەلخانا ئۆيدىن چىققاندا، قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ تېخىچە كەتمىگەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالدى.
-سىزنىڭ، يەنە باشقا ئىشىڭىز بارمۇ ؟
-سوفىيە خانىمغا دەپ قويۇڭ! مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇھىم ئىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىمەن .ۋاقتى چىققاندا مەن بىلەن ئالاقىلاشسۇن . بۇ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم .
روزى مۇلايىملىق بىلەن ئۇ ئىسىم كارتىسنى قولغا ئالدى ۋە ھورمەت بىلەن ئۇنى ئۇزتۇپ قۇيدى. ياردەمچى روزى كۈلۈپ تۇرۇپ:
-سىلەر ئىچىگە كىرسەڭلار بولىدۇ ؟
ئىككى ياشانغان كىشى كېسەلخانا ئۆيىگە كىرگەن ۋاقىتتا ،رەنا سىزىۋاتقان رەسىملىرنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى . ھەمدە ئۇلارنى كۆرۈپ:
- تاغا ، ئاچا كەلدىڭلارمۇ؟ قېنى تېز ئولتۇرۇڭلار !بايا رەسىم سىزىۋاتقان ئىدىم .سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلارنى بىلمەپتىمەن .سەت بولدى .…
-ھېچقىسى يوق ... ھېچقىسى يوق . نېمە سىزىۋاتقان ئىدىڭىز ؟ رەنانىڭ ئاپىسى رەناغا سىنچىلاپ قاراپ تۇراتتى . بىراق ،رەنا بىلمەسكە سىلىپ كۈلۈمسىرىگىچە:
- ھىچنىمە، خىزمەت خالاس. مەن ماشىنىا لايىھەلەشنى ئۆگەنگەن ئىدىم . ئەسلىدە سىزىپ بولالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ، ئۇ يەرنى سىزىپ بۇ يىرنى سىزىشقا كاللامغا كەلمەي قالدى ،- دېدى رەنا بېشىنى سىلىغىنىچە .رەنانىڭ دادىسى:
-ئەكىلىڭ مەن كۇرۇپ باقاي! بىلىپ قالسام بىللە مۇنازىرلىشەرمىز!
- سىز كوڭلىڭىزگە ئالمىسىڭىزلا!
-ياق،،، ياق. ئۇنداق ئەمەس. مەن سىزنىڭ قىلىپ بىرشىڭىزنى بەكمۇ خالايمەن…!
رەنانىڭ دادىسى بىرىپ رەسىمنى كۆرگەندىن كىيىن ماختىغىنچە: -بۇنى سىز سىزدىڭىزمۇ؟
-قالايمىقان سىزىپ قۇيدۇم .قاملاشماي قالدى؟…
رەنانىڭ دادىسى بۇنى كۆرگەندىن كىيىن ؛
-رەسىم سىزىشتا قابىليىتىڭىز بولىدىكەن .قارىماققا كىچكىڭىزدىن مەشق قىپسىز؟
رەنا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .
-شۇنداق، دادام كىچىك ۋاقتىمدا بەكلا تەربىيە قىلىپ ئۇگتەتتى. كىچىك ۋاقتىمدا دادام بەك قاتتىق باشقۇرغاچقا، مەن بەكلا نارازى بولاتتىم .لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام ، بۇ بىر بەختىكەن . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى كەلگۈسۈم ئۈچۈنكەن . رەنانىڭ دادىسى بېشىنى لىڭشىتقىنچە:
- چىرايلىق سىزىىپسز ،ئەمما سىزگە دىسەم بۇ يەردە مەسىلە بار ئىكەن . بۇ يەرنىڭ سىزىقىنى قىنىقراق قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن .بۇ بىر مۇكەممەل رەسىم بوپتۇ،دىىگىنچە قەلەمنى قولىغا ئالدىدە سىزىشقا باشلىدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


