大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 92 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 92 - قىسىم aybarawazi
2024-04-20
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 93 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80

90
89
88
87
86



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


92 - قىسىم



-دادا، مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي .مەن ئۇيغانغىچە كەتمەڭ بۇلامدۇ؟ بۇرۇن، ئۇيغىنىپلا قارسام ئاپام بىلەن ئاكام بار ئىدى. لىكىن، ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يوق. ئۇلار بەكلا ئالدىراش. لىكىن ،ئۇيغىنپلا سىزنى كۆرۇشۇمنى بەكمۇ ئارزۇ قىلمەن دادا،-دىدى.

- ماقۇل ،سىزگە ۋەدە بىرەي. مەن ھىچ يەرگە كەتمەيمەن ،-دىدى قۇربان ئۇنىڭ بىشىنى سىيلاپ تۇرۇپ.

- ماقۇل، دادا دىگىنچە كارۋاتتا يىتىپ ئۇخلاپ قالدى. سۇرىيە ئۇخلىغاندىن كىيىن. ئۇ سۇرىيەنىڭ مەسئۇل دوختۇرى بىلەن پاراڭلاشتى. دوختۇر ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئيىتىپ بەردى.قۇرباننىڭ يۇرىگى تىخىمۇ ئاغرىشقا باشلىدى. چۇنكى، قىزنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكى. ئايالنىڭ ئىز دىرىكى بولمىغانلىقى ئەرفاتنىڭ يوقلىقى... بىر تالاي ئاۋارچىلىق ئۇنى راسلا ھالسىزلاندۇرغان ئىدى.

قۇربان سۈرىيەنىڭ قېشىغا كىرەي دېگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى . تېلېفوننى ياردەمچى روزى ئۇرغان ئىدى . ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا .

-نېمە ئىش بولدى ؟

-دېرىكتور ،مۇنىرەنىڭ خەۋىرى بولدى .

-ئۇ ،ھازىر قەيەردە ئىكەن ؟

قۇربان جىددىيلىشىشكە باشلىغانىدى. روزى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي . بوش ئاۋازدا :

-دېڭىز بويىدىن تىپىۋالدۇق . بىراق، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭ جەسىتى دىڭىز ئۇستىدە لەيلەپ تۇنغۇسىز ھالەتتە بۇلۇپ كىتىپتۇ، - دېدى .

-سەن نېمانداق ؟ زادى نېمە دەۋاتىسەن ؟ ئەرفاتچۇ؟ -دېدى قۇربان، ئۇ مۇنىرەنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى.

-ئەرفات بەگزادىدىن ھازىرچە ھېچقانداق خەۋەر يوق. بىز مۇنىرەنىڭ جەسىتىنى تاپقان ۋاقتىمىزدا پەقەت ئۇلا بار ئىكەن . بىز ئۇنى قانۇن دوختۇرلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۇق . ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان زەھەر بار ئىكەن. بەلكىم ،يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن شۇڭلاشقا ،باشقىلار ئۇنى دېڭىز يۈزىگە تاشلىۋېتىپتۇ ؟-دىدى .

- كىم ئۇنىڭغا شۇنداق زەھەرخەندىلىك قىپتۇ ؟تەكشۈردۈڭلارمۇ ؟ -دېدى قۇربان ئاچچىقىدا . ئەسلىدە ئۇ مۇنىرەنى تاپسا ، ئوغلىنىڭ ئىز دېرىكىنى تاپالايتتى . ئۇ بەكلا ئاچچىقلانغانىدى .

-تەكشۈرۈپ كۆردۇق . مۇنىرە بىر داڭلىق زىياپەتكە بارغان .ئۇ يەردە، بىر كاتتا باينىڭ بىر ئادىمى ،كىملىكى ئېنىق ئەمەس. شۇ ئادەم قىلغان ئىكەن. بىراق، بۇ ئادەم خوجىدار ئايالنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى،-دىدى روزى.

-خوجىدار ئايال، يەنە شۇ خوجىدار . بۇ ئايالنىڭ زادى قانداق مەقسىتى بار ئىكەن . پەقەت بىلىپ بولالمىدىم. ئۇنداقتا، خوجىدار ئايالنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلدىڭلارمۇ ؟

- ياق تېخى . يەنە بىر خەۋەر بار . سەمىرە ئۇلارنىڭ بالىسى ئەمەسكەن .سەمىرە كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە قادىرنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنى بېقىۋالغان بالىسى ئىكەن .لېكىن، ھازىر نېرۋىسى ئېغىر دەرىجىدە مەسىلىگە يولۇقۇپ ، ھازىر نېرۋىسىدىن ئادىشىپتۇ . بىراق ،سۇبات ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىپتۇ،- دېدى .

-مىنىڭ بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈك تىرىكى بىلەن كارىم بوق، مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم ،مېنىڭ ئايالىم بىلەن بالام زادى قەيەردە ؟- دېدى قۇربان ۋارقىرغىنچە، مەيلى قانداق ئامال قىلىشتىن قەتىئينەزەر خوجىدار ئايالنى چۇقۇم ئىزدەپ تاپايلى !-دېدى قۇربان .

- خوپ !- دېدى روزى…

قۇربان تېلېفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى . خوجىدار ئايالنى ، ئۇ ئۆز ئاپىسىدەك كۆرەتتى .لېكىن ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ ئايالنىڭ ئاددىي ئايال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى . ئۇ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئايالنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۇچۇن ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى . ئاپىسى بۇ ۋاقىتتا رەسىم قىستۇرۇۋاتقان بولۇپ ، ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى .

-ۋەي ئوغلۇم ، نېمە بولدۇڭ ؟ قانداق بولۇپ ؟ ماڭا تېلېفون قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭ ؟- دېدى ئاپىسى .

قۇربان ئارتۇق گەپ قىلماي بوش ئاۋازدا :

- ئاپا، سىز ماڭا خوجىدار ئايالنىڭ قانداق ئادەملىكىنى دەپ بېرەلەمسىز ؟

- سەن نېمە دېمەكچى ؟ نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق سوئال سورايسەن؟- دېدى ئاپىسى ھەيران بولۇپ.

-ئاغزىڭنى يۇم ! سەن نېمىشقا ئۇنداق دەيسە! مەن قانداق ئىش قىلدى ئۇنى ئېنىق بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن ،ئۇ بىزنىڭ ئائىلىدە تۇرغان ۋاقتىدا ، ساڭا قانچىلىك كۆيۈندى، ئىنىڭغا قانچىلىك كۆيۈندى . سەن بۇنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ سەن نېمانچە باغرى تاش بولۇپ كەتتىڭ ،- دېدى ئاپىسى.

ئاپىسىنىڭ خوجىدار ئايالغا يان بىسىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تىخىمۇ ئاچچىقى كەلدى.

- ئاپا ، سىز بىلەمسىز ؟ ئۇ مېنىڭ ئايالىمنى تۇتقۇن قىلدى . ئوغلۇمنى تۇتقۇن قىلدى . مەن ئۇلارنىڭ ھازىر ئۆلۈك تىرىكلىكىنى ئۇقمايمەن . گەرچە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇنىرە قىلغان بولسىمۇ، مۇنىرە ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپتۇ . نەچچە يىللاردىن بۇيان مۇنىرە ئائىلىدە رەنانىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكىلىكنى قىلدى . بۇ ئايال بەكلا خەتەرلىك . ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇرقەتكە يېقىندىن بۇيان بىرسى زەھەرلىك دورا بېرىپتۇ . 2يىلنىڭ ياقى بۇ زەھەر تاماق ئارقىلىق فۇرقەتنىڭ بەدىنىدە ئىكەن. ھەر نىمە بولسا رەنا بۇرۇنراق بايقاپتىكەن بولمىغان بولسا ،بىز ھازىرغىچە بىلمەي يۈرەركەنمىز. ئەسلى ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، سىز يەنە نېمىشقا ئۇنى قوغدايسىز ؟- دېدى قۇربان .

-بۇ، مۇمكىن ئەمەس .گەرچە، باشقىلار شۇنداق قىلسىمۇ .لېكىن، خوجىدار ئايال ئۇنداق قىلمايدۇ ،- دېدى ئاپىسى كەسكىنلا .

- نېمە ئۈچۈن ؟ نېمىشقا ئۇنداق قىلمايدۇ .قۇربان ئائىلىسى يا ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەمەس . بۇ ئايالنىڭ پەقەتلا ۋىجدانى يوق ئىكەن . ئەگەر، ئۇ بولمىسا ئۇ نېمە ئۈچۈن بىكاردىنلا، فۇرقەتنى قەستلەيدۇ . ئۇنىڭغا دورىنى سالىدۇ . ئەگەر، ئۇ بولمىسا ، كىم مېنىڭ ئايالىم ۋە ئوغلۇمنى كۆز ئالدىمدىلا تۇتقۇن قىلىدۇ ئاپا؟ سىنىڭ ، ئۇنىڭ بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى شۇنداق قوغدايسەن؟ ماڭا دەپ بەرگىن بولامدۇ؟ مېنىڭ ئوغلۇم ۋە ئايالىم ئۇنىڭ قولىدا. ئەگەر، يەنىلا كېچىكسەك بولمايدۇ،- دېدى قۇربان يالۋۇرغىنىچە .

ئاپىسى سەل جىددىيلەشكەندىن كېيىن ، بوش ئاۋازدا:

- ئوغلۇم ،بەلكىم بۇ ئىش سەن ئويلىغىنىڭدەك ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن . مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلا ، مەن بۇ ئىشنى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈتەي .ئەرفات سېنىڭ ئوغلۇڭ . ئەگەر ،ئۇنى راستتىنلا غوجىدار ئايال تۇتقۇن قىلىغان بولسا . ئۇ ،ئۇنىڭغا ئۇنداق يامانلىق قىلىشى ناتايىن. خوجىدار ئايال نەچچە يىلنىڭ ياقىسى بىزنىڭ ئۆيدە . ئۇنىڭ قانداقلىقى ساڭا ئايان ،-دىدى، ئاپىسى .

- مەن، بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئۇ بۇرۇن ماڭا شۇنداق كۆڭۈل بۆلەتتى. مەن ئۇنى بىزنىڭ ئۆينىڭ چوڭى دەپ شۇنداق ھۆرمەت قىلاتتىم .ھەم ئۇنى شۇنداق قوغدايتتىم . لېكىن ،ھازىر ئۇ يۈز ئۆرىدى . مېنىڭ ئايالىمنى تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى .سىز ،ئۇ يەردە تۇرۇپ مېنى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىل دېسىڭىز .ئاپا، سىز ماڭا ئېيتىپ بەرمىسىڭىز بوپتۇ ، مەن ئۆزۈم بېرىپ تەكشۈرىمەن .ئەگەر، راستىنلا ئۇ مېنىڭ ئايالىم ۋە ئوغلۇمنى تۇتقۇن قىلغان بولسا ، مەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىمەن ،-دىدى

- ياق ، قۇربان. ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ ؟ -دېدى ئاپىسى . لېكىن قۇربان ئاللىقاچان تېلېفوننى قويۇۋەتكەنىدى .

قۇرباننىڭ كاللىسى ئىنتايىن قالايمىقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ يانچۇقىدىن بىر تال تاماكىنى ئالدىدە كۈچەپ شوراپ ، چېكىپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا قاراپ كەتتى . ئۇ سۈرىيە ياتقان كېسەلخانا ئۆيگە كىرەي دەپ تۇرۇشىغا ، بىر ئايال ئۇ تەرەپكە قاراپ كەلدى .

- سىز قۇربان دېرىكتور بولامسىز؟ بىزنىڭ ئايال خوجايىن سىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلغانىدى ؟ -دىدى.

- سىلەرنىڭ ئايال خوجايىنىڭلار كىم ؟

-سەمەت دېرىكتورنىڭ ئاپىسى،- دېدى ھېلىقى ئايال .

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ سەمەتنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشتى . سەمەتنىڭ ئاپىسى ناھايىتى رەتلىك كىيىنگەن كەسكىن ئايالدەك كۆرۈنەتتى .

-خانىم ، نېمە سەۋەبتىن مېنى ئىزدەيسىز؟ باشقا بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟ -دېدى قۇربان ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىنلا

سەمەتنىڭ ئاپىسى قۇرباننىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدىن بېشىغىچە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن گەپ قىلماي جىم تۇردى .

بۇ ئىككى ئادەم ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدى . لېكىن ،ئۇ تور ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرباننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئېنىقلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرباننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .

-قىزىڭىز بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ ؟ - دېدى ئۇ ئايال.

- ھەئە ، كۆرۈشتۈم . مەن سىلەرنىڭ 5يىلنىڭ ياقى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ،-دېدى قۇربان .

سەمەتنىڭ ئاپىسى بىر تەرەپتىن قەھۋە ئىچكەچ ، بىر تەرەپتىن بوش ئاۋازدا:

-قۇربان دېرىكتور ، مەن ئەسلى گەپنى سىزگە دەۋېرەي. بىزنىڭ ئائىلىدە ، ئەزەلدىن پۇل كەم ئەمەس.ھەم باشقىلارنىڭ بالىسىنى خالىغانچە بېقىپ يۈرمەيمىز !

- سىز قانداق گەپ بولسا ئەسلى مەقسىتىڭىزنى دېسىڭىز بولدى . مەن قىلالىساملا چۇقۇم قېلىپ بېرىمەن ، -دېدى قۇربان .

سەمەتنىڭ ئاپىسى قۇرباننىڭ تەلەپپۇزىدىن سەل غەيرىلىك ھېس قىلدى دە .

-سىزنىڭ بۇنچە مەرتلىك بىلەن قىلغان گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغان يەردە ،مەن باشقىچە گەپ قىلىپ ئولتۇرمىساممۇ بولىدۇ . قۇربان دىرېكتور ،سىزمۇ بىلىسىز؟ بىزنىڭ ئائىلىمىز ئايالىڭىز رەنانىڭ ھالدىن خەۋەر ئىلىپ كىلۋاتىدۇ. ئوغلۇم سەمەت رەنانى دەپ بەش يىلنىڭ ياقى ھېچكىم بىلەن توي قىلىشنى خالىمىدى . بىزنىڭ ئائىلىمۇ شاڭخەيگە نىسبەتەن ئەڭ ھوقۇقلۇق يۈز ئابرويلۇق ئائىلە .

بۇ ئايالنىڭ سەۋەبىدىن ئوغلۇمنىڭ توي ئىشلىرى ئىزچىل كەينىگە كېچىكتۈرۈلدى . سىزمۇ بىلىسىز ، قالايمىقان ئادەملەر بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بوسۇغىسىدىن پۇت ئاتلىيالمايدۇ ،- دېدى سەمەتنىڭ ئاپىسى .

-رەنا ،ئەزەلدىن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى .ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئائىلىگە كىرىشنىڭ ئورنى يوق ،- دېدى قۇربان سوغۇققىنە . سەمەتنىڭ ئاپىسى، قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا ئازراقمۇ يۈز بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ، بىر يۆتىلىۋەتكەندىن كېيىن :

- توغرا دەيسىز .رەنا خېنىم ،ئىنتايىن كەسىپچان .مۇشۇ 5يىلنىڭ ياقىسى ئۇ ئوغلۇم بىلەن بىللە جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كەلدى . بۇ تەرەپتىن مەن بەكلا رازى ،-دىدى.

- بىزنىڭ ،ئائىلىدىكى ئادەملەر ئادەمگەرچىلىكنى بىلىدۇ. قېنى سىز ئېيتىڭە، ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگەرگەن بىلەن ، ئۇنىڭ قەلبى ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ . ئەگەر مۇمكىن بولسا ، مەن ئۇنى قايتىدىن خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئۇنى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىن قىلىمەن ،-دىدى قۇربان.

سەمەتنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ جاۋابلىرىدىن سەل ئاغرىنغان ئىدى . ھەمدە:

- بۇ ،قېتىم رەنا خېنىم كەلمەپتىغۇ ؟

- ئۇنداق ئەمەس .ئۇنىڭ ئازراق ئىشى بار.شۇڭلاشقا كېلەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ سەمەت بىلەن كۆرۈشسىمۇ تازا قاملاشمايدىغان ئىش . شۇنداققۇ ؟ ئاڭلىسام سىلەر ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويۇپسىلەر ، لېكىن ئۇ رەت قىپتۇ ،-دىدى، قۇربان .

ئۇ ،ئازراقمۇ تۈزۈت قىلماي مۇشۇ گەپلەرنى كەسكىنلىك بىلەن سەمەتنىڭ ئاپىسىغا دەۋاتاتتى


داۋامى بار …



 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k