大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 110 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 110 - قىسىم aybarawazi
2024-05-08
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 111 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98
109
108
107
106
105
104


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


110 - قىسىم


 

ئۇ تېخى كۆڭلىدە قىزى سۈرىيە بىلەن ئوغلى ئەرفاتنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھېچقاچان ياخشى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. رەنانىڭ كەيپىياتى بىردىنلا بۇزۇلغانىدى . فۇرقەت بۇنى كۆرۈپ:
- ئاپا مورفىن دېگەن نېمە ؟- دەپ سورىدى . بۇ ۋاقىتتا رەنا ئاغزىنى مەھكەم ئېتىۋالغانىدى .ئۇنىڭ بەدەنلىرى تىترەپ تۇراتتى . دوختۇر قۇرباننىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنەتتى . ئۇ بوش ئاۋازدا:
- قۇربان ئەپەندىم. مەن سىزنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشىنىمەن. مەنمۇ بەكلا قايغۇردۇم . لېكىن ، ھازىر سۈرىيە خېنىمنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس . بىز ئەڭ ياخشىسى ياخشىراق ئويلىنىپ سۈرىيەنىڭ ياخشى بولۇپ قېلىشىنى تىلەيلى، ئۇنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ . ئۇزۇن ۋاقىت ئۇنى داۋالىشىمىز ، ئاسرىشىمىز كېرەك . مەن راستىنلا ئامالسىز ،- دېدى.
- دوختۇر… سىز دېگەن دوختۇر . سىز ھازىر ماڭا، مەن ئامالسىز دېمەكچىمۇ ؟ ئۇ تېخى ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن كىچىك بالا . ئۇ چوڭ بولمىدى . ھاياتى تېخى باشلانغىنى يوق . سىز ماڭا مەن ئامالسىز دەۋاتامسىز؟ -دىدى قۇربان. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك قوپال ئىدى .
-قۇربان ئەپەندىم ، مەن پەقەتلا بىر دوختۇر . مەن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقتىم . ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن دورىلارنىمۇ لايىھىلەرنى پۈتكۈزۈپ قويدۇم . بىراق، مەن ھازىر بۇ خىل ئەھۋالدا سىلەرنىڭ ئىمزا قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !- دېدى دوختۇر .
-نېمىگە ئىمزا قويىمەن ؟ قىزىم تېخى ئەمدى ئالتە ياشقا كىردى . مەن قىزىمنىڭ مورفىن ئىشلىتىشىگە قوشۇلىمەن دەپ ئىمزا قويامدىم . ئۇ دېگەن مېنىڭ قىزىم .مېنىڭ ئۆز قىزىم،- دەپ ۋارقىرىدى قۇربان .
ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ياشقا تولغانىدى . بۇ ۋاقىتتا رەنامۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ئىشىكنى ئاچتى دە .
- مەنمۇ قوشۇلمايمەن ،-دىدى.
دوختۇر بىلەن قۇربان رەنانىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
-رەنا ، سىز نېمىگە كەلدىڭىز ؟- دېدى قۇربان ھەيران قېلىپ .
فۇرقەت رەنانىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنىۋېلىپ ، بوش ئاۋازدا:
- مەن ئاپامنى باشلاپ ئەكەلگەن ئىدىم،-دىدى.
فۇرقەتنىڭ ئاپا دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ قۇربان سەل خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى .
-سۈرىيەگە زادى نېمە ئىش بولدى ؟ماڭا راستىنى ئېيتىڭ؟ - دېدى رەنا قۇربانغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ.
- رەنا ، بەزى ئىشلارنى يەنىلا مەن بىر تەرەپ قىلاي ،-دىدى قۇربان.
- ماڭا ئېيتىڭ . مەن سۈرىيەنىڭ ئاپىسى . مېنىڭ بىلىش ھوقۇقۇم بار. مەيلى، نېمە سەۋەب بولسۇن . مەن بىلەي؟- دېدى رەنا .
ئۇنىڭ بەدەنلىرى تىترەپ تۇراتتى . قۇربان بىر ئاھسېنىۋەتكەندىن كېيىن سۈرىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى رەناغا ئېيتتى . مەيلى بۇرۇن دېسۇن ، مەيلى كېيىن دېسۇن قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن رەنا يىغلىۋەتتى . رەنا بىشى قايغىنچە يەرگە ئولتۇرۇپ قالغانىدى .
- بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ بولامدۇ ؟ دىدى قۇربان ئۇنى يۇلىگەچ.
رەنا گەپ قىلماي ، ئاغزىنى مەھكەم تۇتقىنىچە يىغلاپ جىم تۇراتتى. قۇربان ئۇنىڭ كەيپىياتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئۇنى كېسەلخانىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدى . رەنا ئۇنى رەت قىلىۋەتتى .
-دوختۇر، قىزىم ھازىر قانداق قىلىدۇ ؟- دېدى رەنا دىققتىنى دوختۇرغا ئاغدۇرۇپ .
قۇربانمۇ دوختۇرغا قاراپ تۇراتتى . دوختۇر بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ ، بوش ئاۋازدا:
- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ۋاقىتلىق سۈرىيە خېنىمنىڭ بەدىنىنىڭ ئاغرىشنى توختىتىپ تۇرايلى دېمەكچى .
- مورفىن ئىشلىتىپمۇ! - دېدى رەنا جىمجىت ئاۋازدا .
بۇ ۋاقىتتا دوختۇر رەناغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىگەن ئىدى . دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق تەس قارارنى چىقىرىش ئۇنىڭغا ئاسان ئەمەس ئىدى . رەنا چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن:
-مەن ھەرگىزمۇ قوشۇلمايمەن .
- بىراق، رەنا سۈرىيەچۇ ؟-دىدى قۇربان.
- مەن دېدىمغۇ ھەرگىزمۇ قوشۇلمايمەن . سۈرىيە مېنىڭ قەيسەر قىزىم . مەن ئۇنى سىزدىن بەكرەك چۈشىنىمەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ، مەن ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىغان ئىدىم . بىراق ، ئۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ھايات قالدى . بۇرۇنقى ئىشلارنى بىلمىسىڭىز بوپتۇ . بىراق، مەن ھازىر بىلدىم . مەن قىزىمنىڭ ئەمدى ئازابقا دۇچار بولۇشنى خالىمايمەن . مەيلى ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتالمىساقمۇ ،مەن قىزىم بىلەن كۆرۈشىمەن. ھازىر دەرھاللا !- دېدى رەنا كەسكىنلا.
-ماقۇل ، مەن سىزگە ھەمراھ بولاي،- دېدى قۇربان .
- ھاجىتى يوق. مەن قىزىم بىلەن يالغۇز كۆرۈشىمەن ،- دېدى قۇرباننى رەت قىلىپ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ كەتتى . رەنا قىزنىڭ كېسەلخانا ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتتا ، سۈرىيە بىلەن مومىسى رەسىم توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇراتتى . لېكىن ،ئۇ ئىككەيلەن رەنانىڭ كىرگەنلىكىنى تۇيماي پاراڭلىشىپ تۇراتتى. رەنا يېنىك يۆتىلىپ قويدى. «ئاپا» دەپ چاقىردى سۇرىيە ئاپسىنى كۆروپ بەكلا خۇشال بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كارىۋاتتىن چۈشەي دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ،مومىسى توسۇۋالدى.
- كەلدىڭىزمۇ؟- دېدى موماي كېلىنىگە قاراپ.
- ئاپا ، رەھمەت سىزگە ،-دىدى رەنا.
-ھەي ،نىمىگە رەھمەت دەيسىز؟ سۈرىيە دېگەن مېنىڭ نەۋرەم تۇرسا، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم . سىلەر ئىككىڭلار پاراڭلىشىڭلار. مەن سۈرىيەگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەي ،-دىدى قىيىنئاپسى.
ئۇ رەنانىڭ قېشىغا بېرىپ بوش ئاۋازدا:
- بالا تېخى كىچىك . جىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا دېمەڭ . سىز بۇ يەردە بولسىڭىز ،ئۇنىڭغا بىر رىغبەت بولىدۇ . رەنا ، بۇرۇن سىلەرگە سەل قاراپ قاپتىكەنمەن . كەچۈرۈڭلار . بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىزنى ئۆز قىزىمغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن .ياخشى داۋالىنىڭ . سىز بىلەن سۈرىيە بىزنىڭ ئائىلىنىڭ كەلگۈسى . ئەگەر، سىلەر بىرەر ئىشقا يولۇقساڭلار بىزنىڭ ئائىلە تۇگشىپ كىتىشى مومكىن،. سىزدىن ئۇتۇنۇپ قالاي. قەيسەرەك بۇلۇڭ.- دېدى قېيىن ئاپىسى ھەمدە ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
قېيىن ئاپىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، رەنا قىزنىڭ كارۋات بېشىغا كېلىپ ئولتۇردى .
-ئاپا ، سىز ئورۇقلاپ كېتىپسىزغۇ ؟ سىزنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قاپتىمەن ،- دېدى سۈرىيە كىچىك قوللىرىنى چىقىرىپ ئاپىسىنىڭ يۈزلىرىنى سىيلىدى .
رەنا ئۆز كەيپىياتىنى كونترول قىلغاچ قىزىنى باغرىغا باستى .
- ئاپىڭىز سەتلىشىپ كېتىپتىمۇ ؟
- ياق ، ئاپام قانداق شارائىتتا بولسۇن شۇنداق چىرايلىق . مەن ئاپامنى بەكمۇ سېغىنىپ كەتتىم،- دېدى سۈرىيە ئاپىسىنى مەھكەم قۇچاقلىغاچ .
رەنا قىزىنىڭ بەدىنىنى سىيلىغاچ ، ئۇششاق ئۇششاق مودۇلارنى كۆرۈپ:
- قىزىم ئاغرىدىمۇ ؟
- ئاغرىمىدى ،- دېدى سۈرىيە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ .
رەنا كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي ئاخىرى يىغلىۋەتتى .
-ئاپاڭنىڭ ئالدىدا بۇنداق قەيسەر بولمىساڭمۇ بولىدۇ ،قىزىم ئۇقتۇڭمۇ؟ مەن سېنىڭ قانچىلىك ئازاب تارتىۋاتقانلىقڭىنى ئوبدان بىلىمەن . سەن بەكلا قەيسەر قىزىم .مەن سەندىن بەكلا ، خوش . لېكىن، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭ يالغۇز بۇ ئاغرىقنى زېممەڭگە ئېلىشىڭنى خالىمايمەن ئاپاڭغا ئېيتقىن ئاغرىدىمۇ ؟
-ئاغرىدى،-دىدى سۇرىيە يۇزىنى ئاپسنىڭ يۇزىگە يىقىپ تۇرۇپ.
- ئاپا مەن ئۆزۈممۇ ئۇقماي قالدىم .بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى بەدىنىم توختىماستىن ئاغرىۋاتىدۇ . بىراق، مومام دادام ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ .فۇرقەت ئاكاممۇ ماڭا بەكلا تەسەللى بېرىدۇ. ئەگەر مەن ئاغرىدى دېسەم ئۇلار ماڭا ئۆچ بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن ،-دىدى سۇرىيە.
- ئەخمەق بالام . ھېچكىم ساڭا ئۆچ بولمايدۇ . مەن داداڭ ، موماڭ ، فۇرقەت ئاكاڭ ھەممىمىز سىنى بەك بەك ياخشى كۆرىمىز . مەن سېنىڭ بەدىنىڭنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن . مەن ساڭا ئوخشاش ئاغرىپ قالدىم ئىككەيلەن ياخشى داۋالانمىساق بولمايدۇ . شۇڭا بىز بۇ جەڭدە ئۇتۇپ چىقىشىمىز كېرەك . چۈشەندىڭمۇ ؟- دېدى رەنا قىزنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
سۈرىيە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر جۈپ چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن ئاپىسىغا قارىدى:
- ئاپا، سەمەت دادام مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى .شۇنداقمۇ ؟ مېنىڭ كېسىلىم ياخشىلانمىغاچقا ئۇ مۇشۇنداق قىلدى شۇنداقمۇ ؟ ئۇ مېنى ئەمدى تاشلىۋېتىدۇ ئاپا ؟
-قالايمىقان سۆزلىمسەڭچۇ . سىز شۇنداق ئوماق تۇرسىڭىز، سىزنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز ،-دېدى رەنا .
رەنا ئەسلى سەمەتنىڭ بارچە ئىشلىرنى ئۇنىڭغا دەي دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن قېيىن ئاپىسى كىرىپ ئۇلارنىڭ پارىڭنى بۆلۈۋەتتى . قېيىن ئاپىسى سەمەتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى . بۇ ۋاقىتتا ،سۈرىيە بوش ئاۋازدا:
-مەن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم .ھېلىقى غوجىدار ئايال ئەسكى ئادەملەرگە مۇنداق دېدى . مېنى ئىزدەپ تاپالىسا مېنى ھەرگىزمۇ ھايات قويماڭلار ،-دىدى. غوجىدار ئايال سەمەت دادامنىڭ كاتىپى ئىكەن. تۇتۇق دادام مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنڭ بەدىنىم ھازىرمۇ شۇنداق ئاغرىۋاتىدۇ . ئۇ مېنىڭ داۋالىنشمنى ساقىيىشىمنى خالىمايدۇ ،- دېدى سۈرىيە .
-قالايمىقان سۆزلىمەڭ ،- دېدى رەنا .
سۈرىيە ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-ھېچقىسى يوق ئاپا. ئەگەر مەن راستىنلا ساقىيالمىسام ساقىيالماسمەن . مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىڭ بولامدۇ؟ مەن ئاكامنى بەكمۇ سېغىندىم. فۇرقەت ئاكام مېنى ئېلىپ باغچىغا بارىدىغان بولدى. لېكىن ، مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىم پەقەت يار بەرمەيدىكەن. ئاپا ، سىز يىغلىماڭ؟ ئاكام سىزگە ھەمراھ بولىدۇ . سىز يالغۇز قالمايسىز ،- دېدى سۈرىيە .
-قالايمىقان سۆزلىمەڭ بولامدۇ ؟- دېدى رەنا ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە.
-سىز دېگەن سىز. ئەرفات دېگەن ئەرفات. ئىككىڭلار مېنىڭ باغرىم ، ھېچكىم ئورنۇڭلارنى ئالالمايدۇ . ئەگەر، سىز مېنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشۇمنى خالىسىڭىز سىز چۇقۇم سالامەت بولۇشىڭىز كېرەك . سىز چۇقۇم قىلالايسىز. سۈرىيە سىز قۇربان گوروھىنىڭ باش لىدىرىنڭ قىزى، مەيلى نېمە ئىش بولسۇن ، مەن سىزنى داۋالاپ ساقايتىمەن . ئاپپاق قىزىم . ئەگەر سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن قانداق قىلىمەن ؟ -دېدى رەنا بوغۇق ئاۋازدا .



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k