大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 112 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 112 - قىسىم aybarawazi
2024-05-10
2
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 113 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98
109
108
107
106
105
104




111
110


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


112 - قىسىم

 

-موما ، ئەمىسە ئەرفات مېنىڭ ئىنىم ئىكەندە ؟

 -ئەلۋەتتە .

- ئۇنداقتا، مەن چۇقۇم ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن . ئۇنى قوغدايمەن،- دېدى فۇرقەت . 

ئۇ ئاپىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئەسنەشكە باشلىدى . قېيىن ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپ:

-  ئوماق نەۋرەم، ھارغان بولساڭ ، ئاپاڭنىڭ قېشىدا بىردەم ئۇخلىۋالغىن ،-دېدى..

-ياق ، مەن ھارمىدىم .مەن سىڭلىمنىڭ چىقىشىنى ساقلايمەن .

 -سۈرىيەگە بىر ئىش بولمايدۇ ، گەپ ئاڭلاپ بىردەم ئۇخلىۋالغىن ! سىڭلىڭ چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينىغىن بولامدۇ ؟- دېدى قېيىن ئاپىسى .

- بولىدۇ ،-دېدى فۇرقەت.

 شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەنانىڭ كارىۋىتىغا چىقىپ ئۇنى قۇچاقلىغاچ ئۇخلاپ كەتتى . قېيىن ئاپىسى ئۇلارغا  يوتقان يېپىپ قويغاندىن كېيىن ، كېسەلخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە بۇ موماي بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدى .ئۇ نەۋرىسىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ، ئوغلىنىڭ بۇ غەمدىن بالدۇرراق ئازاد بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ،توساتتىن بېشى قايغىنچە يېقىلىپ چۈشتى . قۇربان ئاپىسىنىڭ يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرۈپ ، دەرھاللا بېرىپ ئۇنى يۆلىۋالدى . ھەمدە ئۇنى يەنە بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە يۆتكىدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان تۇيۇقسىز ، ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئىشنى يەنى ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تېخى كۆرمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى .

 دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇرلار سۈرىيەنى قۇتقۇزۇۋاتاتتى . قۇرباننىڭ ئاپىسىمۇ يەنە بىر كېسەلخانا ، ئۆيدە جىددىي قۇتقۇزلۇۋاتاتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، ئىسمايىل دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-قانداق بولدى ؟- دېدى ئىسمائىل جىددىيلەشكىنىچە . 

-سەن ئەجەب تېز كەپسەنغۇ ؟- دېدى قۇربان . ھەمدە بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى . ئىسمايىل ، دەرھال قۇرباننىڭ ئاپىسىنى تەكشۈرگەن دوختۇرنىڭ دوكلات قەغىزىنى ئېلىپ چىقىشنى تاپىلىدى . دوختۇر ئىسمائىلنى كۆرۈپ ، ھۆرمەت بىلەن ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا:

-  بۇ خانىمنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش قەغىزى ئاللىقاچان چىقىپ بولدى . بەدىندە زەھەر بار ئىكەن . ھەمدە بۇ زەھەر ئۇزۇن مەزگىل يىغىلىپ قاپتۇ . لېكىن ،ھازىر ئۇزۇن مەزگىل ئۇ زەھەرنى ئىشلەتمەپتۇ . بۇ زەھەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ بەدىنىدە ساقلىنىپ قاپتۇ . ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئايلىنىپ چۈشۈشى بەلكىم ، بەدىندە  ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن  بولۇشى مۇمكىن . لېكىن ،بىز بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىمىز ،- دېدى دوختۇر .

- ئۆتۈنۈپ قالاي ،- دېدى قۇربان .

 ھازىر ، قۇربان بەكلا يالغۇز قالغانىدى چۈنكى ئۇ بىر جېنىنى بەش ئالتىگە بۆلەلمەيتتى .بىر يانغا قارىسا ، ئاپىسى بىر يانغا قارىسا ئايالى بىر يانغا قارىسا بالىلىرى ئۇنىڭغا راستىنلا تەس بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار  جىددىي ئوپېراتسىيەگە چۈشۈپ قۇرباننىڭ ئاپىسىنى داۋالاشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ئىسمائىل قۇرباننىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ ، بوش ئاۋازدا:

-  مەن ھازىر سېنىڭ كەيپىياتىڭنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىمەن . لېكىن ،سەن بۇ يەردە تۇرساڭمۇ پايدىسى يوق. سەنمۇ دوختۇر ئەمەس . بەزى بىر ئىشلارنى سەن توساي دەپمۇ توسۇۋالالمايسەن . يۈر  بىز ئارقا ھويلىغا چىقىپ تاماكا چىكىپ كىرىلى  ئاداش،-دىدى.   بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بېسىمنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى .ئۇ ئىسمائىلنىڭ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى روزىغا تاپشۇرۇپ . ئۆزى ئىسمائىل بىلەن ئارقا ھويلىغا چىقىپ كەتتى . ئارقا  ھويلىدا شامال بەكلا چوڭ.  ھاۋا بىر ئاز نەم خۇش ئىدى.  ئىسمايىل  بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ قۇربانغا تەڭلىدى.  قۇربان بىر شوراپلا يۆتىلىپ كەتتى.

- ۋوي ، نېمە بولدۇڭ ئاغىنە ؟ نەچچە يىل كۆرۈشمىسەم . سەن تاماكا تاشلىدىم دېمەيدىغانسەن؟- دېدى ئىسمائىل . 

-ياق ، ئۇنداق ئەمەس . قۇربان يۆتىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە چېكىشكە باشلىدى . ئىسمايىلمۇ تاماكا چەككەچ ، بوش ئاۋازدا:  

-سەمەت ھەركەتلىنىپتۇ .

- شۇنداقمۇ ،مەن ئۇنىڭ بىرەر ئىش قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتىم ؟- دېدى قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ .

 ئەسلى ئۇ سەمەتنى ئائىلىسنىڭ نىجاتكارى دەپ ئويلىغانىدى .لېكىن ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ جەسىتىنى نەچچە پارە قىلىۋەتكۈسى بار ئىدى . ئىسمائىلمۇ ئاغىنىسى قۇرباننىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنەتتى . ئۇ قۇرباننىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ:  

-سەن ،رەنانى ئۇ يەردىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەندىن كېيىن ،سەمەت قايتىپ ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا جازا بىرىپتۇ .

- ئۆلتۈرىۋېتىپتىمۇ،- دېدى قۇربان . سوغۇققىنە .

 ئىسمائىل بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: 

- ۋاي ، ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك يۈرەك يوق . بىراق ئۇ يەردىكى ھەممە ئادەملەرنى ھېلىقى قارا بازارغا سېتىۋېتىپتۇ .

-نېمە ؟- دېدى قۇربان ھەيران قېلىپ. ئىسمائىل كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  قانداق ، سەن تاسادىپىيلىق ھېس قىلىۋاتامسەن . 

-مەنمۇ، شۇنداق غەيرى ھېس قىلىمەن . ئۇ بىر ئاخشامدا ھېلىقى قارا بازاردىكى ئادەملەر بىلەن بىر قېتىملا سودىدا پۈتۈشۈپتۇ،  دەرۋەقە ئاسانلا ھېلىقى قارا بازاردىكى باشلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ . قۇربان مەندە بىر سەزگۈ بار . قانداق سەزگۈ دېسەڭ ، بەلكىم قارا بازارنىڭ ئارقا تېرىكى سىنىڭ ئۆيدىكىلىرىڭ بولۇشى مۇمكىن  ،- دېدى ئىسمائىل .

- مۇمكىن ئەمەس! -رەت قىلىۋەتتى قۇربان . -چۈنكى، مېنىڭ ئەجدادىم يەككە ئەجداد . داداممۇ پەقەت بىرلا.  ئۇنىڭ ياكى ئاكىسى يا ئىنىسى ياكى ئاچىسى ، يا سىڭلىسى يوق . ئاپام مېنى ۋە ئىنىمنى تۇغقان ۋاقتىدا پەقەت ئىككەيلەن بولدۇق . لېكىن، ئىنىم ئۆلۈپ كەتتى .ھازىر بارلىق ئىشلار مېنىڭ قولۇمدا. مەن يەنە بىرسىنىڭ بۇ ئىشقا كىرگىنىنى ئويلاپ يېتەلمەيمەن. ھەم مۇمكىن ئەمەس ،- دېدى قۇربان .

 -مەن پەقەت پەرەز قىلدىم . مەن  ئەرفاتنىڭ ئىشىنى تەكشۈردۈم . ئۇنى ئۈرۈمچىدىن ئۈن تىنسىز ئېلىپ كەتكەن ئۇ ئادەم  زادى قانداق ئادەم . ئۇ ھېچقانداق ئۇچۇر خەۋىرىرنى ساڭا تەمىنلىمەپتۇ . مەن ئىشەنمەيمەن . ھازىر قادىر ۋە قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەر قول چىقىرىپ بۇ ئىشقا ئارىلاشتى . لېكىن،بۇ بالىنى تاپالمىدى .سەن غەيرىلىك ھېس قىلمامسەن ؟ سەمەتكە كەلسەك . ئۇ رەنانىڭ يوقلۇقىدىن ئاچچىقى بەكلا خاپا . يەنە ، ئۇ نېمە ئۈچۈن قارا بازاردىكى ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ . مەن بۇرۇن ئۇنى قارا بازاردىن رەنانى سېتىۋالغان ۋاقىتتا غەيرىلىك ھېس قىلمىغان ئىدىم. ئۇنى بىر تۇيۇقسىز دۇچ كېلىپ قېلىش دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن ،بۇ قېتىمقىسى بەلكىم توغرا چىقىشى مۇمكىن . ئۇ بىر پىلان سوقۇۋاتامدۇ قانداق ؟ -دېدى ئىسمائىل . 

-سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ  سەمەت ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشىپ رەنانى قەستەن سېتىۋالدىمۇ؟

 - مەندە ھېچقانداق ئىسپات يوق . مەن پەقەت پەرەز قىلدىم. لېكىن، توغرىمۇ خاتامۇ بىلمەيمەن . سەمەتنىڭ ئارقا تىرىكى بەكلا مۇرەككەپ . ئۇ دېگەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋارىسى. ئۇنىڭ  بەلكىم نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار بولۇشى مۇمكىن . ھەم  دادام بىلەنمۇ ئالاقىسى بەكلا قويۇق . مەن ساڭا ياردەم قىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ دادام ماڭا قارشى تۇرۇپلا كەلدى،- دېدى ئىسمائىل .

- سەمەتنىڭ شۇنداق كارامىتى بارمۇ ؟ داداڭ ساڭا بېسىم قىلغۇدەك ؟

-  مەن پەقەت تاسادىپىيلىق ھېس قىلىۋاتىمەن خالاس .  مەن بۇرۇن ئۇنى بەكلا ئادەتتىكى سودىگەر دەپ ئويلايتتىم . مەن ئۇنى دۆلەت سىرتىدا ئەمەلىي كۈچى شۇنچىلىك دەپ ئويلايتتىم . لېكىن ،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن ،- دېدى ئىسمائىل . 

-ئەلۋەتتە ،شۇنداق . ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىسا بىر ئائىلە قانداقمۇ دۆلەت ئىچىدىن چەتئەلگە چىقالىسۇن ؟ يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدە تېخى پۇت دەسسەپ تۇرالىسۇن ،-دىدى قۇربان. بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

-  مەن سەمەتكە ھۇجۇم قىلماقچى ؟-دېدى. 

- سەن ئۇنىڭغا قانداق ھۇجۇم قىلماقچى؟ سەن ئامېرىكىدىكى بارلىق ئەمەلىي كۈچۈڭنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئەمەسمۇ ؟

 قۇربان سوغۇققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ .

-ئەمەلىيەتتە، مەن ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەممۇ . لېكىن ،مەن تېخى ئۇ يەردىكى ئورۇننىڭ توختامغا قول قويمىدىم . مەن ھازىر پەقەتلا  ھېلىقى قارا بازارنى سېتىۋېلىپ قالسام  چۇقۇم ئۇ يەردىكى . ئۇنىڭ رەنانى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىسپاتنى تاپالايمەن ئەگەر مۇشۇنداق بولغاندىلا قاراپ تۇر ئۇنىڭ ، ئاپىسى ، چۇقۇم ماڭا ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئىسمائىل ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈۋەتتى.

- سەن نېمە دېگەن يامان . ئايالىڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇپ چىقىپ.  ئۆزۈڭ يەنە ماڭا بەر دەمسەن ؟  سېنىڭ كاللاڭ بەك ئىشلەپ كەتتىغۇ ؟ ئەگەر ساڭا ،سەمەتنىڭ سېتىۋالغاندىكى ئىسپات لازىم بولسا مەن ساڭا بېرەي ،- دېدى ئىسمائىل . 

-بۇنداق قىلساق ساڭا ئاۋارچىلىق بولارمۇ؟-  ئىسمايىل كۈلۈپ تۇرۇپ :

-  سەن مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى ئوبدان بىلىسەن . ئەگەر، مەن بېرىپ بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالسام ، سەن مېنى قوغدايسەنغۇ ؟ ئەنسىرمىگىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە سەن بار . ئۇ قارا بازاردا مېنىڭ ئازراق ئالاقەم بار . سەن ئۆزۈڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن . مەن قايتىپ بېرىپ ساڭا قايىل  قىلارلىق جاۋاب بېرىمەن،-دېدى ئىسمائىل . 

-رەھمەت ساڭا ،- دېدى قۇربان .

- بىز دېگەن ئەل ئاغىنە تۇرساق نېمىشقا  رەھمەت ، ئېيتىسەن. بىراق ،مەن بۈگۈنمۇ يەڭگەمنى كۆرمەمدىم ؟-  دېدى ئىسمائىل. 

-سېنىڭ قېشىڭدا قىزلار كەم ئەمەسقۇ ، نېمىشقا مېنىڭ ئايالىمنى كۆرىمەن دەيسەن ؟

- ۋايجان، مەن سېنىڭ قانداق ئايال بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ باققۇم بار .

-  سېنىڭ تاياق يېگۈڭ كەپ قاپتۇ -دە ؟

-  ئەمىسە ،كەلمەمسەن؟ مەن نەچچە كۈننىڭ ياقى مەشىق قىلغان ئىدىم . 

- مەن ھازىر كىرىپ ئارام ئالماقچى. مېنى ئاۋارە قىلما! مەن كۆزۈمنى يۇمىۋالاي ئون مىنۇتتىن كېيىن مېنى چاقىرغىن! 

-ۋاي ، مەن سېنىڭ سائىتىڭ بولمىسام،- دېدى ئىسمائىل ۋارقىراپ .

 لېكىن، قۇربان ئۈندىمەي ئۇخلاپ قالغانىدى . ئىسمائىل ئۇخلاۋاتقان قۇرباننىڭ ئەپتىگە قاراپ ئىچ ئاغرىتقىنىچە:  

-سەن زادى قانچىلىك كۆز يۇممىغانسەن ؟-دېدى.

-ئۈچ كۈن بولدىغۇ ؟دەيمەن ئېسىمدە قالمىدى .

 قۇربان ئەسنىگىنىچە ئۇخلاپ كەتتى .



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0