大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 72 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 72 - قىسىم aybarawazi
2024-03-31
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62


71
70
69
68



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


72 - قىسىم


قۇربان ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە پاراڭلاشماي ساقچىخانىدىن چىقىپ كەتتى . بىراق ،ئالدى تەرەپتە قادىرنىڭ ئاكىسى بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى  .قۇرباننىڭ ھازىرقى كەيپىياتى پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى .ئۇ قادىرنىڭ ئاكىسىنى كۆرگەندىن كېيىن  سالاملىشىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن ،قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇنى تۇتۇۋالدى . 

-قۇربان دىرېكتور، مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ! مەن سىلەرنىڭ ئائىلە ئىشىڭلارغا پەقەتلا قىزىقمايمەن. ئەگەر، سىز سۇباتنى تەكشۈرۈپ بولغان بولسىڭىز ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ . مەن ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بولىشدىن قەتىينەزەر ، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگە نىسبەتەن قىلغان ئىشلىرىغا ھېساب بېرىشى كېرەك،-دېدى . قادىرنىڭ ئاكىسى بوش ئاۋازدا:

- چوڭ ئاكامنىڭ  ئىلگىرى راستىنلا بىر قىز دوستى بولغان . ئۇ ھەربىيلىككە بېرىشتىن بۇرۇن ، ئۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن . مەن ئاكامنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئادەملىرىنى تەكشۈردۈم ،راستىنلا مۇشۇنداق ئايالدىن بىرسى بار ئىكەن . لېكىن ،بىرلا تەرىپى سۇباتنىڭ ئېيتقىنىغا پەقەتلا  ماس كەلمەيدىكەن. ھېلىقى ئايال ئاكام ھەربىيلىككە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ھامىلدار بولۇپ قاپتىكەن . كېيىن ،يەڭگىگەن ۋاقىتتا ئۇ يەڭگىگەن بالا قىز ئىكەن، ئوغۇل ئەمەس ئىكەن .

قۇربان بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ھىس قىلدى .

- قىز بالا ؟

-توغرا قىز بالا.قادىرنىڭ ئاكىسى بېشىنى لىڭشىتتى. - مەن كېچىچە بېرىپ ھېلىقى ئايالنىڭ تۇغۇت خاتىرىسىنى تەكشۈردۈم . ئۇ ۋاقىتتا ،ئۇنىڭدىن كۆپ قان چىقىپ كەتكەن . ھەمدە ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا باشلىغان . ئۇنىڭ بىر ئاق كۆڭۈل خوشنىسى بار بولۇپ ، ئۇنىڭغا داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ بەرگەن . شۇڭلاشقا ،ئۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىدا ئادەم ئاز بولغاچقا سېسترالارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ئايالنىڭ يەڭگىگىنى راستىنلا قىز ئىكەن . كېيىن دوختۇرخانىدىكىلەر تىزىملىغان ۋاقتىدىمۇ قىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان . لېكىن ،ئۇ ئايال قىز بالىنى ياخشى كۆرمىگەن بولغاچقا ، دوختۇرغا دەپ بالىسىنى ئالماشتۇرىۋەتمەكچى بولغان .  ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب،  ئاپام ئوغۇل بالىنى بەك چارە كۆرگەچكە ئۇ بالىنى ئالماشتۇرۋېتىپتىكەن . دوختۇر بىلەن سېستىرالارمۇ ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماڭ دەپ  تەسەللىي بەرگەن . بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايال ئاچچىقلىنىپ  بالىسىنى تاشلىۋەتمەكچى بولغان . لېكىن ،ئۇ بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بالىنى قۇچاقلاپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا،  ئۇ ئۇقۇشماسلىقتىن ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان، ھېلىقى ئوغۇل بىلەن قىزمۇ يۇقاپ كەتكەن ئىكەن .

قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدى .ھەمدە سۇباتنىڭ قۇربان ئائىلىسىدىن ئەمەس  ئىكەنلىكىنى بىلىپ  سەل ئازادە ھېس قىلدى . 

-مەن ئېيتتىمغۇ ، مەن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرنىڭ ئىشىغا پەقەتلا قىزىقمايمەن . سۇبات سىلەرنىڭ بالاڭلار بولمىغاندىن كېيىن. مەن ئەتە ياردەمچى روزىغا دەپ ئادەمنى ئەكىتىمەن . شۇڭلاشقا ،سىز بۇ ئىشنى توغرا كۆرگەيسىز ،-دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ .

- ھازىرچە ،ئۇنى ئەكەتسىڭىز بولمايدۇ ؟

- نېمە ئۈچۈن ؟ قادىرنىڭ ئاكىسى بوش ئاۋازدا:

-ئاڭلىشىمچە ،سۇباتنىڭ قېشىدا بىر قىز بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئىسمى سەمىرە . بۇ ئىككەيلەن دارىلېتامدا بىللە چوڭ بولغان ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىكەن 

-ئەسلىدە، سىز ئۇ ئىككىسىنى دارىلېتامدىن ئېلىپ چىققانمىدىڭىز ؟

قۇربان دەرھاللا بۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلدى ؟ قادىرنىڭ ئاكىسى:

- شۇنداق . مەن ئامال بار ئۆزۈم بىر ئىسپاتلاپ چىقىمەن . ئاپاممۇ ياشىنىپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدىكى بىردىنبر ئارزۇسى بولسا  چوڭ ئاكامنىڭ بالىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئىدى . مەيلى ئۇ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ھامان بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەۋلادى . بىز ئۇنى ئېتىراپ قىلاتتۇق . قۇربان كۈلۈپ كەتتى .

-پەردازخانا ئۆيىنى بىز قورشاۋغا ئالغاندا سەمىرە ئاللىقاچان قېچىپ كەتتى . ھازىر نەدە مەن ئۇقمايمەن . بىراق ، سىزگە ئېيتىپ قوياي . سەمىرە سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ ئادىمىمۇ ئەمەسمۇ ؟بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق . گەپ يەنىلا بايقىدەك . ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمنى تۇتقۇن  قىلىشقا  جۈرەت قىپتۇ . مەن ئۇنى تېپىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ قويىمەن تېخى ،-دېدى قۇربان .

قادىرنىڭ ئاكىسى قۇرباننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلدى دە:

- ئەگەر خالىسىڭىز ، بىز پۇل چىقىرىپ ئوغلىڭىزنىڭ يارىلانغانلىق چىقىمىنى تۆلەپ بېرەيلى،-دېدى .

- سىزنىڭچە، بىزنىڭ ئائىلىدە پۇل كەم ئوخشىمامدۇ ؟- دېدى قۇربان . ھەمدە مىيىقىدا كۈلىۋېتىپ  كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى .

سەمىرە قادىرنىڭ جىيەنىمىدۇ؟ بۇنىڭدا قانداق باغلىنىشلىق باردۇ؟

قۇربان ساقچىخانىدىن ئايرىلىپ ماشىنىغا چىقتى ۋە تېز سۈرەتتە يۈرۈپ كەتتى . ئەسلىدە ئۇ مۇنىرەدىن بەش يىل ئاۋالقى ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىماقچى ئىدى . لېكىن ، مۇنىرە ئىنىسىنىڭ گېپىنى چىقىرىپلا ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرىۋەتكەن ئىدى . ئۇ شۇ تاپتا يانچۇقىدىن بىر تال تاماكىنى چىقاردىدە تۇتاشتۇرۇپ ئاچچىق شوراشقا باشلىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىنىسىنىڭ ئىش ئىزلىرى تۇراتتى . قۇربان بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىغىنىچە ئاچچىق يۆتىلىپ قوياتتى . ئۇ بىر دەمنىڭ ئارىلىقىدا بىر تال تاماكىنى شوراپ تۈگىتىۋەتكەن ئىدى .ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرسا  بولمايدىغانلىقىنى رەنانى ئەنسىرىتىپ قويدىغانلىقىنى  ھېس قىلدى .

ئۇ بەدىنىدىكى تاماكا پۇرىقىنىڭ  رەناغا تەسىر قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، تازلىق ئۆيىگە باردى-دە كىيىمنى ئالماشتۇرۇۋەتتى. ھەمدە ھايال قالماي دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ ئاستاغىنە كېسەلخانا ئۆيىگە كىردى . رەنا بولسا بىلمەسكە سېلىپ كۆزنى يۇمۇۋالغان ئىدى . ئەمەلىيەتتە قۇربان كېسەلخانىدىن ئايرىلغان ۋاقىتىلا رەنا ئويغاق ئىدى . چۈنكى بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت ئاپىتىدىن كىيىن  رەنا ئەزەلدىن بىخەتەر تۇيغۇسى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۇ قېشىدا بىر ئادەم ھەمراھ بولمىسا ھەرگىزمۇ ئۇخلىيالمايتتى. شۇڭلاشقا داۋاملىق ئەرفات ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى . ئۇخلىغان ۋاقتىدا ، ئەرفاتنىڭ يۇمشاق  يۇمران قوللىرىنى تۇتقىنىچە ئىللىقلىق ھېس قىلىپ  ئۇخلاپ قالاتتى .  رەنا داۋاملىق بەدىنى بىر خىل ئىسسىقلىق ھىس قىلغان ۋاقتىدا ، ئۆزىنى خۇددى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلاتتى .لېكىن ،قۇربان بۇنى چۈشەنمەيتتى .ئۇ رەناغا ياخشى بۇلۇش ئۇچۇن ھەرنىملەرنى قىلىپ باقاتتى   رەنا قۇرباننىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئايرىلغانلىقىنى ئۆزى بىلەتتى. لېكىن، قۇربان ھازىر قايتىپ كەلدى . ئۇ ھېچنېمە دېمەي ، ھېچ ئىش قىلماي جىم تۇراتتى .بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭ كۆڭلىنى سەل خاتىرجەم قىلغان ئىدى . ھەمدە كۆزنى يۇمغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى . قۇربان كېلىپلا يۇيۇنۇشقا باشلىدى . بەدىنىدىكى  سېسىق پۇراق تۈگىگەندىن كېيىن بىمارلار كىيىمىنى كىيىپ رەنانىڭ قېشىغا باردى . رەنا ، شۇنچە تىنچ ئۇخلاۋاتاتتى . كارۋات ئۈستىدىكى يوتقان يەرگە چۈشۈپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى .لېكىن ، رەنا ئۇنى تۇتقىنىچە جىم ياتاتتى .  رەنا قۇرباننىڭ كەيپىياتىنىڭ  ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى ۋە كۆڭلىدە  ئۇ زادى قەيەرگە بارغاندۇ ؟كىم بىلەن كۆرۈشكەندۇ؟ دېگەندەك گادىرماچ خىياللار بىلەن  ئۇخلاپ قالدى . قۇربانمۇ ئۇنىڭ قېشىدىكى كارىۋاتتا رەناغا قارىغاچ ، ئۇمۇ ئۇيقۇ كەتتى . ئەتىسى نۇرلۇق قۇياش دەرىزە تەرەپتىن ئۇ ئىككەيلەننىڭ كارۋىتىغا چۈشتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئاللىبۇرۇن ئويغىنىپ بولغان ئىدى . رەنانىڭ قېشىدا ئويغانغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ خۇددى ئۆزىنىڭ چۈشىدەك ھېس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن قۇربان مەيدىلىرىنى كۆتۇرگىنىچە رەناغا قاراپ تۇراتتى . رەنامۇ ئاللىقاچان ئويغىنىپ بولغان ئىدى . ئۇ قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ:

- نېمە بولدىڭىز؟ ئەتىگەندە كېرىلىپ كېتىپسىزغۇ ؟ تۈنۈگۈن كەچتە تاماق يېدىڭىزمۇ ؟-  دېدى رەنا ئەسنىگەچ .

قۇربان ئۇنىڭ بۇ ھالتىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىگىنچە:  

-سىزنى كۆرسەملا قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. قانداق قىلسام بولار ؟

رەنانىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى .

- ئەتىگەندە نېمە ئىش قىلاي دەيسىز ؟نىمانداق گەپ قىلىپ يۈرۈيسىز قۇربان دىرېكتور . سەل ئىلمىيراق بولسىڭىز.  دېدى رەنا.

-مەن تېخى ھېچنېمە قىلمىدىم .نېمىشقا ،مېنى ئۇنداق ئويلايسىز ؟ ،-دېدى قۇربان كۈلۈمسىرىگىنىچە يۈزىنى ئۇ تەرەپكە ئېلىپ باردى . بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ يۇزلىرى قىزىرىپ بەدەنلىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى.

- ماڭا بۇنداق يېقىنلاشماڭ ؟ 

رەنا ئەسلى ئۇنى ئىتتىرىۋېتەي دەپ ئويلىغانىدى . بىراق ،قۇربان ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . ھەمدە رەنانى ئۆزىگە قارىتىپ بوش ئاۋازدا: 

- مىنىڭ، سىزنى سۆيگۇم بار، بولامدۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەنانىڭ يۈزلىرى ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى . 

-مەن بولمايدۇ ،دېسەم .سىز مېنى قويۇپ بېرەمسىز؟

-بولمايدۇ .

قۇربان شۇنداق دېگىنىچە  رەنانى سۆيۈشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا رەنا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى .چۈنكى ،ئۇنىڭ كاللىسى قالايمىقان  بولۇپ كەتكەن ئىدى.  بىر مەيدان سۆيۇشۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،ئىككىلىسى چۇڭقۇر نەپەس ئىلىشقا باشلىدى . رەنا بەكلا خىجىل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ قۇرباننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :

-مېنى قويۇۋېتىڭ !

قۇربان بۇ ۋاقىتتا ئىتىلىپلا ئۇنىڭ بوينىنى شوراشقا باشلىدى .رەنا بۇ ۋاقىتتا چىداپ بولالماي.

-سىز ئالۋاسىتىما؟- دىدى.

قۇربان تىزلىكتە ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى . ھاجەتخانا ئۆيدىكى سۇ تېخى توختىمىغان ئىدى . رەنا ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدى-دە:

- ئېھتىيات قىلىڭ! يارا ئېغىزىغا سۇ تېگىپ كەتمىسۇن ،-دىدى

- بولمىسا كىرىپ ماڭا ياردەم قىلىڭ،-دېدى قۇربان ھاجەتخانا ئىشىكنى يېرىم ئېچىپ قويۇپ . يالىڭاچ بەدەن سىرتقا چىقىپ رەناغا قارىدى . بۇ ۋاقىتتا رەنا خىجىل بولغانلىقتىن يوتقاننى تارتقىنىچە يۈزىنى ئېتىۋالدى . قۇربان ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا  ياردەمچى روزى ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى كېسەلخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى . ھەمدە قۇربان دىرېكتورنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىپ ئىچىدە كۈلۈپ قويدى ۋە  بۈگۈن ئاخشامنى قۇربان دىرېكتور ياخشى ئۆتكۈزۈپتۇ دەپ ئويلىدى . ئۇ بىرنى يۆتىلىۋەتكەندىن كېيىن: 

- قۇربان دىرېكتور ،بۈگۈن ياخشى دوكلاتلار بار ، ئاڭلاپ باقامسىز؟

- ئاڭلىمايمەن .ئۆزۈڭ قاراپ بىر ئىش قىل ،- دېدى قۇربان قول ئىشارىتى قىلغىنىچە ، ئۇنىڭ بۇنداق  ۋاقىتتا ،بۇ يەردە بولۇپ قالغىنىدىن  خاپا بولۇپ.  روزى مىيىقىدا كۈلۈپ قويغىنىچە كېسەلخانىدىن ئايرىلدى . رەنا روزىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ بىئارام بولغان ئىدى. ئۇ گېلىنى قىرقىۋەتكەندىن كېيىن:  

-بۇنىڭدىن كېيىن ئاخشىمى مەن قايتىپ كېتىپ ئوغلۇمغا ھەمراھ بولاي. سىز يالغۇز بۇ يەردە قېلىڭ،- دېدى .

- سىز، مېنىڭ يالغۇز قېلىشىمىغا چىدىيالامسىز ؟- دېدى قۇربان . رەنا قۇربانغا قاراشقا پېتىنالماي بوش ئاۋازدا:

- قاراڭە ، باشقىلار خاتا چۈشىنىپ كېتىپتۇ. چىراي ئىپادىسى بەك غەلىتە . مەن  ھېچ ئىش قىلمىغان ئىدىم.…

- سىز مېنىڭ سىزگە بىر ئىش قىلمىغانلىقىمدىن ئاغرىنىپ بەكلا ئۈمىدسىزلىپ كېتىپ بارغان ئوخشىمامسىز؟ قۇربان شۇنداق دېگىنىچە تېز سۈرەتتە بىرىپلا رەنانى قۇچاقلىۋالدى.

- سىز نېمە قىلماقچى ؟

رەنا جىددىيلىشىشكە باشلىدى .

سىزنىڭچىچۇ؟ - دېدى قۇربان ئۇنىڭغا قاراپ ، مەنىلىك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ . 

رەنا خۇددى ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى يۇۋاشلاپ قالغان توشقاندەك ،ياردەمسىز قالغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرباننى ئىتتىرۋېتىپ: 

- قورسىقىم ئاچتى .مەن تاماق يەيمەن .

- مېنىڭمۇ قورسىقىم ئاچتى،- دېدى قۇربان ئۇنىڭ قولنى مەھكەم تۇتىۋېلىپ . رەنانىڭ قولى بەكلا ئىسسىپ كەتكەن ئىدى . 

-ئۆتۈنۈپ قالاي! سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىمار ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ بولامدۇ ؟  -دېدى رەنا ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەچ . 

رەنانىڭ بۇنداق ئەستايىدىل ھالىتىنى كۆرۈپ قۇربان ئۇنىڭ بىلەن ئويناشمىدى. ھەمدە ئۇنى قولىدىن تارتىپ ئەكىلىپ جوزىنىڭ ئۈستىگە كىلىپ  تاماقنى  بىللە يېيىشكە باشلىدى .

–ئەگەر، سىز ھارمىغان بولسىڭىز ، بىز ماشىنا لايىھەسى توغرىسىدا پاراڭلىشايلى ،- دېدى رەنا. 

-سىز بۇنداق  ۋاقىتتا خىزمەتنىڭ ئىشىنى چىقارسىڭىز مەن خۇددى تىرىشمىغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن ،- دېدى قۇربان سەل ئىچى سىقىلغاچ . ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىدەك جەلىپكار ھالىتىنڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، كىچىك بالىدەك خاپا بولۇشقا باشلىدى 


داۋامى بار …


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئايبەر ئاۋازى ئەپچىمىز يىللىق تەكشۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ئېچىلمايدۇ ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k