
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 87 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
86 - قىسىم
ئەرفات فۇرقەتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ: -ئاپا ،فۇرقەتكە ھىچنىمە بولماس ؟-دىدى .
ئەرفاتنىڭ فۇرقەتكىمۇ ئىچى ئاغرىغان ئىدى .
ھىچ ئىش يوق .ئۇنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس،-دىدى رەنا .
شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ئۇنى ئىتتىرىپ كىرىپ كەتتى.قۇربان قادىرنىڭ ئاكىسىغا قاراپ «رەھمەت» ئىيىتتى .قادىرنىڭ ئاكىسى قۇربانغا قەرىز ئىدى.شۇڭا، ئۇنىڭ بۇنچىلىك قىلىشى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ئىدى.
قۇربان ئەرفات بىلەن تاماق يىگىلى چىقىپ كەتتى.قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى.كىسەلخانا ئۆيىدە رەنا بىلەن فۇرقەتلا قالغان ئىدى. رەنا كۆزلىرىنى ئۇزمەي فۇرقەتكە قاراپ تۇراتتى.فۇرقەتنڭمۇ چىرايى تاتىرىپ كىچىككنە بولۇپ قالغان ئىدى .بىر بالا كىسەل كارۋىتىدا ياتسا چوڭ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كىتىشى تەبىئى ئىش ئىدى . بۇ ئەھۋالنى كۆروپ رەنانىڭمۇ يۇرىكى بەكلا ئاغرىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارۋاتقا چىقىپ خۇددى ئەرفاتنى قۇچاقلىغاندەك فۇرقەتنى قۇچاقلاپ تەسەللى بىرىشكە باشلىدى.فۇرقەتمۇ ھەقىقى ئانا مىھرىنى ھىس قىلىپ رەنانى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۇنىڭ كۆينىكىنىڭ تۇگمىسىنى تۇتىۋالغان ئىدى.ھەمدە بىردەمدىلا ئۇيقىغا كەتتى.بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئەرفات ۋە قۇربان يىتىپ كەلدى.ئەرفات ئاپىسنىڭ فۇرقەتنى قۇچاقلاپ ياتقانلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقى كەلمىدى.بىرىپلا:
-ئاپا، قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟سزگە، مەن تاماق يىگۇزۇپ قوياي؟-دىدى .
-بولدى ، ئاپپاق ئوغلۇم.فۇرقەت ئويغانغاندا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەي.سەن داداڭ بىلەن قايتىپ تۇرغىن !-دىدى رەنا .
ئەرفات قوشۇلمىدى. چۇنكى ،ئۇ ئەڭ يىقىن دوستىغا ھەمرا بولمىسا بولمايتى.قۇربان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:
-ئۇمۇ قىلىپ سىلەرگە ھەمرا بولسۇن!جاپاچەكتىڭىز.
-ھىچقىسى يوق. بۇ بىچارە بالىنىڭ ئاپىسى قىشىدا يوق.ئۇنىڭ قىيلىنۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم،-دىدى .
بۇگەپنى ئاڭلاپ قۇربان دەرھال مۇنىرەنى ئىسىگە ئالدى.لىكىن، ئۇنىڭ گۇناھى ئىغىر ئىدى .قۇربان ئۇنى قويىۋىتىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
-بۇ يەردە روزى قىپ قالسۇن! قانداق ئىش بولسا ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ! قۇرسىڭىز ئاچسا ۋاقتىدا تاماق يەڭ! ئۇنمىسىڭىز ئۇزەم كىلىپ يىگۇزمەن،-دىدى قۇربان.
–ماقۇل.
فۇرقەت تاتلىق ئۇيقىدا ياتاتتى . قۇربان بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئەرفات بىر ياندا تىلفۇننى چىقىرىپ بىر نىملەرنى ئوينىغىلى تۇردى. رەنا ئۇ سانسىفىرلارنى كۆرۈپمۇ چۇشنەلمەيتى.فۇرقەت رەنانى قويىۋەتمەي ئۇخلاۋاتاتتى. ئەرفات ئاستا ئاپسىنىڭ قىشىغا كىلىپ:
-ئاپا، ئازراق بىرنەرسە يەۋىلىڭ !-دىدى.
-ماقۇل. ئەمسە، سەن ماڭا يىگۇزۇپ قويغىن قانداق؟
-ماقۇل… دىگنچە ،ئاپىسىغا تاماق يىگۇزۇشكە باشلىدى. ئەرفات بىر قۇشۇق بىر قۇشۇقتىن ئاپسىنىڭ ئاغزىغا سالغىلى تۇردى ھەمدە قەغەزدىن بىرنى ئىلىپ ئاپسىنىڭ ئاغزىنى ئىيىتقاچ:
-ئاپا، كۇنلەرنىڭ بىرىدە سىز قىرىپ قالسىڭىز .سىزنى مەن مۇشتاق باقاي قانداق؟
-ماقۇل، بۇلىدۇ. مىنىڭ بۇ جاھاندا بىر تاللا ئوماق ۋاپادار ئوغلۇم بار تۇرسا،- دىدى .شۇنىڭ بىلەن تاماق يىيلىپ بۇلۇنغاندىن كىيىن رەنا:
-ھارغان بولساڭ قىشىمغا چىقىپ ئۇخلىغىن؟بۇ كارۋاتقا ئۇچىمىز پاتقۇدەكمىز ،-دىدى. ئەرفات خۇشال بولغىنچە.
-ماقۇل .ئاپا ،-دىدى ھەمدە تاماق قاچىسىنى ئۇستەل ئۇسىتىگە قويۇپ ئايغىنى سىلىپ ئاپىسنىڭ قىشىغا كىردى . رەنانىڭ ئۇڭ بىلكىدە ئەرفات سول بىلكىدە بولسا فۇرقەت يىتۋاتاتتى. رەنا بوش ئا ۋازدا ئەرفاتقا ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ بەردى. ئەرفاتمۇ بۇنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالدى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن فۇرقەت ئۇيغىنىپ رەناغا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچىلىك خۇمالىق ئىدى.
- ئاچا ،سىز بايا ئىتىقان قانداق ناخشا؟ بەكلا يىقىملىق ئىكەن،- دىدى فۇرقەت بوش ئاۋازدا.
-بۇ، ئەللەي ناخشىسى .نىمە ئاپاڭ، كىچىك ۋاقتىڭدا ساڭا ئىيتىپ بەرمىگەنمۇ؟
- ياق، ئاچا. ئاپام داداڭ قايتىپ كەلسە ساڭا ھەمرا بولىدۇ. بولمىسا ئالدىراش دەپ مىنى خىزمەتكارلارغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ئەگەر، مىنىڭ سىزدەك ئاپام بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە! ئاچا سىز ماڭا ھەمرا بولسىز شۇنداقمۇ؟- دىدى فۇرقەت.
- ماقۇل ،،،ماقۇل.مەن ھەمراھ بولىمەن .خاتىرجەن بولغىن دىدى رەنا فۇرقەتنىڭ بىشنى سىيلىغىچە.
- مەن چىقىپ بىر يۇينىپ كىرەي. ئاڭغىچە سەن ئەرفات بىلەن ئۇخلاپ تۇرغىن بولامدۇ؟ -دىدى .
-ماقۇل،- دىدى فۇرقەت شۇنىڭ رەنا تۇرۇپ كەتتى. فۇرقەت بولسا ئەرفات بىلەن بىللە ئۇخلاپ قالدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن رەنانىڭ تىلفۇنى سايرىدى.
رەنا بالىلارنى چۆچۇتىۋەتمەسلىك ئۇچۇن تىلفۇننى كۆتۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى.رەنا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، فۇرقەت ئەرفاتقا قاراپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇراتتى . ھەمدە بۇ ۋاقىتتا ئاپىسىنىڭ قېشىدا بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەرفاتنىڭ تېلېفونىنى ئالدى- دە ، ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى .ئاپىسىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىغان ئىدى . رەنا سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تېلېفوننى ئالدى . تېلېفوننى قادىر ئۇرغان ئىدى.
-نېمە ئىش بولدى ؟
قادىر ئۇ ئالدىرىغىنىچە :
- رەنا ، سىز مېنى دوستىڭىز قاتارىدا كۆرەمسىز كۆرمەمسىز؟ سىز ياردەمگە موھتاج بولغان ۋاقتىڭىزدا مېنى ئەسلەپمۇ قويماپسىز ؟ سىز مېنى ئۈجمە كۆڭۈل يىگىت دەپ كارىڭىز بولمامدۇ ؟ ئەجەبا ،سىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مىنىڭ سىزگە ياردەم قىلىش سالاھىيىتىم يوقمۇ؟ - دېدى .
-يەنە، نېمە بولدىڭىز؟
-رەنا ماڭا نېمە بوپتۇ ، ماڭا نېمە بولسا بولاتتى؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ، مەن پەقەت ئادەتتىكى ئادەم شۇنداقمۇ ؟
قادىر شۇنداق دېگىنىچە تېلېفوننى قويىۋەتتى . رەنا ھەيرانلا قالدى . رەنا بەكلا ھېرىپ كەتكەن ئىدى .ئۇ قادىرنىڭ گەپ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماستىن ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن كېسەلخانا ئۆيگە قاراپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا فۇرقەت ئەرفاتقا يۆلەنگىنىچە ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى .رەنا ئۇلارغا يوتقاننى يېپىپ قويغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش ئۆيىگە قاراپ كېتىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىيىملىرىنى سېلىپ راسا بىر يۇيۇنىۋالدى دە . چىقىپ سافادا ئولتۇردى . كېسەلخانا ئۆيىدە بىرلاكارۋات بار بولۇپ ، رەنانىڭ بەك ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۇ يەردە ئۇخلىسا ، ئۇ ئىككىيلەننى قىستاپ قويماسلىق ئۈچۈن ، سافادا ئۇخلاپ قالدى . ئەتىسى تاڭ يورۇپ قۇياش نۇرى دەرىزىدىن رەنانىڭ يۈزىگە چۈشتى . رەنا ئويغانغان ئىدى .بۇ ۋاقىتتا ئەرفات ئاللىقاچان تۇرۇپ بولۇپ فۇرقەتنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى .
-ئوغلۇم ،خەيرىلىك سەھەر .
-ئاپا ، خەيرلىك سەھەر .
ئۇلار ئىككەيلەن بىر بىرىگە قاراپ كۇلۇشتى .
-ئوغلۇم ، سىڭلىڭنى سېغىندىڭمۇ ؟
- سېغىنىدىم ئاپا ، بىز قاچان قايتىپ سىڭلىمىنى كۆرىمىز ؟ -دېدى . رەنا ئەرفاتنىڭ بېشىنى سىيلىغىنىچە .
-ئاز قالدى ئوغلۇم . فۇرقەتنىڭ ئوپېراتسىيىسى تۈگىسىلا بىز قايتىپ كېتىمىز .ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلەيلى بولامدۇ؟
- ماقۇل ، ئاپا .
- سۈرىيە دېگەن كىمۇ ؟ - دېدى. فۇرقەت چالا ئويغىنىپ .
-سۈرىيە مېنىڭ سىڭلىم . ئۆز سىڭلىم. مېنىڭ سىڭلىم بەكلا چىرايلىق. سېنىڭ بوزەك قىلىشىڭغا ، ھەرگىز يول قويمايمەن ،- دېدى
-ئۇنداق قىلمايمەن. ئۇ بەكلا چىرايلىقمۇ؟ مەلىكىلەرگە ئوخشامدۇ ؟
-ئوخشايدۇ. سىڭلىم ،ئەزەلدىنلا بىر مەلىكە ساڭا ئېيتىپ قوياي . بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مەخپىيەتلىك ، ھەرگىز قۇربان دېرىكتورغا ئېيتىشىڭغا بولمايدۇ .
- نېمە ئۈچۈن ؟ -دېدى فۇرقەت .
- ساڭا دېمە دېگەندىن كېيىن دېمىسەڭلا بولمامدۇ ؟ نىمىشقا دەپ سوراۋېرىدىكەنسەن . ئەگەر ،ئاپاممۇ ماڭا بىر سىڭىل تۇغۇپ بەرگەن بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينار ئىدىم ،-دىدى.
ئەرفات سەل تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن :
- مېنىڭ سىڭلىم ،سېنىڭ سىڭلىڭ ئەمەسمۇ؟ پەرقى بارمۇ؟ مەن ئېيتىپ قوياي . مېنىڭ سىڭلىمغا باشقا نىيەتتە بولۇپ قالساڭ! مەن سېنى ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيمەن. ئۇنى ئۆز سىڭلىڭدەك كۆرۈشۈڭ كېرەك . سەن خالامسەن ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-قارا سېنىڭ بۇ ھالىتىڭنى ساڭا ئېيتىپ قوياي . سىڭلىمنى قورقىتىۋەتمىگىن !
- ياق ،،، ياق ،- دېدى فۇرقەت .
شۇنىڭ بىلەن رەنا سۈرىيەگە تېلېفون ئۇردى. سۈرەتلىك تېلېفون ئېلىنغاندىن كېيىن، كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ، سۈرىيە ئاكىسىنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى .
- ئاكا …
-سىڭلىم ،قانداق ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ ؟ ئۇنىڭ چىرايى بەكلا سۇلغۇن ئىدى ، ئەرفات ئۇنى كۆرۈپ ، بەكلا ئىچى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى . بىراق سۈرىيە كۈلگىنىچە :
- ئاكا ، ياخشى بولۇپ كەتتىم . مەن ھازىر كارۋاتتىن چۈشۈپ ئوينىيالايمەن .مەندىن ئەنسىرمىگىن…
- ۋاھ، مېنىڭ گۈزەل سىڭلىم .
-مېنىڭ ئىسمىم فۇرقەت . سىزنىڭ يەنە بىر ئاكىڭىز ،-دېدى فۇرقەت تېلېفوننى تالىشىپ سۈرىيە بىلەن پاراڭلاشتى . سۈرىيە ھەيران قالغىنىچە :
- فۇرقەت ئاكا، ياخشىمۇ سىز !
- ياخشى ، ياخشى . سۈرىيە سىڭلىم سىز بەك چىرايلىق ئىكەنسىز .خۇددى قونچاققا ئوخشايدىكەنسىز .سىزنىڭ تېرىڭىز چۇقۇم بەك يۇمشاق بولغىيدى،- دېدى فۇرقەت كۈلگىنچە . ئەرفات ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى دە :
- فۇرقەت ،شۆلگەيلىرىڭنى يىغىشتۇرۋال ؟
- نەدە شۆلگىيىم بار ؟- دېدى فۇرقەت ئاغزىنى ئېيتقىنچە .
سۈرىيە بۇ ئىككىيلەننىڭ چاقچاق قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى . رەنامۇ قىزىنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، كۆڭلى بەكلا خاتىرجەم بولغان ئىدى .
- فۇرقەت ئاكا ، سىز قاچان ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئوينايسىز ؟
بارىمەن ئوپېراتسىيە قىلنىپ بولغاندىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ بارىمەن .ئەرفات بىلەن بىللە بېرىپ سىز بىلەن بىللە ئوينايلى بولامدۇ ؟
-راستمۇ؟ ئۇنداقتا،گېپىمىز گەپ .بىز قول بىغشايلى!
-ماقۇل . فۇرقەت شۇنداق دېگىنچە كىچىك قولىنى ئېكرانغا كۆرسەتكۈزدى . ئەرفات:
- سۈرىيە . فۇرقەتنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، مەن ئاپام بىلەن سېنى ئالغىلى بارىمەن . ھەمدە سېنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىمىز . ساڭا ئېيتىپ قوياي. بۇ يەردە نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەر بار. بىللە يەيمىز ،-دېدى .
-يەنە نۇرغۇن ئوينايدىغان يەرلەر بار .ئاڭلىشىمچە، بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بەكلا جىق ئىكەن. سەن قايتىپ كەلگەندە ، بىز ئۈچىمىز ياخشى ئوينايلى. مەن ساڭا كەمپۈت ئېلىپ بېرەي ،- دېدى فۇرقەت
–ئەمىسە، گېپىڭلاردا تۇرۇڭلار ؟فۇرقەت ئاكا ، سىزنىڭ قاچانلىققا ئوپېراتسىيە ۋاقتىڭىز تۈگەيدۇ؟ سىز قورقامسىز ؟
- ئەلۋەتتە ،قورقىمەن . شۇنچە چوڭ ئوپېراتسىيە قىلىدىغان تۇرسا .ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن بىرلا ئادەم قورقمامدىم ،- دېدى فۇرقەت .
سۈرىيە كۈلگىنىچە:
- فۇرقەت ئاكا ، قورقماڭ ، ئوپېراتسىيە قىلغاندا كۆزىڭىزنى چىڭ يۇمىۋېلىڭ . مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئوپېراتسىيەخانىغا كىرىپ كۆنۈپ كەتتىم . لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن سىرتتا نۇرغۇن ئادەملەر سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشۈش ئۈچۈن سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . مەن داۋاملىق ئوپېراتسىيەگە چۈشكەن ۋاقتىمدا مۇشۇلارنى ئويلىسام بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەيتتىم ،- دېدى سۈرىيە .
رەنا، قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاغزىنى تۇتقىنىچە ، سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئەرفاتمۇ بەكلا بىئارام بولغان ئىدى . فۇرقەت بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :
ماقۇل ، سۈرىيە سىڭلىم .سىز مەندەك بار ئىكەنسىز. مەن سىزدىن ئۆگەنسەم بولغۇدەك .مەن ئوپېراتسىيە قىلىنپ بولغاندىن كېيىن سىزگە تېلېفون قىلىمەن .
-ئەمىسە گېپىڭىزدە تۇرۇڭ!
-چاتاق يوق .
بىردەمنىڭ ئارىلىقىدا ئۈچ بالا ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مېھرى شەكىللەنگەن ئىدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



