
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 91 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 89 |
88 |
87 |
86 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
90 - قىسىم
فۇرقەت ئاپىسىنى كۆرۈپ؛
- ئاپا ، سەن بەكلا ئەسكى ئايال ئىكەنسەن ، مەن سەندىن بىزار . سەن كەتكىن ؟-دېدى . مۇنىرە ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنى بىرنى ئىتتىرىۋېتەتتى ۋە يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. ھەمدە بېرىپلا ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتتى دە؛
- مەن دېگەن سېنىڭ ئاپاڭ !سەن ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا جۈرەت قىلدىڭمۇ؟ سەن كىچىك سولتەككە كىم ئۈگەتتى ؟فۇرقەت سەن دېگەن قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئىز باسارى ، سەن نېمىشقا بۇنداق ياۋايى يېتىم مەخلۇق بىلەن بىللە ئوينايسەن ؟ ئۇ ھازىر ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغاچقا ،سەن مەندەك ئاپاڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭ شۇنداقمۇ؟ ئۇنتۇپ قالما مەن سېنى 9ئاي ، 9كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ،-دىدى.
-تۇفى…
فۇرقەت شۇنداق دېگىنىچە مۇنىرەنىڭ يۈزىگە بىرنى تۇكۇردى.
- سەن، مېنىڭ ئاپام ئەمەس . سەن دېگەن ياۋايى مەخلۇق .سەن دىگەن ئەسكى ئايال . سەن مېنى ئازدۇراي دەۋاتامسەن؟ مېنىڭ ئاپام ئۇنداق ئەسكى ئەمەس... مېنىڭ ئاپام ئەسكى ئەمەس . مېنى قويۇۋەت !- دېدى فۇرقەت .
–سولتەك. سەن نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسەن ؟ سەن داداڭغا ئامراق ماڭا ئۆچ ؟ ئۇنىڭ نەرى ياخشى ئىكەن ؟ ھازىر ئەرفات ھايات . ئۇ قايتىپ كەلدى . ئۇ سېنىڭ ئورنۇڭغا دەسسەيمەن دەۋاتىدۇ .لېكىن، سەن ھېچنېمە قىلماي تۇرىۋاتىسەن ؟-دېدى مۇنىرە.
- مېنىڭ كارىم يوق. ئاكامنى ياخشى كۆرىمەن .مەن ئورنۇمنى ئاكامغا بېرىشقا رازى ،- دېدى فۇرقەت يىغلىغىنىچە .
مۇنىرەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئۇنى كاچاتلاپ ئۇرۇشقا باشلىدى .
-بولدى .ئۇنى ئۇرماڭ
ئەرفات كۈچەپ بېرىپ مۇنىرەنى سوقۇۋەتتى . مۇنىرە فۇرقەتنى قويۇۋەتتى . ھەمدە بىر تەرەپكە سەنتۇرلۇپ يىقىلىپ چۈشتى . فۇرقەت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاپىسىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى .ھەمدە «قاچقىن »!-دېدى .
بۇ ۋاقىتتا ،ئەرفات فۇرقەتنىڭ تاياق يېيىشىگە چىدىماي بېرىپ ، مۇنىرەنى مەھكەم تۇتۇۋالدى ھەمدە:
-فۇرقەت تېز قاچقىن !بېرىپ قۇرباننى ئىزدە! تېز بول!- دېدى .
مۇنىرە ئەرفاتنى مۇشتلاپ تۇراتتى . لېكىن، ئەرفات ئۇنى قويۇۋەتمىگەن ئىدى .
- ھۇ ،يېتىم ئوغلاق مېنى قويىۋەت . فۇرقەت مەن سېنىڭ ئاپاڭ. مەندىن ئايرىلساڭ بولمايدۇ ؟- دېدى .
فۇرقەت بەكلا ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى .
- ئەگەر ماڭا ئۆچ بولمىسۇن دېسەڭ ؟ تېزرەك كەت !-دېدى ئەرفات.
فۇرقەت يىغلىغىنىچە سىرتقا قاراپ يۇگۇرۇپ كەتتى.
-فۇرقەت قايتىپ كەل ! ۋۇ ئەبلەخ. مەن دېگەن سېنىڭ ئاپاڭ. مەن سېنى تۇغقان . سەن ھازىر مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىمنى بىلىۋاتامسەن قايتىپ كەل ؟-دېدى مۇنىرە ساراڭلارچە ۋاقىراپ .
بۇ ۋاقىتتا ،مۇنىرە بار كۈچى بىلەن ئەرفاتنى بىر تېپىۋېدى ئەرفات تامغا ئۇسۇپ يىقىلىپ قالدى . مۇنىرە يەردە ياتقان ئەرفاتقا قاراپ:
- خەپ ، توختاپ تۇر. فۇرقەتنى تېپىپ كەلگەندىن كېيىن سېنى قانداق يىغىشتۇرىمەنكىن،- دىدى ھەمدە سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى . ئەرفاتتىن كۆپ قان چىقىپ كەتكەچكە ،ئۇ تامغا ئۇسكەن جايدىىلا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
فۇرقەت بولسا ئارام ئالماي ، يۈگرەپ چىقىپ كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ كاللىسىدا بولسا ، تېزلىكتە دادىسىنى تېپىپ ئاكىسى ئەرفاتنى قۇتقۇزۇشتا ئىدى . ئۇ كەينىدە كېلىۋاتقان بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ، دەرھاللا ئەخلەت چېلىكىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى . ئۇ ئاپىسىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ھەم ئاغزىنى مەھكەم تۇتقىنچە ئاۋاز چىقارماي جىم تۇراتتى .شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ، ئۇنىڭ كۆزىگە مۇنىرە ئەسكىلەردەك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇنىرە ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئادەملەر تېزلىكتە باشقا جايغا قاراپ يۈگرەپ كېتىپ قالدى. فۇرقەت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىشقا باشلىدى .ئۇ ئەتراپنى بىلەلمەيتتى .
ئۇ ھەر بىر قېتىم،ئەرفاتنىڭ دېگەن گەپلىرنى ئويلىغان ۋاقتىدا دادىسىغا تېلېفون قىلىشنى ئويلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يان تەرەپتىكى تاللا بازىرىغا كىردى ۋە يىغلىغىنچە خوجايىندىن تېلېفون سوراپ ئۆيگە تېلېفون قىلدى . ئۇلارمۇ تىزلىكتە ساقچىلارغا خەۋەر قىلغان ئىدى .ساقچىلار تېز سۈرەتتە سودا سارايغا يېتىپ كەلدى . فۇرقەتنىڭ ، ساقچىنى كۆرۈپ كۆڭلى سەل تىنچلاندى- دە:
- فۇرقەت بەگزادە سىزگە نېمە بولدى ؟ -دېدى . -مەن ،دادامنى ئىزدەيمەن دادامغا تېلېفون ئۇرۇپ بېرىڭلار !ئاكامنى قۇتقۇزۋىلىڭلا؟ -دىدى دېدى فۇرقەت. ساقچى تاغىسىنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى مەھكەم تۇتقاچ .
ساقچى باشلىقى ئارتۇق گەپ قىلمايلا تېلېفوننى ئۇنىڭغا بەردى. قۇربان فۇرقەتنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتى .
- سەن قەيەردە ؟
دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان فۇرقەت يىغلىۋەتتى .
-دادا ، دەرھال ئاكامنى قۇتقۇزىۋېلىڭ !ئاكامدىن بەكلا كۆپ قان چىقىپ كەتتى ،- دېدى فۇرقەت يىغلىغىنىچە.
شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانا باشلىقى تېزلىكتە ئورۇننى قۇربانغا يەتكۈزۈپ بەردى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، قۇربان روزى بىلەن بىللە بۇ ئورۇنغا يېتىپ كەلدى . يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قادىر ۋە قادىرنىڭ ئاكىسى بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى . ئۇلار تېزلىكتە فۇرقەت دەپ بەرگەن ئورۇنغا باردى . قارىسا ئەرفات يوق . لېكىن ،يەر يۈزىدە قانلار تۇراتتى . ئۇلار قاننى تەكشۈرتۈپ راستىنلا ئەرفاتنىڭ قېنى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى . ئۇلار ئەرفاتنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بەكلا ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن ئىدى . قۇربانمۇ تاس قالدى يىغلىۋەتكىلى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- دەرھال ،بېرىپ ئىزدەڭلار !ئەرفاتنى تاپالمىساقمۇ، مۇنىرە دېگەن بۇ ئىپلاس خوتۇننى چۇقۇم تاپايلى .ئۇ باشقا يەرگە بارالمايدۇ. دەرھال ئىزدەيلى،- دېدى.
قادىرمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ، تېزلىكتە ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ،قۇربان ئايلىنىپ چۈشكەن ئىدى . روزى قۇرباننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
ھەمدە بۇ ئورۇنغا بىر نەچچە ساقچىلارنى تەكشۈرۈشكە قويدى . قالغانلار ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى . قۇرباننىڭ ئائىلىسىنى بىر سوغۇق بوران قاپلىغانىدى .پۈتكۈل نەرسە شۇنچىلىك سوغۇق . فۇرقەت ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ھۇجرىسىغا كىرىپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى .چۈنكى، ئۇ ئاكىسىنى ئويلايتتى. ئاكىسىنىڭ بىرەر ئىشقا يولۇقماسلىقىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان ھوشىغا كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت ئەرفاتنىڭ سىماسى ئىدى . چۈنكى، ئۇ يەر يۈزىدا نۇرغۇنلىغان قاننى كۆرگەن ئىدى. ئۇ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ قورقاتتى . روزى قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى . ھەمدە بوش ئاۋازدا؛
- مەن چىقىپ فۇرقەت بەگزادىنى كۆرۈپ باقاي ئۇ قورقۇپ قالمىسۇن يەنە؟ -دىدى. بۇ ۋاقىتتا ،قۇربانمۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى- دە ، روزى بىلەن بىللە فۇرقەتنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى . فۇرقەت بولسا ئىككى تىزىنى قۇچاقلىغىنىچە يېتىپ تۇراتتى . ئۇ چىراغنى ياقتى . فۇرقەت كۆزدە ياش يۇقى ئۇخلىمىغان ئىدى. ئۇ دادىسىنى كۆرۈپ « دادا»،- دېگىنىچە ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
- ئاكام ئۆلۈپ كەتمەيدۇ ، شۇنداقمۇ ؟سىز ئۇنى ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دېگەن، ئەگەر ،مەن بۇرۇنراق يۈگرەپ چىقىپ ئۇنى قۇتقازغان بولسام بەلكىم ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالار بولغىيتتىم ، ئۇ ھازىر قەيەرگە كەتكەندۇ ؟ -دىدى يىغلاپ تۇرۇپ .
قۇربان ئۇنىڭ بۇ سوئاللىرغا جاۋاب بەرمىدى .
-سەن ياخشلا بولساڭ ، ئۇ چۇقۇم خاتىرجەم بولىدۇ،- دېدى قۇربان ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ .
-مېنىڭ خاتالىقىم. مەن ئاستا يۈگرەپ قالدىم . مەن ئاكامغا ئوخشاش ياخشى مەشىق قىلىپ تېز يۈگۈرۈشنى ئۆگەنگەن بولسام بەلكىم ئاكام يوقاپ كەتمەس بولغىيدى .بۇ مېنىڭ خاتالىقىم،-دېدى فۇرقەت يىغلاپ تۇرۇپ .ئۆزىنى ئەيىبلىدى .
-ئەخمەق بالا. بۇنىڭ سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق .ئەرفاتقا ھېچ ئىش بولمايدۇ .ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ .ھېچ ئىش بولمايدۇ ،- دېدى قۇربان .
قۇربان شۇنداق دېگىنچە فۇرقەتنى قۇچاقلىغاچ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويدى . ھەمدە كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى .
بەش يىل ئالدىدا ئۇ ئايالنىڭ ئىز دېرەكسىز ئۆلۈپ كەتتى ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ئۇ پۈتكۈل يەرنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋەتكەن ئىدى .ھازىر بەش يىلدىن كېيىن ئايالنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنى بىلمەيتتى .ئوغلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى .ئۇ ھېچقانداق سەۋەب ۋە ئاساس تاپالمىدى . ئۇلارنى ئويلىسا يۈرىكى ئاچچىقتىا پۇچىلىنىپ كېتەتتى .
ھازىرقى ئىنىق يىپ ئۇچى بولسا بىرى خوجىدار ئايال يەنە بىر بولسا مۇنىرە ئىدى .ئۇلار بۇ ئىككىسىنى تاپقاندىلا ئايالى ۋە ئوغلنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالايتتى . ۋاقىت بىر كۈن بىر كۈندىن ئۆتمەكتە ئىدى. قۇرباننىڭ يارىسىمۇ ئەسلىگە كەلگەن ئىدى . فۇرقەتمۇ يامان چۈش كۆرمەيدىغان بولدى . ئۇمۇ ئۆزىنى مەشىقلەندۈرۈشكە باشلىدى . قۇربان پۈتكۈل دۆلەت بىلەن ئالاقىلىشىپ فۇرقەتنىڭ قېننى ئالماشتۇردى . فۇرقەت داۋالىنىۋاتقان مەزگىللەردە روزى بىر خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى .
–دېرىكتور، قادىرنىڭ ئادەملىرى سەمىرەنىڭ ئىز دېرىكىنى ئاپتۇ،-دىدى.
- قەيەردە ئىكەن ؟
-قادىرنىڭ ئۆيىدە .
قۇربان قولىدىكى خىزمەتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ، تېزلىكتە قادىرنىڭ ئۆيىگە باردى .
-مەن سەمىرە بىلەن كۆرۈشىمەن ؟ - دېدى قۇربان قادىرنىڭ ئاكىسىغا .
قادىرنىڭ ئاپىسى قۇرباننى توسۇۋالاي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن ،ئوغۇلى توسۇۋالدى:
-ئاپا ، بىز رەنا خېنىمغا ۋەدە بەرگەن !
- بىراق ، ئۇ چوڭ ئاكاڭنىڭ قىزى تۇرسا .
قۇربان سوغۇققېنە:
- بۇ، قىز بالا نېمەڭلار بولۇشىدىن كارىم يوق ؟ مەن پەقەت ئۆز ئايالىمنى بىلسەم بولدى .مېنىڭ ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشكە بۇ قىز سەۋەبچى . شۇڭلاشقا، دەرھال مېنى بۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشتۈڭلار بولمىسا ، مەن بۇ يەردىن كەتمەيمەن. ئۇ قىزنى ئېلىپ كېتىمەن ،-دىدى كەسكىن ھالدا.
شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى ئارتۇق گەپ قىلماي سەمىرەنى ئۇنىڭغا بەردى. سەمىرە تىپتىنچلا، قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ كېلىندى . سەمىرە بولسا بەزدەك گەپ قىلماي ، جىم تۇرۇۋالاتتى . چۈنكى ،ئۇ كۆزىگە قادالغان مىخ يەنى ئەرفاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
- سىلەرنىڭ ھېلىقى شۇمتەك بالاڭلار ئۆلۈپ كەتتى بولغاي،- دېدى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ ئاچچىقى قىرىققا چىقتى. ھەمدە ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر مۇش سالدى . بۇ مۇش شۇنداق زەردە بىلەن ئۇرۇلغانىدى. سەمىرە قورسىقىنى تۇتقىنچە بىر يۆتىلۋىدى ، ئاغزىدىن قان ئوخچۇپ چىقىشقا باشلىدى . قۇربان ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتقىنىچە:
- سەندىن يەنە بىر قېتىم سوراي! خوجىدار ئايال قەيەردە؟ ئەرفات قەيەردە؟ رەنا قەيەردە؟… سەمىرە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ:
- مەن ھەرگىزمۇ ساڭا ئېيتىپ بەرمەيمەن .سەن بۇ ئۆمرۈڭدە رەنا بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ خام خىيال قىلما، گەرچە كۆرۈشسەڭمۇ سەن ئۇنى ھەرگىزمۇ ياندۇرۇپ ئەكىلەلمەيسەن .ھا ھا ھا ھا… خوجىدار ئايال ھەرگىزمۇ ئىككىڭلارنىڭ بىرگە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلمايدۇ ،-دىدى ئۇ شۇنداق دېگىنىچە . ئايلىنىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى .
- دوختۇر ، تېز كېلىڭ !، ئۇنىڭغا بىر ئىش بولسا بولمايدۇ ،-دىدى قۇربان .
بۇ ۋاقىتتا قادىرنىڭ ئاكىسى قاپىقىنى تۈرگىنىچە:
-ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،-دىدى.
سەمىرە ئۇنىڭ گپىنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالغان ئىدى.قادىرنىڭ ئاكىسى سۇغۇققىنە:
-بىزنىڭ جەمەتتە بۇنداق پۇت قۇلى قىتىۋالدىغان ئىللەت يوق ئىدى.مەن تەكشۇرۇپ كۆردۇم .ئۇنىڭدا ئۇنداق گىن يوق ئىكەن،مەن ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ DNA سىنى تەكشۇرسەم ياخشىراقمىكىن،-دىدى .
-ئىختىيارىڭىز؟-دىدى قۇربان خىيالىلا.
ئۇ ئارتۇق گەپ قىلىپ يۇرمىدى .بۇۋاقىتتا فۇرقەتمۇ خىلى ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇ سىىڭلىم بىلەن كۆرشىمەن دەپ بەكلا غەلۋە قىلغان ئىدى. خىزمەتكار ئامالسىز ھەممە ئەھۋالنى قۇربانغا مەلۇم قىلدى.قۇربان ھەيران قالدى .ئوغلىمنىڭ نەدىكى سىڭلىسى دەپ بەكلا ھەيران قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئىسمنى سوردى.
-ئىسمىي سۇرىيە ئىكەن .
قۇربان ھەيران قالدى .ھەمدە كىم ئىكەنلىكىنى سوردى. خىزمەتكار ئۇنى ئەرفات بەگزادىنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى بىلىش ئۇچۇن تىزلىكتە ئۆيگە قايتىپ دەرھاللا فۇرقەتنىڭ ھوجۇرسىغا كىردى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



