
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 106 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 91 |
90 |
89 |
88 |
87 |
86 |
| 97 |
96 |
95 |
94 |
93 |
92 |
| 103 |
102 |
101 |
100 |
99 |
98 |
| 104 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
105 - قىسىم
-نىمە؟ غۇجىدار ئايال؟- دىدى قۇربان ھەيران قىلىپ.
- توغرا ، سەن دەسلەپتە نېمىشقا، سەن بۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسەن؟ ئۇ ساڭا ئىزچىل ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ، سەن بۇنى بىلەمسەن؟ بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، مەن ئۇنىڭغا مىنى ھامىلدار قىلىپ قويۇش قويدۇم .كېيىن ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە بولدى ئائىلىدىكىلەرگە چوڭ بىر ياخشىلىق بولدى ، شۇڭلاشقا، مەن مۇشۇنداق قىلغان ئىدىم . مەن ئەينى ۋاقىتتا داداڭغا بالا تۇغۇپ بېرەلمىدىم دەپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىدىغان نىيەتكىمۇ كەلگەن ئىدىم. بىراق سېنىڭ داداڭ قوشۇلمىدى . بۇ كۈنلەردە بىز غوجىدار ئايالغا يولۇقتۇق،-دىدى .
قۇربان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاپىقىنى تۇرۇپ كەتتى .
- بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەۋلادى پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدۇ . گەرچە، داڭقى چىققان بولسىمۇ ، ھەر خىل داڭلىق تېۋىپلار بولسىمۇ ، لېكىن بىز بۇ نامغا ئېرىشەلمىدۇق . ئۇ ۋاقىتتا ،بىز خوجىدار ئايالغا يولۇقتۇق ، خوجىدار ئايالمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىكەن . ئۇ ۋاقىتتا داداڭ ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇتقۇزۇۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىزگە ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن بۇ ئىشلارنى قىلغان. ئۇ بىزگە بىر رىستىپ تۇزۇپ بەرگەنىدى ،-دىدى ئاپىسى.
-بۇ زادى نىمىش ئاپا؟ نىمە رىستىپ دەيسىز؟ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈڭلارمۇ ؟
- ياق ، ئوغلۇم .بۇ رېتسىپنى نەدىمۇ بىز دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرخانىدىكىلەر بۇنداق رېتسىپقا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەيدىكەن . ئۇ ۋاقىتتا داداڭ بىلەن ماڭا راستلا ماڭىدىغان يول قالمىغان ئىدى . پەقەت ئۇ قىلىپ بەرگەن رېتسىپنىلا يېدۇق . ئۇ رېتسىپلار راستىنلا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ گۆھىرى. بىزمۇ ئالدىراپ ئۇنىڭ قېشىغا بارمايتتۇق. بىراق ،غوجىدار ئايال ھەممە ئىشلارنى، يەنى دورا تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارنى ئۇ قىلاتتى . سەن بۇنى باشقىلارغا دېمىگىن. ئۇنىڭ ئىشلەتكەن دورىسىنڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولدى . مەن داداڭ بىلەن يېرىم يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن مەن ھامىلدار بولدۇم . ھەمدە ئىككىڭلارنى تۇغدۇم. شۇڭلاشقا ،غوجىدار ئايال بولسا، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ نىجاتكارى. ئۇنىڭغا قەرز بولۇپ قالساق قەتىي بولمايدۇ ، چۈشەندىڭمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇربان ئارتۇق گەپ قىلمىدى . بۇرۇن قۇربان خوجىدار ئايالنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى ھەم بەك ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، كېيىن ئۇ رەنا بىلەن ئوغلىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدىن ئۇنى ئۇنچىۋالا ھۆرمەتلەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايتتى. بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئېغىز ئاچتى…
- سىز، راستىنلا بەك قاپ يۈرەكلىك قىپسىز . ھازىر كۆپلىگەن يەرلىك رېتسېپلاردا مەلۇم مىقداردا زەھەر بار تۇرسا ، سىز مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ، بەدىنىڭىزنى بىر تەكشۈرتۈپ بېقىڭ! ئەگەر، مەسىلە بولۇپ قالسا ھازىرلا داۋالىتايلى . سىز ياخشىلانغاندىن كېيىن ماڭا ياردەملىشىپ سۈرىيەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىڭىز بولمايدۇ ،-دىدى.
- ماقۇل ، ماقۇل . مەن بېرىپ تەكشۈرۈتەي . لېكىن ،سەن خوجىدار ئايالنى بەك يامان كۆرمىگىن . ئاڭلىسام ئۇنى تۇتىۋاپسەن . بۇ ئىشىڭ سەل ئېشىپ كېتىپتۇ . رەنا بىلەن ئەرفاتنى تاپقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بەرگىن ، ھەمدە ئۇنى كۈتۈنۈش ئورۇنىغا ئاپىرىۋەتكىن ؟- دىدى ئاپسى.
- ئاپا ، ئەرفاتنىڭ ئىشى ؟
- مەن بىلىمەن . بۇ ئىش توغرۇلۇق مەن بەكلا قايغۇردۇم . ئۇنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنى مەنمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن . لېكىن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئەسلىدە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك ئىدى . بۇنىڭدىن كېيىنكى ، ئۆمرۈمدە رەناغا ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن ،-دىدى ئاپىسى.
قۇربان ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . ئاپىسى بولسا تەكشۈرۈتكىلى كىرىپ كەتتى .
- دىرېكتور ،سىز يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيسىز ؟ بىز، سەمەت دىرېكتورنىڭ دوختۇرخانىسىدىن تىنىچ –ئامان چىقالىدۇق .ھازىر بىز ئەركىن بولدۇق . سىز نېمىگە بۇنداق ئۇھسۇنۇپ ئولتۇرىسىز ؟-دىدى رزى.
- مەن، رەنانىڭ ئىز دېرىكىنى ئۇقتۇم . لېكىن ئۇنى قۇتقۇزماق سەل تەسرەك . مەن ئويلايمەن ئوپېراتسىيە باشلانغىچە ئۇنى قۇتقۇزالامدىم يوق ؟ لېكىن ،بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى رەنا كۈتكىلى بەش يىل بولدى ،-دىدى قۇربان.
- سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز ، سەمەت دېرىكتورمۇ ؟
- شۇنداق. لېكىن، بىز ئۇ يەرگە ئاسانلىقچە كىرەلمەيمىز . چۈنكى، ئۇ ئۇ يەرگە جىق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۋېتىپتۇ .
- ئەمىسە، ئىسمائىل ئەپەندىم سىزگە ياردەم قىلارمۇ ؟
-ئەلۋەتتە .ياردەم قىلىدۇ ،-دىدى قۇربان.
بۇ ۋاقىتتا ،دوختۇر سۈرىيەنىڭ دوكلات قەغىزىنى كۆتۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى ، ھەمدە ئۇنىڭ چىرايى سەل باشقىچە ئىدى . شۇنىڭ بىلەن قۇربان ، ئۇنى باشقا ياققا ئېلىپ باردى . قۇربان دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەسكىنلىك بىلەن:
- قىزىمنىڭ سالامەتلىكىدە چۇقۇم مەسىلە بار ، شۇنداقمۇ ؟
دوختۇر بېشىنى لىڭشىتقىنىچە:
- شۇنداق . سۇرىيە خېنىمنىڭ بەدىنىدە بىر خىل كېسەلگە قارشى تۇرغۇچ سۇيۇقلۇقى بار ئىكەن . بۇ خىل سۇيۇقلۇق ئۇ خېنىمنىڭ بەدىنىدىكى يەنى بىز ئۇرۇۋاتقان ئوكۇلنىڭ ئۈنۈمىنى بېسىۋاپتۇ . ھەتتا بۇ ئېلېمېنت ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن ،- دېدى دوختۇر .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-مۇنداق گەپ. مەسىلەن ، ئۇنىڭ بەدىنىدە بۇ كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى سۇيۇقلۇقى، ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا گەرچە باشلىنىشتىلا ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ ، لېكىن، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ بەدىنىدە تەسىرى چوڭ بولۇپ قالىدۇ .ھەتتا ،بەزى ئەزالىرىنى تېزلىكتە قېرىتىۋېتىشى مۇمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا سۇرىيە خېنىم 10يىلنىڭ ئىچىدىمۇ بىرەر تال بۆرەككە ئېھتىياج بولمايدۇ . ئەگەر، بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ كەتسە ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىلانمايدۇ . دېمەكچى ،ئۇنىڭ بۆرىكىمۇ بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرىدە قېرىشقا باشلاپتۇ . شۇڭلاشقا ، سۇرىيە خېنىمنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشى بولماسلىقى دەل مۇشۇ سەۋەب ،- دىدى دوختۇر.
قۇربان بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . ئۇ سەمەتكە بەكلا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى . سەمەت بىر تەرەپتىن رەناغا ياخشىچاق بولغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇيدۇرماي سۈرىيەنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋېتىشنى ئويلىغانىدى . چۈنكى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە سۈرىيە بىلەن ئەرفات پەقەت يوق . ئۇ پەقەت رەنانى ياخشى كۆرگەن بولغاچقىلا ئۇ مۇشۇنداق قىلغان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا، قۇربان مۇشتۇمىنى چىڭ تۈرگىنىچە سەمەتنى نەچچە پارچە قىلۋەتكىسى كەلدى. دوختۇر ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ:
-دىرېكتور ،سىزگە بىر تەكلىپ بىرەي.
- قېنى دەڭ !
- سۈرىيە خېنىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ . گەرچە ئۇنىڭ بۆرىكىنى ئوپېراتسىيە قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيىنىڭ ئاخىرىغا بەرداشلىق بېرەلىشى ناتايىن . شۇڭا ،تەكلىپىم سۈرىيە خېنىم ياخشى كۈتۈنسە . ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن ، بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلساق ئۇتۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن،-دىدى دوختۇر.
- لېكىن، سەمەتنىڭ شەخسى دوختۇرخانىسدىكى دوختۇرلار، ئۇنى ھازىرلا ئوپېراتسىيە قىلمىساق ئۇنى ھايات قالمايدۇ دەپ شۇنداق دېگەن ئىدى .
- ئۇلار قالايمىقان جۆيلۈپتۇ . ھازىر سۈرىيە خېنىمنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك .ئەگەر ئۇنىڭغا يۇقىرى بېسىملىق ئوپېراتسىيە قىلساق ، بەلكىم ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلۇپ قالسا ، گەرچە ئوپېراتسىيە ئۇتۇقلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭدا ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلەلىشى ناتايىن . بەلكىم، ئۇنىڭ بەزى بىر ئەزالىرىنى كىشەنلەپ قويۇشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا مېنىڭ تەكلىپىم بىز ھېلىقى يەۋاتقان دورىنى توختاتساق ئۇنۇمى ياخشىراق بۇلاتتى، دىدى سىز قانداق قارايسىز؟- دىدى دوختۇر. قۇرباننىڭ كالىسى بەكلا قالايمىقان ئىدى.
-دوختۇر مەن بىر ئاز ئويلىنۋالاي.
-بۇلىدۇ،- دىدى دوختۇر. قۇربان دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن ، تېزلىكتە روزىغا دەپ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئۇستا تېۋىپلارنى تىپىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ سۇرىيەنى قايتا تەكشۇرشىنى ئىيىتتى.…
سۈرىيەنىڭ ئىشى ھەل بولۇپ بولغاندىن كېيىن . قۇرباننىڭ ئاپىسى چىقىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتتا ئىسمائىل ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى . قۇربان ئاپىسى ۋە باللىرى بىلەن بىرلىكتە تاماق يەۋاتاتتى . ئىسمائىل بېرىپلا ئۇلارغا سالام قىلدى . ھەمدە قۇرباننىڭ قېشىدا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ ئېلاننى بىر چېكىۋېتىڭ
قۇربانمۇ دوستى ئىسمائىلنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.
- ئاڭلىسام ،سىنڭ بىزنىڭ دوختۇرخانىدىكىلەرگە پىكرىڭ بار ئىكەن . سەن بىرەر ئىشتىن گۇمانلىنىۋاتامسەن قانداق ؟
- ياق ، گۇمانلانمىدىم . لېكىن ،ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشنى تازا ئېنىق توغرا كۆرمىدىم . شۇڭلاشقا مەن داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرتۈپ ، بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن ،-دېدى قۇربان .
ئىسمائىل بۇ دوستىنىڭ ھىسىياتىنى توغرا چۈشىنەتتى ھەم خاراكتېرىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى .
- ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن ھە! كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىز كونا سەپداشلاردىن بولۇپ قاپتۇق .بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىگۈم كېلىۋاتىدۇ ،- دېدى ئىسمائىل .
- توغرا ئېيتتىڭ . ئۇ كۈنلەردە بىز بىللە مەشىق قىلاتتۇق ،بىللە جەڭ قىلاتتۇق .ئۇ ۋاقىت ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقىپ كەتمەيدۇ ،- دېدى قۇربان .
بۇ ۋاقىتتا ئىسمائىل بىر ئىستاكان ھاراقنى قۇربانغا تۇتتى ، ھەمدە سوقاشتۇرۇپ ئىچكىنىچە:
- سەن بىلەن سەمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى نېمە ئىش بولدى ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ساڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ ؟
-ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ، سەنمۇ چۈشىنىسەن ئىسمايىل . ئۇ مەن بىلەن مۇھەببەت جەھەتتە دۈشمەن .
- گېپىڭنى تازا چۈشىنەلمىدىم؟- دېدى ئىسمائىل .
بۇ ۋاقىتتا، قۇربان بارچە ئىشلارنى ھەمدە سۈرىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا ئېيتتى . قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان ئىسمائىل غەزەپ بىلەن:
- بۇ ئۇنىڭ زادى نېمە قىلغىنى، راستىنلا ئادەم ئەمەسكەن .چوڭلارنىڭ ئىشىغا نېمىشقا كىچىك بالىلارنى ئارىلاشتۇرىدۇ ؟ ئۇ راستىنلا بەكلا ئىپلاس ئىكەن ،-دىدى ئىسمايىل .
-شۇڭا ،مەن پەقەت ئايالىمنى ئەكىتىشنىلا ئويلايمەن . مەن ئاللىقاچان بىر ئوغلۇمدىن ئايرىلدىم . ئايالىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالغۇم يوق ،- دىدى قۇربان، ئازابلانغانچە ئاچچىق ھاراقنى بىر كۆتۇرۇپلا يۈتىۋەتتى .
دېمىسىمۇ ئىسمايىل ئەرفاتنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغانىدى.
-ئىشىنىمەنكى ، چۇقۇم يىپ ئۇچى بولىدۇ . چۈنكى، شاڭخەي دېگەن مېنىڭ يېرىم. مەن چۇقۇم ساڭا ئىزدەپ تېپىپ بېرىمەن،- دېدى ئىسمائىل .
- رەھمەت ساڭا .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



