
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 94 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 91 |
90 |
89 |
88 |
87 |
86 |
| 92 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
93 - قىسىم
سەمەتنىڭ ئاپىسى سەل ئاچچىقلانغانىدى .
- قۇربان، سىز راستىنلا توي تەكلىپى قويدى دەپ ئويلاپ قالماڭ ؟ -دېدى سەمەتنىڭ ئاپىسى سەل ئاچچىقلانغىچە.
-كەچۈرۈڭ ، خانىم .مەنمۇ سىزنى ئۇنداق ئويلىمىدىمغۇ ، مەن پەقەت راست گەپنى قىلدىم . سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكى سەمەتكە رەنا ھەرگىزمۇ قىزىقمايدۇ. بىزنىڭ ئائىلىدىكى رەناغا نىسبەتەن ئۇ دېگەن ئۇنىڭ نىجاتكار قېرىندىشىغا ئوخشايدۇ . شۇڭلاشقا، سىز ئارتۇق ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭ قىلىنغان توي تەكلىپىڭلار سەل قاملاشماي قالدى . قىزىمنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلدى. مەن بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاي .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- قۇربان دېرىكتور ئالدىرىماڭ. سىز بۇنداقلا ماڭسىڭىز تازا قاملاشماي قالارمۇ ؟ سىزمۇ بىلىسىز ، ھازىر ئىككى شىركەت ھەمكارلىشىۋاتىدۇ .ھەمكارلىق ھوقوقىى ئىككى شىركەتنىڭ ھوقۇقىدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئايالىڭىز بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئەڭ داڭلىق لايىھىلىگۈچىسى ئۇنىڭ لايىھىلەپ چىقارغان نەرسىسى تېخى بازارغا يۈزلەنگىنى يوق .
-سىزنىڭ مەقستىڭىز بۇ لايىھە تۈرىنىڭ ھوقۇقىنى ماڭا بېرىڭ دېمەكچىمۇ ؟- دېدى قۇربان كەسكىنلا.
-ماڭا بۇلار لازىم ئەمەس . مەن ،سىلەرنىڭ ئائىلەڭلاردىكى رەنانىڭ داڭلىق لايىھىلىگۈچى ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشەنسەممۇ . ئەگەر، ئۇ لايىھىلەپ چىقارغان ماشىنا بىر بازار تېپىپ كەتسە ، بىزنىڭ ئاىلىدىكىلەر چۇقۇم چوڭ مەبلەغ توپلىيالىشى مۇمكىن ،-دىدى.
- خانىم ، مەن سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم. بولىدۇ ،چاتاق يوق . ئەگەر ،رەنا سىلەرگە قەرز بولمايدىغانلا ئىش بولسا. مەن شاڭخەيدىكى بارلىق شىركەتنىڭ ھوقۇقىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرەي .مەن شۇنداق قىلسام رەنا سىلەرگە ھېچقانداق قەرز بولمايدۇ . بىز باشقا بىر كۈنى يىغىلىپ بىر توختام تۈزەيلى . ھەمدە بىز بۇرۇن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلىۋېتەيلى .بۇنىڭدىن كىيىن ، رەنا سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە ئازراقمۇ قەرز بولمايدۇ،- دېدى .
-بولىدۇ .ھازىردىن باشلاپ سەمەت ئائىلىسىدىكى ئادەملەر بىلەن رەنانىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمىدى ،-دىدى سەمەتنىڭ ئاپىسى.
مەن ،رەنانىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىش رەسميتىنى كىينرەك ئەۋەتىپ بىرمەن،- دىدى قۇرباب كەسكىنلا. ھازىر، ھېچقانداق ئالاقەم قالمىغاندىكىن مېنىڭ سىزنى مېھمان قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق . شۇڭلاشقا، مەن قايتقاچ تۇراي ،-دىدى قۇربان .
قۇربان ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا ، كېسەلخانا ئۆيگە باردى . قارىسا فىرقەت بىلەن سۈرىيە شاھمات ئويناۋاتاتتى .
-دادا ، قاراڭ ، مەن ئۇتتۇراي دەپ قالدىم ،- دېدى فۇرقەت .
-ئۇتتۇراي دەپ قالدىڭىزمۇ ؟مەن قاراپ باقاي ھە ،- دېدى قۇربان.
بېرىپلا سۈرىيەنى قۇچىقىغا ئالدى ھەمدە فۇرقەت بىلەن شاھمات ئويناشقا باشلىدى.
سەمەت ئاپىسىنىڭ قۇربان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ئىشنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى ۋە بېرىپ ، ئاپىسى بىلەن كۆرۈشتى .
- ئاپا ، سىز قۇربان بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ ؟
-شۇنداق .
- سىز، ئۇنى نېمىگە ئىزدەيسىز ؟
- قارا ، سەن بىر ئايال ئۈچۈن ئازراق قائىدىنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قاپسەن، مەن پەقەت بەش يىلنىڭ ياقى رەناغا قىلغانلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدىم .
-ئاپا ، بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ دوستۇم . مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم ، نېمە قىلىسىز؟ بۇنى سودا قاتارىدا كۆرسىڭىز، سىز مېنى نېمە ئويلاپ قالدىڭىز ؟-دىدى سەمەت ۋارقىرغىنچە:
-ئاغزىڭنى يوم! سەن، نىمە بىلسەن؟ بۇ ئايالنى دەپ بارچە ئاياللاردىن ۋاز كەچتىڭ. ئۆزەڭنىڭ تۇرمۇشى، ئىستىقبالىڭنى ئويلاپ قويمۇدۇڭ. مەن ئەزەلدىن ئىككىلارنى ئىشغا قوشۇلمايتىم .بۇنداق قىلسام نەرى خاتاكەن؟ بىزنىڭ ئائىلە ناھايىتى يۇز ئابرۇيلۇق ئائىلە.ھازىرغىچە مەن نەۋرە يۇزى كۆرەلمىدىم. سەن شۇ ئايالنى دەپ بۇ پۇرسەتنىمۇ ماڭا بەرمىدىڭ. بۇ ئايالنى سەن ياخشى كۆرگنىڭ بىلەن بۇ ئايال سىنى قىرندىشىم دەپ ئويلايدىكەن، سەن دۆت ،تىخى بىلمەيۋاتامسەن؟ -دىدى ئاپسى ئاچچىقىدا
- ئاپا، بۇ سىزنىڭ نىمە دىگىنىڭىز؟ ئۆزەمنىڭ ئىشىنى ،ئۆزۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمەن ،-دىدى.
ئاپىسى ئىستىكاننى ئۇنىڭغا ئىتىپ تۇرۇپ:
-چىقىپ كەت!-دەپ ۋارقىردى.
سەمەت ئارتۇق گەل قىلماي چىقىپ كەتتى. ئۇ دوختۇرخانغا بىرىپ قىزنى كۆرۇپ كەلمەكچى بولدى .لىكىن، كىسەلىخانا ئۆيىدە بىر ئائىلە كىشىلرنىڭ بەخىتلىك ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك يالغۇزلۇق ھىس قىلدى ۋە چىقىپ باشقا بىر يەرگە كىتىپ قالدى. ئۇ ئۆزنىڭ نىمە سەۋەبتىن كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيتى.
سەمەت بۇ يەرگە كىرگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى شۇنداق مىسكىن ھېس قىلاتتى. تۇساتتىن بىرىنىڭ كىيمىنى تارتقانلىقىنى بايقىدى.
- ۋىيەي، ئەپەندىم. سىزنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىڭىز ئوخشىمامدۇ ؟ سىزگە ئايرىمخانا لازىم بولسا مەن سىزنى باشلاپ ئاپىراي ،- دېدى چىرايلىق ياسانغان بىر قىز .
قىزدىن كەلگەن ئەتىرنىڭ پۇرىقى ئادەمنى مەستخۇش قىلاتتى .
-يوقال ، چىقىپ كەت ،- دېدى ئۇ قىزنى ئىتتىرىپ .
بۇ يەرنىڭ خوجايىنى بۇ قىزچاقنىڭ ئىتتىرىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ .
-ئەپەندىم ،بۇياق بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن ئىدى سىرىت سەل قالايمىقان .شۇڭلاشقا، مەن سىزگە بىر ئايرىمخانا ئېچىپ بېرەي. سىز ئۇ يەردە ھاراق ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ .قانداق ئىش قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ ؟
ئۇ خوجايىن ئايالغا قاراپ؛
- ماڭا، چەترەك يەردىن بىر ئۆي ئىچىپ بېرىڭ قانچە تىنىچ بولسا شۇنچە ياخشى. ھېچكىم ئاۋارە قىلمىسۇن . سىزگە قانچىلىك پۇل لازىم بولسا مەن بېرىمەن .
-چاتاق يوق ئەپەندىم . بۇ يەرگە كېلىڭ ، بىزنىڭ بىرىنچى قەۋەتتە بىر چەت ئايرىمخانا بار . ئۇ ئۆي يەر ئاستى ئۆيىگە يېقىنراق ئادەتتە ھېچكىم ئۇ يەرگە بارمايدۇ .قانداق ئاشۇ يەرگە بېرىپ باقامسىز ؟
- قېنى يۈرەيلى ،- دېدى سەمەت .
سەمەت پەقەتلا بىر ئايرىم يەردە ئولتۇرۇپ ، يالغۇز ھاراق ئىچكۈسى بار ئىدى . چۈنكى ،ئۇ ھېچكىمگە ئۆزىنىڭ بۇنچە ئاجىز ھالىتىنى كۆرسەتكۈسى يوق ئىدى . ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھاكاۋۇر ھالىتى رەنانىڭ ئالدىدا يەرگە ئۇرۇلغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خوجايىن سەمەتنى بىر چەت بىر ھۇجرىغا باشلاپ ئەكىردى دە
-ئەپەندىم ، سىزگە يەنە باشقا مۇلازىمەت كېرەكمۇ ؟ -دېدى .
- لازىم ئەمەس ، ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار ، مېنىڭ رۇخسىتىمسىز بۇ يەرگە ھېچكىمنىڭ كىرگۇزمەڭلا!-دىدى .
شۇنىڭ بىلەن يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى خىزمەت ،پۇل تېپىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىدى . لېكىن ،ئۇنىڭ تاپقان پۇلىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئارزۇ قىلىدىغان بىر تۇرمۇشقا ئىگە قىلالمىغان ئىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھاياتىدا پۇلدىنمۇ مۇھىم مېھىر مۇھەببەتنىڭ ، كۆڭۈلنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا ،پۇل ھەممىدىن مۇھىم .لېكىن ،پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەر ۋاقتى كەلگەن چاغدا ئۆز قىممىتىنى تاپالماي قىلىۋاتقان ئىدى .
بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن مۇلازىمەتچى ئۇنىڭغا ھاراق ئەكىرىپ بەردى . ھەمدە ئەگەر بىرەر ئىشىڭىز بولسا ، يان تەرەپتىكى قوڭغۇراقنى باسسىڭىز بولىدۇ دەپ چىقىپ كەتتى . سەمەت بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىشكە باشلىدى . بۇ ئۆينىڭ ئىچىگە قالايمىقان ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى رەنا بۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدەكلا تۇيۇلاتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. قارىسا قارا كىيىم كىيگەن بىر مۇنچە ئادەملەر بارئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارمۇ ئۇ ئۆيگە سولانغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قەدەم ئالدىغا ماڭدى .ئۇ يەرنىڭ باشلىقى سەمەتنىڭ ئالدىنى توستى .
- سەن نېمە ئادەم ؟
- بۇ قانداق ئادەملەر ؟ نېمىشقا ئۇلار گەپ قىلمايدۇ ؟-دېدى سەمەت دېرىكتور .
بىز بۇلارنى چەتئەلگە چىقارماقچى ، قانداق گېپىڭ بارمۇ ؟ بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن چىرايلىق خېنىملار بار ئۆزۈڭ كۆرۈپ تاللا، ئەگەر سەن سېتىۋالساڭ ، ساڭا بىرنى سېتىپ بېرەي ،- دېدى ھېلىقى ئادەم.
شۇنىڭ بىلەن سەمەت ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ ئۇ ئىچىدىكى ئادەملەرگە قاراشقا باشلىدى . ئۇنىڭ يان تەرپىدە بولسا ئاياللارنىڭ چىرقىراپ يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . چۈنكى، قارا كىيىم كەيگەن ئادەم ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇشقا باشلىدى. سەمەت ئۇلارنى كۆرۈپ سەل ئىچى ئاغرىغان ئىدى . ئۇ يەنە بىر بۇلۇڭدا بىر ئايالنىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. ھېلىقى قارا كىيىم كەيگەن ئادەم تۇيۇقسىز ئۇنىمۇ ئۇرۇشقا باشلىدى . ئاغرىقتىن قىينالغان ئايال ئېچىنىشلىق يىغلاشقا باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئايال ئۆمىلەپ بېرىپ سەمەتنىڭ ئالدىغىلا يىقىلدى. سەمەت ئايالنىڭ چىرايىغا قاراپ چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزى سۆيگەن، ھېچقاچان خىيالىدىن كەت دېگەن رەنا دەل ئۆزى ئىدى. سەمەت ئۇنى كۆرۈپ بىر ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدى دە چاندۇرماستىنلا ھېلىقى قارا كىيىم كىيگەن ئادەمگە :
مەن بۇ ئايالنى سېتىۋالىمەن. باھاسىنى دېگىن ؟-دىدى .
- بىز ،بۇ ئايالنى ساڭا ساتمايمىز . بىز بۇنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىمىز ساتساق بولمايدۇ،-دېدى ھېلىقى ئادەم كەسكىنلا .
- سەن، ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ گېپىمگە كۆن بولمىسا ، ئەتە مەن باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىپ قالسام ۋاقتى كەلگەن چاغدا مەندىن رەنجىمىسەڭ بولىدۇ؟- دېدى .
- سەن، ماڭا بىرەر ئىش قىلغۇدەك ، سەن زادى كىم؟- دېدى ھېلىقى ئادەم يانمايلا.
- مەن ،،،مەن. مەن سەمەت،- دىدى ئۇ بوش ئاۋازدا.
سەمەت دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ ، ياندىكى بىرسى جىددىىلىشىشكە باشلىدى. چۇنكى، سەمەت دىرىكتۇرنىڭ داڭقىنى شاڭخەيدىكى ھەممە ئادەم بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھۆرمەت بىلەن كەچۇرسىلە بىگىم تۇنماي قاپتىمىز،- دىدى ھىلقى ئادەم .
سەمەت ،بۇ ۋاقىتتا مەن ئەتە كىلىپ بۇ قىزنى ئىلىپ كىتىمەن . باشقا گەپ يوقتۇ ؟-دىدى.
ھىلقى ئادەم :
-چاتاق يوق، دىرىكتۇر. سىز خالىسڭىزلا،- دىدى.
سەمەت رەنانىڭ ئالدىدا يۇكىنىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ:
-مەن ،سىزنى ئەتە ئىلىپ كىتەي بولامدۇ ؟-دىدى.
رەنا بىشنى لىڭشىتى. رەنا بەكلا ئىككلەنگەن ئىدى. چۇنكى ، ئۇ قايتا سەمەتكە قەرىز بۇلۇپ قىلىشنى خالىمايتى.
ھىلقى قارا كىيىم كيىگەن ئادەم دىرىكتۇرغا ھۆرمەت بىلەن.
-قىنى ،بۇياققا دىرىكتۇر!- دىدى،ھەمدە ئادەمنى ئەتە ئەكەتسىڭىز بۇلىدۇ دىرىكتۇر. لىكىن ،چۇقۇم پۇلنى نەخ قىلىپ ئەكىلشىڭىز كىرەك !-دىدى.
-خاتىرجەم بولغىن .مەن پۇلنى تەييار قىلىمەن ،-دىدى .
ھەمدە ئارقىغا ئۆرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



