大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 106 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 106 - قىسىم aybarawazi
2024-05-04
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 107 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98




105
104


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


106 - قىسىم

 
-رەخمەت ئاغىنە
- بولدى. يېقىندىن بۇيان سېنىڭ بېسىمىڭ ناھايىتى ئىغىر ئىكەن بۈگۈن تازا ئىچىشەيلى . مەن سېنىڭ خاراكتېرىڭنى ئۇقىمەن. سەن بۇ كەچتىلا سەمەتنىڭ ئۆيىگە بارمايدىغانسەن . لېكىن، ساڭا نەسىھەت قىلىپ قوياي. سەمەتنىڭ ئۆيىنڭ ئەتراپنى ناھايىتى مۇستەھكەم قوغداۋاتىدۇ . شۇڭا كۈندۈزدە بارساق ياخشىمىكىن .
مەن ئەتە سەۋەبتىن بىرنى تېپىپ سەمەتنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلاي ، سەن بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈڭ ئويلىغاننى قىلالايسەن؟ -دىدى ئىسمايىل. قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ:
- يەنىلا ،سەن مېنى چۈشىنىسەن ھە!
- مەن بولۇپمۇ ئىنىڭنى بەكرەك چۈشىنىمەن . لېكىن ئىنىڭ ھازىر ئۆلۈپ كەتتى . فۇرقەت ئۇنىڭ ئوغلىدۇ؟
قۇربان بېشىنى لىڭشىتتى .
-مېنىڭ ئۇنىڭغا تۇتۇق دادا بولغۇم بار.
- مەن ئۇنى ساڭا بەرمەيمەن . قۇربان چاقچاق قىلىپ رەت قىلىۋەتتى .
شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىككەيلەن بۇرۇنقى بولغان ئىشلارنى بىر بىرلەپ دېگىنىچە ھاراق ئىچىشىپ مەست بولۇشقا قاراپ ماڭغان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ،قۇرباننىڭ كۆزىگە رەنا كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى .
- ئىھ ، رەنا مېنى كەچۈرگىن دېگىنىچە ئۇ يەردە يېتىپ قالدى.
ئىسمائىل ئۇنى يۆلەپ تۇرغىىچە:
- كىرىپ ياخشى دەم ئالغىن .ئەتە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ؟-دىدى ھەمدە شۇنداق دېگىنىچە ئۇنى يۆلەپ ھۇجرىسغا ئەكىرىپ ياتقۇزدى . ئىسمائىل قۇرباننى ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتى ھەمدە بىر تال تاماكىنى ئېلىپ چېكىشكە باشلىدى . توساتتىن بىرى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى . بۇ ئادەم ئىسمايىلنىڭ ئادىمى ئىدى .
-سەن بېرىپ بارلىق شاڭخەيدىكى يەر ئاستى قارا بازارغا بېرىپ تەكشۈر ، ھەم ئۇ يەردىكى بەش ئالتە ياشلىق بالىلارنى، مەيلى قانداق بولسۇن. مەيلى قەيەردىن كەلسۇن قانچىلىك بار؟ مەن شۇنى بىلمەكچى، ھەمدە قايسى قارا بازاردا بەكرەك مۇشۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ، شۇنى ئېنىقلاپ بەر!- دېدى . ھېلىقى ئادەم ماقۇل بولغىنىچە ئالدىراش ئىشىغا ماڭدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ قۇرباننىڭ قېشىدا بىللە ياتتى . ئۇ قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ سەل ئىچ ئاغرىتقان ئىدى . ئەتىسى قۇربان ئويغانغان ۋاقىتتا باشلىرى قېيىپ كۆزلىرى تورلىشىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ بېشىنى سىلكىۋېتىپ قارىسا ئىسمائىلنىڭ تېخىچە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇتىنى كۇتۇرۇپ ئىسمائىلنى تېپىپ قويدى .
-نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟
- تېزراق قوپۇپ سەمەتنى ئۇچرىشىقا تەكلىپ قىلغىن ! ئاغىنە.
- مېنى بىر ئاز ئۇخلىغىلى قويساڭ بولمامدۇ ؟ - دېدى ئىسمائىل كۆزنى ئۇۋۇلىغىنىچە . قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ:
-شۇنداق ، سېنى ئۇخلىغىلى قويمايمەن . سەنمۇ بىلىسەن مىنڭ ئايالىم بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى.
- ئۇ دېگەن سېنىڭ ئايالىڭ ، يە مېنىڭ ئايالىم بولمىسا بۇنچە ئالدىرىتىشڭنىڭ ئورنى بارمۇ ؟ -دېدى ئىسمائىل چاقچاق قىلىپ ھەمدە ئورنىدىن تۇرۇپ ، يۈزنى يۇيۇشقا باشلىدى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

قۇربانمۇ ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي ، دەرھال ماشىنا ھەيدەپ سەمەتنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى بىر يەردە مۇكۇنۇپ تۇردى . ئۇزۇن ئۆتمەي سەمەت دېرىكتور ئىسمايىلنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن شەرقتىكى يەر توغۇرلۇق مۇنازىرلەشمەكچى بولدى . بۇ ۋاقىتتا سەمەت سەل غەيرىلىك ھېس قىلدى. چۈنكى شەرقتىكى ئۇ يەرگە ئۇ بۇرۇن شۇنچە چوڭ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ بىراق ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئىسمائىلنىڭ تۇيۇقسىز ئۇنى چاقىرتىشى قۇربان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلىدى . ئۇ ئىسمايىلنى رەت قىلالمايتتى . ئۇ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ، رەنانى كۆرۈپ ماڭماقچى بولدى . لېكىن ،رەنا ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي جىم تۇراتتى.
- مەن، قۇرباننىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن كىلىمەن . رەنا مەن چۇقۇم قىلالايمەن. سېزنى 5يىل ساقلىغان ئىدىم. بىر نەچچە كۈنلا قالدى دېگىنىچە رەنانىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى . لېكىن ،رەنا ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى . سەمەت چىقىپ كەتتى . رەنا بولسا نەپرەت بىلەن ئۇنىڭ كەتكەن سىماسىغا قاراپ تۇراتتى . بۇ داچىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە سەمەت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن باشقا ، ھېچكىم كېلەلمەيتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن تېزراق قېچىپ چىقىپ ئوغلى، قىزىى قۇربان بىلەن بىللە بولۇشنى بەكمۇ ئىنتىزار قىلغان ئىدى . ئۇ سەمەتنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىشلىرىنى ئويلىغانسېرى ، ئۇنىڭغا نەپرىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ باراتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇرسەتتىن بىرنى تېپىپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىدى . ئۇ كۆڭلىدە مەن بۇ يەردە يارىلانسام مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندىلا قېچىپ كېتىدىغان پۇرسەت بولىدۇ دەپ ئويلىدى
بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ كەيپىيات پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى . ئۇ ئۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنىلا ئويلايتتى . ئۇ تامغا ئۈسۈپ ، يارىلىنىشنى .پۇت قوللىرى باغلانغان بولغاندىن كېيىن ، ئاسانلىقچە تامغا ئۈسىيەلمەيتتى . ھازىر ئۇ شۇنداق بىچارە ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى . ھەتتا ئۆلۈۋالاي دېسىمۇ ئۇ خىل پۇرسەت ئۇنىڭغا يوق ئىدى . ئۇ سەمەتنى ئويلىغانسېرى ، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئامال كەلدى . ئۇ سىرتتىكى ئادەملەرنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلمەكچى بولۇپ يېنىككىنە يۆتىلىپ قويدى . لېكىن، سىرتتىن ھېچقانداق ئادەم كىرمىدى . ئۇ يان تەرەپتىكى گۈللۈك تاختاي بېسىلغان تامغا ئۈسمەكچى بولۇۋېدى . توساتتىن بىر ئادەم كىرىپ كەلدى . بۇ ئادەم دەل قۇربان ئىدى . رەنامۇ بۇ ئادەمنىڭ قۇربان بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. قۇربان كۆرۈپلا رەنانىڭ ئەھۋالىدىن چۆچۈپ كەتتى . ھەمدە سەمەتنى نەچچە پارە قىلىۋەتكۈسى كېلىپ كەتتى . قۇربان بېرىپلا…رەنا…! دېگنچە ئۇنىڭ ئاغزىدىكى لاتىنى ئېلىۋەتتى .قۇربان دىگىنچە بىچارىلارچە ئۇنىڭغا قاردى.
قۇرباننىڭ قوللىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى .
-سىز، نېمىشقا بۇنداق بولۇپ كەتتىڭىز ؟ سەمەت سىزنى ياخشى كۆرەتتىغۇ ؟ ئۇ نېمىشقا ھايۋانلارچە سىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ ؟ مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن . چۇقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىمەن ،-دېدى قۇربان .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە رەنانىڭ ئۈستىۋاشلىرىدىكى ئارغامچىلارنى يېيىشكە باشلىدى . رەنامۇ بۇشۇنۇپلا ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى . چۈنكى، ئۇنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . قۇربان بىلەن بۇنچە تېزلا ئۇچرىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . قۇربانمۇ ئۇنى بەكمۇ سېغىنغانىدى ھەمدە ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى . ئۇ رەنانىڭ قانچىلىك ئازابقا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلالايتتى .
-مەن سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەي ،- دىدى قۇربان، ئۇنىڭ ئاۋازلىرى تىترەڭگۈ چىقاتتى . چۈنكى، ئۇ ئايالنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدى . ھەمدە ئۇنى تېپىۋالدى . ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مۇھىم بولغان نەرسىلەر يوق ئىدى . رەنا بولسا ھېچقانداق گەپ قىلماي يىغلىغىنىچە ، ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى . قۇربان ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى ھېسسىياتىنى چۈشىنەتتى . رەنا يىغلاپ يىغلاپ توساتتىن ئۇنى سۆيۈۋالدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربانمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قوياي دەپ قويغان ئىدى .لېكىن ،بۇ ۋاقىتتا،تىزراق كەتمىسە بولمايتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانى ئاستاغىنە ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا:
-بىز، ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى نېمە ئىش قىلساق مەن سىزگە ھەمراھ بولاي ،-دىدى قۇربان ھەمدە ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. -مەن سىزنى بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمەيمەن. مەيلى، سىز قەيەرگە بېرىڭ مەيلى قانداق خەتەرگە يولۇقۇڭ .مەن سىز بىلەن بىللە ماڭىمەن . سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟- دېدى قۇربان .
ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنداق مۇلايىم، ئىللىق ئىدى . رەنا ئىككىلەنمەستىنلا ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ ئېلاننى چېكىۋېتىڭ
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭاي دېيىشىگىلا يىقىلىپ چۈشتى . چۈنكى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ، سەمەت ئۇنىڭغا قالايمىقان دورىنى ئۇرغۇزغاچقا ، ئۇنىڭ ماجالى قالمىغان ئىدى . قۇربان ئۇنى تېز سۈرەتتە قۇچاقلىدى ھەمدە ئورنىدىن تۇرغۇزدى . رەنا ماڭالمىغاچقا قۇربان ئۇنى كۆتۈرمەكچى بولدى . رەنامۇ ئاستا بوينىغا قولنى ئالدى . ئۇلار چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ھەممە يەرلەر سۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار مېڭىپ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەن ۋاقىتتا چىقىدىغان ئېغىز بەكلا كىچىك بولغاچقا ،بىر ئادەم ئۇ يەردىن ئۆمىلەپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى . ئۇ يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا رەنا:
- مېنى قويۇۋېتىڭ مەن ئۆزۈم ماڭاي؟-دىدى .
- ياق ، مەن سىزنى ئېلىپ كېتىمەن،-دىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ ئاخىرى يورۇقلۇققا چىقتى . رەنا سىرتقا چىقىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا قۇياشنى كۆرۇپلا كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەن ئىدى . -ھېچقىسى يوق .ماشىنىغا چىقسىڭىز ياخشى بولۇپ قالىسىز ،- دىدى قۇربان.
رەنا كىچىك بالىلاردەك بېشىنى لىڭشىتتى ھەمدە ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماشىنىغا چىقتى تېز سۈرەتتە بۇ يەردىن ئايرىلدى . ئۇ شۇنىڭ بىلەن ماشىنا ھەيدەپ يىقىن ئەتراپتىكى ياتاققا ئۇرۇنلاشتى ، ھەمدە رەنانى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى . ئىسسىق سۇ تەڭشەپ ، ئۇنىڭغا يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ ھازىرلاپ بەردى . ئۇ رەنانىڭ بەدەنلىرىنى كۆرۈپ نۇرغۇنلىغان يارا ئىزى بارلىقىنى كۆردى .
-سەمەت ئۇردىمۇ ؟
- ياق ، ھېلى قارا بازاردىكى مېنى ئېلىپ ماڭغان ئادەملەر ئۇرغان .ھېچقىسى يوق .، ئۆتۈپ كەتتى،-دىدى رەنا.
قۇربان بېرىپ ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى كىچىك بالىنىڭ بەدىنى سىلىغاندەك سىيلاشقا باشلىدى . ئۇ رەناغا بەكلا ئىچ ئاغرىتقان ئىدى . رەنا بۇ ۋاقىتتا:
- بولدى بۇنداق ئاۋايلاپ مۇئامىلە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ قۇربان. مەن كىچىككىنە ئازابقا دۇچار بولدۇم. لېكىن، ھېچقىسى يوق. مەن ھېچنېمىنى يوقاتمىدىم .مەن يەنىلا سىزنىڭ ،-.دىدى رەنا.
- سىز ،قانداق تەقدىرگە دۇچ كەلسڭىز مېنىڭ سىزنى ئەيىبلەيدىغان سالاھىيىتىم يوق . مەن سىزنى ياخشى قوغدىيالمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ھەر قانداق ئىشىڭىزغا مەن مەسۇل بولىمەن ،-دىدى قۇربان.
بۇ ۋاقىتتا، رەنا قۇرباننىڭ قولىنى تۇتتى ، ھەمدە:
- بىلەمسىز ئادەم بېدىكلىرى مىنى كىيىمىگە ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا مەن ئەتراپىمدىكى ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىم . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇددى چۈمۈلە ئۆلتۈرگەندەكلا ئىش ئىكەن . نۇرغۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى . ھېچقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ھەتتاكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ جەسىتىنىمۇ تاپالمايدۇ . ئەگەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىمۇ مۇشۇ ئادەملەرگە ئوخشاش تاشلىۋەتكەن بولسا ھېچكىم مېنى تاپالمايتتى .مەنمۇ شۇنىڭدىن بەكمۇ قورققان ئىدىم . مىنڭ ھەر كۈنى ئويلايدىغىنىم پەقەت سىزلا بولدىڭىز قۇربان . مەيلى 5يىل بۇرۇن بولسۇن ، 5يىلدىن كېيىن بولسۇن مەن پەقەتلا سىزنىڭ،-دىدى. رەنا… قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىدىماي ، باغرىغا بېسىشقا باشلىدى ھەمدە:
- بولدى ، ھېچقىسى يوق . بىز ئاۋۋال ئۆيگە قايتايلى. بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سىزنى بوزەك قىلالمايدۇ ،-دىدى ھەمدە ئۇنى مەھكەم باغرىغا باستى.



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0