大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 80 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 80 - قىسىم aybarawazi
2024-04-08
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


80 - قىسىم


-دەرۋەقە، مىنىڭ  ئويلىغىنىمدەككەن  شۇنداقمۇ؟  ئۇ دىگەن ئۈرۈمچىنىڭ بەگزادىسى. ئۇ نىم قىلمەن دىسە قىلالايدۇ. لىكىن، قىرىشقاندەك  سىز ئۇنىڭ تەرپىدىن ئالدىنىپ قاپسىز! كىيىن قانداق ئىشلار بولىدۇ ،تىخى ئىنىق ئەمەس.

- سىزنىڭ دىگنىڭىز توغرا.  سىز بۇرۇنقى رەنا ئەمەس.ھازىرقى رەنانىڭ يۇرىكى يوق ئۇ ئادەم ئەمەس . ئەينى ۋاقىتتا، قۇربان مىنى سىزنى كۆيدۇرۋىتىشىمنى تاپىلغان ئىدى.سىز نىمىشقا ئىشەنمەيسىز؟قۇربان سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. لىكىن ،شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ جىنىغا زامىن  ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ! 

- ئاغزىڭنى يۇم؟

 رۇزى تىلفۇننى بىسۋىتىپ سۇباتنىڭ مەيدىسىگە بىرنى تەپتى ھەمدە:

- سىنىڭ پەقەتلا ۋىجدانىڭ يوقكەن. سەن كىچىك ۋاقتىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ ئۇنداقتا ،سىنىڭ بۇگۇنكىدەك ئۇتۇقلىرىڭ بۇلارمىدى؟ سەن دىرىكتۇرغا تۆھمەت چاپلىغىدەك بولدۇڭما؟دىرىكتۇر ئەزەلدىن ئۇنداق  بۇيرۇق چۇشۇرمەيدۇ.سەن راستىنلا ئىپلاس ئىكەنسەن؟

سۇبات يۇقىرى ئاۋازدا:

-ھا…ھا… روزى سەن  قورۇقتىڭمۇ؟سەن قۇربانغا يانتاياق بولۇش ئۇچۇن مۇشتاق قىلۋاتسەن؟ لىكىن، ئەپسۇس  ئۇ بۇ ئىشلارنى پىلانلىغان ئىدى.ئۇ رەنا ۋە ئۇنىڭ قورسقىدىكى بالىنڭ ئۆلۇشىنى خالايدۇ.

 روزى گەپكە چىدىماي ،بىرىپ ياقىسىدىن ئالدى ھەمدە:

-مەن، سىنى تىرىك كۆمىۋىتىمەن دىسەم ئىشنەمسەن؟ -دىدى قاپاقلىرىنى تۇرگىنچە؛

-ماقۇل، ئەمسە. كىلىە! ئۆلتۇرۋەت.ئىشقىلىپ قۇربان مىنى ياللىغان.گەرچە ، مەن قۇرباننىڭ رەناغا بولغاب ھىسياتىنى چۇشىنىپ يىتەلمىسەممۇ.لىكىن، ھەرگىز ئالدىراپ بىر ئىشنى قىلمايدۇ،ئۇنىڭ چوقۇم مەلۇم بىر سەۋەبى بولىشى مومكىن . رەنا مەن سىزگە ئىيتىپ قوياي!سىز قۇرباننىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويلايدىغىننى مەڭگۇ ئويلاپ  يىتەلمەيسىز! ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالمايدۇ.

-چاقچاق قىلماڭ!

سۇبات ئاغزىدىكى قانلىرىنى سۇرۇتكىنىچە دەۋاتاتتى. رەنا سۇغۇققىنە ئۇنىڭغا قارىدى.روزى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي تۇراتتى.

-خىنىم ،ئۇنىڭ قۇرۇق كوتۇلداشلىرىغا پىسەنىت قىلماڭ.قۇربان دىرىكتۇر، ھىچقاچان ئۇنداق دەپ باقمىغان. دىرىكتۇر ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ…  

-سۇبات،مەن سىزگە بىر ھاياتلىق بىرەي.لىكىن، بۇنى سەمىرە قايتۇرىدۇ.

 رەنا گىپىنى دەپ بولۇپلا ئارقىغا ئۆرۇلۇپ چىقىپ كىتىشىگە:

-رەنا،ئەگەر سەمىرەگە بىرەر ئىش بولىدىكەن .مەن سىزنى ھەرگىزمۇ بوش قۇيۋەتمەيمەن.مەن ئۇلۇپ كەتسەممۇ سىزدىن ھىساب ئالماي قويمايمەن. ياق،،،ياق. سەمىرە، تىز قىچىڭ!-دەپ ۋارقىردى سۇبات.

لىكىن ،رەنا پىسەنىت قىلماي چىقىپ كەتكەنىدى.رەنا ئىزچىل گەپ قىلماي تۇرۇۋاتاتتى.

-خىنىم ،دىرىكتۇر. ھىچقاچان  ئۇنداق قىلمايدۇ . سىز سۇباتنىڭ ئالدامچىلقىغا چۇشۇپ كەتمەڭ. رەنا بولسا گەپ قىلماي ، سىرتقا چىقتى .

-روزى مىنى ،مىنىڭ قەبرەم قىشىغا ئاپىرىڭ.

 روزى ھەيران قالدى. ئۇ رەنانىڭ نىمە ئۇچۇن ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى چۇشنەلمەيۋاتاتتى.

-خىنىم، نىملەرنى دەۋاتىسىز؟دىرىكتۇر سىزنىڭ  ئۆلۇپ كەتىكىنىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ.ئۇ سىزگە ئاتاپ قەبرە قويشىمىزنى چەكلىگەن ئىدى،-دىدى روزى.

-ئۇ، ئاللىقاچان ماڭا ئاتاپ يەرلىك قۇيدۇرغان ئىدى .مەن بۇنى بىلىمەن.مىنى باشلاپ  ئاپىرىڭ؟-دىدى.

 روزى ئۇنى ئۇ يەرگە ئاپاردى. ئۇ يەر بەكلا يىشىل ئىدى.شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى.ھەمدە ئۇ يەردە نۇرغۇن قوغدىغۇچىلار تۇراتتى.رەنا بۇ يەرنى كۇرۇپ بەكلا ھەيران قالغان ئىدى. ئۇلار ماشىندىن چۇشتى. ھەمدە ئىچىگە كىرىپ كەتتى.ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى تاملارغا يەسىمەن گۇللىرى ئىچىلىقلىق تۇراتتى. 

-ھازىر قىش ۋاقتى بولمىسا نىمە دىگەن كۆپ گۇللەر بۇ؟دىرىكتۇر نۇرغۇن پۇل خەجلەپ قىلدۇرغان قۇرلۇش بۇ!قاراڭ، بۇ قۇرۇدىكى ئەينەكلەرمۇ شۇنچىلىك پاكىز؟ -دىدى .

رەنا بەكلا تەسىرلىنىپ كەتكەنىدى ھەمدە :

-مەن ئىچىگە كىرىپ كۆرۇپ باقسام بۇلامدۇ؟

-ئىچى بەكلا سۇغۇق، چاپان كىيۋىلىڭ دىگىنچە ئىشىك باقار ئىككى قۇر چاپاننى رەناغا تەڭلىدى.

ئىچىگە كىرىپلا رەنا بەكلا ھاڭ تاڭ قالغان ئىدى. چۇنكى ئۇيەردىكى ھەربىر مەنزىرە قۇرلۇش تۇرىنى قۇربان ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ياسىغان ئىدى. ئۇ بىرخىل بەخىت تۇيغىسىغا چۆمۇلگەندەك ھىس قىلدى.

 روزى  ئىختىيارسىز يۆتىلىپ قويدى . چاپاننى ئالدىنى ئەتتىدە:  

-ئۇ يەر سوغۇق ؟-دىدى .

- ياق . بۇ بىئولىگىيە تىخنىكىسدىن پايدىلنىپ ھاسىل قىلغان قىش پەسلى.

 رەنا  سۇسلا جاۋاب بىرىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. روزى رەنانىڭ گپىنى چۇشنەلمەي گەپ قىلماستىن ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىرىپ كەتتى.ئەتراپ قىش گۇللىرگە تولغان ئىدى.قۇربان بۇنى قىلمەن دەپ ئاز جاپا تارتمىغان ئىدى. رەنا كىتىۋىتىپ يەنە بىر ئۆيگە كىردى .كىرىشىگىلا بىر نەرسىنى كۆرۇپ كۆزلىرى قىزرىپ كەتكەنىدى. چۇنكى ،ئۇ يەردە ئۇ 6 ياش چىغىدا سىزغان رەسىملىرى تۇراتتى.

ئۇ بەكلا تەسىرلەنگەن ئىدى. ئۇ يەردە رەنانىڭ تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەردە ئالغان كىنىشكە تەقدىرنامىلەر تۇراتتى .ئۇ بۇلارنى كۆرۇپ بەكلا ھەيران قالدى. ئۇ قۇرباننى ئازراق چۇشەنگەندەك بولدى. چۇنكى ،ئىسپات ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىدى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئۇ بەش يىل ئىچىدە  قۇربان داۋاملىق كىلەمتى؟

-ھە. داۋاملىق كىلەتتى. دەسلەپىكى ۋاقىتتا ،دىرىكتۇر ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. بۇ يەردە، ھىچكىمنى ئۆزىگە ھەمرا قىلمايتى. ئۇ ھىچكىمنىڭ بۇ يەرگە كىرشىنى خالىمايتتى .بولۇپمۇ ،مىنى.دىرىكتۇر بەكلا ئازابلاندى .چۇنكى، ئۇ سىزنىڭ ھامان بىر كۇن كىلدىغانلىقىڭىزنى  بىلەتتى. سىزمۇ كەلدىڭىز! ئۇ بىلسە چۇقۇم خۇشال  بۇلۇشى مومكىن.

-  شۇنداقمۇ بۇلارمۇ؟ 

 رەنا ،سۇسقىنە جاۋاب بىرىپ قويدى.  رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي يەنە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇ يەنە بىر ئۆيگە كىرىۋىدى. بىر جۇپ توي كۆينەكلىرنىڭ ئىسىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. بۇ كۆينەكنى ئۇ دەسلىپىدە توي قىلغان ۋاقىتتا كەيگەن ئىدى.  ئۇ كۆينەكلەرنى سىيلىغىنچە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئىقىشقا باشلىدى.چۇنكى ،توي ئۇنىڭ ئۇچۇن ئۆمۇرىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئىش ئىدى. ئۇ يان تەرەپتىكى ئۇرۇندۇق ئۇستىگە قاردى.  ئۈستەل ئۈستىدە ئۇ توي قىلغاندىكى قۇربان بىلەن تاقىغان توي ئۈزۈكى تۇراتتى . ئۇ ياشلىرىنى تۇتىۋالالمايتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تارتمىنى   ئاختۇرۋىدى بىر پارچە رەسىمنى كۆرۈپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ يانچۇقىدىن رەسىمنى چىقىرىپ كۆرۇشكە باشلىدى. بۇ رەسىم قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدىكى رەسمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. رەنا بەكلا ئىككىلنىپ قالغانىدى . چۇنكى ،بۇ رەسمدىكى ئايالنىڭ، ھەم قادىرنىڭ چوڭ ئاكىسىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتىى باردۇ دەپ ئويلىدى. روزى چىدىيالماي ئىغىز ئاچتى: 

-خىنىم، بىزنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولدى. دىرىكتۇر تاماق يىدىمۇ ،يىمدىمۇ تىخى بىلمەيمىز!

 رەنا، دەرھاللا قۇرباننى ئىسىگە ئالدى .چۇنكى ،ئۇ قۇرباننى ئىسىدىن چىقىرىپ قۇيغىلى تاسلا قالغان ئىدى. شۇڭا،« ماقۇل» دىگىنچە ئارقىغا ئۆرۇپلا چىقىپ كەتتى .ھەمدە ماشىنغا چىقىپ ئاشخانغا باردى. ھەمدە قۇربانغا بىر كىشلىك باچكا  شورپىسى ئىلىپ قويغان  ئىدى. شۇنىڭ  ئۇلار تېز سۈرەتتە دوختۇرخانىغا يېتىپ باردى . رەنا ئىشىكتىن كىرىشىگە: 

- قۇربان قاراڭ! مەن سىزگە نېمە ئېلىپ كەلدىم .

 ئۇنىڭ چىرايىدا، كۈلكە ئەكىس ئېتەتتى . 

-نېمە بولدى ؟

 كېسەلخانىنىڭ قىياپىتى سەل باشقىچە ئىدى . 

-چىقىپ كەت ؟- دېدى قۇربان روزىغا ئىشارەت قىلىپ. ئۇنىڭ كەيپىياتى پەقەتلا ياخشى ئەمەس ئىدى . رەنا قولىدىكى باچكا شورپىسىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇردى دە :

-  مەن، سىزگە باچكا شورپىسى ئەكەلدىم .قىزىقىدا ئىچىۋېلىڭ ! مەن باشقىلاردىن ئاڭلىسام بەدىنىدە پىچاق يارىسى بولغانلار باچكا شورپىسىنى ئىچسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ . بۈگۈن ۋاقتىم چىقماي قالدى. شۇڭا مەن ئەتە سىزگە ئۆزۈم ئېتىپ ئەكىلىپ بېرەي - دېدى . 

قۇربان ئۇنىڭ  گەپلىرىنى قۇلىقىغا كىرگۈزمىگەن ئىدى.  ھەمدە رەناغا قاراپ:

-  سىزنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىڭىز مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنمۇ ؟ توغرىمۇ؟ سىزنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ساختىمۇ ؟ مۇھەببىتىڭىز ساختىمۇ ؟سىز مەندىن پايدىلىنىشنىلا ئويلامسىز ؟ 

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، رەنا ھەيران قالدى .

- سىز روزىغا مېنى پايلىسۇن ،-دەپ ئەۋەتىپسىز ھە!  

-ماڭا ئېيتتىڭ شۇنداقمۇ ؟ ياقمۇ ؟ سىز بۇرۇن ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىڭىز ؟ئەجەبا، ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز ئەينى ۋاقىتتىكى، ئوتتا بىراقلا كۆيۈپ كۈل بولدىمۇ ؟ سىزنىڭ ھازىر ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز زادى قانداق؟ ئۆچ ئېلىشمۇ ؟ ياكى مېنىڭ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەندىن كېيىنكى قىياپىتىمنى كۆرمەكچىمۇ؟ ھازىر رازى بولغانسىز ؟ياكى بولمىسا مېنىمۇ 5يىل ئاۋۋالقىدەك ئوتتا كۆيسۇن دېدىڭىزمۇ ؟ گەپ قىلىڭە! پەقەت سىزلا دېسىڭىز بولدى .مەن ھەممىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى . 

قۇرباننىڭ چىرايلىرى قىزىرىپ ،كۆزلىرى تىخىمۇ يوغىناپ  كەتكەن ئىدى . چۈنكى، ئۇنىڭ يۈرىكى مۇجۇپ ئاغرىۋاتاتتى . ئۇ ئەينى ۋاقتتا ،رەنا ئۆيدە بولمىغان ۋاقتىدا ، ئۇ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى، يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ نېمىلىكىنى ، ئازابنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى . ئۇ رەنانى بىر كۈنمۇ ئويلىمىغان ،ئەسلىمىگەن ۋاقىت قالمىغانىدى .

ھازىرقى كۈندە رەنانىڭ نىيىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇنىڭ يۈرىكى نەچچە پىچاق سانجىغاندىنمۇ ئۆتە ئاغرىپ كېتىپ باراتتى .

- قۇربان ،ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئىش يوق. 

-ئەمىسە ،قانداق؟ سىز بۇ قېتىم مەندىن ئۆچ ئالغىلى قايتىپ كەلمىدىم ، پايدىلانغىلى كەلمىدىم دېيەلەمسىز؟  

قۇرباننىڭ ئاۋازلىرى تىترەپ كېتىپ باراتتى . رەنا ئالدىرىغىنىچە :

-  بۇرۇنقى ،ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەن . ھازىر مەن سىزگە شۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىيلە قىلىۋاتىمەن قۇربان . توغرا ، مەن بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىمدە  مەلۇم بىر مەقسەتنى دەپ قايتىپ كەلدىم .لېكىن، بۇ ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس .بىز ئۇچۇن…

 -بولدى، بەس! 

ئۇ ،شۇنداق دېگىنىچە ئۈستەل ئۈستىدىكى باچكا شورپىسىنى رەنانىڭ قولىغا تۆكۈۋەتتى . شورپا رەنانىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ قوللىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . قۇربان بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قارىماقچى بولدى . لېكىن، يەنىلا جىم تۇردى . ئۇ ئۆزىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقانچە:

- چىقىپ كىتىڭ ،-دىدى .

 رەنا ھازىر چىقىپ كەتسىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ئەگەر ،ئۇ ھازىر قۇرباننىڭ ئۆزىنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئۇ پەقەت قىزى سۈرىيە ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىنى .لېكىن ،ھازىر ئۇ قۇربان ئۈچۈن،ھەم ئۆزى ئۇچۇن قىلغان نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن . ئۇ بىر ھەقىقىي مۇھەببەتنى  ھېس قىلدى ھەم  ھەرگىزمۇ قۇرباننىڭ قولىنى قويۇۋەتمەسلىكنى تاللىغانىدى . رەنا قولى بىلەن كارى بولماي يەنە بىر قولىدا قۇرباننىڭ قولىنى تۇتقىنىچە:  

-ماڭا، بىر قېتىم ئىشىنىڭ بولامدۇ ؟ پەقەت بىرلا قېتىم. مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم باشتىن ئاياغ ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق . توغرا ، مەن بۇرۇن سىزگە نەپرەتلەنگەن .ھەتتا، سىزنىڭ ئۆلۈشىڭىزنىمۇ ئويلىغان. دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتا، مەن چىدىمىدىم .راستىنلا چىدىمىدىم . چۈنكى ،كۆڭلىڭىزدە يەنىلا مەن بارلىقىمنى ھېس قىلدىم ؟ سىز باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ بولامدۇ ؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىن ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرەيلى . 

قۇربان رەنانىڭ كۆزىدىكى ياشلىرىنى كۆردى . قۇربان رەنانىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: 

- ئەمىسە ماڭا ئۇدۇللا ئېيتىڭە ؟سىزنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىڭىز زادى كىم ئۈچۈن؟ مەن ئۈچۈنمۇ ؟ زادى نېمە مەقسىتىڭىز بار ؟ پەقەت ماڭا ئاغزاكى دېسىڭىز ، مەن چۇقۇم سىزگە ئىشىنىمەن . 

رەنانىڭ  يۈرىكى ئاغرىپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى ،ئۇ بۇ ۋاقىتتا قۇربانغا نېمە دېيىشنى پەقەتلا بىلمەيتتى . رەنا ئاغزىنى چىڭ يۇمغىنىچە ياشلىرىنى تۆكۈپ: 

- كەچۈرۈڭ . -دىدى. قۇربان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. 

-دەرھال چىقىپ كېتىڭ !

- قۇربان ،مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ! مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ بولامدۇ ! مەن راستىنلا…

-يوقىلىڭ ! 

قۇربان شۇنداق دېگىنىچە رەنانى ئىتتىرىۋەتتى .


داۋامى بار …


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئايبەر ئاۋازى ئەپچىمىز يىللىق تەكشۈرۈش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ئېچىلمايدۇ ، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k