

ئايال بولسىڭىز مۇشۇنداق بولۇڭ

قەيسەر ئايال ئەمەس ،بەخىتلىك ئايال بولۇڭ ! بالا باققۇچى ئانا ئەمەس، بالا تەربىيلىيەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئانا بولۇڭ!
ھەممىگە چىداپ ياشايدىغان ئايال ئەمەس، ھوقۇقىڭىزنى قوغدىيالايدىغان ئايال بولۇڭ! ھاقارەتكە سۈكۈت قىلىدىغان ئايال ئەمەس، تەڭسىزلىككە قارشى باتۇر ئايال بولۇڭ! پىخسىقلىق قىلىپ يىيىشكىمۇ ،كىيىشكىمۇ ئاغرىنىدىغان ئەخمەق ئايال ئەمەس، پۇللىرىڭىزنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىغان ئاقىل ئايال بولۇڭ!
ماختاپ قويسا ئېرىپ ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىدىغان گول ئايال ئەمەس، چەكسە جاراڭلايدىغان زېرەك ئايال بولۇڭ! بىلمىگەننى ئۈگىنىدىغان ، ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ۋە ئىرشكەنلىرىڭىزنى باشقىلارغىمۇ ئېرىشتۈرەلەيدىغان تىرىشچان ئايال بولۇڭ!باشقىلارغا ھەسەت قىلدىغان ئايال ئەمەس ، باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ھەۋەس قىلدۇردىغان ئايال بولۇڭ!
مەزمۇن كۈرۈپ ئېلاننىمۇ چىكىپ قۇيدىغان ئايال بولۇڭ
ئاددى ئائىلە ئايالى ئەمەس ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋەياكى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئىقتىسادى كىرىم مەنبە يارتالايدىغان قالتىس ئايال بولۇڭ! مىننەتتارلىق تۇيغۇسى يوق باشقىلاردىن ئاغرىندىغان ئايال ئەمەس ، باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە، بىر چېلەك قايتۇرغۇدەك مىننەتتارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئايال بولۇڭ !
ھاياجانلىنىپ ئۆزىڭىزنى يۇقۇتۇپ قۇيدىغان ئايال ئەمەس، ئالدى كەينىڭىزنى ئويلاپ ئىش قىلالايدىغان پەزىلەتلىك ئايال بولۇڭ! مەغلۇپ بولغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى يۇقۇتۇپ قۇيدىغان مىشچان ئايال ئەمەس، ئېغىر سۈكۈتلەر ئىچىدىن دەس تۇرالغۇدەك قەيسەر ئايال بولۇڭ! شان شۆھرەت قوغلىشىدىغان ئايال ئەمەس، قەلبىڭىزدىن ھەردائىم ئىللىق تەبەسسۇم مېھىر~ مۇھاببەت ياغدۇرۇپ باشقىلارغا ساخاۋاتلىك قوللىرىڭىزنى سۇنالايدىغان ئايال بولۇڭ!
كۆڭلىڭىزنى ئاغىرتقانلارغا ئاداۋەت ساقلاپ ئۆزىڭىزنى قىينايدىغان بىچارە ئايال ئەمەس، خۇش چىرايىڭىز بىلەن خەقنى خىجىل قىلالىغۇدەك ئايال بولۇڭ! پاسسىپ ئىدىيەلىك ئايال ئەمەس ، ھەرقاچان ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتالايدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بۇلالايدىغان يول باشلامچى ئايال بولۇڭ!
باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆلچەيدىغان ئايال بولماستىن، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىگە بولالايدىغان ئېسىل ئايال بولۇڭ! قەلىپ گۈزەللىگىڭىز بىلەن تاشقى گۈزەللىگىڭىز بىرلەشكەن بىردەستە گۈل كەبى ئايال بولۇڭ !
ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەرمۇ ئېلان چىكىپ قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،
گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى