大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 107 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 107 - قىسىم aybarawazi
2024-05-05
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 108 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98



106
105
104


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


107 - قىسىم


  ئۇ رەنانىڭ تارتقان جاپالىرىغا ، ئازابلىرغا چىدىمىغان ئىدى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىسىلا كۆڭلى يېرىم بولاتتى .يۈرىكى لەختە لەختە بولاتتى .

 قۇربان رەنادىن يەنە باشقا ئىشلارنى سورىماقچى بولۇپ تۇرغاندا رەنا ماغدۇرسىزلىنىپ ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىددىيلىشىپ ئۇنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈشكە باشلىدى ، ھەمدە كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ دوختۇرخانغا ئاپاردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېز سۈرەتتە دوختۇر چاقىرىپ كەلدى. دوختۇر رەنانى پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن  رەنانىڭ بەدىنىدە زەھەر بارلىقىدىن باشقا . ئۇنىڭ بەدىنىڭ بەك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئاشقازىنىدىن ئازراق مەسىلە چىققانلىقىنى ئىيىتتى.  دوختۇرنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ  قۇربان ،رەنانىڭ قانچىلىك ئازابقا دۇچار بولغانلىقىنى ھېس قىلدى . روزى رەنانىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ ،بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. كىرەي دېيىشىگە قۇربان ئىشىكنى ئېتىۋالدى. ھەمدە ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تۇرۇپ: 

- تېز بېرىپ تەكشۈر ھېلىقى ئادەم بېدىكلىرى ئادەتتە كىيىمىدە نېمە تاماق يەيدۇ ؟-دىدى.

-  دىرېكتور، ئۇ كېمىدىكى ئادەملەر ئاشقان تاشقان تاماقلارنى يەيدۇ، ئۇلار بۇ ئادەملەرنى ھەرگىزمۇ ئادەم ئورۇنىدا كۆرمەيدۇ . ئۇرۇپ ھاقارەتلەپ تىللايدۇ. خالىغانچە ئۇلارنى بوزەك قىلىدۇ . بەزىدە ، ئاچچىقى كېلىپ قالسا سۈيدۈكنى ئىچكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ ،-دىدى .

 قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ھەمدە  بەك ئاچچىقى كېلىپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقنى بېسىپ كېسەلخانا ئۆيگە قايتىپ كىردى ، بۇ ۋاقىتتا رەنا ئۇخلاپ قالغانىدى . ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىتى خۇددى بىر نېمىدىن ئەنسىرىگەندەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇربان ئايىغىنى سالدى ، ھەمدە كارىۋاتقا چىقتى رەنانى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ، بوش ئاۋازدا:

-  بولدى، قورقماڭ. مەن سىزنىڭ قېشىڭىزدا ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، رەنا بۇنداق قىلماڭ مەن قۇربان،- دىدى بوش ئاۋازدا.

 بۇ ۋاقىتتا، رەنا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماستىنلا قۇرباننىڭ قوللىرىنى ، بىلىكىنى چىشلەشكە تېگىشلىك بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى چىشلەشكە باشلىدى. ھەمدە قۇرباننى  مەھكەم قۇچاقلىدى . قۇربانمۇ ئۇنىڭ چىشلشىىگە يول قويغان ئىدى . رەنانىڭ چۈشىگە ئۆزىنىڭ كېمىدىكى ۋاقىتلىرى ئايان بولدى . ئۇ ئەتراپىدىكى ئۈلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ھالىتىگە قاراپ بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ھەمدە قۇرباننى بەكمۇ قۇچاقلاشقا باشلىدى . ۋە نەچچە قېتىم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى .لېكىن، قۇربان ئۇنى مەھكەم تۇتىۋالدى .دېمەك ئۇ ئۇيقۇسىدىن تېخى ئويغانمىغان ئىدى . ئۇنى ئۇخلىسىلا ئىزچىل قارا بېسىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇ يەنە بىر چۈش كۆرۈشكە باشلىدى .چۈشىدە سەمەتنىڭ ئۇنى باغلاپ ، يەر ئاستى ئۆيىدە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ ئەسكىلىك قىلغاندىكى ھالىتى ئايان بولدى . رەنا ۋارقىرىغىنىچە :

- ماڭا چېقىلماڭ… ماڭا چېقىلماڭ ! كېتىڭ نېرى كېتىڭ دېگىنىچە ئىككى قولنى ئەتراپقا قالايمىقان ئىتىشقا باشلىدى ھەم   ئوڭ قولى بىلەن قۇرباننىڭ يۇزىگە بىرنى سالدى . قۇربان ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ ، ئېغىزىغا سۆيۈشكە باشلىدى. لېكىن ،رەنا يەنىلا باش ئەگمەي قۇرباننىڭ ئاستىنقى لېۋىنى كۈچەپ چىشلىدى. لېكىن، قۇربان ئاغزىنى تارتمىدى . ئۇ يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئويغاندى . ئۇ ئەتراپنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . قۇرباننىڭ لىۋىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى . ئۇ بۇنى كۆرۇپ ھەيران قالدى.

-قۇربان .كەچۈرۈڭ ،،،كەچۈرۈڭ !. مەن قەستەن قىلمىدىم. مەن،-دىدى رەنا.

  بۇ ۋاقىتتا ،قۇربان يەنە بىر قېتىم ئۇنى سۆيۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ لېۋى شۇنچىلىك يۇمشاق ئىدى . رەنا قۇرباننى ئىتتىرىۋېتەي دەپ ئويلىغانىدى . لېكىن،  ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى .شۇڭا ئۇ قارشىلىق بىلدۈرمىدى. ئۇ شۇ ئەسنادا قۇرباننىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇنداق سۆيۈشكەنچە  رەنا قۇرباننىڭ مەيدىسىگە  بېشىنى قويۇپ ئۇنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلىماقچى بولدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئۇنىڭ چاچلىرىنى  قوللىرىدا سىيلاشقا باشلىدى .ھەمدە  ئۇنىڭ يۈزىگە قاشلىرىغا  سۆيۈشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇنداق قۇچاقلىشىپ ياتتى.  بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قۇربان، رەنانىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ رەنانىڭ لېۋىگە يېنىككىنە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىغىنچە ، جىمجىت ئۇخلاشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا، روزى قۇرباننىڭ ئاپىسى فۇرقەت، سۈرىيە، رەنا بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، قۇربان بىلەن رەنا ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى . قۇرباننىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ ئويغىنىپ كەتتى . ئۇ كۆزنى ئېچىپ قارىسا ، رەنا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋاتقان ئىدى . 

-نېمە بولدىڭىز ؟ -دېدى قۇربان . 

رەنا قۇرباننى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى . مەن چىقىپ سىزگە يەيدىغان نەرسە كېرەك ئەكىرەي بولامدۇ ؟

-  مېنىڭ قورسىقىم ئاچمىدى ،- دېدى رەنا ئەركىلىگىنىچە  قۇرباننى قويۇۋەتمەي .

 قۇربان بۇ ۋاقىتتا كۈلۈپ تۇرۇپ: 

- مېنىڭ قورسىقىم ئاچتى .ماڭا ھەمراھ بولۇپ يېشىپ بېرىڭ بولامدۇ ؟-  دېدى قۇربان . -بولىدۇ . لېكىن، مەن ئازراق يەيمەن.

- چاتاق يوق . ماڭا ھەمراھ بولۇپ يېشىپ بەرسىڭىز بولدى؟-دېدى قۇربان ھەمدە يوتقاننى قايرىغان  ۋاقىتتا رەنانىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . قۇربان ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ: 

- بىز دېگەن كونا ئەر خوتۇنلار بۇنداق خىجىل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؟- دېدى قۇربان . 

رەنا ئارتۇق گەپ قىلمىدى ھەمدە يوتقاننى يۇزىگىچە يىپىۋالدى.  قۇربان بۇنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. لىكىن، رەنا ئۇن چىقارماي بىشىنى ئاستا چىقىرىپ جىم ياتاتتى. ئەمدى بۇ ئېلاننى چېكىۋېتىڭ

قۇربان رەنا  ئەڭ ئامراق قۇناق چۇپىنى  ئىلىپ كىردى. ئۇ كىرگەن ۋاقىتتا رەنا يوق ئىدى. قۇرباننىڭ  چىرايى ئۇڭۇپ كەتتى.

-رەنا…رەنا،-دەپ چاقىرپ كەتتى قۇربان ئەنسىرەپ.

-مەن ،بۇيەردە،-دىدى رەنا كۇلۇپ تۇرۇپ. قۇربان ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى . بىراق ئۇنى تاپالمىغان ئىدى . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن  رەنا  ئۇنىڭ پۇتىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . قۇربان بېشىنى ئېگىپ پەسكە قارىسا رەنا ، ئۇنىڭغا بىچارىلەر قاراپ تۇراتتى . قانچىلىغان ئوڭۇشسىزلىقلار رەنانىڭ بېشىغا كەلگەنلىكتىن ، ئۇ يالغۇز قالسىمۇ شۇنچىلىك قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدى . 

-سىز، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ -دېدى قۇربان ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ .

 قۇربان رەنانىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشىنەتتى . چۈنكى، رەنامۇ ئۆزىنى ئاكىسى دەپ بىلگەن قېرىندىشى دەپ بىلگەن يېنىدىكى ئەڭ يېقىن كۆرگەن ئادىمى ئۇنىڭغا بىردىن بىردىن ساتقىنلىق قىلغان ئىدى .

- مەن، سىز ئەڭ ئامراق قوناق چۆپى ئېلىپ كىردىم يەپ باقامسىز ؟ -دېدى رەنانىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ . 

رەنا  بۇ ۋاقىتتا، بېشىنى تۇۋەن قىلىپ تۇرۇپ:

-كەچۇرۇڭ،-دىدى.

- مەندىن كەچۈرۈم سورىماڭ، بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس. بۇ مېنىڭ خاتالىقىم، مەن سىزنى ياخشى قوغدىيالمىدىم. ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم. مەن ئەرافات ئىككىڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى سىزنىڭ بېشىڭىزدىن قانداق ئىشلار ئۆتكەن بولسۇن مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن. ئىشىنىڭ ، مەن ھەرگىزمۇ سىزنى زاڭلىق قىلمايمەن. ھەم مەن ھەرگىزمۇ ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ سىزگە ئازار بەرمەيمەن . سىز يەنىلا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ھېلىقى ئوماق رەنارىم شۇ. مەن سىزگە شۇنچىلىك قوپال مۇئامىلە قىلساممۇ ، يەنىلا مېنى ياخشى كۆرگەن ئايال شۇ ،- دېدى قۇربان . 

ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ رەنا يىغلىۋېتەي دەپلا قالغانىدى . 

-رەھمەت ، سىزگە ،- دېدى رەنا بوش ئاۋازدا.

بۇ ۋاقىتتا ،قۇربان بىر قوشۇق چۆپنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالاي دېگەن ۋاقىتتا:

- بولدى .مەندىن يىراقراق تۇرۇڭ . مەن ئۆزۈم يەي،-دىدى.

- مەن، سىزگە يېدۈرۈپ قويۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم .سىز بۇنى ياقتۇرمامسىز ؟-دىدى قۇربان .

 رەنا بېشىنى لىڭشىتتى . لېكىن ،قۇربان يەنىلا بىر قوشۇق چۆپنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالدى . ئۇ يەنە بىر قوشۇق سالاي دېگەندە: 

-بولدى. يېگۈم يوق،-دىدى رەنا. ھەمدە:

- مەن تازلىق ئۆيىگە بېرىپ كېلەي،-دىدى. ۋە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

قۇربان ھەيرانلىق ھېس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەناغا ئاتاپ يېڭى تىكتۈرگەن بىر قۇر كىيىمنى ئالدى . بۇ ۋاقىتتا  ھاجەتخانا تەرەپتىن غەيرى بىر ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇ تېزلىكتە ھاجەتخانىغا كىردى . بۇ ۋاقىتتا رەنا مەيدىسىنى چىڭ باسقىنىچە قەي قىلىۋاتاتتى .رەنا قۇرباننى كۆرۈپ خىجىل بولغىنىچە: 

-كەچۈرۈڭ، مەن قەستەن قىلمىدىم . مېنىڭ كۆڭلۈم ئېلىشقاچقا مەن،،،،-دىدى.

- رەنا ھېچقانداق گەپ قىلماڭ ،-دىدى  ھەمدە تېزلىكتە ئۇنى دوختۇرنىڭ يېنىغا ئاپاردى . دوختۇر رەنانىڭ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن:

- دىرېكتور، بىز سىرتقا چىقىپ سۆزلىشەيلى ،-دىدى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا رەنا قۇرباننىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ: 

-مۇشۇ يەردىلا دەڭلار بولامدۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغانلىقىمنى بىلمەكچى . مەن سەمەتنىڭ قېشىدىكى ۋاقتىمدىلا مۇشۇنداق بولغان .بەلكىم ئۇ زورمۇزور ماڭا بىر نەرسە يېگۈزىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن . مەن يېيەلمىسەممۇ ئۇ مەجبۇرى يىگۈزىۋەتكەن .لېكىن ، قورسىقىم بەكلا ئاچتى -دىدى يىغلاپ تۇرۇپ.

 قۇربان رەت قىلالمىدى ھەمدە ئۇنى قوينىغا مەھكەم بېسىپ تۇرۇپ: 

-دوختۇر مۇشۇ يەردىلا دەڭ . ئۇنىڭ بىلىش  ھوقۇقى بار،-دىدى…قۇربان.

دوختۇر قۇربانغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىقىنچە:

 - خېنىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا چوڭ مەسىلە يوق . مەن سىزگىمۇ ئېيتتىم . ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا ئازراق مەسىلە بار ئىكەن .ھازىر تاماقنى ياخشى ھەزىم قىلالمايدىكەن . بۇرۇن خېنىم ، قانداق تاماقلارنى يېدىكىن ، مەن ئۇنى ئۇقالمىدىم. بۇ ئۇنىڭ ئاشقازىنىڭ ھەزىم قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب. يەنە ئۇ يېگۈسى يوق نەرسىنى ئاغزىغا ئاپارسىلا ئارقىدىنلا ياندۇرىۋېتىدۇ ،-دىدى دوختۇر.

-ھۆ …ھۆ… 

رەنا يەنە شۇنداق دېگىنىچە  ئوبۇرنىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k