大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 88 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 88 - قىسىم aybarawazi
2024-04-16
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 89 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80




87
86



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


88 - قىسىم


- ئالدىنقى قېتىم ئەرفاتنى ھۆسن تۈزەش ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويۇپتىكەن .بۇ قېتىم قەيەرگە يوشۇرىدىكىن تاڭ؟

- مەن بېرىپ تەكشۈرەي .مەن چۇقۇم تەكشۈرىمەن .

-سىز بېرىڭ! ھازىرلا بېرىڭ !بەلكىم ئەرفات ، ھازىر ئازاب تارتىۋاتقاندۇ؟ ئۇ بىزنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ ؟ -دېدى رەنا قۇرباننى ئالدىرتىپ :

- ماقۇل ،،، ماقۇل مەن باراي . مەن باراي ئالدىرىماڭ بولامدۇ ؟مەن ھازىرلا باراي،- دېدى قۇربان كارۋاتتىن پەسكە چۈشۈپ ھەمدە تېز سۈرەتتە چىقىپ كەتتى . رەنامۇ كېچىكتۈرمەي كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقىپ ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كەينىدە ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى بىللە يۈرەتتى . بۇ ۋاقىتتا ،قۇربان بىلەن سەمەتمۇ ھە دەپ ئەرفاتنى ئىزدەۋاتاتتى.لېكىن ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدى . روزى بۇ ۋاقىتتا:

- دېرىكتور ، بىز ھازىر بەگزادىنى ئۈچ كۈچلۈك ئائىلە كۈچ چىقىرىپ ئىزدەۋاتىمىز. مېنىڭچە بۇ ئىش ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندىكىدەك ئاددى ئەمەس ،-دىدى.

- ئۇغۇ شۇ . ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟ ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلسەك بولاتتى ؟

- قارشى تەرەپنىڭ مەقسىتى ، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى بۇراپ . بەلكىم ،رەنا خېنىمغا زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

روزىنىڭ بۇ گېپى قۇرباننى چۆچۇتىۋەتكەن ئىدى.

-دەرھال ئۆيگە قايتايلى دىگىنچە ئۆيگە قايتىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا، رەنا ئۆيدە يوق ئىدى . رەنا بولسا سىرتقا چىقىپ بالىسىنى ئىزدەۋاتاتتى . ئالدى تەرەپتىن بىر توپ مەست ئادەملەر رەنانى بوزەك قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى . لېكىن ،ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇلارنى ھەيدىۋەتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، رەنانىڭ تېلېفونى سايرىدى .قارىسا ،ئوغلىنىڭ تېلېفون نومۇرى ئىدى . رەنا جىددىيلا تېلېفوننى ئالدى.

- رەنا ئوغلۇڭنى كۆرگۈڭ كەلدىمۇ ؟ ساڭا بىر يەرنى دەپ بېرىمەن . بۇ يەرگە كەلگىن! چۇقۇم ئوغلۇڭنى كۆرەلەيسەن. لېكىن ،سەن يالغۇز كېلىشىڭ كېرەك .ئەگەر، باشقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولساڭ ، مەن سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىلا ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن،-دېدى .

-سېنىڭ ئۆچۈڭ بولسا مەندە بار . نېمە ئۈچۈن كىچىك بالىنى قىينايسەن؟ مۇنىرە سەن راستىنلا ساراڭ بوپسەن ؟

-توغرا ، مەن ساراڭ بولدۇم .5يىل ئاۋۋاللا مەن ساراڭ بولۇپ بولغان . رەنا ھەممىسنى سەن قىستىغان ئىدىڭ .لېكىن، ساڭا يەنە بىر قېتىم ئېيتاي. مەن ساڭا ئادرېسنى دەپ بېرىمەن چۇقۇم ئۆزۈڭ يالغۇز كېلىشىڭ كېرەك . ئەگەر، سەن باشقا ئادەمنى بىللە ئېلىپ كەلمەكچى بولساڭ ۋە ياكى قۇربان بىللە كەلسە ،ساڭا ئۆزۇمنىڭ يامانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن! ئۇ ۋاقىتتا ئوغلۇڭنىڭ ھالى قانداق خارابقا چۈشۈپ قالىدۇ ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ بېر ئىش قىلارسەن دېگىنىچە تېلېفوننى قويۇۋەتتى . ھەمدە بىر قىسقا ۋىدىئونى رەناغا ئەۋەتىپ بەردى . ۋىدىئودا ئەرفاتنى بىر يوغان ئەينەك ئىچىگە سولاپ قويغان ئىدى . ھەمدە ئۇنىڭغا ئاسما ھۇكۇل سىلىپ نەيچگە كىچىك بىر ئىدىشنى بىكتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ قىنى بىر تامچە بىرتامچىدىن چۇشۇۋاتاتتى.رەنا ۋارقىرىۋەتتى ھەمدە ئۇنلۇك يىغلاشقا باشلىدى.بىر ئاز ۋاقىت ئۇتكەندىن كىيىن مۇنىرە يەنە تىلفۇن قىلدى.

- رەنا كۆردۈڭمۇ؟ ھازىر، مېنىڭ ئوغلۇمغا قان لازىم . شۇڭلاشقا ،سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قېننى ئالماشتۇرۇشۇم كېرەك .ئەگەر سەن كېچىكىپ قالساڭ ، مەن ئوغلۇڭنىڭ ھاياتىغا كېپىل بولالمايمەن .

- مۇنىرە ئەگەر ئوغلۇم ئۆلۈپ قالسا ، مەن سېنى تىرىك كۆمۈۋېتىمەن !- دېدى ھەمدە تېلېفوننى قويۇۋەتتى .

رەنا ھېچ نېمە بىلەن ھېسابلاشماي ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ؛

-ماڭا بولدى ئەمدى ئەگەشمەڭلار !-دىدى.

- خېنىم. دېرىكتور مۇشۇنداق بۇيرۇغانىدى ؟

-دېدىمغۇ ، ھېچ كىم ماڭا ئەگەشمىسۇن !

ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئارتۇق گەپ قىلالمىدى . بۇ ۋاقىتتا، ئۇلار قۇربانغا تېلېفون قىلدى . ھەمدە بارچە ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئىنكاس قىلدى . رەنا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر ماشىنا توستىدە :

-ئۇستام ، مېنى شەھەر سىرتىدىكى خىمىيە زاۋۇتى تەرەپكە ئاپىرىپ قويۇڭ !-دىدى. رەنانىڭ ،بۇ ھالىتىدىن شوپۇر ئۇستام بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى .

-خېنىم ، مەن ئىشتىن چۈشتۈم .

-بارامسىز؟ بارمامسىز؟- دېدى -دە ، يەردىن بىر تال ئەينەك پارچىسىنى شوپۇرنىڭ گېلىغا تەڭلىدى .

رەنا تېزلىكتە ماشىنىغا چىقتى ھەمدە تېزلىكتە يۈرۈپ كەتتى. ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ماشىنا توسۇپ ئۇلارغا ئەگىشەي دېيىشىگە ئۇلارنى يوقىتىپ قويغان ئىدى .

بۇ ۋاقىتتا، قۇربان بىلەن روزىمۇ يېتىپ كەلدى .لېكىن رەنا كۆرۈنمەيتتى .

- ئادەم قېنى قەيەرگە كەتتى ؟

- كەچۈرۈڭ !دېرىكتور . بىز ئېنىق بىلمەيدىكەنمىز .

- ئەبلەخلەر ،- دېدى قۇربان.

ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئىتتىرىپ ھەمدە رەنانىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى . رەنا تېز سۈرەتتە خىمىيە زاۋۇتىغا يېتىپ كەلدى.

-مۇنىرە ،مەن كەلدىم. سەن قەيەردە؟ساڭا نىم لازىم بولسا مەن قىلاي دىگىنچە ماشىندىن چۇشتى.ئەتراپتا ھىچكىم يوق ئىدى. سۈرەتتىكى ئاسما ئوكۇل بىلەن چۈشۈۋاتقان قان شېشىدە تۇراتتى . قان تېخى قىزىق ئىدى . لېكىن، ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى . رەنا ساراڭلارچە ئوغلىنى چاقىرىشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربانمۇ يېتىپ كەلدى . رەنا ساراڭلارچە يەردە يىتىپ يىغلاۋاتاتتى .

-بۇ نېمە ؟

- بۇ ئەرفاتنىڭ قېنى .مۇنىرە دېگەن ساراڭ . ئەرفاتنىڭ قېنىنى فۇرقەتكە ئالماشتۇرىمەن ،-دېدى قۇربان . سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ ئەكىلىپ بېرىڭ ! ئۇ بۇ يىل تېخى ئالتە ياشقا كىردى . ئۇنىڭ قېنى فۇرقەتنى قۇتقۇزۇشقا يەتمەيدۇ . سىز بۇنى بىلەسىز گېپىم توغرىدۇ ؟

رەنا ساراڭلارچە قۇرباننىڭ ياقىسىغا ئېسىلىشقا باشلىدى . قۇربان مۇنىرەنىڭ بۇنداق قىلىشىغا پەقەتلا ئەقلى يەتمىدى .ئۇ شىشىدىكى قانلارنى كۆرۈپ تۇرالماي قالدى ، ھەمدە :

- قايسىڭ بار؟ بۇ قاننى ئىلىپ كېتىڭلار! بىر تامچىمۇ ئېقىپ كېتىشكە بولمايدۇ !-دىدى. قۇرباننىڭ بەكلا ئاچىقى كىلىپ كەتكەن ئىدى.

رەنا يىغلىغىنچە ئايلىنىپ چۇشتى. بۇ قېتىم رەناغا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى . چۈنكى، ئوغلى ئۇنىڭ بارلىقى ئىدى . قۇربان رەناغا قاراپ:

-مەن ئىزدەپ تاپىمەن. ئۈرۈمچىنى پاتپاراق قىلىۋەتسەممۇ مەن مۇنىرەنى ئىزدەپ تاپىمەن ،-دىدى. روزى دەرھال بېرىپ تۇرسۇنگۈلنى تۇتقۇن قىل! ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئۇچۇر يوللا ! ئەگەر مۇنىرە كەلمەيدىكەن سەنمۇ تۇرسۇنگۈلنىڭ قېنىنى بىردىن بىر ئېقتىپ تۈگىتىۋەت . مەن ئوغلۇمنى قىينىغان بۇ ئىپلاسلارنىڭ ئەدىبىنى بەرمەي قويمايمەن،-دېدى ۋارقىرىغىنىچە .

شۇنىڭ بىلەن قۇربان رەنانى قۇچاقلىغىنىچە ئۆيگە ئېلىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ،غۇجىدار ئايال دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتقان ئىدى .

ئۇ قۇرباننىڭ رەنانى قۇچاقلاپ كۆتۈرگىنىچە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ . سەل چىراينى پۈرۈشتۈردى . ئۇ گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا:

- مېنىڭ ھازىر سىز بىلەن ھېچقانداق تېمىدا پاراڭلاشقۇم يوق .ھېچقانداق ئىش رەنا ۋە ئوغلۇمچىلىك ئەمەس .ئەگەر، سىزنىڭ قايتىپ كىلىشىڭىز مېنى رەنادىن ئايرىۋېتىش بولۇپ قالسا، سىز قايتىپ كېتىڭ !- دېدى قۇربان .ھەمدە رەنانى قۇچاقلىغان ھالدا ھۇجۇرغا كىرىپ كەتتى . ياردەمچىسىمۇ ئۇ ئايالنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ:

- ھامما ، سىز دېگەن بىزنىڭ ئۆينىڭ پېشقەدىمى سىزمۇ خوجايىننىڭ ئەلپازىنى چۈشىنىسىز ؟ سىز نارازى بولسىڭىزمۇ ، لېكىن ھازىر ئەرفات يوقاپ كەتتى. ئۇ بولسا خوجايىننىڭ ئۆز ئوغلى . شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتا سىز قالايمىقان قىلمىسىڭىز! دېدى روزى .

خوجىدار ئايال گەپمۇ قىلماي جىم تۇراتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،قۇربان چىقىپ كەلدى. ئۇ قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ، ئىچ ئاغرىتىپ:

- ئەپەندىم ،بىر نەرسە قىلاي يەپ باقامسىز ؟

-بولدى. ھازىر بىر نېمە يېگۈم يوق،- دېدى قۇربان سافاغا بېرىپ ئولتۇردى. بۇ ۋاقىتتا رەنا ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدىكى بارچە خىيالىدا ئەرفات ئىدى . خوجىدار ئايال ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بىر ئىستاكان چاي قۇيغاچ قۇربانغا تەڭلىدى ، ھەمدە:

- ئەپەندىم ، خانىم بىلەن تېلېفونلىشىپ باقامسىز ؟ بەلكىم ،ئۇنىڭ باشقىچىرەك ئامالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ،-دىدى. بۇ ۋاقىتتا قۇربان بېشىنى لىڭشىتقىنىچە :

- ئاپام بىلەن رەنانىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرفاتنىڭ مېنىڭ ئوغلۇم بولغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس . ئۇمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ ئولتۇرمايدۇ .سىز قايتىپ كىرىپ ئارام ئېلىڭ .مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ؟

- مېنىڭ، قانداقمۇ كارىم بولماي تۇرالايدۇ ؟مەن سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ بەكلا ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى ،-دىدى .

قۇربان ،بۇ ۋاقىتتا كۆزنى يۇمغىنچە ھارغىن ھالدا:

- مەن، سىزنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن. لېكىن، سىز مېنىڭ ئەرفاتتىن بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭىز كېرەك .مەن دېگەن بىر دادا .ئۇ بالا كىچىكىدىن مېنىڭ قېشىمدا چوڭ بولمىغان .ئۇ ماڭا ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ قېشىدا يوق ، ھازىر ئۇ قايتىپ كەلدى . لېكىن ،كۆز ئالدىمدىلا بىر مۇنچە ئىشلار يۈز بەردى .سىزنىڭچە ، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ؟

- ئەپەندىم ، سىز دېگەن ئادەم . بەزبىر ئىشلارنى سىز كونترول قىلالمايسىز. ھازىر ئايالىڭىز مۇشۇنداق بولۇپ قالدى . ئەگەر سىز بەرداشلىق بېرەلمىسىڭىز ، بۇ ئائىلە گۇمران بولۇپ كېتىدۇ. - خوجىدار ئايال. تۇنجى قېتىم رەنانى خېنىم دەپ ئاتىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇربان خوش بولۇپ كەتتى .

-سىز ،رەنانى ئېتىراپ قىلدىڭىزمۇ ؟

-ئېتىراپ قىلماي ، نېمە ئامالىم بار .سىز ئۇنى ئالمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلىغان تۇرسىڭىز ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرفاتقا كىلىشمەسلىك بولدى .مەن بۇ ۋاقىتتا قالايمىقانچىلىق چىقارسام ، سىزگە يەنە كىم ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. سىز دېگەن مېنىڭ چوڭ ئوغلۇمغا ئوخشاش .مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ سىزنىڭ ئازاپلانغان ھالىتىڭىزنى كۆرگۈم يوق ،-.دىدى خوجىدار ئايال .

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى قۇرباننىڭ يۈرىكىنى سەل ئىللىتقان ئىدى .

-رەھمەت سىزگە . سىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ ، مەن سىلەرگە يەيدىغان نەرسە ئىتىپ كېلەي سىلەر ئويغانغاندىن كېيىن يەيسىلەر !، دېدى خوجىدار ئايال.

كۆزدىكى ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئاشخانا تەرەپكە ماڭدى . قۇربان غوجىدار ئايالنىڭ بۇنچە ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن سەل ئەنسىرىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا روزى بوش ئاۋازدا :

- ئەگەر ،بۇ قېتىم خوجىدار ئايال راستىنلا سىزگە ياردەم قىلغىلى كەلگەن بولسا ، بۇ بەكلا ياخشى ئىش.

- ئەلۋەتتە،- دېدى قۇربان .

ئۇ ئەرفاتنى ئويلىغىنىچە كۆزنى يۇمۇپ سافادا ئولتۇرۇپ قالدى . بۇ ۋاقىتتا، رەنا مېزىلىك تاتلىق بىر پۇراقتىن ئويغىنىپ كەتتى . ئۇ كۆزنى ئېچىپ قارىسا ، بىرىنىڭ ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى ھەمدە :

-سىز؟…

رەنا گېپىمنى دېيەلمەي تۇرشىغا بۇ ئادەم ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . ھەمدە ئۇنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋەتتى .

داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k