大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 95 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 95 - قىسىم aybarawazi
2024-04-23
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 96 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86



94
93
92



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


95 - قىسىم


ئۇ، بۇ قېتىم سەل شەخسىيەتچىلىك قىلغان ئىدى .چۈنكى ،ئەرفات قېشىدا بولمىسا ، ئەگەر ئەرفات ئۆلۈپ كەتسە ، رەنا ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولاتتى دەپ ئويلايتتى . ئەگەر بۇ قېتىم قۇربان بۆرىكىنى سۈرىيەگە تەقدىم قىلىپ ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا سۈرىيەمۇ جېنىدىن ئايرىلاتتى . ئەرفاتمۇ يوق، قىزى سۈرىيەمۇ يوق . رەنا چۇقۇم مېنىڭ قېشىمدا بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدى . ئۇ مۇشۇ خىياللارنى ئويلاپ ئاخىرى تاڭ ئاتقۇچە ساقلاپ تۇردى . سەمەت سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن قۇرباننىڭ يەنە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئاستاغىنا رەنانىڭ قېشىغا كىردى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇربان ھېلىقى ئادەم بىلەن بىللە بىر پورىتقا يېتىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم:

- سولتەك، ئەڭ ياخشىسى مېنى قويىۋەت قېشىڭدىكى بارلىق پۇللارنى چىقار ! بولمىسا قېرىنداشلىرىم ساڭا ياخشى كۈن كۆرسەتمەيدۇ ؟-دېدى .

قۇربان مەنسىتمىگەندەك:

- سېنىڭ ھېلىقى يۇرتدىشىىڭ قېنى ؟-دىدى.

- ئەنە ئاۋۇ قارا كىيىم كەيگەن ئادەم شۇ. لېكىن ،سېنىڭ ئەمدى پۇرسىتىڭ قالمىدى . دېگىنىچە قۇرباننى بىرنى تەپتى .

قۇربان دەرھاللا كەينىگە يىنىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ بېلىكىدىن كەينىگە قايرىپ تۇتتى .

- ھەي ، سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ تېز چىقمامسىلەر ،- دېدى ھېلىقى ئادەم .

بۇ يەر نامرات رايون بولغاچقا ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئىدى. ھەتتا بىرسى ئۆلۈپ كەتسىمۇ ، خىيالىدا يوق يۈرەتتى . شۇنىڭ بىلەن قۇربان قېشىدىن خەنجەرنى ئالدىدە ، ھېلىقى ئادەمنىڭ بوينىغا تەڭلەپ تۇرۇپ :

- مەن ،ئوغلۇمنىڭ خەۋىرىنى بىلىشىم كېرەك ؟

- مەن … مەن .بىلمەيمەن ،-دېدى ھېلىقى ئادەم تىترەپ تۇرۇپ.

- سېنىڭ ،ھېلىقى يۇرتدىشىڭ بىر مۇنچە كىچىك بالىلارنىڭ جەسىتىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى دېگەن ئىدى. قايسى پورتتا؟ ئۇ قانداق ئادەم ؟سەن ئېنىق كۆردۈڭمۇ ؟

ھېلىقى ئادەم قىينالغىنىچە:

- ئاكا ، مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن .مەن پەقەت مۇنداقلا كۆرۈپ سالغان ئىدىم. مەن ھېچكىمگە دەپ باقمىدىم راستلا .

-دەرھال -دە

- ئۇلار ،بىر توپ قارا كىيىم كەيگەن ئادەملەر .ئۇلار بىر بىر توپ كىچىك بالىلارنى تاشلىۋەتكەن ئىدى . مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ھېلىقى كىچىك بالىلارمۇ ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيىۋاپتۇ. پۈتۈن بەدىنى قان ئىكەن قارىماققا، ئالتە يەتتە ياشلاردىكى بالىلار باشقىلار كۆرۈپ قالسا ئايلىنىپ چۈشىدۇ ،-دىدى.

قۇربان غەزەپكە چىدىيالماي ھېلىقى ئادەمنى ئاچچىقىدا بىرنى ئۇردى .

- ساڭا دېدىم ؟سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ قايسى پورت ؟

-ئۈچىنچى پورت ،- دېدى ھېلىقى ئادەم .

قۇربان تېزلىكتە ئۇنى بىر يانغا ئىتتىرىۋەتتى دە ، دەرھال روزىغا تېلېفون قىلدى .

-سەن، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچىنچى پورتتىكى ، بارلىق تاشلىنىپ كەتكەن جەسەتلەرنى تەكشۈرگىن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەرفات بارمۇ يوق؟ -دېدى .

روزى، ئۇنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قالدى دە ، دەرھال شاڭخەي تەرەپتىكى ئادەملىرى بىلەن بىرلىشىپ تېزلىكتە ھېلىقى ئۇچچىنچى پورتقا باردى .

-ئاكا ، بىز گىرىم قىلغان . بىز ھېچنېمىنى بىلمەيمىز. پەقەتلا بىز دېگەن سەرگەردانلار . دىدى ئۇ ئادەم ،

- مەن، سىلەرنى قويىۋەتسەم بولىدۇ .لىكىن دۆلەت ئىچىدە قانداق چوڭ خەۋەرلەر بار ماڭا چۇقۇم ئەسكەرتىپ تۇرىشىڭلار كېرەك. ئەلۋەتتە ، مەن سىلەنى ھەقسىز ئىشلەتمەيمەن .سىلەرگە پۇل بېرىمەن ،-دېدى.

بۇ خەۋەرنى قادىرنىڭ ئاكىسى ۋە قادىر ئاڭلاپ تېزلىكتە روزىغا ياردەملەشتى ھەمدە ئۈچىنچى پورتتىكى ، ئۆلۈپ كەتكەن جەسەتلەرنى بىردىن بىردىن سۈزۈپ چىقىشقا باشلىدى. ساقچىلارمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ تەكشۈرگەنىدى . ئۇلار ساق يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئۇ يەردىكى جەسەتلەرنى تەكشۈرگەن ئىدى .روزى ۋە قادىرنىڭ ھارغىنلىقتىن چىرايىغا مانا مەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى . جەسەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەرفاتنىڭ جەسىتى يوقلىقىنى بىلىپ روزى دەرھال قۇربانغا تېلېفون قىلدى .

-بىز جەسەتلەرنى ئاختۇردۇق ،ئەرفاتنىڭ جەسىتى يوق ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوقكەن دېدى -رۇزى .

-ئۇنداقتا دەرھال بېرىپ ھېلىقى ئادەم بېدىكلىرىنى تەكشۈرگىن ؟- دېدى قۇربان . ئەرفاتنىڭ جەسىتى يوق دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ، قۇربان سەل ئەمىن تاپقانىدى . روزى تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن دەرھال ھېلىقى ئادەملەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى . قادىر ئاكىسىغا قاراپ :

- سېنىڭچە، بۇ ئانا بالا قەيەردىدۇ؟ ئۈرۈمچىگە كەتمىگەندۇ ؟

- بەلكىم، بۇ ئىشلار بۇنداق ئەمەستۇ؟ مەن روزىنىڭ ھازىر ئادەم بېدىكلىرىنىڭ شەخسى ئادەم ساتقان دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقىدىم . بىرەركىم ياكى بىرەر يىپ ئۇچى بولۇپ قالار،- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى.

قادىر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئارتۇق گەپ قىلماي چاپىننىڭ پېشىنى قاققىنچە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى . روزى بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئىشىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى ھەمدە يەنە ئادەم ئەۋەتىپ رەنانىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.ھەمدە دەرھال قۇربانغا ئۇقتۇردى. قۇربان ،دەرھال رەنانىڭ ئاتا ئانىسىغا تېلېفون قىلدى .رەنانىڭ گىنىدا مەسىلە بارلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى . ساقچى تەرەپتىكىلەرمۇ رەنانىڭ گېپىنى تەكشۈرۈپ ، ئاتا ئانىسىنىڭ گېنى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدى دە :

-كەچۈرۈڭلار سىلەرنىڭ رەنا خېنىم بىلەن ھېچقانداق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىڭلار يوق ئىكەن.

- قالايمىقان سۆزلىمەڭ ؟- دېدى رەنانىڭ ئاپىسى . مەن بالامنى 9ئاي قورساق كۆتۈرۈپ يەڭگىگەن تۇرسام ، ئۇ قانداقسىگە مېنىڭ بالام بولماي قالىدۇ .سىز چاقچاق قىلىۋاتامسىز ؟

مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ، رەنانىڭ ئاتا ئانىسى ساقچىخانىغا بارغان ئىدى . قۇربانمۇ خەۋەر تاپقاندىن كىيىن تىزلىكتە ئۈرۈمچىگە قايتىپ قىين ئانسى ۋە قىيىن ئاتىسى بىلەن كۆرۈشتى.

رەنانىڭ گىنىنىڭ ئاتا –ئانىسى بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ خەۋەر تاپقانىدى .

ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ باققۇسى بار ئىدى.

-مەن تەكشۈرۈشنى كېڭەيتىپ گېنى ئوخشايدىغانلارنى ئىزدەپ ، رەناغا ئوخشايدىغان ئادەمنى ئىزدەپ چىقاي.قېنى بىرەر يىپ ئۇچى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس،- دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قۇرباننىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .

مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە رەنا خېنىمنى ئىزدەپ تاپىمەن . ئۇ تەرەپتە ئۇنىڭ خەۋىرى بارمىكەن ؟-دىدى.

قۇربان بېشىنى لىڭشىتتى . قادىر ،قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ، دەرھال ئېغىز ئاچتى دە:

- بىز ،چىقىپ ئىزدەپ كېلەيلى ،-دىدى.

قۇربان بېشىنى لىڭشىتقىنىچە :

- مەن سەل تۇرۇپ يەنە شاڭخەيگە بارىمەن شاڭخەيگە بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىنشىم مۇمكىن ، -دىدى.

- نېمە ئوپېراتسىيە ؟

- ھېچنېمە ، كىچىك ئوپېراتسىيە .ئەنسىرمىسەڭمۇ بولىدۇ ،-دىدى .

قادىرنىڭ ئاكىسى ھەيران بولغىنچە؛

- سەن، رەنا خېنىم بىلەن قانداق تونۇشقان ئىدىڭ ؟ دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

-نېمىشقا بۇنى سورايسەن ؟-دېدى قۇربانمۇ .

قادىرنىڭ ئاكىسى تاماكىنى بىرنى شوراپ تارتىۋەتكەندىن كېيىن . مەن ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ باققۇم بار . بەلكىم، مەن ۋاز كەچسەم توغرىدۇ!

- سېنىڭ ئەسلا پۇرسىتىڭ يوق ،- دېدى قۇربان كەسكىنلا.

قادىرنىڭ ئاكىسى قۇربان بىلەن كىچىك چېغىدىن باشلاپ تونۇشاتتى ھەمدە ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ئىشقىلىپ قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك ئىقتىدارلىق بىلىملىك ، مەنسەپلىك ئادەملەردىن ئىدى . ئۇ بوش ئاۋازدا؛

- مەن چۇقۇم سوفىيە خېنىمنى ئىزدەپ تاپىمەن ،- دېدى .

- رەھمەت ساڭا ،- دېدى قۇربان سەل تەسىرلەنگەچ .

-بوپتۇ .ماڭا ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى دېمىسەڭ مەيلى . ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟ -دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

قۇربان بوش ئاۋازدا:

-ئۇ دېگەن مېنىڭ ئايالىم بەش يىل ئاۋۋال ،مەن ئۇنى خوتۇن قىلىپ ئۆيگە ئەكىرگەن ئىدىم .

- ئۇ دېگەن مېنىڭ ئايالىم، ئالتە يىل بۇرۇن مەن ئۇنى خوتۇن قىلىپ ئەكىرگەن. لېكىن بەش يىل ئاۋۋالقى كۈندە تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتىدە يوقاپ كەتتى . بىراق ئۇ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆز قىزى . لېكىن، نەدىن چاتاق چىقتى بىلمىدىم ئۇلارنىڭ گىنى ئوخشىمايدىكەن ،-دىدى.

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۇ بەكلا ھەيران قالدى .

- دېمەك ، مېنىڭ ئەسلىدىنلا پۇرسىتىم يوق ئىكەن ،- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

-ئەلۋەتتە ،-دىدى قۇربان. بەش يىل بۇرۇن مەن ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم. بەش يىلدىن كېيىنمۇ، مەن ئۇنى يەنە يوقىتىپ قويدۇم. سېنىڭچە مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئازراقمۇ رىشتىە يوقمىدۇ ؟-دىدى قۇربان.

-ئەگەر، راستىنلا رىشتەڭلار بولمىغان بولسا ، سىلەر 5يىلدىن كېيىن يەنە كۆرۈشەلەمتىڭلار؟ ماڭا ئىشەنگىن تەقدىرىڭ بۇنداق بولمايدۇ. بەلكىم ،رەنا خېنىم مەلۇم بىر يەردە ، بىزنىڭ بېرىپ قۇتقۇزۇشىمىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتقاندۇ ؟-دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

- مەن ھازىر پۈتكۈل نىيىتىم بىلەن رەنانى ئىزدەۋاتىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەرفاتمۇ يوقاپ كەتتى. ئۇ ئۆلۈپ كەتتىمۇ ياكى قانداق ئۇنى ئۇقمايمەن . لېكىن ،مەن شاڭخەيدىن ئايرىلسام بولمايدۇ.

- نېمە ئۈچۈن ؟

قۇربان بوش ئاۋازدا:

-بەش يىل بۇرۇن رەنا ماڭا تۇغۇپ بېرىمەن دەپ قوشكېزەككە ھامىلدار بوپتىكەن . لېكىن، مەن ھازىرغىچە بىر قىزىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن .لېكىن، ھازىر مەن قىزىمنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. ئەمما ئۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك قىزىمنىڭ بۆرىكى زەخمىگە ئۇچراپتۇ .مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ دوختۇرخانىدىن بىرەر كۈنمۇ چىقىپ باقماپتۇ .ساق بەش يىل داۋالىنىپتۇ. بەش يىل ئاۋۋالقى ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئۇ ۋە بالىلىرىم ناھايىتى كۆپ ئازابلارنى چېكىپتۇ . لېكىن ، ھازىر رەنامۇ يوق ئەرفاتمۇ يوق . مەن ھازىر قىزىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭلاشقا مەن شاڭخەيگە بېرىشىم كېرەك ،-دىدى .

- ھازىر ئۇ قانداقراق ؟-دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

-ھازىر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەزا تېپىشىمىز زۆرۈر . ئىككى ئەزا ماس كېلىپ قالسا مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولاتتىم . ئۇ دېگەن مېنىڭ قىزىم .رەنا بىلەن ئىككەيلەننىڭ بالىسى. كىچىككىنە ئۈمىد بولسمۇ مەن ھەرگىز باش تارتمايمەن ،- دېدى قۇربان .

- ئەمىسە نېمە لازىم ئىكەن ؟

- بۆرەك،- دېدى قۇربان .

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، قادىرنىڭ ئاكىسى ئاساسلىق بولغان ئىشلارنىڭ جەريانىنى چۈشەندى .ھەمدە قاپىقىنى تۈرگىنىچە:

- بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئوپېراتسىيە ئەمەس ،-دىدى.

- شۇڭلاشقا مەن سەندىن ئۆتۈنەي رەناغا كۆپرەك ۋاقىت چىقارغىن . بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئادەملەرنى ئىشلەتسەڭمۇ مەيلى . مەن خوجىدار ئايالنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى كۆرۈپ بۇ ئۆي ئەسلىدىنلا مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس ئىكەن دەپ ئويلىدىم .

-بۇ سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ ؟ بىرەر نېمىنى تەكشۈرۈپ قالدىڭمۇ قانداق؟- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

قۇربان بېشىنى لىڭشىتقىنچە:

- خوجىدار ئايال بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىۋاتقىلى 20يىلدىن ئاشتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن ئۆيدە بولمىغان ۋاقىتلىرىمدا خوجىدار ئايال ئۆينى باشقۇراتتى . لېكىن، ئۇ ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ . مەن ئۇنى ئاپامدەك ياخشى كۆرىمەن.ئەمما، ئۇ بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ گورۇھ قۇرغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن . ئىشىنىمەنكى ،بۇ ئىشتا ئۇنىڭ چۇقۇم قولى بار، مەن روزىنى ئەرفات بىلەن مۇنىرەنىڭ يوقاپ كېتىشلىرىنى تەكشۈرگىن دېدىم . ئۇ 5يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئىشلار، بىر تۈركۈم قاباھەتلىك ئىشلار ئىدى. ئەسلىدە مەن تېخى، مۇنىرە بىلەن تۇرسۇنگۈلنى ئاستىرىتتىن ئويۇن ئويناۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئەمەس ئىكەن .بىزنىڭ ئائىلىدە ھەقىقەتەن بىر چوڭ قارا قول بار ئىكەن، -دىدى.

- سەن خوجىدار ئايالدىن مۇشۇنداق گۇمان قىلامسەن ؟- دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى .

-شۇنداق . مەن ھازىر قېشىمدىكى قايسى ئادەملەر مېنىڭ ئۆز ئادىمىم مەن بىلەلمەيۋاتىمەن . ھەتتا، مېنىڭ ئۆز ئاپاممۇ قەستەن خوجىدار ئايالنى قوللاۋاتىدۇ . خوجىدار ئايال جاپا چېكىپ مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى .لېكىن مۇشۇنداق بولۇپ قالسا ، مەن بۇ ئۆيدە زادى نېمىگە ھېساب ؟-دېدى قۇربان .

قۇربان سوغۇققىنە كۈلۈپ قويدى . چۈنكى، ئۇ راستىنلا قېشىدىكى ئادەملەردىن قورققانىدى .



داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k