大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 76 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 76 - قىسىم aybarawazi
2024-04-04
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68




75
74



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


76 - قىسىم



فۇرقەت ئەرفاتنىڭ زاڭلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ خىيالىي ھالدا:

-ئەلۋەتتە مەن يىغلاي دەپ يىغلىمىدىم.بۇ مىنىڭ باتۇرلۇقۇم.مىنى ماختاپ قۇيامسىز قانداق؟- دېدى فۇرقەت ئەركىلىگىنىچە:

- ماۋۇنى، ساڭا مۇكاپات دەپ بىرنى تەپتى .

فۇرقەت چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كەتكەن ئىدى . موسا ئوفىسىر ئەرفاتتىن ئەنسىرىگىنچە .

-ئەرفات خەتەردىن ئۆتۇپ كەتتى.لىكىن ،غۇجىدار ئايال سەل خاپسىلۋاتىدۇ؟ سەن كۆپرەك ئىھتىيات قىلارسەن؟-دېدى قۇربان .

ئۇ موسا ئوفىسىرغا تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن ، دوختۇرخانىغا كەتتى. قۇربان دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغان ۋاقىتتا ، ئاللىقاچان خوجىدار ئايالنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇرباننىڭ تېلېفونىسى سايرىدى. ئۇنىڭ كەيپىياتى پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى .

-ۋەي ، مەن قۇربان . قارشى تەرەپ سالاممۇ قىلماي :

- قاناتلىرىڭ، قەيەردە بولۇپ قالدى؟ شۇنداقمۇ ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايسەن ؟

قارشى تەرەپ بولسا قۇرباننىڭ ئاپىسى ئىدى . قۇربان ھەيران بولۇپ؛

-ئاپا، قانداق بولۇپ ماڭا تىلفۇن قىلىپ قالدىڭىز؟ئەجەب نۇمۇر چىقمايدىغۇ؟ - دىدى بوش ئاۋازدا.

شۇ ،سىنى مىنىڭ نۇمرۇمنى بىلىپ قالسا ئالماسمىكىن دەپ مۇشۇ نۇمۇرداقىلدىم. بولماپتىمۇ؟ ئاڭلىشىمچە ، سەن خوجىدار ئايالنى ئۈرۈمچىدىن كەتكۈزىۋېتىپسەن . ئۇ ئۆيدە ھادىسىگە ئۇچراپتۇ. سەن زادى نېمە ئىش قىلاي دەيسەن ؟ -دىدى سۇغۇققىنە.

- ئاپا، خوجىدار ئايال بۇ ئۆيدە ئىشلەۋاتقىلى 20يىلدىن ئاشتى . ماڭىمۇ شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. لېكىن، مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ خوجايىنى تۇرۇپ ئۇنىڭغا جازا بەرسەم .سىزنىڭ ماڭا تېلېفون قىلىپ كېتىشىڭىز كېتەمدۇ ؟

-سەن ،باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ كارىم يوق .لېكىن، خوجىدار ئايالغا بۇنداق مۇئامىلە قىلساڭ مەن ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمەن . ئۇ سېنى كىچىكىڭدىن تارتىپ سۈت بېرىپ باققان تۇرسا، ئەمدى چوڭ بولغاندا ئۇنى چىقىرىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ ؟

- ئاپا ، خوجىدار ئايال بولمىسىمۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ كۈچ قۇدرىتى بار. مەن ۋە ئىنىم ياخشى بېقىلپ كېتەلەيتتىۇق . سىز بەك كۆپ ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟

- سەن، سىرتتىن بىر ئايال بىلەن بىر بالىنى تېپىۋېلىپ ، خوجىلار ئايالغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلساڭ قانداق بولىدۇ ؟ مەيلى نېمە ئىش قىلىشتىن قەتىينەزەر ، ئۇنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر، سەن يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ .مىنىڭ سەندەك ئوغلۇم يوق گېپىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟

قۇرباننىڭ ئاپىسى كەسكىن ھالدا تېلېفوننى قويدى . قۇربان ئارتۇق گەپ قىلمىدى . چۈنكى ،ئۇ ئاپىسنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچى سىقىلىپ تۇرىشىغا، ئۇنىڭغا يەنە بىر تېلېفون كەلدى . ئۇ تېلېفوننى قويۇۋېتەي دەپ قارىسا دوختۇرخانىدىكى بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىدىن كەلگەن ئىدى . ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىغا:

- رەنانىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟

- خېنىم بىزنى ئارقىسىغا ئەگەشكىلى قويمىدى .

ئامانلىق ساقلىغۇچى بولغان ئىشلارنى بىردىن بىر قۇربانغا دوكلات قىلىۋاتاتتى . قۇربان چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن :

- ئەگەر، قادىر ئۇنىڭ قېشىدا بولۇپ قالسا، رەناغا بىر ئىش بولمايدۇ . بوپتۇ ، سىلەر قايتىپ كېلىڭلار ،- دېدى . قۇرباننىڭ بۇيرۇقىدىن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ھەيران قالدى . ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ گەپلىرىنى قادىر ئاڭلاپ تۇراتتى . ئۇ رەناغا قاراپ :

- قۇربان ،مەن سىزنىڭ قېشىڭىزدا بولسام خاتىرجەم بولىدىكەن. ئۇ راستىنلا دوستلۇققا يارايدىكەن .

شۇنداق ،- دېدى رەنا .

قادىرنىڭ ئىچى سىقىلغىنچە :

- مېنىڭ زادى نەرىم ياخشى ئەمەس ؟ سىز نېمشقا مىنى ياخشى كۆرۈپ قالمايسىز ؟

رەنا كۈلۈمسىرىگەنچە:

- سىزنىڭ ھەممە يېرىڭىز ياخشى . ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن . شۇنداق مۇكەممەل بىر ئادەم. شۇڭلاشقا ، مېنىڭ سىزگە كۆڭۈل قويۇشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئاكا سىڭىل بولۇشقا لايىق . قادىر خاپا بولغىنىچە:

- سىز ،نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ سىزنىڭچە قۇربان ئەقىللىق مۇنەۋۋەرمىدۇ ؟ سىز نېمشقا قۇرباننى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز ؟

رەنا سەل ئۆزىنى تۇختاتقاندىن كېيىن:

- مەن ،قۇرباننى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم .مەيلى ، ئۇ مۇكەممەل ۋە ياكى ئەمەس بولسۇن ، مەن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن .

رەنانىڭ گەپلىرىگە قادىر چىدىيالماي قالغانىدى…

-سىز، نېمىشقا ئۇنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالسىز ؟ مېنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالمايسىز؟ مېنىڭ زادى نەرىم كەم ؟

دېمىسىمۇ ، قادىر ئىنتايىن كېلىشكەن بەستلىك ئادەم ئىدى . رەنا كۈلۈمسىرىگەنچە:

- قۇرباننىڭ چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كۆزى بار .لېكىن سىزنىڭ يوق .

-ئۇنداق كۆز بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇنداق كۆز بولغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟- دىدى .

رەنا كۈلۈمسىرىدى. قادىر بەكلا جىلە بولۇپ كەتكەن ئىدى . ھەمدە كىچىك بالىدەك ئاچچىقلاپ:

- بوپتۇ ، مەن ھازىر قەھۋە ئىچىمەن . ئەڭ قىمىتىنى ئىچىمەن. سىز مىھمان قىلسىز؟

رەنا ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك قىلقىنى كۆرۇپ كۈلۈمسىرىگىنچە:

- ماقۇل دېگىنىچە مۇلازىمەتچىنى چاقىردى.

- بىز بۈگۈن بۇ قەھۋەنى ئىچەلمەيدىغان ئوخشايمىز،-دېدى رەنا . ئالدى تەرەپتە كېلىۋاتقان ئادەمنى كۆرىسىتىپ.

رەنا ئۇنى تونۇيتتى. ئۇ بولسا مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئىدى . قادىر رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى دە:

-سىزنىڭ قەھۋەنى مەن بىلەن بىللە ئىچكىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ؟- دېدى .

لېكىن، ئۇ رەنانىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى . ئۇ ئالدى تەرەپتىكى مۇنىرەنىڭ ئاپىسىغا قاراپ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى . مۇنىرەنىڭ ئاپىسى تېزلىكتە رەنانىڭ ئالدىغا باردى ۋە قەھۋەنى رەنانىڭ ئالدىغا قويدى . رەنا قەستەنگە ئۇنىڭغا مۈرىسىنى ئۇنىڭغا قويدى، «ھۇ ئىپلاس خوتۇن»،- دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى.

بىراق ، رەنا ئاڭلىمىغانغا سىلىپ ئولتۇرىۋەردى .

- سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟ بىزغۇ تونۇشمايمىز .

-نېمە ئۈچۈن؟ ماڭا بۇنداق قىلسىڭىز تازا توغرا بولماسمىكىن ؟

-مېنى تونۇمايسىز ؟شۇنداقمۇ؟ لېكىن، مەن سىزنى تونۇيمەن . بەش يىل بۇرۇنلا مەن سىزنى تونۇپ قالغان. ئەجەبا سىز بۇنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئايىغىڭىز گۈزەل سارايلارغا تەگكەندە؟ يەيدىغانلىرىڭىز ئېسىل بولغاندا ، ئۇنتۇپ قالىسز؟قانداق دىدىم؟

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ گېپىنىڭ مەنىسى چۇشەنمىگەن قىياپەتتە ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى . رەنا غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى. ھەمدە بىر كۆزىنى قىسىپ قويغاچ؛

- سىز، مېنىڭ ئوغلۇمنى تۇتقۇن قىلدىڭىز شۇنداقمۇ ؟ -دېدى .

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى مۇشتلىرىنى تۇردى :

- ھازىر، مۇنىرە تۇتۇقلۇق تۇرىدۇ . گەرچە ،ئۇ ھېچقانداق گەپنى قىلمىغان بىلەن . مەن سىلەرنىڭ بىرلىشىپ مۇشۇنداق ئىش قىلىشىڭلارنى ئاللىبۇرۇن بىلگەن .سىز ئەجەبا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق قىزىڭىزنىڭ جىنايىتىنى ئىغىرلاتماقچىمۇ ؟

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايى شۇ زامان سەتلىشىشكە قاراپ ماڭدى:

-مۇنىرە قانداق ئىشقا يولۇقىشتىن قەتىينەزەر مەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى، سىز ۋە سىزنىڭ ھېلىقى بالىڭىزنىمۇ بىللە دەپنە قىلىۋېتىمەن ؟ سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئەڭ ياخشىسى قۇربانغا دەپ قىزىمنى قويۇۋېتىڭ! ئۇنداق بولمايدىكەن …

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى شۇنداق دېيىشىگە .

-سىز، مېنى ئۆلدىمىكىن دېگەنمۇ ؟

ئۇ رەنانىڭ ئۇۋالچىلىققا قالغان ھالىتىنى كۆرۇپ ۋىجدانىنى قوزغىغانىدى . مۇنىرەنىڭ ئاپىسى رەنانىڭ قېشىدىكى ئادەمگە ، شۇنداقلا قارىدى . قادىر بولسا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . ئۇ سەل ئۆزىنى تۈزەشتۈرۋالغاندىن كېيىن؛

- قادىر ئەپەندىم ، سىز مېنى كەچۈرۈڭ! سىزنى كۆرمەي قاپتىمەن .

-شۇنداق سىزنىڭ دېگەن ھالىڭىز ئۈستۈن .قۇرباندىن باشقا ئادەملەرنى كۆزىڭىزگە ئىلىپمۇ قويمايسىز شۇنداققۇ ؟قارىسام خېلى بىكار قاپسىز .بولمىسا ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىڭ .

قادىرنىڭ گەپلىرى مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ زىتىغا تەگكەن ئىدى .

- قادىر ئەپەندىم ، چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟ مەن سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيتتىم . سىز ماڭا ئون شىرنىڭ يۈرىكىنى ئەكەپ بەرسىڭىزمۇ سىزنى ئاۋارە قىلىشقا پېتىنالمايمەن . قادىر ئەپەندىم بۇ قەھۋەنى ئىچىۋىتىڭ ! مەن سىزنى مېھمان قىلغان بولاي قېنى ئىچىڭە !

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى گېپىنى دەپ بولۇپ رەناغا قاراپ بىرنى ئالىيىۋەتتى ۋە ئارقىسغا قاراپ كەتتى . قادىر بۇ ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ بۇ ئىككى ئايال ئوتتۇرىسىدا بىر ئىش بارلىقىنى بىلدى.

- سىز، ماڭا بۇ ئىشنى ئىيتىپ بىرەمسىز ؟ مەن بايا بۇ خوتۇننىڭ سىزدە ئۆچى باردەك ھىس قىلدىم . سىز تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن تۇرسىڭىز ، مەن سىزنى تەكشۈرگەن ئىدىم. سىز ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ، سىز قانداق بولۇپ بۇ تۇل خوتۇن بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغانسىز ؟ -دېدى قادىر رەنانىڭ ئۈستى بېشىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن .

رەنا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگىنىچە:

-ئەگەر ،مەن سىزگە بەش يىل بۇرۇن ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئىدىم دېسەم ، سىز ئىشىنەمسىز ؟

-ئىشىنىمەن ، سىز نېمە دېسىڭىز ئىشىنىمەن .سىز دېسىڭىزلا ؟-دىدى قادىر.

رەنا ئۈمىدسىزلەنگىنىچە بىر نۇقتغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . قادىر سەل خىجىل بولغىنىچە:

-كەچۈرۈڭ ، مېنىڭ باشقا مەقسىتىم يوق . مەن پەقەت ...مەن چۈشىنىمەن بىز دېگەن ياخشى دوستلاردىن .

–مەنمۇ، سىزنى ئالداپ يۈرمەيمەن قادىر . مەن ھازىرقى سالاھىيىتىم يالغان . مەن باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئوغرىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە، مەن ...

دەپ تۇرۇشىغا رەنانىڭ تېلېفونى سايرىدى .

- كەچۈرۈڭ ، مەن تېلېفون ئېلىۋالاي .

رەنا تېلېفوننى كۆتۈرگىنىچە ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ، باشقا ياققا كېتىپ قالدى . قادىرنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل مۈجمەل مەسىلە ئەگىپ يۈرەتتى . سۈرىيە تېلېفون قىلغان ئىدى .

-ئاپا . ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك سۇلغۇن ئىدى .

رەنانىڭ يۈرەكلىرى تىترەپ ئاغرىشقا باشلىدى .

-سۈرىيە، نېمىشقا مەن بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلاشمايسەن ؟ماڭا تېلېفون قىلغۇڭ كەپقاپتىغۇ ؟

بۇ ۋاقىتتا، سۈرىيە تېخى بايىلا ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقىپ ئاپىسىغا تېلېفون قىلىشى ئىدى .

-ئاپا ، مەن تېخى بايا ئويغانغان ئىدىم .مەن سىزنىڭ بۇ سەت ھالىتىمنى كۆرۈشىڭىزنى خالىمايمەن .مەن سىزنى بەكلا سېغىندىم ،ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم كەلدى.

سۈرىيەنىڭ گەپلىرى رەنانىڭ يۈرىكىنى ئېرىتىۋەتتى . –كەچۈرگىن! قوزام .مەن،بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى تۇگىتپلا سىزنى ئالغىلى بارىمەن بولامدۇ ؟

- ماقۇل ، ئاكام ماڭا بۇ قېتىم بارغاندا بىر ئالاھىدە ئادەمنى باشلاپ بارىمىز ،-دىدى .شۇنداقمۇ ئاپا ؟

سۈرىيەنىڭ ،بۇ گېپىدىن ئەرفاتنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقانلىقى مانا ، مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى . رەنانىڭ يۈرىكى توختىماي ئاغرىشقا باشلىغانىدى .

-خاتىرجەم بولۇڭ ، ئاپپاق بالام . مەن چۇقۇم ئۇ ئادەمنى سىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن ،- دىدى رەنا كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۇرۇتكەچ .

رەنانىڭ قوللىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى . ئۇ كۆزدىكى ياشلىرىنى تۇتۇۋالاي دېسىمۇ ئۇنىماي چۈشۈپ كىتىپ باراتتى. رەنا بولسا كۈچىنىڭ بارىچە قىزى ئۈچۈن جان تىكىپ ئىش قىلاتتى . سۈرىيە ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى .


داۋامى بار …


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئايبەر ئاۋازى ئەپچىمىز يىللىق تەكشۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ئېچىلمايدۇ ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k