
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 76 |
75 |
74 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
77 - قىسىم
- ئاپا ، مەن سىلەرنىڭ كېلىشىڭلارنى كۈتىمەن .مەن چۇقۇم قەيسەر بولىمەن . دوختۇرخانا باشلىقى چوڭ ئاپام، ماڭا «سىز دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر قىز ،-دەيدۇ »دېدى . رەنانىڭ ياشلىرى چۈشۈپ كېتىپ باراتتى . قادىر بولسا دەرىزە سىرتىدىن رەنانىڭ يىغلاۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى . ئەسلى ئۇ رەنانىڭ قېشىغا بېرىپ ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنىمۇ ئويلىغانىدى .لېكىن، ئۇنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى . قادىر بۇ ۋاقىتتا، رەنانىڭ يالغۇز بولسا ياخىشى بولدىغانلىقىنى ئويلىدى-دە قەھۋەنىڭ پۇلىنى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى. ھەمدە قۇربانغا تېلېفون قىلدى . قۇربان تېلېفوننىڭ قادىرىنىڭ تېلېفونى ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ قاپىقىنى تۈرگىنىچە تېلېفوننى ئالدى .
- ئىشىڭ بارمىدى ؟
سوفىيە خېنىم ،ھازىر دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قەھۋەخانىدا ، سەن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئېلىپ كەتكىن !مېنىڭ ھازىر ئىشىم بار . مەن ئايرىلىشىم كېرەك .مەن ئۇنى كېسەلخانا ئۆيگە ئاپىرىپ قويالمايدىغان بولدۇم .
-قادىر ،سەن ئۇنى ئېلىپ چىققان ئىكەنسەن .ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويساڭ بولمايدۇ . ئۇنىڭ ھازىرىقى ھالىتى قانچە خەتەرلىك بىلەمسەن ئۇ …
-سەن كېلەمسەن ؟كەلمەمسەن؟ مەن كېتىمەن . قادىر قۇرباننىڭ گەپلىرىگە پىسەنت قىلمىغان ئىدى .
ئۇ رەنانىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ بەكلا ئازاپلىنىپ كەتكەن ئىدى. قۇربان قېشىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىغا خوجىدار ئايالنىڭ خەۋىرىنى بىلىش ئۇچۇن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپ. تېز سۈرەتتە قەھۋەخانا تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى . قادىر ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى ۋە ئىشارەت قىلغىنىچە ماشىنا توسۇپ كېتىپ قالدى . قۇربان ماشىنىدىن چۈشۈپلا رەنانى ئىزدەشكە باشلىدى . ھەمدە ئۇ قۇياش نۇرى ئاستىدا بىرسى بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى . رەنانىڭ كۆزلىرى ياش ئىدى .« كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندۇ ؟» بەزىبىر سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئەگىتتى . قۇربانمۇ ئۇنى بېرىپ ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدى .ھەمدە قەھۋەخانا ئالدىدا جىمجىتقىنە ئۇنى ساقلاۋاتاتتى . قادىر قەھۋەخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تېز سۈرەتتە بىر پاراۋانلىق ئورنىغا باردى . ئىشىك باقار قادىرنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا سالام قىلدى .چۈنكى قادىر بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى . ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ئالاھىدە مېھمان كۇتۇش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . كارۋاتتا بىر ئايال ياتاتتى.بۇ ئايال بولسا ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى ئىدى.
-ئاپا ، ماڭا قارىغىنە !مەن قادىر، مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ قادىر .ماڭا قارىغىن بولامدۇ ؟ماڭا بىر ئېغىز گەپ قايتۇرغىن ئاپا !
قادىر كىچىك بالىدەك ئاپىسىنىڭ ئالدىدا كارىۋىتى ئالدىدا يۈكۈنگىنچە يىغلاپ تۇراتتى . ئۇ ئۇزۇن مەزگىل ئۆز ئاپىسىنى كۆرگىلى كەلمىگەن ئىدى. لېكىن ، بۈگۈن رەنانىڭ يىغلىغان ھالىتىنى كۆرۈپ ،ئاپىسىنىڭ ھالىتىگە ئوخشاش بولغاچقا ، ئاپىسىنى ئەسلەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئاپىسىغا قارىغاندا:
مەن ساڭا، بىر سىرنى ئېيتىپ بېرەي . مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار. ئۇنىڭ ئىسمى قادىر .ئۇ ئىنتايىن گەپ ئاڭلايدۇ .ئىنتايىن كېلىشكەن . سەن بىلەمسەن ؟مېنىڭ ئوغلۇم بەكلا ئەقىللىق . ئۇ كىچىك ۋاقتىدا، مېنى دۇنيانى ئايلاندۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى . لېكىن، ئوغلۇم قېشىمدا ئەمەس …
ئاپىسىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، قادىرنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى .
-ئاپا، مەن بار. مەن ئىزچىل قېشىڭدا بار. مەن چوڭ بولدۇم
- مېنىڭ ئوغلۇم يوقاپ كەتكەن .ئۇ ئەمدىلا ئالتە ياشتا ئىدى . بالامنىڭ دادىسى سىرتتا يۈتتۈرۈپ قويغان . ئۇ ئادەم ئەمەس . ئۇ، مېنىڭ ئوغلۇمنى بىللە ئېلىپ چىقىمەن دەپ زىياپەتكە بېرىپ ، باشقا ئاياللار بىلەن ئىش پەش تارتقان. شۇنىڭ بىلەن ، مېنىڭ ئوغلۇم يۈتۈپ كەتكەن .مېنىڭ ئوغلۇم مېنىڭ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر !!!مېنىڭ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر !
قادىرنىڭ ئانىسى ساراڭلاردەك قادىرنىڭ ياقىسىدىن ئېسىلىشقا باشلىدى . راستىنلا ئالتە ياش چېغىدا ، ئۇنى يۇقۇتۇپ قويغان ئىدى. بىراق ئۇنى باشقىلار تۇتقۇن قىلغان. بۇ ۋاقىتتا دادىسى ،باشقا ئاياللار بىلەن شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىت ئىدى . بۇ ئايال دادىسىنىڭ ئاشۇ قىلىپ يۇرگەن سەت ئىشىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى . ئوغلى يۈتۈپ كەتتى. ئېرى بولسا سىرتقا قارىدى .بۇ بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بېسىم ئىدى . بىر ئانىغا نىسبەتەن بۇ خىل ھاڭدىن قۇتۇلۇش ئاسان ئەمەس ئىدى . چۈنكى ،ئۇ ئوغلىنى قۇتقۇزمىسا بولمايتتى . لېكىن ،دادىسى باشقىلارغا ئالدىنىپ قۇرۇق سەنەم بوپ كەتكەن ئىدى . قادىرنىڭ ئاپىسى بۇ ئىشنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ قېشىدا تۇرغان بالسىنىمۇ تونىمايىتتى . بۇ ۋاقىتتا ،دادىسى تىرىشىپ -تىرمىشىپ ئاپىسىنى داۋالىتاتتى . ئىشقىلىپ قادىرمۇ نۇرغۇنلىغان جەۋرى جاپالارنى چەككەن ئىدى . ئۇ شۇنداق بولغاچقا كىچىك ۋاقتىدىلا ، يەنە بىر باي ئائىلە تەرىپىدىن بىقۋىلىنغان ئىدى . شۇنچە تېزلىكتە قادىر ،كىچىكىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ ، ئاپىسىغا تىكىلىپ يۈزلىرىنى سىلىغان ۋاقتىدا يۈرىكى ئېچىشىپ ئاغرىيتى. ئۇ يىغلاپ ۋارقىراپ:
- ئاپا ، مەن قادىر. مەن تېخى ئۆلمىدىم . مەن چوڭ بولدۇم .ئاپا، ماڭا قارىغىن !!!ماڭا قارىغىن. مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ قادىر .
ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇ يەرنى بىرلا ئالغان ئىدى. ھەمدە سىرتتا تۇرغان سېستىرالارنى چۆچىتىۋەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار يۈگۈرۈپ كىردى . راست ، لېكىن. ئاپىسى ھاياجانلانلىنىپ ئايلىنىپ چۇشتى . سېستىرالار ئۇنىڭغا بىر دورا- ئوكۇل ئۇردى. ئاپىسى تېنچلانغاندىن كىيىن ئۇيقۇغا كەتتى . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ . قادىرنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن ئىدى .
-قادىر ئەپەندىم . ئاپىڭىزنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى كەيپىياتى پەقەتلا ياخشى ئەمەس. سىز بۇنداق ئۇنى جىدىيلەشتۇرمەڭ،-دىدى .
قادىر، دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ياقىسىدىن ئالدى ۋە:
-ئارتۇق تەلىپى يوق . كەيپىياتى تىنىچلاندى دەپ قارامسىلە؟ مەن سىلەرگە ھەر يىلى نۇرغۇن پۇل بېرىمەن . سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغىنىڭلار ئۆلۆككە ياكى تىرىككە ئوخشىمىغان بىر ئانا !
قادىر ھاياجانلانغىنچە سۆزلەپ كەتتى .
- قادىر ئەپەندىم . بۇ ،خانىمنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى . دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قادىرنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى .
-بۇ تېخى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىمۇ ؟
توساتتىن، قادىر ئاپىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزگەن ،ھېكايە ئېيتىپ بەرگەن، بېشىنى سىيلاپ ئۇخلاتقان ھالىتىنى ئويلاپ ، يۈرىكى ئېچىشىپ بېشىنى تۇتقانچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قالدى .ھەمدە يېنىدىكى تېلېفوننىڭ سايراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى . قادىر تېلېفوننى ئېلىپلا بېسىۋەتكەن ئىدى . رەنا بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارتۇق ئويلىماي ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا، قۇرباننىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
قۇرباننىڭ روھىي ھالىتى خېلىلا ياخشى ئىدى.
-قۇربان ،سىز نېمگە كەلدىڭىز؟
رەنا بەكلا ھەيران قالغانىدى. ئىككى كۈننىڭ ياقى ئۇ قۇرباننى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . تۇيۇقسىز، قېشىدا قادىرنىڭ يوقلۇقى ھەمدە قۇرباننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى . قۇربان بولسا قولىدىكى تاماكىنى بىر شوراپ تۈگىتىپ يەرگە تاشلىۋەتتى .
- مىنىڭ، بۇيەردە ئىكەنلىكىمنى كۆرۇپ خۇشال بولمىدىڭىزمۇ ؟
-ياق، ئۇنداق ئەمەس. مەن قادىر بىلەن بىللە چىققان ئىدىم.ئۇ گەپ قىلىپمۇ قويماي كىتىپتۇ. شۇڭا ،مەن سەل ھەيران قالدىم . ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام ئالمىدى. نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.
رەنا قۇرباننىڭ قىزغىنۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرغان بولسىمۇ. لىكىن، بۇخىل ھالەتنى ئۇ بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ، قىزى سۈرىيەنى ئويلىسىلا بىر خىل يۇرىكى ئاغىرىغاندەك ھېس قىلاتتى.توساتتىن قۇربان ئىغىز ئاچتى.
-رەنا سىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايلا قاپسىز؟
قۇرباننىڭ بۇنداق دېيىشىدىن رەنا ھەيران قالغىنىچە ، ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى . گەرچە، رەنا پەرۋا قىلمىغان بىلەن. قۇربانغا بولغان مېھرى مۇھەببىتى تاكى ھازىرغىچە لاۋۇلداپ تۇراتتى.ھازىرقى رەنانىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، شۇنچىلىك جەلپكار بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ تۇراتتى. ئۇ داۋاملىق شاڭخەيدىكى سەمەت دىرىكتۇرنى ئويلىسلا شۇنداق بېسىم ھىس قىلاتتى. رەنا ،قۇرباننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمىسىمۇ .لېكىن، ھازىر كۆز ئالدىدا قىزىنىڭ كېسەل ھالىتتى ئەگپلا تۇراتتى.
- مەن قانداقسىگە ئوخشىماي قالمەن. 5يىل بولدى . مەن ئاللىقاچان ئانا بوپ بولدۇم . مەن قاچان قارىسا، كىچىك بالىدەك ئەتراپىڭىزدا چۆرگىلەپ پەرۋانە بولسام بولامتى ؟سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق ئىشىڭىز بار،- دېدى رەنا. كۈلۈپ تۇرۇپ. بىراق ، قۇربان ئۇنىڭ كۈلگەن ھالىتىدىن ئۇنىڭ ھېس قىلغىنى بارغانسېرى يىراقلاپ تۇراتتى .
-مەن، سىزنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش. شۇنداق قىلسىكەن دەپ ئويلايمەن . مەن ئازراقمۇ بىزارلىق ھېس قىلمايمەن،-دېدى قۇربان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي .
بۇرۇن رەنا ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتى . لېكىن ،قۇربان ئېتىبارسىزلىق بىلەن قارىغانىدى . لېكىن ،ھازىرىقى ۋاقىتتىا ،ئۇ رەنا بىلەن قېرىغىچە بىللە بولۇشنى ئويلىغان ئىدى. بىراق ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ھېسسىياتنىڭ سۇسلاپ كىتىپ بارغانلىقىنى بىلىپ ،قۇربان ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى . رەنامۇ بوش كەلمەي:
-سىزمۇ خىلى ئۆزگىرىپسز؟
-ئەمسە ،سىز مىنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى ياقتۇرمامسىز؟ دىگىنچە رەنانىڭ ئالدىغلا چىقىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.
رەنا خىجىل بولغان ھالدا:
-بۇنداق قىلماڭ ! ياش چوڭيىپ قالغاندا بۇنداق قىلساق باشقىلار كۆرسە ياخشى بولمايدۇ!-دىدى رەنا.
ئۇنىڭ يۇزلىرى قىزرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ قۇربان كۈلۈپ كەتتى.
-بىز دىگەن كونا ئەرخوتۇنلاردىن تۇرساق .خىجىل بولشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، -دىدى.
ۋە ئۇنىڭ يۇزىگە سۇيۇشكە باشلىدى. رەنا خۇددى بەدىننى توك تەپكەندەك يۇرەك رىتىمى تىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قولىدا قۇرباننى تۇتۋىلىپ؛
-دەرھال، دوختۇرخانىغا بىرىڭ! ئۆزىڭىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ !قاچانلا قارىسا سىرتقا چىقىۋالدىكەنسىز؟ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىسىڭىز بولمامدۇ ؟
قۇربان، رەنانىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامىراقلىقى كىلىپ قاراپ تۇراتتى.
بۇ ۋاقىتتا ،قۇربان ئالىقاچان رەنا تەرپىدىن مەستىخۇش قىلىنغان ئىدى.ئۇ رەنا نىمە دىسە شۇنى قىلىپ ،كىچىك بالىدەك گىپىنى ئاڭلىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەنا ئۇنى كىچىك بالدەك قۇلىدىن تارتىپ دوختۇرخانىغائاپاردى. ھەمدى كۈلۈپ تۇرۇپ:
-مىنىڭ لاھىيرەم پۇتەي دىدى. مەن بىرىپ ئۆزگەرتمىسەم بولمايدۇ.سىز ياخشى ئارام ئىلىڭ!ئاڭلىدىڭىزمۇ يوق؟
- ماڭا ھەمرا بولشىڭىز كىرەك!- دىدى قۇربان. رەناننىڭ چاپىننىڭ پىشىدىن تارتىپ تۇرۇپ.
-مىنىڭ ،رەسىم سىزشىم سىزنىڭ ئارامىڭىزغا دەخلى قىلىشى مومكىن.
-ياق ئۇنداق بولمايدۇ! سىز، بولمسىڭىز مەن ياخشى ئارام ئالالمايمەن.
قۇربان كىچىك بالىدەك غەلۋە قىلىپ تۇراتتى . ئۇ5يىل ئاۋالقى ئىشلارنى ئويلىدى .
-قۇربان سىزنى بىرسى ئالماشتۇرۇپ قويغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ...
قۇرباننىڭ خىيالنى ئۇ بۇزۋەتكەن ئىدى. بىراق ،قۇربان خىيالىلا:
- پەقەت ئايالىم خۇشال بولسىلا . ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالىساملا ، نېمە ئىش بولسا مەيلى .
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ رەنا ھەيران قالدى .
-بولدى. دەرھال ئارام ئېلىڭ! بولمىسا چىقىپ كېتىمەن. سىزنى تازا ئەدەپلەپ قويمىسام بولماپتۇ . بۈگۈندىن باشلاپ سىز ھېچ يەرگە بارمايسىز! مۇشۇ يەردە جىم تۇرىسىز ! ئۇقتىڭىزمۇ ؟ كېسىلىڭىز ساقايماي تۇرۇپ ئىشىكتىن چىقىشڭىزغا رۇخسەت يوق !
قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي، كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشقا باشلىدى . ياردەمچى روزى ئادەم ئەۋەتىپ تاماق ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى .لېكىن ،ئۇ ۋاقىتتا قۇربان ئويغانمىغان ئىدى .رەنانىڭ قورسىقىمۇ بەك ئېچىپ كەتمىگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن تاماقنى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويدى . بىرئازدىن كېيىن قۇرباننىڭ تېلېفونى سايرىدى . رەنا قۇرباننىڭ ئارام ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تېز سۈرەتتە تېلېفوننى قويۋىتىش ئۈچۈن قولغا ئالدى . غۇجىدار ئايالدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالدى. ھەمدى تىلفۇننى ئىلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى.تىلفۇن ئىككىنجى قىتىم سايرىغان ۋاقىتتا ،رەنا ئىكلەنمەستىنلا تىلفۇننى ئالدى .غۇجىدار ئايال يىغلاپ تۇرۇپ:
-ئەپەندىم… سىز، راستىنلا مىنىڭ ئۇلۇك تىرىكلىكىمگە پىسەنىت قىلمامسز؟ سىز راستنلا مىنى ئۇرۇمچىدىن قوغلاپ چىقارماقچىمۇ؟سوفىيە بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يات ئادەملەر تۇرسا…سىىز نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىز؟
رەنا نىمىش بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ تۇراتتى. بىراق ،ھىچقانداق گەپ قىلماي سۇكۇتتە جىم تۇراتتى. غۇجىدار ئايال قۇرباندىن سادا كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ تىخىمۇ ئازابلىنىپ ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


