
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 77 |
76 |
75 |
74 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
78 - قىسىم
-سىز ئەپەندىمنىڭ تىلفۇنىغا چىقىلدىڭىز؟ سىز ئۆزىڭىزنى كىم دەپ قالدىڭىز؟ ئەپەندىمچۇ؟ مەن ئەپەندىم بىلەن كۆرشىمەن! دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي جىم تۇراتتى.
رەنا تىلفۇننى قويىۋىتىپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك قۇرباننىڭ تىلفۇنىنى جايىغا قويۇپ قويدى.
ئۇ توساتتىن سۇبات بىلەن كۆرۇشۇش نىيتىگە كىلىپ دوختۇرخانىدىن ئاستاغىنە ئايرىلدى .سىرىتقا چىقىپ ماشىنا تۇسۇپ ئۇدۇللا قادىرنىڭ ئۆيىگە يۇرۇپ كەتتى .ئۇ قادىرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە توساتتىن بىرىگە ئۇسۇپ سالدى .
-كەچۈرۇڭ، كەچۈرۇڭ…!
خىزمەتكار خىجىل بولغان ھالدا يۇكىنىپلا ئولتۇردى. رەنامۇ بىللە يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى .كۈلۈمسىرگىنچە:
-مەن سىزگە ياردەم قىلاي.
- ھېچقىسى يوق ، خېنىم . سىز دېگەن مېھمان. مەن ئۆزۈم قىلساملا بولدى .
خىزمەتكار بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى . قادىرنىڭ ئاكىسى بىلەن ئاپىسى بەكلا ھەيران قالدى . قادىرنىڭ ئاپىسى خىجىل بولغىنىچە:
- راستىنلا ،سەت بولدى. ،سوفىيە خېنىم . بۇياق بولسا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ خوجىدارى . ئۇ ياش جەھەتتىمۇ خېلى چوڭىيىپ قالدى . ئۇ كۇتۇپخانىنى يىغىشتۇرۋاتقان ۋاقىتتا ، سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلمەپتۇ. سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن ، ئۇ ئۆزى يىغىشتۇرسۇن .
-ھېچقىسى، يوق . مېنىڭمۇ خاتالىقىم بار. مەنمۇ ھىس قىلماي قاپتىمەن.
رەنا كۈلگىنىچە ، قادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ قولىنى قويۇۋەتتى .ھەمدە ئۇمۇ يەرگە يۈكۈنۈپ خىزمەتكار بىلەن بىللە يەرگە چېچىلىپ كەتكەن كىتابلارنى تېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ ئارىسىدىكى سېرىق رەسىمنى دەرھاللا ئۆزىنىڭ قوينىغا سېلىۋالدى ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆرە تۇرۇپ كەتتى . رەنانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قادىرنىڭ ئاپىسى ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
- كېلىڭ ،قېنى چاي ئىچىڭ .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-مەن ئادەملىرىمگە بۇيرۇق قىلىپ ئازراق يەيدىغان نەرسە تەييارلىغان ئىدىم . سوفىيە خېنىمڭ كۆڭلى تارتامدىكىن ؟
- ئاۋارە بولماڭ!
مەن سۇبات بىلەن كۆرۈشەي دەپ كەلگەن ئىدىم .مەن ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم .بەزى بىر ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىشىم. ھەمدە كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى يەكۇنلەپ چىقشىم كىرەك.
رەنا ،ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ،ئۇنىڭغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلدى . قادىرنىڭ ئاپىسى ئاڭلاپلا ، كۈلگىنىچە:
-سىزنىڭ، ئۆزىڭىزگە قەست قىلغان كىشىنى سورىماقچىمۇ ؟
-ياق ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىش . ئاڭلىشىمچە، سىز نەۋرىڭىزنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىپسىز . ئۇ تەرىپىنى مەن ئېنىق چۈشىنىمەن . بۇ ئىشنى ئاللىقاچان قادىرنىڭ ئاكىسى بىلەن قۇربان ھەل قىلىپ بولدى . مەن ئۆتۇپ كەتكەن ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ يۈرمەيمەن. مىنىڭ سۇباتنى ئىزدىشىمدىكى سەۋەب باشقا ئىشلارئۇچۇن ئىدى. سىز قوشۇلامسىزكىن ؟
رەنانىڭ گەپ سۆزلىرى بۇ ئايالنى بەكلا ئامراق قىلغان ئىدى .
-ماقۇل. مەن سىزنى كۆرۈشتۈرەي .
- رەھمەت ، سىزگە !-دىدى.
شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى رەنانى كەينىدىكى گۈللۈككە ئېلىپ چىقىپ كەتتى . رەنا ئارقا گۈللۈككە چىقىپ ، ئەتراپقا شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى . قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ كۈلگىنىچە .
-تامدىكى ئۇ خەتنى مېنىڭ چوڭ ئاكام يازغان ئىدى .ئۇ بىر رەسسام . ھۆسىنچە خەت يازالايدۇ .
-رەسسام؟ ئۇ ھەربىي ئەمەسمىدى ؟ قادىرنىڭ ئاكىسى كۈلگىنچە .
- چوڭ ئاكام ھەربىيلىكتىن بېرىشتىن بۇرۇنلا بۇ سەنئەتنى ئۆگەنگەن ئىدى . ئۇ يازمىچىلىققا بەكلا قىزىقاتتى . بىراق ، بىزنىڭ ئائىلىدە تۈزۈم بار. ئەر كىشى مەلۇم بىر ياشقا كەلگەن ۋاقىتتا ،چوقۇم قىسىمغا بېرىپ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشى كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاكام ھەربىيلىككە قاتناشقان . كىم بىلسۇن ، ئۇ ھەربىيلىككە بىرىپلا داڭقى چىقىپ كەتتى .ئاخىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى . مەن بىلەن ئاپام ئۇنى داۋاملىق ئەسلەيمىز . شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەسىم ھەم خەتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ساقلايمىز. ئۇنىڭ رەسىملىرى ھۆسن خەتلىرى تېخى ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق . رەنانىڭ ئۆزىمۇ بىر رەسىم ئىدى . ئۇ بۇ ئىشقا قىزىققاچقا ، لايىھە دەپ ئۆگەنگەن ئىدى. لېكىن ، ھازىر ئۇ ئاكىسىنىڭمۇ رەسىمى بارلىقنى ھەم رەسىم سىزىشنى بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى . قادىرنىڭ ئاكىسى رەنانىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىدە:
- سۇبات، ئاۋۇ ئۆيگە سولاقلىق. ئەگەر، سىزنىڭ مەيلىڭىز بولسا .مەن سىزنى ئاكامنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ ئەكىلەي!
- شۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى .ئەدەپسىزلىك بولۇپ قالماس ھە!
رەنا سەل ھاياجانلانغانىدى .
- ھېچقىسى يوق. ئاڭلىشىمچە ،سىزمۇ بىر لايىھىلىگۈچى ئىكەنسىزغۇ. چوقۇم رەسساملىققا ھەۋەس بىلەن قارايسىز . ئاكامنىڭ نەزىرىدىكى ئۇ رەسىملەر مەندەك تومپاي ئادەمنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. لېكىن، سىزدەك رەسساملىقنى چۈشىنىدىغان ئادەم بولسا ئاكام بەكلا خوش بولاتتى .
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن رەنا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى . -ئەمىسە ماڭايلى .
قادىرنىڭ ئاكىسى ئۇنى يەنە بىر ئارقا ھويلىغا ئەكىردى.رەنا شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قادىرنىڭ ئاكىسى:
-ئەگەر، سىز بۇ يەرنى ياقتۇرسىڭىز ، داۋاملىق كەلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئاكام سىزغان بۇ نەرسىلەرنى ئاپام بىلەن مەن بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن . سىز كۆرۈپ چوقۇم چۈشىنەلەيسىز .ياخشى كۆرسىڭىز داۋاملىق كەلسىڭىز بولىدۇ .
ياردەمچى روزى. قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ بۇنداق دىيشىدىن سەل قاپىقىنى تۇردىدە:
- كەچۈرۈڭ ، بېگىم. سوفىيەخېنىمنىڭ ئۆيدە يەنە باشقا ئىشلىرى بار .بەلكىم ،ئۇنچە كۆپ ۋاقىتى بولماسلىقى مۇمكىن .
بۇ گەپ دەرھال ئۇنىڭ زىتىغا تەگكەن ئىدى . رەنامۇ سەل ئوڭايسىزلانغان ئىدى .
-دېمىسىمۇ ، مەن راستىنلا ئالدىراش . بىراق ، مەن ئۇنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقسام بولىدۇ .
رەنانىڭ قىزىقىپ قالغان ھالىتىنى كۆرۇپ ئۇنى توسۇسقا جۇرئەت قىلالمىدى.ھەمدە ئارقىغا بىرقەدەم چىكىندى. شۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئاكىسى كىچىك بالىدەك ئىشىكىنى ئاچتىدە:
- قېنى، كۆرۈڭ .بۇ يەر ئاكامنىڭ بايلىقى .
- مەن كىرمەي ، سىز ئالدىرىماي كۆرەرسىز ! بىز سىزنى سىرتتا ساقلايلى .
- بۇنداق قىلساق ياخشى بولماسمىكىن؟-دېدى رەنا سەل ئوڭايسىزلانغانچە .
قادىرنىڭ ئاكىسى كۈلۈمسىرىگىنچە:
- ھېچقىسى ،يوق . مەن سىزگە ئىشىنىمەن. سوفىيە خېنىم .قىنى كىرىڭ.
رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي ئىچىگە كىرىپ كەتتى . رەنا كىرىپلا، ئۇ يەردىكى تامدىكى ھەمدە ئۈستەل ئۈستىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ بەكلا ماختاپ كەتكەن ئىدى .رەنا كۆرۇۋىتىپ يەنە ئىشكاپ ئۇستىكى بىر ئايالنىڭ رەسمىنى كۆردى.قارىماققا بۇ رەسىمدىكى ئايالنى ئۇ تۇنۇيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ رەسمنىڭ قىشىدا بۇ ھەربىيىنىڭ كۆڭۇل ئىزھار سۆزلىرى تۇراتتى ھەمدە بۇنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ مۇھەبىتى ئىكەنلىكىنى بىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يان تەرەپتىكى يەنە بىر پارچە رەسىمنى كۆردى . بۇ رەسىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا يانچۇقىدىكى رەسىمنى ئالدى-دە بۇ ئىككى رەسىمنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ:
- بۇ زادى نېمە ئىش؟ بۇ ئايال كىمدۇ ؟
رەنانىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن . قولىدىكى رەسىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ تېزلىكتە چىقىپ كەتتى .
-سوفىيە خىنىم چىقتىڭىزمۇ؟ قادىرنىڭ ئاكىسى رەنانىڭ چىرايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، ئەنسىرىگىنىچە:
- سوفىيە خېنىم نېمە بولدىڭىز؟ بىرەر يېرىڭىز ئاغرىمىغاندۇ؟
- ھېچنېمە ، بۇ يەر بەكلا سوغۇق ئىكەن ،-دېدى رەنا بىلندۇرمەسلىككە سېلىپ .
قادىرنىڭ ئاكىسى چاپىننى سىلىپ رەناغا تەڭلىدى…ياردەمچى روزى دەرھاللا :
- خىنىم ،دىرىكتۇر تاپىلاپ ماشىندا سىزگە بىر نەرسە تەييارلىغان ئىدى .
رەنا بۇ چاپاننى كۆرۇپ ئۆزى ياخشى كۆردىغان پاسۇندا تىكىلگەنلىكىنى كۆرۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي كۆتۇرۇپلا ئالدى ھەمدە:
-رەخمەت ،سىزگە .ئاكىڭىز راستىنلا رەسىمگە بەكلا ماھىر ئىكەن. ئەگە ئۇ ھايات بولغان بولسا ،مەن ئۇنى ئۇستاز تۇتاتتىم.
- بەكلا تۇزۇت قىلىپ كەتىڭىز.پەقەت سىزلا ياخشى كۆرسىڭىز بۇ يەر ھەرۋاقىت سىزنى قارشى ئالىدۇ!
رەنا قارشىلىق بىلدۇرمىدى. شۇ زامانلا قوشۇلدى ھەمدە: -رەخمەت.ئەمدى بىز سۇبات بىلەن كۆرشىلى. مەن كىلىپ تۇرمەن.
- بۇلىدۇ .قىنى، مەن بىلەن يۇرۇڭ!
قادىرنىڭ ئاكىسى رەنانىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى ۋە كالىسىغا ھەرخىل خىياللار كىلىشكە باشلىدى. رەنىڭ ئەسيادى ھىلقى ئايالدا ئىدى.ھەمدە رەسمدىكى ھىلقى ئايالنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋتى بارلىقىنى چۇشنەلمەي قالغان ئىدى.
رەنا بىر تەرەپتىن بايا بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ، يەنە بىر تەرەپتىن قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى . بىردەمنىڭ ئارىلىقىدا سۇبات ئولتۇرغان ئۆيگە كەلدى. بۇ ئۆي بەكلا قاراڭغۇ بولۇپ ، رەنا تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ كىتىپ قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ دۇمبە تەرپىگە تىگىپ كەتتى.شۇنىڭ ئۇ تىز سۇرەتتە رەنانىڭ بېلىدىن تۇتۇۋالدى .ئۇنىڭ بەللىرى بەكلا ئىنچىكە، يۇمران ئىدى . قادىرنىڭ ئاكىسى سەل قىزىپ كەتكەنىدى.
- ھىچنىمە بولمىغانسىز؟
قادىرنىڭ ئاكىسى ئارقىندىلا ئىغىز ئاچتى. رەنا گەپ قىلالماي جىمىدە تۇرۇپ قالغان ئىدى.
- ھىچقىسى، يوق،- دىدى رەنا خىجىل بولغىنچە.
ھازىرقى ئىسسىق مىھىرلىق مۇھىتتىن قادىرنىڭ ئاكىسى ئۆزىنى يوقىتىپ قويايلا دىگەن ئىدى. ئۇ دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ:
- بۇ، يەردە پەلەمپەي جىقراق، ئاۋايلاپ مىڭىڭ!-دىدى .
رەنا قاراشقا جۇرئەت قىلالماي تۇرغاندا ياردەمچى روزى قادىرنىڭ ئاكىسىغا قاپىقىنى تۇرگىنچە بوش ئاۋازدا:
-سوفىيە خىنىم ،مەن سىزنى يۆلىۋالاي ! بۇ يەر بەكلا قاراڭغۇ ئىكەن. رەنا بىشىنى لىڭشىتىپ قۇشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئۆيگە يىتىپ كەلدى. ھەمدە قادىرنىڭ ئاكىسى:
-سوفىيە خىنىم .سىز بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭ! مەن چىقىپ سۇباتنى ئەپچىقاي!
-بۇنداق قىلساق مۇۋاپىق بۇلارمۇ؟ ئەگەر ئۇ قىچىپ كەتسە قانداق قىلمىز؟- دىدى رەنا،
روزى ئەگىشىپلا:
-سۇبات، قادىر ئائىلسىنىڭ نەۋرىسى ئۇمۇ بىلىدۇ!
رەنا ھەيران قالدى!
-ئەمسە سۇبات بۇ ئىشلارنى بىلەمدۇ؟ - دىدى رەنا.
-ئاڭلىشىمچە، سۇبات دارىلتامغا كىرگەندە يەنە بىرسى بار ئىكەن، سۇبات ئىزچىل ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشچە، ئۆزى قادىر ئائىلسىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئىتراپ قىپتۇ.
- ئۇ يالغان گەپ قىلدىمۇ قانداق؟ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.ئۇلار نەۋرىسىنىڭ دەردىدە ساراڭ بۇلايلا ،-دىدى.
رەنا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ كالىسىدا نۇرغۇن خىيال ئەگىپ گەپ قىلماي جىم تۇراتتى. ئۇزۇن ئۇتمەي سۇبات چىقىپ كەلدى. سۇباتنىڭ پۇت قوللىرى بەكلا زىيدە ئىدى. قارماققا ئۇنى بەكلا ئۇرغاندەك قىلاتتى.ماڭالمايدىغاندەك كۆرنەتتى. ئۇ بۇ خىل ئەھۋالدا بىرسى قۇتقۇزۇپ ئاچقىپ كەتمىسە ئۆزى قىچىپ كىتەلىشى مومكىن ئەمەس ئىدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


