大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 115 - قىسىم تۈگىدى

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 115 - قىسىم تۈگىدى aybarawazi
2024-05-13
2
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98
109
108
107
106
105
104

114
113
112
111
110


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


115 - قىسىم 



 ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسمائىل قۇرباننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى . ئىسمائىل ئۇنىڭغا:

-  ئاداش، مەن بىر ئادەمنى سەمەتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردۇم . بىز كەچتە ھەرىكەتلىنەيلى ھەمدە ئەرفاتنى قۇتقۇزۇپ چىقايلى قانداق؟ 

-سېنىڭ ئىشلەتكەن ئادىمىڭ ئىشەنچىلىكمۇ؟ 

 

-ئىشلەتكەن  ئادىمىڭ ئىشەنچىلىكمۇ ؟ ئۇ سەمەتكە سېتىلىپ كەتمەس ؟

- ياق ئاداش . ئۇنداق بولمايدۇ .  بىز ئاۋۋال سەمەتنىڭ ئەرفاتنى يوشۇرۇپ قويغان ئۆيىدىكى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا ئېرىشەيلى . بىز بۇ ئارقىلىق ئەرفاتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز .

- بولىدۇ ، ئاداش .

- ئەمىسە مەن ئادەم ئورۇنلاشتۇراي ،- دېدى ئىسمائىل ھەمدە ئۇ بىرسىگە تېلېفون قىلدى . ھەمدە ئۇ سىستېمىنى قولغا چۇشۇرۇشنى  تاپىلىدى .

 قۇربان ئاپىسى بىلەن رەناغا تاماق ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسمايىل بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇلار تاماقنى ئېلىپ كىرىش يولىدا ئىسمائىلغا تېلېفون كەلدى. ھەمدە ئىسمائىلنىڭ ئادىمى ئۇ سىستېمىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماقنى كېسەلخانا ئۆيگە يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئىسمائىلنىڭ ھۇجرىسىغا قايتتى. ئىسمائىل كومپيۇتېرسېنى ئېچىپ   ئۇ سىستېمىنى قوزغىتىشقا باشلىدى . ھەمدە ئۆزىنىڭ ئورنى بىلەن سەمەتنىڭ ئورنىنى يوشۇرۇن ئۇلاشقا باشلىدى . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەرفاتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفاتنىڭ سەمەتنىڭ ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بايقىدى .  قۇربان بۇنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى . چۈنكى ،ئۇ ئوغلىنى  بەكمۇ سېغىنغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈشۈشىنى ساقلىدى . ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى . ئىسمائىل بىلەن قۇربان ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مانا سائەت بىرمۇ بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماشىنا ھەيدەپ ، سەمەتنىڭ ئولتۇراق رايونغا باردى . ھەمدە قۇربان بىلەن ئىككىسى بۇرۇن رەنانى قۇتقۇزۇپ چىققان يەر ئاستى يول بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردى . سەمەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپى ئىنتايىن جىمجىت . لېكىن ،ئىچىدە قوغدىغۇچىلار ناھايىتى كۆپ ئىدى . قۇربان بىلەن سەمەت ئاستا مىڭىپ بىر يەر ئاستى ئۆينىڭ چىرىقىنڭ يۇرۇقى بارلىقى بىلدى. ئۇلار شۇ ئۆيدە ئەرفاتنىڭ  بارلىقىنى جەملەشتۇردى. بۇ ۋاقىتتا سەمەتنىڭ ئادەملىرى ئۇخلاپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئاستا ھىلقى ئۆيگە كىردى .ئەتراپ بەكلا جىمجىت تۇسنى ئالغان ئىدى. 

 ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ سۈزۈلگەندە  قۇربان ئەرفاتنى ئېلىپ رەنا ياتقان كېسەلخانا ئۆيدە ئۇنىڭ ئويغىشنى ساقلاپ  تۇراتتى . تاڭ   نۇرى  دەرىزىدىن   رەنانىڭ يۈزىگە چۈشتى . رەنا كۆزىنى ئېچىپ ئەرفاتنىڭ قېشىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ  ھەيران قالدى . 

- ئاپپاق ئوغلۇم .مەن سېنى بەكلا سېغىندىم. مەن داداڭنىڭ سېنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم ،-دىدى ھەمدە ئۇنى باغرىغا باستى.

-  جېنىم ئاپا . مەنمۇ سىزنى بەكلا سېغىندىم . كەچۈرۈڭ ،سىزنى ئەنسىرىتىپ قويدۇم ،- دېدى ئەرفات يىغلاپ تۇرۇپ. 

-يىغلىماڭ! ئاپپاق بالام .سېنى كۆرگىنىمدىن بەك خۇشال بولدۇم .سېنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىڭدىن مەن بەكلا رازى. ئەگەر ،سەن بولمىغان بولساڭ مەن بۇ ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن بولاتتىم،-دىدى. شۇ ئەسنادا قۇرباننىڭ ئاپىسىمۇ كىردى. ھەمدە كىرىپلا ئەرفاتنى باغرىغا باستى. بۇ ۋاقىتتا ،ئەرفات قوينىغا باسقان بۇ ئايالنىڭ مومىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. قۇربان ئاخشام بولغان ئىشلارنى ھەمدە ئەرفاتمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىمنىڭ تۇتىۋالغان ھەممە ئىشلىرىنى بىر قۇر ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى . ئۇلار شۇنداق پاراڭلىشىپ چۈش بولغان ئىدى . قۇربان غۇجىدار ئايالنى كۆرۈپ چىقماقچى بولۇپ ، ئۇنىڭ كېسەلخانا ئۆيگە كىردى. قارىسا غوجىدار ئايال يوق ئىدى . ئۇ روزىغا دەپ غۇجىدار ئايالنى تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇدى . ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق يەپ بىركۈنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزدى . ئەتىسى ئەتىگەندە روزى قۇرباننى ئىزدەپ كەلدى .

-دىرېكتور، سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر گەپ بار،-دىدى جىدىيلىشىپ.

-نىمە، ئىش .قىنى دىگنە!.

-مۇنداق ئىش، خوجىدار ئايال ئەتىگەن سۈرىيە ياتقان دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ ھەمدە دوختۇرغا دەپ ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلماقچى بوپتۇ . دوختۇر ئۇ ئايالنى تەكشۈرۈپ بۆرىكىنىڭ سۈرىيەگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ .ھەمدە  بۇ ئىشنى بەكمۇ مەخپىي تۇتۇشىنى سىزگە، رەناغا، سىزنىڭ ئاپىڭىزغا بىلدۈرمەي مەخپىي قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .  شۇنىڭ بىلەن دوختۇر غوجىدار ئايالنى  ئوپېراتسىيە قىلىپ بۆرىكنى سۈرىيەنىڭكىگە ئالماشتۇرۇپتۇ . تەلەيگە يارىشا بۇ بۆرەك سۈرىيەگە ماس كەپتۇ . ھازىر سۈرىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ئىكەن. ئەگەر ئۇ ھوشىغا كەلسىلا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ،-دىدى. روزى .

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇربان ھەم ھەيران قالدى ھەم خۇشال بولدى . ئۇلار ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي ھەممىسى بىراقلا ئوپېراتسىيەخانىغا باردى . دېگەندەك سۈرىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ياتقان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا دوختۇر يېتىپ كەلگەن ئىدى . قۇرباننىڭ زورلاپ سورىشىدىن دوختۇر ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى .ھەمدە بىر پارچە خەتنى قۇرباننىڭ قولغا تۇتقۇزدى . خەتنى غۇجىدار ئايال يازغان ئىدى .

- جېنىم، ئوغلۇم قۇربان . سىزغۇ مېنى ئۆز ئانام دەپ  كۆرمەيسىز . لېكىن، مەن سىزنى ئۆز ئوغلۇمدەك ئۆز باغرىمنى يېرىپ چۈشكەندەك كۆرىمەن  . مەن سىزگە جىق زىيانلارنى سالدىم .ئايالىڭىزغا ئوغلىڭىزغا، سىلەرنى ئازابقا دۇچار قىلدىم.  بەش يىل ئاۋالقى ئوت ئاپىتىنى مەن پىلانلىغان ئىدىم.  ئىككىڭلارنى يۈز كۆرۈشتۈرمەسلىك ئۈچۈن مەن نۇرغۇن رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشلەتتىم . ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلاردا سەمەتنىڭمۇ خەۋرى بار،  سەمەت رەنا خېنىمنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى . ئۇ بۇ ئىش سەۋەبلىك ، رەنانى ئۆز قوينىغا تارتماقچى بولدى. لېكىن ،رەنا گەرچە سىزدىن 5يىل ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان ، مېھىر- مۇھەببىتى ئۆزگىرىپ قالمىدى . مەن سىزنى ئۆز ئوغلۇمدەك كۆرگەن بولغاچقا، مەن سىزنىڭ رەنا بىلەن بىللە بولۇشىڭىزغا قارشى تۇرغانلىقىم ئۈچۈن سىز ئېرىشمەكچى بولغان ھەر بىر نەرسىلەرنى مەن سىزدىن يىراق قىلغۇزماقچى بولدۇم . لېكىن ئاقىۋەتتە ئېرىشىدىغىم پۇشايمان بولدى . سىز ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭىز كۆيۈندىڭىز. لېكىن، مەن سىزنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشىڭىزدىن چوڭ بىلگىنىڭىزدىن پايدىلىنىپ، سىزگە ئاستىرتتىن رەزىل ئىشلارنى قىلدىم، مېنى كەچۈرۈڭ . مەن ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر ئانا . مەن ئانا بۇلۇشقا مۇناسىپ ئەمەس.  مەن رەنا خېنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئۇنىڭ مېنى بۇ ئۆمرۈمدە بىر قېتىم كەچۈرۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن . سۈرىيەگە مېنىڭ بۆرىكىم ماس كەلگەچكە ، ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدىم. بەلكىم، بۇ قىلغىنىم سىلەرگە قىلغان ئازراق تولۇقلىغىنىم بولۇپ قالسۇن ئاخىرىدا ،سىلەرنىڭ مېنى كەچۈرۋېتىشىڭلارنى مەندەك بىر ئانىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، -دەپ يىزىلغان ئىدى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

  خەتتىكى بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ قۇربان، رەنانىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابلارنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدى . خوجىدار ئايال ئاللىقاچان ئۆلۈپ  جەسەت ساقلاش ئۆيىدە جەسىتى قويۇلغانىدى . لېكىن ، مەيلى نېمىلا بولسۇن ، ئۆز ئەتراپىدا نەچچە يىل بىللە ياشاپ كەلگەن ئىنسانلار .ئەلۋەتتە ، بىر بىرىنى كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى . بۇ ۋاقىتتا كېسەلخانا ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۇپ سۈرىيە چىقىپ كەلدى . سۈرىيەنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەنىدى . دېمەك ، بۇ ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان ئىدى .

 ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتتى . سۈرىيەنىڭ كىسلىمۇ سەللىمازا ساقايغان ئىدى.  ئۇمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. سۇرىيەمۇ  ساقايغىندىن بەكلا خۇشال بولغان ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسمائىل بىلەن خوشلىشىپ قۇربان ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بىللە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى . ئۆيگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ گۇرۇھنىڭ ئىشلىرىنى رەتلەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن  قۇربان ئاپىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رەنا بىلەن يەنە بىر قېتىملىق كاتتا توي مۇراسىمىنى كۈتۈۋالدى . رەنا بىلەن قۇرباننىڭ ھېكايىسى مۇشۇنداق بولدى . 

ھايات ئەگىرى توقايلىققا تولغان. سەمەتمۇ مۇھەببەتتە يېڭىلگەنلىكىگە تەن بېرىپ ئۇلارنى قايتىدىن ئاۋارە قىلمىدى . ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا ۋىجدان ئازاب چەككەنىدى. ئاپپاق توي كۆڭلىكىگە ئورۇنغان  رەنا قاملاشتۇرۇپ كاستۇم- بۇرۇلكا كەيگەن قۇربانىڭ  قولىدىن تۇتۇپ توي سەھنىسىدە مەغرۇر قەدەملەر بىلەن مېڭىۋاتاتتى. ھەممىدىن بەك خۇشال بولغىنى ئۇنىڭ بالىلىرى ئىدى. سۈرىيە، ئەرفات، فۇرقەت شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ  چوقۇرشىپ كەتكەن ئىدى .  بۇ  بىر  بىرنى سۆيگەن، بىر بىرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقان ئىككى ياش يەنە بىر قىتىم ھاياتىنىڭ بەرگەن چەكسىز  سوۋغىتىدىن بەھرىمان بولغان ئىدى. ئەتراپتىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ مۇھەبىتىگە ئاپىرىن ئىيتىشتى ھەمدە چىن قەلبىدىن بەخىت تىلىدى. نۇرغۇن جەبىر جاپالارنى باشتىن كەچۇرگەن قۇربان بىلەن رەنا بەخىتنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلاندى . قۇربان خۇشال بولغىنچە رەنانىڭ پىشانىسىگە سۆيۇپ قۇيۇپ ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا باغرىغا باستى. رەنامۇ ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۇپ قويدى. ئەتراپتىكىلەر چۇرقۇرشۇپ زالنى بىر ئالدى. ھاۋامۇ يا ئىسسىق يا سۇغۇق بولماي بۇ ئىككى ياشنىڭ تويىنى تەبرىكلىدى . قۇشقاچلارمۇ خۇشال بولغىنچە ئۇياندىن -بۇيانغا ئۇچۇپ سايراپ ئاسماننى بىر ئالغان ئىدى. يەنە بىر گۇزەل ھىكايە باشلاندى…

 تۈگىدى . 




 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k