
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 90 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 88 |
87 |
86 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
89 - قىسىم
رەنا گېپىمنى دېيەلمەي تۇرشىغا بۇ ئادەم ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . ھەمدە ئۇنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋەتتى
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم رەنانى مۈرىسىگە ئېلىپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئېنىق يېرى شۇكى ، بۇ ئادەمگە نىسبەتەن قۇرباننىڭ ئاىلە ئەھۋالى ئىنتايىن ئايان ئىدى .بۇ ۋاقىتتا ،رەنا ئويغىنىپ قارىسا ، ئۆزىنى بىر كىمە ئۈستىدە كۆردى . كىمىدە نۇرغۇن ئادەملەر تۇراتتى. نۇرغۇن پۇراقلار چىقىپ تۇراتتى. رەنا گەپ قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لېكىن، گېلى بەك ئاغرىپ كەتكەن بولغاچقا ، بىر ئىغىز گەپمۇ چىقىرالمىدى . ئۇ ئۆزىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋەتكەن ، ئۇ ئادەمنى ئەسلىدى. ئۇ خۇددى تونۇشتەكلا. بۇ ئادەم دەل خوجىدار ئايال ئىدى . ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرىشىغا بىرسى ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى:
- بىر تەرەپكە ئۆت ! كىمىدە ئادەم بەك جىق .ئۆلمەي دېسەڭ ، يۇۋاشراق بول !- دېدى . يان تەرەپتە ئولتۇرغان بىر يۈزنى قارا رەختكە ئورىۋالغان بىر ئايالدىن، رەنا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ كىيىمگە ئېلىپ چىقلغانلىقنى ھەمدە نەگە بارماقچى ئىكەنلىكىنى سورىماقچى بولدى يۇ .لېكىن، گېلى بەكلا ئاغرىپ كېتىپ ، ھېچنېمە دېيەلمەي قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختىماستىن مىدىرلاشقا باشلىدى . لېكىن يېنىدىكى ھېلىقى ئايال ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالدى .
- ساڭا ،ئېيتىپ قوياي !مىدىرلىما! بۇ دېگەن بىزنىڭ شەخسى كىمىمىز. بىز دېگەن ئادەم بېدىكلىرى .ئەگەر، ھەر قانداق يول بىلەن قېچىشنى ئويلىساڭ ، مەن سېنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىمەن .بۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتسەم ، سەن كىتلارغا يەم بولۇپ كېتىسەن. مەن بىلىمەن . سېنى چەتئەلگە سېتىۋېتىشنى خالىمايسەن .بىراق ،،، بىراق . قاچالمايسەن . ئەڭ ياخشىسى ھايات قالىمەن دېسەڭ گېپىمنى ئاڭلاپ يۇۋاشراق بول .
رەنا ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ يۈتتۈرۋەتكەنلىكىنى ئاز دەپ ، ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك چوڭ بىر بالاغا قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى . ھەمدە بۇ قىشىدىكى بۇ ئايالنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماستىن قېچىشقا ئۇرۇندى .لېكىن ،بىر توپ ئادەملەر تەرىپىدىن تۇتۋىلىندى. ھەمدە بىرسى ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتقىنىچە:
-سەن ،تېخى قېچىشقا ئۇرۇندۇڭمۇ؟ ساڭا ئېيتىپ قوياي مەن سېنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋالدىم. مەن سىنى سېتىۋالغان پۇلۇمنى تاپماستىن بۇرۇن سەن قاچىمەن دەپ ئويلىما! ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۇشىڭگە رۇخسەت يوق دېدى .
رەنا يەنە گەپ قىلاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن، ئۇ ھېچقانداق گەپ قىلالمىدى . ھېلىقى ئادەم سوغۇق ، كۈلگىنىچە:
- ئەسلىدە ،سەن بىر گاچا ئىكەنسەنغۇ؟ ناھايىتى ياخشى .سەن بىرەر ئىشىمۇ چىقىرالمايدىكەنسەن ساڭا ئېيتىپ قوياي ، يۇۋاشراق بول! بىز قىرغاققا يېتىپ كېلەي دېدۇق ، شۇڭلاشقا ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك. ئەگەر گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ بۇ كيىمدە نۇرغۇن ئەر كىشىلەر بار. ساڭا ياخشىراق تەربىيە قىلىپ قويىدۇ چۈشەندىڭمۇ ؟
رەنا بۇ ۋاقىتتا، قۇرباننى ئەسلىدى . لېكىن بۇ ۋاقىتتا قۇربان سافادا بېشى ئاغرىغانچە يىتىپ ئۇخلاپ ئەمدى قوپقان ئىدى .
- ماڭا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بېرىڭچۇ ؟-دېدى قۇربان خوجىدار ئايالغا .
بۇ ۋاقىتتا، خوجىدار ئايالنىڭ سىياقىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بېشنى مەھكەم تۇتقىنچە ، رەنا دەپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى .لېكىن ،رەنانى كۆرمىدى . ئوخشاش مۇھىت ئوخشاش ۋاستە ئۇ يەنە بىر قېتىم ئايالىنى يوقىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقىدا بىر مۇش بىلەن تامغا ئۇردى .
-ئەبلەخ...
ئۇ بۇ ۋاقىتتا، بۇ ئىشنىڭ خوجىدار ئايال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ھەمدە ئۇ ئەتراپتىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى توۋلاشقا باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزىمۇ چالا -پۇلا ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى .
-دىرېكتور نېمە ئىش بولدى ؟
-خوجىدار ئايال ،رەنانى باغلاپ ئېلىپ كېتىپتۇ .بىز ھەممەيلەننى ھوشسىزلاندۇرۇپ قويۇپتۇ .
ياردەمچى روزى ھەيران قالدى .
-راستىنلا شۇنداق ئىش بارمۇ ؟ئەرفات بىلەن فۇرقەتنىڭ يوقاپ كېتىش ئىشىنىمۇ خوجىدار ئايال قىلغانمىدۇ ؟ بۇ ئايال ئاللىقاچان رەنا خېنىمنى قوبۇل قىلغان تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ شۇنداق قىلىدۇ ؟
-ئۇ پەقەت بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى باستۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان بىز بەكلا بىخۇدلۇق قىپتۇق،- دېدى قۇربان قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە .
ئائىلىدىكى بارچە خىزمەتچىلەر سەپ بولۇپ تىزىلغان ئىدى .
- ئەمدى قانداق قىلىمىز دېرىكتۇر ؟ -دېدى ياردەمچى روزى.
پۇتكۇل ئادەملەرگە بۇيرۇق قىلىڭلار! پۇتۇن كۇچۇڭلار بىلەن غۇجىدار ئايالنى تىپىڭلار! دىدى قۇربان ۋارقىرغىنچە.
چۇنكى ،ھەممە ئىشلار شۇنداق ئەتراپلىق پىلانلانغان ئىدى. مۇنىرەنىڭ قىچىپ كىتىشى، سەمىرەنىڭ قىچىپ كىتىشى، ئەرفاتنىڭ يوقاپ كىتىشى ھەمىسىنى بۇ ئايال قىلدى دەپ پەرەز قىلىشقا باشلىدى قۇربان.
قادىر ۋە قادىرنىڭ ئاكىسىمۇ تىز سۇرەتتە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ. تېزلىكتە قۇرباننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى . قۇربانمۇ خوجىدار ئايالنىڭ ئىشىنى يوشۇرماي ، ئۇلارغا ھەممىنى دېدى . قادىرنىڭ ئاكىسى ئارتۇق گەپ قىلماي ئادەم ئەۋەتىپ ئىزدەشكە باشلىدى .لېكىن ،قادىر بېرىپلا قۇرباننىڭ ياقىسىدىن تۇتقىنىچە:
-ئەگەر رەناغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، مەن سېنى ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيمەن
-قادىر ئۇنىڭغا راستىنلا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۇمنى كەچۈرمەيمەن ،- دېدى قۇربان .
قادىر ئۇنى قويۇۋەتتى . ھەمدە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى .ھەممە ئادەملەر ساراڭلارچە ، غوجىدار ئايالنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى .
بۇ ۋاقىتتا، ئەرفات بىلەن فۇرقەت بىر كىچىك ئۆيگە سولانغانىدى. فۇرقەت بولسا يىغلىغىنىچە :
- ئاكا ، سەن ئۆلسەڭ بولمايدۇ ! سەن ئۆلسەڭ ، مەن قانداق قىلىمەن ؟- دېدى.
- ئاغزىڭنى يۇم ، دېدى ئەرفات . ئەرفات بەدەنلىرىنى لىڭشىتىپ ، ئەرفات دورىنىڭ ئەكس تەسىرى يوقالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، مىدىرلاشقا باشلىدى . لېكىن ،ئۇنىڭ چىرايى بەكلا سارغىيىپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى ،كىچىككىنە بالىدىن نۇرغۇنلىغان قان چىقىپ كەتكەن ئىدى. فۇرقەت ئۇنىڭ قان خالتسىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتقىنىچە :
- ئاكا ، ئۇسسىدىڭمۇ ؟ مەن ساڭا سۇ قۇيۇپ ئەكىلىپ بېرەي ؟-دېدى فۇرقەت يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .ھەمدە بىر ئىستاكان سۇنى ئەرفاتقا تەڭلىدى . ئەرفاتنىڭ قورسىقى بەكلا ئاچقان ئىدى. ئۇ سۇنى تىنمايلا ئىچىۋەتتى .
-ئاكا ، قورسىقىڭ ئاچتىمۇ ؟مېنىڭ قېشىمدا ئازراق يەيدىغان نەرسە بار ؟- دېدى فۇرقەت .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن بىر مۇنچە يەيدىغان ئۇششاق چۈششەك يېمەكلىكنى ئەرفاتقا ئۇزاتتى. ئەرفات قولغا ئېلىپ يېرىمىنى فۇرقەتكە ئۇزاتتى . ئۇ
-سەنمۇ يېگىن!- دېدى .
- مەن يېمەيمەن .سەندىن بەكلا كۆپ قان چىقىپ كەتتى .بەدىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتتى. مەن شۇنداق سېمىز تۇرسام ھېچنېمە بولمايدۇ .يەنە كېلىپ ئاپام ماڭا يەيدىغان نەرسە قىلىپ بېرىدۇ . فۇرقەت شۇنداق دەپلا ئاغزىنى تۇتۇۋالدى
- . ئاكا ، كەچۈرگىن - دېدى فۇرقەت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى . ئەرفات فۇرقەتنىڭ نېمە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن:
- بۇ ئىش سەن بىلەن ئالاقىسى يوق .كەچۈرۈم سورىمىساڭمۇ بولىدۇ . مەن قورسىقىم تويسا كۈچ قۇۋۋەتكە تولىمەن ، يۈگۈرەلەيمەن . مەن بۇ يەردىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ، سەن قۇربان تاغامغا تېلېفون قىلغىن ، ئۇ كېلىپ مېنى قۇتقۇزسۇن . مۇشۇنداق قىلساڭ ، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولىسەن ،-دېدى . ئەرفاتنىڭ گەپلىرى فۇرقەتنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى
-مەن قىلالارمەنمۇ؟
- ئەلۋەتتە قىلالايسەن .سەن دېگەن ئۇنىڭ ئوغلى .ئاپاڭ نېمىلا بولمىسۇن سىنى ھېچنېمە قىلمايدۇ . سەن مېنىڭ قېچشىمغا بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگىن . مەن قېچىپ ئۆزۈمنى قۇتقۇزۋالاي ،- دېدى ئەرفات .
-ئاپام نېمىشقا بۇنداق ئەسكىدۇ ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ساڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ؟ رەنا ...رەنا ئاپام ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ . مېنىڭ ئاپام ،نېمىشقا سېنىڭ ئاپاڭدەك ياخشى ئەمەستۇ ؟-دىدى.
- ھەممە ئادەم ئاقكۆڭۇل بولىۋەرمەيدۇ . كۈلدى ئەرفات كۆزىگە ياش ئالغىنىچە .
-مەن، راستىنلا ئاپامنى بەكلا سېغىندىم،-. دېدى ئەرفات .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە فۇرقەتنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى . بۇ ۋاقىتتا فۇرقەتمۇ يىغلاپ كەتتى .
-مەن ھاممامنى بەكلا سېغىندىم .مەن بۇ ئاپامنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىم . بۇ ئاپاش بەكلا ئەسكى ئىكەن،-دىدى غەلۋە قىلىپ.
- بولدى .غەلۋە قىلما !ھە يىغلىما !سەن دېگەن بىر ئەركەك. كۈندە يىغلاپ يۈرسەڭ ئۆزۈڭگەئوخشىماي قالىدىكەنسەن. سەن دېگەن قۇرباننىڭ ئوغلى .قۇربان ئائىلىسىنىڭ بىردىنبىر ئوغلى . شۇڭلاشقا، سەندىن قان چىقسا چىقىدۇكى ، ھەرگىزمۇ ياش چىقماسلىقى كېرەك دىدى.
- ئاكا سېنىڭ بىلىكىڭ ئاغرىدىمۇ سەندىن بەك كۆپ قان چىقىپ كەتتى .چۇقۇم بەك ئاغرىدى .شۇنداقمۇ ؟سەن ساقلاپ تۇرغىن، مەن سېنى چۇقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىمەن ،- دېدى فۇرقەت
-مەن ساڭا ئىشىنىمەن . سەن مېنى قۇتقۇزۇپ چىقساڭلا ، بىز چۇقۇم ياخشى قېرىنداش بولۇپ ئۆتىمىز . فۇرقەت، ئەمەلىيەتتە سەن مەندىن چوڭ . مەن سەندىن نەچچە ئايلىق كىچىك .شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن مېنى ئاكا دېسەڭ زىيان تارتقان بولمامسەن ؟
- ھېچنېمە بولمايدۇ .پەقەت سەنلا خۇشال بولساڭ . مەن نېمە دەپ چاقىرسام مەيلى ،- دېدى فۇرقەت. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەرفات:
- فۇرقەت ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار .
قېنى ئېيتە
- ماڭا ،بىر ئىشقا ماقۇل بولغىن؟
نېمە ئىشقا دەيسەن ؟
-ئەگەر ،مەن بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمىسەم سەن ئاپامغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلغىن .ئۇنى ئۆز ئاپاڭدەك كۆرگۇن! ھەم مېنىڭ سىڭلىممۇ بار ، ئۇ سىڭلىمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. دوختۇر ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل ياشىيالمايدۇ دېگەن ئىدى .لېكىن ئۇ شۇنچىلىك يۇۋاش ، شۇنچىلىك چىرايلىق . ھەتتا ئۇ بۇ ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ دوختۇرخانىدىن سىرتقا چىقىپ سىرتقى مەنزىرىنى كۆرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن .ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، سەن مېنىڭ ئورنۇمدا ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ قويغىن !ئۇنى ئۆز سىڭلىڭدەك ئاسرىغىن بولامدۇ ؟ -دېدى ئەرفات .
فۇرقەت، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدى .
- قالايمىقان گەپ قىلما ! مەن سېنىڭ ئۆلۈشىڭگە ھەرگىز يول قويمايمەن !سەن چۇقۇم ياخشى ياشىشىڭ كىرەك! ئاكا ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ؟ دېگىنىچە ئەرفاتنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلىدى .
مۇنىرە ئوغلىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، دەرھال يېتىپ كەلدى ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



