大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 91 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 91 - قىسىم aybarawazi
2024-04-18
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 92 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80

90
89
88
87
86



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


91 - قىسىم



-سۇرىيە دىگەن كىم؟ دەپ سوردى قۇربان فۇرقەتتىن جىددىيلا.

-ئەرفاتنىڭ ئۆز سىڭلىسى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۇرەتلىك كۆرۈشكەن ئىدىم . ئۇ ئاكامغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن .ھەم ئاكامدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن . لېكىن ، ئاكامنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا يېتىپتۇ. سىرتقى مەنزىرىنى كۆرۈپ باقماپتۇ .دادا،پۇرسەت بولسا بىز شاڭخەيگە بىرىپ سىڭلىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەيلى، مەن ئاكامغا ۋەدە قىلغان سۇرىيەگە ئۇز سىڭلىمغا ئۇخشاش مۇئامىلە قىلشىم كىرەك، -دېدى .

فۇرقەتنىڭ گەپلىرى قۇرباننى ئويغا سىلىپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۇشكەن ئىدى.ئەگەر، بۇ قىز ئەرفاتنىڭ ئۆز سىڭلىسى بولسا بۇ ئۇنىڭمۇ ئۆز قىزى ھىسابلىناتى. رەنانىڭ نىمە ئۇچۇن بۇ ئىشنى دىمگەنلىكى ئۇنى بەكلا گۇمانغا سالغان ئىدى.شۇنىڭ ئۇ ئۇنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىشقا باشلىدى.ئۇ ئەرفات ياسىغان سىستىمىنى بۇزۇپ رەسىملەرنى كۆرۈشكە باشلىدى.ھەمدە بىر قىزنىڭ كىسەل كارۋىتىدا ياتقان ھەمدە تۇغما يۇرەك كىسلى دەپ يىزىقلىق تۇراتتى. بۇنى كۆروپ ئۇ بەكلا ھەيران قالدى.ئۇ رەنانىڭ گىپىنى ئىسىگە ئالدى.ئەينى ۋاقتىتا ،ئۇ ئەرفات بىلەن بىللە شاڭخەيگە بىرىپ بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ ئەكىلمەن دىگەن گىپىنى ئىسىگە ئالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىدە بۇ قىزنىڭ سەمەت بىلەن رەنانىڭ بالسىمۇ دىگەن خىيال ئۇنىڭ يۇرىكىنى ئەزدى .ھەمدى تېز سۈرەتتە ئايروپىلان بېلىتىدىن ئىككىنى زاكاز قىلىپ ، فۇرقەت بىلەن بىللە شاڭخەيگە باردى.شۇنىڭ بىلەن سەمەت بىلەن كۆروشتى. سەمەت ئۇنى كۆروپ:

-نىمە، قۇربان دىرىكتۇرنىڭ قەدەملىرى يىتىپ قاپتىغۇ؟-دىدى.

سەمەت دىرىكتۇر، رەنانىڭ رەت قىلىنشىغا ئۇچىرىغاندىن تارتىپ كەيپىياتى بەكلا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە نەچچە كۇننىڭ ياقى ئۇ رەنانىڭ ئىزدىرىكىنى ئالالمىغان ئىدى. قۇربان سۇغۇق تەلەپپۇزدا:

-رەنانىڭ نىمە ئۇچۇن قىشىمغا قايتىپ كەلگەنلىلىنى سىز ئۇبدان بىلىسىز؟ مانا مەن كەلدىم. مەن سۇرىيە بىلەن كۆرشىمەن!- دىدى. سەمەت سەل كۇلۋەتكەندىن كىيىن:

- ئەسلىدە ،ئۇ سىزگە ھەمىنى دەپ بولغاچقا شۇڭا كۆرگىلى كەلدىڭىزما؟

قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي:

-ئەرفات ھازىر ئاغرىپ قالدى. رەنا ئۇنىڭغا قاراۋاتىدۇ. شۇڭا ،مەن يالغۇز كەلدىم، ئۇنىڭ ئۇستىگە سۇرىيە كىسەل ئاكسنى كۆرسە خاتىرجەم بولالمايدۇ!- دىدى.

- رەنانىڭ بۇ يەرگە كىلشىدىن ئەنسىرگەنسىز ،-دىدى سەمەت كەسكىنلا.

- كەلسە، كەلمىسە، بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. سەمەت بۇنى سىز بىلىسىز. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ سىزنىڭ توي تەكلىپىڭىزنى رەت قىپتۇ. قايتىپ كەلسىمۇ تازا قاملاشمىغان ئىش بوپ قالار؟-دىدى.

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى سەمەتكە بەكلا ئۆتۇپ كەتكەن ئىدى.

- سىز نىمىشقا مىنىڭ باللىرىمنى تارتىۋىلىشنى ئويلايسىز؟

-ئەرفات بىلەن سۇرىيە مىنىڭمۇ باللىرىم. بۇ ھىچ يەردە بۇلاشقا كىرمەيدۇ.

- مەن، بەش يىلنىڭ ياقى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا ككپتىن كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن. سىزگە نىمە لازىم. مەن سىزگە تەييار قىلىپ بىرەي .كۆزەمنى مىت قىلىپ قويمايمەن دىدى.

سەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ماڭا رەنا كىرەك، ماڭا بىرەلەمسىز؟

-رەنا ،مال ئەمەس. ئۇ ئۆزى ھۆكۇم قىلسۇن. ئەگەر، بەش يىلنىڭ ياقى ئۇ سىزنى تاللىغان بولسا بەلكىم مىنىڭ بۈگۈنكى پۇرسىتىم يوق بولغان بولىشى مومكىن،- دىدى قۇربان .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سەمەت مۇشتلىرنى تۇرۇپ كەتتى. ھەمدە

-مەن ھەرگىزمۇ ئۇنى كەتكۇزمەيمەن،- دىدى،

-سىزنىڭ، ئۇنى كۆرشىڭىز تەسكە چۇشەمىكىن. چۇنكى، سۇرىيە ئۇنىڭ جىنى ،-دىدى، قۇربان.

سەمەت پەسكۇيغا چۇشكەن ئىدى. ھەمدە بۇ ئىشلارنى توغرا چۇشنىپ چۇڭقۇر نەپەس ئىلىۋەتكەندىن كىيىن:

-سۇرىيە، بىزنىڭ شەخسى دوختۇرخاندا، مەن سىزنى باشلاپ باراي،-دىدى سەمەت.

قۇربان رەنانى ئەسلىدى .بەش يىلنىڭ ياقى تارتقان ئازابىنى ھىس قىلغان قۇربان رەنانى بەكلا سىغىنغان ئىدى. لىكىن، رەنانىڭ ۋە ئەرفاتنىڭ ئىشىنى سەمەتكە دىمىگەن ئىدى. ھەم ھىچقانداق چاندۇرمىدى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن تىزلىكتە سۇرىيە ياتقان دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلدى. ئاپپاق قۇياش نۇرى دەل ئۇنىڭ كارۋىتىغا چۇشكەن ئىدى.

بىر تەرەپتىپ ئاسما ئۇكۇل ئۇنىڭغا چۇشۇۋاتاتتى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ ياسلىشى بەكلا سىپتا بولۇپ سەمەت ھەقىقەتەن ئىسىل لاھيىللەپ سالغان ئىدى. ئۇلار تىزلىكتە ئۇنىڭ كسەلخانا ئۆيگە كىرىدى، فۇرقەت كىلىپلا:

-سۇرىيە سىڭلىم،- دەپ چاقىردى.

سۇرىيە ئۇنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى .

-فۇرقەت ئاكا،-دىدى .ھەمدە كارۋاتتىن چۇشەي دىيشگىە فۇرقەت ئۇنى تۇسۋالدى. ھەمدە ئۇنىڭ قۇلىنى مەھكەم تۇتقىنچە؛

-ئاپپاق، سىڭلىم. مەن ئۇپراتسىيە قىلىپ بولدۇم. مەن ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ سىزنى كۆرگىلى ،- دىدى.

سۇرىيە خۇشال كۇلگىنچە:

-بەك ياخشى ،بوپتۇ .ئاكا سىزنى تەبرىكلەيمەن ،-دىدى.

- رەخمەت،- دىدى فۇرقەت.

- ئاكامچۇ؟ ئاكام كەلمىدىما؟- دىدى سۇرىيە ئەتراپقا قاراپ .

-ئاكام ئۇ… دىيشىگە قۇربان

-ئەرفات ئۇ ئاغرىپ قالدى. ئۆيدە رەنا ھالدىن خەۋەر ئىلۋاتىدۇ. مەن سىزنى ئىلىپ كىتەي قانداق بولامدۇ؟- دىدى .

قۇربان سۇرىيەنىڭ ئالدىدا ئۇلتۇرۇپ:

- سىز، سۇرىيە بولامسىز؟ مىنىڭ ئىسم قۇربان. مەن، سىزنىڭ ئۆز دادىڭىز. بۇنىڭدىن كىيىن مىنى دادا دەپ چاقىرسىڭىز بۇلىدۇ! -دىدى قۇربان بۇش ئاۋازدا كۆزىگە ياش ئىلىپ. قۇربان ئۆز قىزىنى كۆروپ بەكلا ھاياجانلانغان ئىدى.

-تۇتۇق دادا،-دىدى سۇرىيە تەلمۇرىگىنچە سەمەتكە قاراپ .سەمەت ئارتۇق گەپ قىلمىدى.چۇنكى، ئۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ بالسىدەك كۆرگەن باللىرى بىردىن -بىردىن يىراقلاشقانلىقىغا كۆڭلى يىرىم بولغان ئىدى. ھەمدە ئارتۇق گەپ قىلماي جىم تۇردى.سۇرىيە:

-تۇتۇق دادا. ئۇلارنىڭ دىگىنى توغرىمۇ؟ بۇ ئادەم راستىنلا مىنىڭ ئۆز داداممۇ؟-دىدى تەلمۇرگىنچە ئۇ يىغلىۋىتىشكە تاسلا قالغان ئىدى.سەمەت بىرىپلا ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

-ئاپىڭىز، ماڭا سىزىنى دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق دىگەن ئىدى .سىز راستىنلا، بىر مەلىكە .ئاپپاق قىزىم،-دىدى.

-شۇنداق، دىگەنمۇ؟-دىدى سۇرىيە چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ.

قۇربانمۇ مىھىرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاردى.ھەمدە قىشىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:

-ئەلۋەتتە ، ئاپىڭىز سىزنى ئەڭ گۇزەل قىز دىگەنىدى.

-توغرا، ئاچام سىزنى شۇنداق گۇزەل دىگەن ئىدى.سىز ،راستىنلا بەك گۇزەل ،-دىدى فۇرقەتمۇ خۇشال بۇلۇپ.

سۇرىيەمۇ بەكلا خۇشال بولغان ئىدى،سەمەت بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كۆرۈپ سەل مەستلىكى كەلگەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن:

-شۇنداق قىزىم .ئۇسزنىڭ ئۆز دادىڭىز. ئاپىڭىز، ئەرفاتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمەن دىگەچكە كىلەلمەپتۇ،-دىدى سۇسلا.

-ماڭا ،ھازىرچە ھىچنىمە كىرەك ئەمەس. پەقەتلا دادام ،ئاكام ھەمراھ بۇلۇپ مىنى باغچىغا ئاپارسا بۇلاتتى،-دىدى .

-ياق ،ھەرگىز بولمايدۇ. سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز يار بەرمەيدۇ.دىدى .

-كەچۇرۇڭ ،دادا .مەن دىققەت قىلاي،- دىدى بوش ئاۋازدا.

-ھىچقىسى، يوق.كىسلىڭىز ساقايغاندا مەن ئاكىڭىز بىلەن بىللە سىزنى ئويناتقىلى ئاپراي،-دىدى.

سۇرىيە بەكلا خوشال بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.سەمەت سۇرىيە بىلەن قۇرباننىڭ بۇنداق خۇشال ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ چىقىپ كەتتى. سۇرىيە قۇلىنى چىقرىپ قۇرباننىڭ قۇلىنى مەھكەم تۇتتى.

-مىنىڭ، كىسلىم ساقيارمۇ؟

-ساقىيدۇ.چۇقۇم ساقىيدۇ،- دىدى قۇربان ئۇنىڭ بىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ.

-لىكىن دوختۇر مىنى، ئاپامنىڭ قۇرسىقىدىكى ۋاقتىدىلا كىسىلى باشلىنىپتىكەن دىگەن .ئاپام بىلەن ئاكاممۇ بەكلا ئەنسىرگەن ئىدى.تۇتۇق داداممۇ نۇرغۇن ئاماللارنى قىلىپ داۋالىدى. لىكىن، ھىچقانداق ئۇنۇم بولمىدى،-دىدى سۇرىيە بىشىنى تۇۋەن تۇتۇپ.

قۇربان بىرىپ ئۇنى قۇچاقلىدى.

-بۇرۇن، دادىڭىز يوق ئىدى.تازا ئۇۋالچىلىق تارتىپسىز. ھازىر دادىڭىز كەلدى .سىزنى چۇقۇم ياخشى داۋالىتىمەن ،-دىدى قۇربان .

-ئەمسە ،دادا نىمىشقا ئەمدى كىلسىز. بۇرۇنراق كەلسىڭىز بولمامدۇ؟ئاپام بىلەن ئاكاممۇ كەلمىدى ،-دىدى سۇرىيە ئۇمۇتسىزلەنگىنچە .

قۇربان كۆزىگە لىق ياش ئىلىپ:

-بۇرۇن مەن سىلەرنىڭ ھايات ئىكەنلىكڭلارنى بىلمەيتىم. ھازىر مەن قايتىپ كەلدىم . سىلەرگە كۆپ قەرىز بولىدۇم.مىنى كەچۇرۇڭلار !-دىدى قۇربان.

ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

-دادا، بولدى يىغلىماڭ! مەن سىزنى ئەيىپلىمەيمەن. گەرچە، ئاپام دىمسىمۇ سىزنىڭ بىزنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلالايمەن. ئاتا -ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان .ئاكام بىلەم مىنى چۇقۇم بەك ياخشى كۆرسىلەر ،-دىدى.

-شۇنداق، بەك ياخشى كۆرىمەن.ئاپپاق قىزىم . ،- دىدى .ھەمدە ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى.

فۇرقەت بولسا بىر بۇلۇڭدا گەپ قىلماي جىم تۇراتتى. سۇرىيە دادىسىنڭ ئازابىنى ھىس قىلغاندەك بۇلۇپ:

-دادا،بولدى يىغلىماڭ. دوختۇر ئۇخشاش بىر يۇرەكنى تاپالىسلا ياخشى بولۇپ ساقىيىپ كىتىمەن.ئاندىن، دادا. مەن ئۇسۇل ئۇگۇنۇپ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئۇسۇلنى سىزگە ئۇيناپ بىرەي،- دىدى.

قۇربان ئۇنى تىخىمۇ مەھكەم قۇچاقلىدى.



داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0