大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 79 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 79 - قىسىم aybarawazi
2024-04-07
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68

78
77
76
75
74



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


79 - قىسىم


 سۇبات رەنانى كۆرۇپ ھاڭ -تاڭ قالغانىدى. بىراق بىشىنى تۆۋەن قىلۋالدى. چۇنكى ،ئۇ كۆڭلىدە رەنانىڭ نىمە سەۋەبتىن كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.


-سوفىيە  خىنىم ،بەزىبىر ئىشلارنى سەندىن سورايدىكەن. ئەڭ ياخشىسى يۇۋاشراق بول! بولمىسا ئائىلىمىز  قانداق قىلدىغانلىقى ساڭا ئايان،-دىدى قادىرنىڭ ئاكىسى.


سۇبات ئەكىسچە قاپىقىنى تۇرۇپ قۇيدى -دە مەنىلىك كۇلۇپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. رەنا سۇغۇققىنە قاراپ قويغاندىن كىيىن:


- مىنىڭ، ئوغلۇمنىڭ تۇتقىن قىلىنغان ئىشىنى سىز  قىلدىڭمۇ؟ كىم سىزگە كۆرسەتمە بەرگەن؟- دىدى ئۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى سورمايلا قويدى . چۇنكى، قادىرنىڭ ئاكىسى بار ئىدى. لىكىن ،سۇبات گەپ قىلماي جىم تۇراتتى. رەنا يەنە گەپ باشلىدى.


 -مەن سىزگە ھچقانداق بىسىم ئىشلەتمەيمەن. لىكىن،سىز ئۇنتۇپ قالماڭ! سىزنىڭ  ياخشى كۆردىغان ئادىمىڭىز مىنىڭ قولۇمدا. ئەگەر دىمسىڭىز ئۇنى بەك قىيناپ قويشىم مومكىن. شۇڭا، دەرھال دەڭ؟  بولمىسا سەمىرەنىڭ ئۆلىشىگە سىز سەۋەبچى  بوپ قالسىسىز ؟-دىدى. سۇبات سەمىرەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا:


- ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشمەڭ؟-  دىدى رەناغا قاراپ.


 رەنا يەنە سۇغۇقىنە:


- سىلەر ،مىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئوغلۇمغا چىقىلدىڭىز؟ 


- مەن نېمىشقا ئۇنىڭغا چېقىلسام بولمايدىكەن ؟


   -سىز  ئۆزىڭىزچۇ ؟ مۇنىرە مېنى قۇتقۇزىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ ؟ مەن سىزگە ئىيتىپ قوياي.ئۇ ھازىر تۇرمىدە، مەن سىزگە ئېيتىپ قوياي .ئۇنىڭ نىمە ئۇچۇن ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىڭىزمۇ؟ تۇرمىگە تۇساتتىن ئوت كەتتى.ئۇ ئوت ئۇنى كۆيدۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى.خۇددى بەش يىل ئاۋالقى ئوت ئاپىتىگە ئوخشايدۇ.


 رەنانىڭ قاپاقلىرى تۇرىلىپ كەتتى.سۇباتنىڭ بولسا پۇتكۇل بەدەنلى تىترەپ كەتكەنىدى.ئۇ دىققتى بىلەن رەناغا قاراپ تۇراتتى.


-مەن ئىشنىمەن. بۇ دۇنيادا  خاتا ئىشنىڭ جازاسى بولماي قالمايدۇ. سىز ئىشنەمسىز؟ ئاشۇ ئوت ئىچىدە كۆيۈپ كۈل بولغان ئادەم، قايىتىپ كىلىپ قىساس ئالىدۇ دىسەم  ئىشىنەمسىز؟ مەن سزنى قويىۋىتەرمەنمۇ؟


 بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇباتنىڭ چىرايى ئۇڭىپلا كەتكەنىدى.


-سىز…سىز.


- توغرا، مەن  . خاتا پەرەز قىلمىدىڭىز! ئوت ئادەمنى سەگىتىپ قويدىكەن ھەم ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويدىكەن.خۇدى مۇنىرە، سەمىرەگە ئوخشاش. سىز ئويلاپ بىقىڭ !ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلە؟ئەگەر، ئۇنىڭ  بەدەنلىرى كۆيۇپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭدىكى خۇشپۇراقمۇ يوقاپ كىتىدۇ؟-دىدى رەنا ۋەھىمىلىك قىلىپ.


-ياق...  ياق. سىز سەمىرەگە ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ؟ئۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ.ئۇنىڭ بەش يىل ئاۋالقى  ئىشلار بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋتى يوق،-دىدى سۇبات ۋارقىرغىنچە.


-ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋتى يوقمۇ؟ ئەمسە كىمنىڭ مۇناسىۋىتى بار؟  بۇ ئىش  خۇددى  سۇ قۇرىسا، تاش كۆرنۇپ قالغاندەكلا بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭچە، جاھاندا ھەقىقەت يوقمىدۇ؟ سۇبات،سەمىرە سىزنىڭ ئالتۇنىڭىز. لىكىن ،باشقىلار ھەرگىز ئۇنداق قارمايدۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا مەن سىزگە يالۋۇرغان ۋاقتىمدا . سىز بۇ كۈنلەرنى ئويلاپ باققانمۇ؟ سىز، ئەينى ۋاقىتتا مىنى ئوتقا تاشلاپ قويغان ۋاقىتتا،ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئوتنڭ ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ھالىتىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ ئۆچ ئىلىش راستىنلا ياخشى ئەمەس. ھازىر مىنىڭ  سەمىرەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىم سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماڭا شەرىت قويمەن دىمەڭ؟ ھەم پايدىسىمۇ يوق. ئەگەر ،ئۇنداق بولمايدىكەن مەندىن رەنجىىسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز؟


رەنانىڭ گەپلىرى شۇنداق جانلىق ئىدى.ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئەتراپتىكىلەر ھەيران قالغان ئىدى.سۇبات  بولسا كۆزلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بىرىۋاتاتتى. لىكىن، نىمە دىيشىنى بىلەلمەي سۇكۇت ئىچىدە تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ قاتتىق بىر ھۆركىرەپ رەناغا ئېتىلماقچى بولدى.


قادىرنىڭ ئاكىسى شىددەت بىلەن  ئالدىغا چىقىپ توسىماقچى بولدى. لىكىن ،ئۇ مىيىپ بولغاچقا ئالدىغا چىقالمىغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن روزى كىلىشتۇرۇپ سۇباتنى بىرنى تەپتىدە رەنانىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ قوغدىماقچى بولدى.رەنامۇ قورقۇپ كەتكەنىدى.ئۇ سۇباتنىڭ نىمە غەرزى  بارلىقىنى چۇشەندى. ھەمدە  ئالدىدا تۇرغان روزىنى بىر ياققا ئىتىرۋىتىپ سۇغۇققىنە


-سىزنىڭچە، مىنى ئىتىرۋەتسڭىزلا ھەممە ئىش تۇگەيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇرۇن يۇز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەمىسنى نۆلگە تەڭ قىلماقچىمۇ؟سۇبات قاراپ بىقىڭە؟ ھازىر كىم ھايات؟ سىزنىڭچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىساملابولىدۇ دەمسىز؟  سىزنىڭچە قىز دوستىڭىزغا ھىچنىمە بولماسمۇ؟ 


سۇبات غەزەب بىلەن رەناغا تىكىلىپ قاردى:


-ئەگەر ،سىز سەمىرەنى ئۆلتۇرۋەتسىڭىز مەن سىزنى ھەرگىزمۇ بوش قۇيۋەتمەيمەن ؟-دىدى.


- ھى ،،،ھى .ئەمسە بەش يىل بۇرۇن، سەن بۇگۇنكى كۇنۇڭنى ئويلاپ باققانمۇ؟ -دىدى رەنا .


دىمىسۇ بولمايتتى .چۇنكى، بەش يىل ئاۋالقى يۇز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ يۇرىكنىڭ چوڭقۇر قىتىغا  سىڭىپ كەتكەنىدى.قۇربانمۇ نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۇرگەن ئىدى.بۇنداق بولىشىغا كۆز ئالدىدىكى ئادەم بىلەن مۇنىرە سەۋەبچى ئىدى .ئۇلاردىن ئەينى ۋاقىتىكى ئىشنى بىلەي دىسىمۇ ،قۇلىدا پۇت تىرەپ تۇرالىغىدەك ئىسپات يوق ئىدى  .رەنانىڭ كالىسدا نۇرغۇن خىيال ئەگىدى.ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئادەمنىڭ گەپ قىلماي جايىللىق بىلەن تۇرۋىلشى ئۇنى تىخىمۇ قىينايتى.


رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي جىم تۇردى . شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى  رەناغا:


-سوفىيە ، خىنىم  .مىنىڭ سەل مىجەزىم يوق تۇرىدۇ!سىز سوراق قىلىۋىرىڭ. ئەگەر سوراپ بولسىڭز، بىزنىڭ ئادەملەر سىزنى ياندۇرۇپ چىقسۇن ،-دىدى.


-  رەخمەت، سىزگە ،-دىدى رەنا تۇزۇت قىلىپ.


 ئۇ ،رەناغا قاراپ بىشىنى لىڭشىتتى -دە .ئۇنىڭغا ئۇدۇل  قارىيالماي قالدى. چۇنكى، ئۇنىڭ قۇرباننى ياخشى كۆردىغانلىقىنى ،ئۆزىگە ئازراقمۇ پۇرسەت يوقلىقىنى بىلەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ  ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتى.قادىرنىڭ ئاكىسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن رەنا  ئارتۇق گەپ قىلماي ،سۇباتقا تىكلىپ قاراپ تۇراتتى . سۇبات چىداپ بولالماي ئاخىرى ئىغىز ئاچتى. چۇنكى، ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئادەمنىڭ رەنا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۇسى كەلمەيتتتى. ئەينى ۋاقىتىكى ئوت ئاپىتى ناھايىتى كۇچلۇك  بولغاچقا رەنانىڭ قىچىپ كىتەلىشى مومكىن ئەمەس ئىدى. رەنا سۇغۇقىقنە: 


-سىزنىڭچە ،مەن كىمدۇرمەن؟ بەش يىل ئاۋالىقى ئوت  ئاپىتىدە قايتىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەن ئادەممەن…


-نىمە؟ 


-ئىشەنگىڭىز كەلمەيۋاتامدۇ؟ 


- بۇ ،قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ سىز قانداقمۇ ھايات قالسىىز؟

-  سىز، ياخشىراق بۇ چىرايىمنى كۆرۈپ بىقىڭ ؟ھەممىنى سىز قىلغان.،بۇ چىرايدىكى كۆزلا مىنىڭ. قالغىننى ئۆزگەرتىپ چىقارغان.مىنىڭ ئىغىزىم، بۇرنۇم، يۇزۇم ھەمىسىنى باشقىلارنىڭ تىرىسىدىن كۆچۇرگەن. سىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئوت ئىچىكىدىكى ئازابنى چۇشنەلەمسىز؟سىز تىرىڭىز كۆيەۋاتقاندىكى ئىس پۇرقىنى پۇرغاندىكى ئازابقا بەرداشلىق بىرەلەمسىز؟ سىز، مىنىڭ ئاق كۇڭۇللۇكۇم ۋە سەۋىرچانلىقىمغا ھۇجۇم قىلىمەن دىمەڭ!بۇرۇنقى رەنا ئاللىقىچان ئۆلۈپ كەتتى . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مەن بىلمەكچى بولغان ئىشنى ماڭا ئىيتىپ بىرىڭ ؟بولمىسا،  سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادىمىڭز سەمىرەنى  مەن تۇغۇلغىنىغا  پۇشايمان قىلدۇرۋىتىمەن ؟-دىدى.


- ياق،،، ياق .سىز بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ؟ سەمىرە مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى. ئۇ ،بۇ ئائىلنىڭ نەۋرىسى . سىز چىقىلسىڭىز بولمايدۇ!


 سۇبات ساراڭلارچە ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى. رەنا سۇغۇقىىنە قىلىپ :


- ئۇنداق قىلسام بولمامدۇ؟ ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ئۇلار  سەمىرەنى ئىتراپ قىلامدۇ يوق؟ تىخى  ئىنىق ئەمەس. ئۇلارمۇ ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىتا مىنىڭ گىپىم ھىساب. سىزنىڭچە ،مەن سەمىرەنى دەپ بەش يىل ئاۋالقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتەرمەنمۇ؟  مەن ئەينى ۋاقىتتا ھامىلدار ئىدىم .مەنغۇ مەيلى  .بالام ئۇچۇنمۇ  بولسا بۇ قىساسنى ئالماي قويمايمەن.  شۇڭا، ماڭا رەھىم قىلارمىڭىن دەپ ئارتۇق ئۇمۇت كۇتمەڭ!


سۇبات تىخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى. چۇنكى ،ئۇ سەمىرەنى بەكلا ياخشى كورگەچكە .نىمىش بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى تاللىدى. بۇۋاقىتتا، رەنا ئورۇندۇقتا مىدىرلىماي جىم ئولتۇراتتى.



 قۇربان ئويغانغان ۋاقىتتا، رەنانىڭ قىشىدا يوقلىقىنى بايقىدي. ئۇ جىددىلەشكىنچە:


-رەنا،،،رەنا  دەپ ۋارقىرغىنىچە ئۈستىدىكى يوتقاننى قايرىدى  .ئىشىك تۇۋدىكى قاراۋۇل:


-ئەپەندىم.رەنا خىنىم، روزى بىلەن بىللە چىقىپ كەتكەنىدى. روزىنىڭ ئىيتىشچە ئۇلار ساقچىخانغا بىرىپ مۇنىرەنى كۆرىمىز دەيدۇ؟… 


قۇربان بۇنى ئاڭلاپ  خاتىرجەم بولدى .ئۇ كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇنىڭ قىشىغا بارماڭچى بولدى .لىكىن ،ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرىشىغا رەنانىڭ گەپ سۆزلىرىنى ئىسىگە ئالدى.


«بۇنڭدىن كىيىن رۇخسىتىمسىز  سىرىتقا چىقمايسىز!دوختۇرخانىدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلمايسىز!كىسەلخاندا ياخشى دەم ئالسىڭىز بولدى»دىگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ كارۋاتقا چىقىپ ئارام ئىلىشقا باشلىدى.ھەمدە ياردەمچى روزىغا تىلىفۇن قىلدى.


-ئۇيەرنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟-دىدى قۇربان.


-مۇنىرە ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. ئاندىن بىز قادىرنىڭ ئۆيدە. رەنا خىنىم ،سۇباتنى سوراق قىلۋاتىدۇ!


-تىلفۇننىڭ ئاۋازىنى  ئاچ ! مەن نىمىش بولدى .ئاڭلاپ باقاي؟


روزى تىلىفۇنىڭ ئۇنلۇك ئاڭلىنىدىغان  ئىقتىدارنى ئىچىۋەتتى  .


 سۇبات بولسا رەنانى كۈزتۇپ تۇراتتى ھەمدە: 


-مەن سىزگە ھەممە ئىشنى ئىيتىپ بەرسەم بولىدۇ. مەن ھەتتاكى، بولغان بارلىق ئىشلارنى سىزگە ئىيتىپ بەرسەم بولىدۇ.لىكىن،بىرلا شەرتىم بار! 


-سىزنىڭ تىخى شەرىت قويغىدەك سالاھىتىڭىز بارمۇ؟


سۇبات ئارتۇق گەپ قىلماي كۇلۇپلا جىم تۇراتتى .ھەمدە:


-ئەگەر، قوشۇلمىسىڭىز ؟مەن سىزگە ھىچنىمىنى ئىيتىپ بەرمەيمەن. مەن بىلىمەن. سىز جىق ئىشلارنى بىلىپ بولدىڭىز؟لىكىن ،قۇلىڭىزدا يىتەرلىك ئىسپات بارمۇ؟ ئىسپات بولمىسا، بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوممامدۇ؟ سىز مىنى قانداق قىلماقچى؟مۇنىرەنى قانداق قىلماقچى؟سىز مەڭگۇ بۇرۇنقىدەك ئاشنىسى بىلەن قىچىپ ئوت ئاپىتىگە يۇلۇققان ھەمدە ئوت ئاپىتىدە كۆيۇپ كۈلگە ئايلانغان دىگەن نامنى مەڭگۇ ئۆچىرەلمەيسىز؟  بۇ ئۆمرىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ  ئاقلىقىنى ئىسپاتلايمەن دەپ ئىسپاتقا ئىرىششىڭىز مۇمكىن ئەمەس.


 سۇبات ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇ گەپلەرنى دەۋەتكەن  ئىدى . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى  ئاڭلاپ ، رەنانىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى .


-سىزنىڭچە، مەن بۇلارغا پىسەنىت قىلارمەنمۇ؟ مەن  ھەتتا كىم ئىكەنلىكىمگىمۇ پىسەنىت قىلمىغان تۇرسام. سىز ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلىپ تەھتىت سالماقچىمۇ؟سۇبات  سىزگە ئىيتىپ قۇياي مەن دىگەن قىساس ئالغۇچى. مەن پەقەت قىساس ئىلىش ئۇچۇنلا كەلدىم.شۇڭا كەچۇرۇڭ! مەن سىلەردەك كىچىك بالىنىڭ ئۇسۇلىدا قىساس  ئالمايمەن.مەن سىلەرنى تۇغۇلغانغا پۇشايمان قىلدۇرۋىتىمەن.مىنىڭ قولۇمدىن  ھەرقانداق ئىش كىلىدۇ.


رەنا گىپىنى دەپ بولۇپلا ئارقىغا ماڭماقچى بولدى . سۇبات بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.


- سىز ،سەمىرەگە ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ؟سىزدىن ئۇتۇنەي!


-سىز، مىنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىسىز؟ رەنا غەزەب بىلەن سۇباتقا قاراپ تۇراتتى . سۇبات بولسا  مىيىقىدا كۇلۇپ قويدى:


-سىزنىڭ بۇ قىتىم قايتىپ كىلىشىڭىز ئۆچ ئىلىش شۇنداققۇ؟ قۇرباندىن قىساس ئىلىشمۇ سىزنىڭ ئىشىڭىزدۇ؟سىز ئاللىقاچان ئۇنى ياخشى كۆرمەس بوپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟ سىز پەقەتلا ئۇنىڭدىن پايدىلنىشنىلا ئويلايسىز؟


 رەنا سۇكۇتكە چۆمگەن ئىدى. قۇربان دىيىلىۋاتقان گەپلەرنى بىردىن بىر ئاڭلاپ تۇراتتى.ئۇ بۇ ۋاقىتتا،رەنانىڭ جاۋاب بېرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىى. لېكىن ،رەنا گەپ قىلماي جىم تۇراتتى . بۇ ۋاقىتتا سۇبات كۇلۇپ سالدى.


داۋامى بار …


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئايبەر ئاۋازى ئەپچىمىز يىللىق تەكشۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ئېچىلمايدۇ ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0