大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 74 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 74 - قىسىم aybarawazi
2024-04-02
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


74 - قىسىم


رەنامۇ بۇ قاراشنى توغرا تاپتى. ھەمدە سىزىپ بولغاندىن كىيىن: -رەخمەت ، تاغا دىدى.

رەنا رەسىملەرنى يىغۇشتۇرپ بولغاندىن كىيىن؛

-ئاچا،سىلەرنى مەن مىھمان قىلاي.

-بىز بىر نەرسە ئالغىلى كەلگەن ئىدۇق. سىز ياقتۇرامسىزكىن يوق! -رەخمەت ھامما! دىگىنچە سىز ياقتۇرسىڭىزلا بۇلاتتى،-دىدى رەنانىڭ ئانىسى سەل ئۇھسىنۋەتكەندىن كىيىن:

- ئاڭلىسام ،قۇربانىڭ ئوغلى يۇقال كىتىپ تىپىتۇ .ئۇنىڭ ئىسمىي ئەرفات ئىكەن.مەن تىخى فۇرقەتنى ئۇنىڭ بالسى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.بۇ ئەرفات دىگەن قۇرباننىڭ ئوغلى بولسا ئۇ بىزنىڭ نەۋرىمىز شۇنداقمۇ؟

- ھە ،شۇنداق .ئۇ بالا سىلەرنىڭ نەۋرەڭلار؟ ئەمسە بىز بىلەن كۆرۇشسە ياخشى بولاتتى.ئەرفات قۇرباننىڭ ئۆيدە ، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلۋاتىدۇ؟.

- ھە ...

رەنانىڭ ئاپىسى سەل ئۇمۇتسىزلەندى .چۇنكى، ئۇنىڭ ئەرفات بىلەن كۆرۇشكىسى بار ئىدى.

-ئەمسە ،بىز قايتايلى . كىيىچە كۆرۇشكىلى كىلەيلى،- دىدى رەنانىڭ دادىسى.

شۇنىڭ بىلەن رەنا روزىغا تاپىلاپ ئۇلارنى ئۇزتۇپ قويدى. ھەمدە، قايتىپ كىرگەن ۋاقىتتا بىرسىنى ئۇچراتتى..

-قادىر، سىز بۇ يەردە نىمىش قىلسىز؟

رەنا قادىرنى كۆرۇپ ھەيران قالدى. قادىر بىرخىل ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغاندەك ھىسياتنى ئىپادىلەپ بەردى ۋە رەناغا تىكلىپ قاراپ تۇرۇپ:

-سىز باشقىلارنى ياخشى كۆرسىز شۇنداقمۇ؟ مىنى ياخشى كۆرمەس بوپ قالدىڭىز؟ بولمىسا نىمىشقا مىنى كۆرۇپ ئازراقمۇ خۇشال بولمايسىز؟

رەنا ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي كۇلۇمسىرىگىنچە:

-يىقىندىن بۇيان بەكلا ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم.ئۇنىڭ ئۇستىگە سىزمۇ ماڭا ئۇچۇر يازمىدىڭىز، مەن تىخى سىزنى ئۆيدىن چىقالماس بولۇپ قالغان چىغى دەپتىمەن ،-دىدى رەنا.

قادىر رەنا ئۇچىرىغان ئاۋارچىلىقلاردىن ھىلىلا خەۋەر تىپىپ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى .بىراق، ئۇنىڭ قۇربان بىلەن بىللە ئىككەنلىكىنى ئۇقۇپ ئاچچىقى ئىچىگە پاتماي كەتكەن ئىدى.

-چىرايلىق خىنىم . تىلفۇن قىلسىڭىز ئالمىسام ئۇدۇللا ئۆيۇمگە بارسىڭىز بۇلاتىغۇ؟ پەقەت ۋاقىت چىقىرىپ مىنى ئىزدىسىڭىز مىنىڭ ۋاقتىم سىز ئۇچۇن چەكسىز ئىدى،-دىدى قادىر.رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ؛

-سىزگە ،بىرەر ئىش بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ سىرتقا چىقماى ئۆيىڭىزدە بىكىنۋالمايتتتىڭىز .شۇڭا، سىزنى ئاۋارە قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇگۇن بۇيەرگە كىلىشىڭىزدىكى مەخسەت ماڭا بۇ ئىشلارنى دىيىش ئۇچۇنغۇ دەيمەن. ئەگەر مەن ئىشىكنى تاقۋىلىپ مىھمان قۇبۇل قىلمايمەن دىسەم سىز پۇشايمان قىلامسىز يوق.

رەنانىڭ بۇ سۆزىدىن ،قادىر تىخىمۇ چىديالماي قالدى. رەنا نىمە ئۇچۇنلىكىنى بىلەتتى. لىكىن كۇلۇمسىرگنىچە:

-مەن سىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلمەن.سىز مىنىڭ ياخشى دوستۇم. نىمە ئىش بولۇشدىن قەتئىينەزەر مەن سىزگە ئىشنىمەن قادىر. ھەم ماڭا ياردەم قىلدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمەن…لىكىن، ھازىر ھەممە ئىشلار جايىدا ئۆتۇپ كەتتى. ئەمەسمۇ؟

-چىرايلىق خىنىم. لىكىن ،سىز بىرەر ئىشقا يۇلۇققان ۋاقىتتا مەن يوق ئىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە سىزيا ماڭا دىمەيسىز كۆڭلىڭىزدە مەن يوق ئوخشايمەن.ماڭا ھىساب بىرشىڭىز كىرەك. قادىر يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى.رەنا ئۇنى بەزلىگەچ؛

- ماقۇل ...ماقۇل. مەن سىزگە قانداق ھىساب بەرسەم بولىدۇ؟ - دىدى كۇلۇمسىرىگنىچە:

- مەن بىلەن بىللە تاماق يەيسىز! قانداق؟- دىدى قادىر.

رەنا قولىدىكى سائەتكە بىر قۇر قارۋەتكەندىن كىيىن:

-ھازىر تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولماپتىغۇ؟- دىدى .

-ئۇنداقتا، ماڭا ھەمراھ بوپ قەھۋە ئىچىشىپ بىرىڭ! ئىشقىلىپ ماڭا بىردەم ھەمرا بولىسىز! بولمىسا مەن بەكلا ئازابلىنمىەن،- دىدى قادىر يىلىنغىنچە.

-بولىدۇ، مەن سىزنى مىھمان قىلاي!

-مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. ،-دىدى قادىر كۇلۇپ تۇرۇپ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرىتقا چىقتى . ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇلارنى كۆرۇپ ھەيران قالدى. ھەمدە رەنا ئۇلارغا قاراپ:

-مەن، قادىر ئەپەندى بىلەن قەھۋە ئىچىپ كىلەي. بولدى ئەگەشمەڭلار دىگىنچە چىقىپ كەتتى. لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئامانلىق ساقلىغۇچلارنىڭ بىرى ئۇلارغا ئەگەشتى. يەنە بىرى بولسا بۇ ئىشنى قۇربانغا دوكلات قىلدى.

بۇ ۋاقىتا ،قۇربان غۇجىدار ئايال بىلەن پاراڭلاشقىلى ئۆيىگە كەلگەن ئىدى.ئۇ ئۆيگە كىلىشگە غۇجىدار ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-سەن مەن ئەمەس دەۋاتامسەن؟ ئەجىبا ،سەن بولمىساڭ فۇرقەت چاقتىما ئەمسە؟ سەن بۇ گۇل تەشتىكىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ سىنى سىتۋەتسىمۇ تۆلەپ بولالمايسەن؟ بۇگۇن بۇيەرنى پاكىز تازلا! بولمىسا تىرەڭنى تەتۇر سويىۋىتىمەن. ئاپاڭ كەلگەندە ئاپاڭغا تۆلىتمەن…

قۇربان يىقىنلاشقانسىرى غوجىدار ئايالنىڭ كىمنى تىللاۋاتقانلىقىنى بىلمىدى . ئۇ مېھمانخانا ئۆيىگە كىرىشىگە خوجىدار ئايال قولىدا ئەرفاتنىڭ بېشىغا نوقۇپ تۇراتتى . قۇربان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .

- سىز نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟- دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن؟

خوجىدار ئايال ،قۇرباننى كۆرۈپ دەرھال قولىنى يىغىشتۇرۋالدى دە:

- ئەپەندىم، قاراڭە . ئۇ بۇ تەشتەكنى سۇندۇرۋېتىپتۇ. ئۇ تېخى ئېتىراپ قىلمايدۇ .بۇنداق يالغانچى بالىنى ئۆيدە ئىپ قالساق بولمايدۇ ؟

- مەن چاقمىدىم .مەن قىلمىغان ئىش تۇرسا .

ئەرفات جېدەل قىلماي ، يىغلىماي تەمكىن تۇراتتى . قۇربان ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىغانچە:

مەن سېنىڭ قىلمىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن،- دىدى .

خوجىدار ئايال قۇرباننىڭ ئەرفاتنى قوغداۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ:

- ئەپەندىم، سىز بۇ ياۋايى كىچىك بالىغا ئالدىنىپ كەتمەڭ . بۇ كۆرۈنۈشتە يۇۋاش كۆرۈنگەن بىلەن كىم بىلىدۇ، قانداق مۇھىتتا چوڭ بولغىننى . ئۇنى ، بىز ئۆيدە ئېلىپ قالساق قەتىي بولمايدۇ .

- مەن ياۋايى بالا ئەمەس،-دىدى قارشى چىقىپ.

غۇجىدار ئايال چىداپ تۇرالماي؛

-سەن، تېخى مەن بىلەن تەڭ تۇرۇۋاتامسەن ؟ سەن بۇ يەرنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ بۇ يەر سىنىڭ جىدەل چىقىرىدىغان يىرىڭغا ئوخشىمايدۇ؟دەپ زەردى بىلەن ئەرفاتنى نۇقۇدى. قۇربان ئۇنى ئىتتىرۋەتتى. غۇجىدار ئايال ئارقىغا داجىپ كەينى تەرەپتىكى ئۇرۇندۇققا ئۇسىدى؛

- ۋايجان…ۋايجان. ۋاي بىلىم،- دىدى .

قۇربان ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي ئەرفاتنى سىيلاپ كەتتى.

-مەن ئاپامنى ئىزدەيمەن. ئۇنى بەك سىغىندىم،-دىدى.

- كەچۈرگىن . سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم . ئەمدى بۇنداق ئىش ھەرگىز بولمايدۇ ،-دىدى.

ئەرفات ،قۇرباننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقىنچە؛

-تەشتەكنى راستىنلا مەن سۇندۇرمىدىم . مەن ئۆيگە كىرسەم ، ئۇ سۇنۇق ئىكەنتۇق . مەن راستىنلا بىلمەيمەن ،-دىدى .

مەن سېنىڭ قىلمىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ،-دىدى. قۇربان ئۇنىڭ بىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ ،غۇجىدار ئايال چىديالماي:

-سەن سۇندۇرمىساڭ كىمۇ ئەمسە؟ ئۆيدە سەنلا تۇرساڭ.تولا يالغان گەپ قىلما،-دىدى ۋارقىراپ .قۇربان قاپىقنى تۇرگىنچە؛

- بولدى بەس - دىدى ئاليىپ تۇرۇپ .

غۇجىدار ئايال قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى پەقەتلا كۆرۇپ باقمىغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزىگە لىق ياش ئالغىنچە:

-ئەپەندىم. سىز ئۇ ئايال بىلەن بۇ كىچىك بالنىڭ ئىزىقتۇرىشىغا ئۇچراپ كىتىپسىز. سىزنى مەن كىچكىڭىزدىن بىقىپ چوڭ قىلدىم. ئەجىبا مەن سىزنى ئالدارمەنمۇ؟

قۇرباننىڭ گېپى سەل ئېغىر كەتكەن ئىدى . ئەگەر بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا قۇربان خوجىدار ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى . چۈنكى ،خوجىدار ئايال قۇرباننىڭ كىچىكىدىن پەپىلەپ چوڭ قىلغان ئىدى . لېكىن ، ھازىرقى ۋاقىتتا بولسا خوجىدار ئايالنىڭ ئەيىبلەۋاتقىنى ئۆزىنىڭ پۇشتى ئىدى . قۇربان ئارتۇق ئويلىمايلا ئەرفاتنى باغرىغا باستى . ئۇ سەل كاللىسىنى يىغقاندىن كېيىن مۇسا ئوفىتسېر بىلەن فۇرقەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

- مۇسا بىلەن فۇرقەتچۇ ؟

قۇربان سوغۇقىنە غۇجىدار ئايالغا قارىدى .غۇجىدار ئايال كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۇرۇتكىنچە:

- كىچىك بەگزادەم ئاغرىپ قالغانىدى . مۇسا ئوفىسىر ئۇنى دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى ئېلىپ كەتتى .

-فۇرقەت بولسا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىز باسارى. بۇنىڭدا خاتالاشسىڭىز بولمايدۇ !

- فۇرقەتنى ئىزباسار دەپ ئەرفاتنى خالىغانچە بوزەك قىلسىڭىز بولامدۇ ؟ سىز گەرچە مېنى باققان ئانام بولسىڭىزمۇ، مەن سىزنى ئوغلىڭىز قاتارىدا ھۆرمەتلەپ كەلدىم . سىز بۇنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز ؟ سىز ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئائىلىنىڭ خىزمەتكارى خالاس .ئەرفات بولسا مېنىڭ ئوغلۇم. مەن قۇرباننىڭ ئۆز ئوغلى . مەن بۇ ئىشنى ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئادەملەرگە بىلدۈرۈپ بولدۇم .ئەجەبا. سىز بىزنىڭ ئائىلىنىڭ خىزمەتكارى تۇرۇپ ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ ئەرفاتقا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىز؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نېمە ؟

قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ غوجىدار ئايالنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىلىغاندەك بولدى ۋە ئۇ ھەيران قالغانچە قۇربانغا قاراپ تۇراتتى .

بىر ئېغىز گەپ قىلماي جىم تۇراتتى .

- ئەپەندىم ، توغرا . مەن سىزنىڭ خىزمەتكارىڭىز، بۇ يالغان ئەمەس . مەن بۇ يەردە ئىشلىگىلى يىگىرمە نەچچە يىلدىن ئاشتى . مەن ئاللىقاچان بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ بولدۇم . مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم سىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ . بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟-دىدى غۇجىدار ئايال يىغلىغىنچە.

- شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز قالايمىقان گەپ قىلىسىز . ئوغلۇمنى تىللىغىنىڭىز ، سىزنىڭ ماڭا ياخشى بولغىنىڭىزما؟ سىز مېنىڭ سوفىيە خېنىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىسىز ھەمدە ئەرفاتنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىسىز. لېكىن ، سىز مېنىڭ ئالدىمدىلا ئۇنى ياۋايى دەپ چاقىردىڭىز . بۇ بالا تېخى كىچىك تۇرسا ،سىز بىر ئەللىكتىن ئاشقان ئايال تۇرسىڭىز ، مۇشۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلسىڭىز بولامدۇ ؟ سىز ئەرفاتنى گۈل تەشتەكنى چاقتى دەيسىز ، قانداق ئىسپاتىڭىز بار ؟

-ماۋۇ تەشتەكنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۆيدىكى كۈزىتىش ئاپپاراتىغا قارىسىڭىز ، ھەممە ئىش ئېنىق بولمامدۇ ؟ نېمىگە ئاساسەن ئەرفاتنى چاقتى دەيسىز ؟ مەن كىيىنكى قېتىم ئائىلىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدىغان تۇرسام .سىز بىر تال گۈل تەشتىكى ئۈچۈن ئۇنى قالايمىقان ئەدەپلىسىڭىز بولامدۇ ؟ سىز ئۆزىڭىزنى بۇ ئائىلىنىڭ خوجايىنى دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇ پۈتكۈل گۇرۇھنىڭ نامىنى سىزگە يۆتكەپ بېرىشىمنى خالايسىز شۇنداقمۇ؟.

قۇرباننىڭ بۇ گەپلىرى غوجىدار ئايالنىڭ يۈرىكىنى يەنە ئاغرىتىشقا باشلىدى . ئاشۇ ۋاقىتتا قۇرباننىڭ غوجىدار ئايالنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئۇ ئائىلىدىكى بارلىق خىزمەتكارلار كۆرۈپ تۇراتتى . بۇ ۋاقىتتا خوجىدار ئايالنىڭ يۈزلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ سەل ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك؛

- ئەپەندىم ، سىز نېمىشقا ماڭا بۇنداق گەپ قىلىسىز ؟ مەن پەقەت .……

- پەقەت نېمە ؟ مەن سىزنى بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىپ تۇرۇڭ ! ياردەمچى روزىغا تاپىلاپ سىزگە باشقا يەردە داچا سالدۇرۇپ بەردىم .ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالدۇردۇم .مەن بىر ئۆمۈر سىزنىڭ ھالىڭىزدىن مۇشۇنداق خەۋەر ئالساممۇ مەيلى .لېكىن ،سىزگە نىسبەتەن ئۇ قىلغانلىرىم يېتىپ ئاشاتتى . لېكىن ،سىز ئۆزىڭىز خالىغىنىڭىزچە ئىش قىلىۋاتىسىز ... ئېيتىڭە ؟ كىمنىڭ رۇخسىتىسىز سىز بۇ ئۆيگە كىردىڭىز ؟

خوجىدار ئايال كېكەچلەپ قالغانىدى .

-سىزنىڭ ئاپىڭىز مېنى كەل دىگەچىكە…

- بۇ دېگەن مېنىڭ ئۆيۈم. ئاپامنىڭ ئۆيى ئەمەس. سىزنىڭ ئاپامنىڭ گېپىنى شۇنداق ئاڭلىغۇڭىز بولسا ، نېمىشقا چەتئەلگە چىقىپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىز ؟ قۇربان دەرھاللا خوجىدار ئايالنىڭ گېپىنى ئۇزۋەتتى. خوجىدار ئايال بولسا گەپ قىلالماي ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىكىنىچە قۇربانغا قاراپ تۇراتتى.

-ئەپەندىم ، مەن سىزنى 20يىلدىن ئارتۇق باقتىم . سىز ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز بولامدۇ ؟بىر ئايال ئۈچۈن ؟بىر ياۋايى بالا ئۈچۈن ؟

-بولدى بەس! سىزگە يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي ، ئەرفات بولسا مەن بىلەن رەنانىڭ ئۆز بالىسى 5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدە ئەرفات ھايات قالغان . ئۇنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىغا كەلسەك، مەن سىزگە بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق .لېكىن ،گېپىمنى ياخشى ئاڭلاڭ .ئەرفات مېنىڭ ئوغلۇم .ئۇ مەيلى قانداق ئىشقا يولۇقسۇن ، مەن ئۇنى چۇقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىمەن . ئۇ بىزنىڭ قۇربان گۇرۇھىنىڭ ئىز باسارى .ئەگەر يەنە ئوغلۇمنى بوزەك قىلسىڭىز مەن سىزگە ھېچقانداق يۈز خاتىرە قىلمايمەن .

قۇربان گېپىنى تۈگىتىپلا ئەرفاتنى قۇچاقلىدى- دە ئۈستىگە چىقىپ كەتتى .


داۋامى بار …


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئايبەر ئاۋازى ئەپچىمىز يىللىق تەكشۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ئېچىلمايدۇ ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k