
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 95 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 91 |
90 |
89 |
88 |
87 |
86 |
| 93 |
92 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
94 - قىسىم
سەمەتنىڭ كالىسدا مىڭ خىيال ئىدى. ئۇنىڭ ، شۇ تاپتا رەنانى ھازىرلا ئېلىپ كەتكۈسى بار . لېكىن قائىدە بويىچە ، ئۇ ئەتە كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كېتەلەيتتى .
قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا رەنا ئۈرۈمچىدە قېلىپ ئەرفاتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ دېگەن گېپى ئېسىگە كەلدى . ئۇ شۇ دەقىقىدە قۇرباننىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنىڭ بۇنداق ئاددى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى.
ئۇ كۆڭلىدە رەناغا كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن يەردە ئوغلى ئەرفاتقىمۇ بىرەر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى .ھەمدە تېز سۈرەتتە دوختۇرخانىغا قايتتى . ئۇ دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ، سۈرىيە ۋە فۇرقەت ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى . قۇربان بولسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا قاراۋاتاتتى . قۇربان سەمەتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداققىنە قاراپ قويدى. سەمەت كېلىپلا قۇرباننىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپلا كارىدورغا ئېلىپ چىقتى ھەمدە كىلىشتۇرۇپ يۇزىگە مۇش بىلەن بىرنى ئۇردى. قۇربان يەرگە يىقىلىپ چۇشتى..
- ساراڭ بۇلۇپ قالدىڭمۇ؟-دىدى قۇربان بۇرنىنى تۇتقىنچە؛
ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھە دەپ قان ئېقىۋاتاتتى . سەمەت بېرىپلا ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتتىدە:
-رەنا قەيەردە؟ بەش يىلنىڭ ياقى مەن ئۇنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسىرىغاندەك ئاسراپ كەلدىم.سەن ئۇنى ئۇرۇمچىدە دىمگەنمىدىڭ؟نىمىشقا يالغان گەپ قىلسەن؟ ئۇنى نىمىشقا يۇتتۇرۋىتىسەن؟ -دىگىنچە يەنە زەردە بىلەن ئۇنى ئۇردى.قۇربان مۇشتىن سەل ئىسىنى يىغقاندىن كىيىن:
-مەن چۇقۇم ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلمەن ،-دىدى.
-قۇربان،سەن ئۇنى قانداق قايتۇرۇپ ئەكىلسەن؟ئۇنى بىرەسى ئالداپ ئادەم بىدىكلىرىگە سىتۋەتكەن بولسا سەن ئۇنى قانداق قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى؟ سەن نىمىشقا ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلە قىلسەن؟-دىدى سەمەت ۋارقىرغىنچە.
-ياق ،،،ياق. ئۇنداق بولمايدۇ! رەنا بۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقمايدۇ،-دىدى.
- رەنانى ، كىم تۇتقۇن قىلدى ؟ زادى كىم ، ماڭا ئېيتىپ بەر ؟-دىدى.
قۇربان بۇۋاقىتتا گەپ قىلماي جىم تۇراتتى.
-قۇربان ساڭا ئېيتىپ قوياي، ھازىر سۈرىيەنى جىددىي قۇتقۇزىۋاتىدۇ .ئەگەر رەنا بىلەن ئەرفاتقا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مەن سىزنى ئۆلتۇرۋىتمەن ،-دىدى غەزەب بىلەن سەمەت .
قۇربان گەپ قىلماي بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە يەرگە قاراپ جىم تۇراتتى.
-ماڭا ۋەدە بەرگىن؟ ئەرفات بىلەن سۈرىيەگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىن. سەن رەنانى قايتۇرۇپ ئەكلىسەن شۇنداقمۇ؟-دىدى سەمەت.
-ئەرفات ،مىنىڭ ئۇغلۇم. مەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمەن.رەناغا كەلسەك، مەن ئۇنى تىپىپ كىلىپ بۇرۇنقىدەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلمەن،-دىدى قۇربان.
سەمەت ئارتۇق گەپ قىلماي ، سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
-ئاڭلىسام ،سەن ئاپام بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئاراڭلاردا سودا توختامى بار ئىكەن . ھازىر رەناغا ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن سەن خوش بولۇپ كەتكەنسەن ؟-دىدى سەمەت.
-سودا توختامنىڭ ئىشىنى ئاپاڭ ئۆزى چىقاردى. مەن پەقەت ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن بۇ تەلەپلىرىگە قوشۇلدۇم،-دىدى قۇربان.
- شۇنداقمۇ؟ بوپتۇ، بۇنىڭدىن كىيىن ئىككى ئائىلىدە ھېچقانداق قەرز قالمىدى . بۇ ئىش ياخشىلانغاندىن كېيىن سەنمۇ شاڭخەيگە كەلمىگىن بىزنىڭ ئائىلە سىنى قارشى ئالمايدۇ؟ ،-دىدى سەمەت سۇغۇقلا.
- چاتاق يۇق. سىنىڭ خالىغنىڭدەك بولسۇن، -دىدى قۇربان پەرۋاسىزلا.
سەمەت ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى. قۇربان بولسا يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ كالىسى بەكلا قالايمىقان ئىدى. چۇنكى ،ھەربىر قەدەمدە پالاكەتلىك ئۇنى قارشى ئىلىپ تۇراتتى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى .
تېلېفوننى روزى ئۇرغان ئىدى .
–دېرىكتور، خوجىدار ئايالنىڭ ئۇچۇرى بولدى. ئەرفات يۇقاپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۇ ھىلقى خىميە زاۋۇتىغا بىرىپتىكەن،-دىدى.
قۇربان ھەيران قالدى. ئەجىبا ،ئۇ قەستەن مۇنىرەنىڭ نامىدا رەناغا ۋىيدىئۇ يولىغانمىدۇ ؟-دىدى. نۇرغۇن قالايمىقان خىياللار ئۇنىڭ كالىسنى چىرمايتتى.
-ئەمسە ئاخىرىچۇ؟ داۋاملىق تەكشۇرمىدىڭلامۇ؟-دىدى قۇربان.
-ياق ،تىخى.
ئۇ دەرھاللا سەمەتنىڭ گەپلىرىنى ئىسىگە ئالدى، ھەمدە:
-دەرھال، ئۇرۇمچىدىكى ۋوگزالدىن ئۆتكەن بارلىق يۇلىچىلارنى تەكشۇرگىن؟ ئەڭ مۇھىمى ئادەم بىدىكلىرنى تەكشۇرگىن؟-دىدى قۇربان. چۇنكى، ئۇ ئايالى ۋە ئۇغلىنىڭ ئادەم بىدىكلىرى تەرپىدىن سىتۋىتلش ئىھتىماللىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى.
قۇرباننىڭ بۇ ۋاقىتتا ،رەنا بىلەن ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدە يوقلىقىنى ئويلىسا ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ كېتەتتى.. ئۇ پۈتكۈل ئاماللارنى قىلىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى تاپالمىغان ئىدى. ئەجەبا، سەمەتنىڭ دېگىنىدەك ئادەم بېدىكلىرى ئۇلارنى سېتىۋەتكەنمىدۇ ؟
نۇرغۇن خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئەگىيتتى . بۇ ۋاقىتتا روزى سەل ھاڭۋىقىپ قالدى.
- دېرىكتور ،بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز ؟ دېمەكچى بولغىنىڭىز ،خېنىم بىلەن بەگزادىنى ئادەم بېدىكلىرى سېتىۋەتتى دېمەكچىمۇ ؟
-سەن بېرىپ دەرھال تەكشۈر؟ - دېدى قۇربان ۋارقىرىغىنىچە .
روزى ئارتۇق گەپ قىلماي تېلېفوننى قويىۋەتتى .
ئۇ سىرتقا چىققان ۋاقىتتا بىر سېستراغا ئۇچرىدى . بۇ سېستىرا قۇربانغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . سېستىرا ئۇنىڭ يالغۇز كارىدوردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
- سىز ،سۈرىيە خېنىمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتامسىز ؟-دىدى .
قۇربان ھېلىقى سېستىراغا قاراپ :
- نەچچە يىلنىڭ ياقى سۈرىيە مۇشۇ ئەھۋالدىمۇ ؟
-شۇنداق ، سۈرىيە خېنىم بەكلا بىچارە. لېكىن ،مەن ئۇنىڭ شۇنچىلىك قەيسەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . مەن ئۇنىڭغا قاراۋاتقىلى 3يىل بولدى . بىر قېتىم ئۇنى جىددىي قۇتقۇزغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇنى قۇتقۇزالمايمىز دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن، سۈرىيە خېنىم گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن ئىدى . چۈنكى ،ئۇ كۆڭلىدە ئاپىسى بىلەن ئاكىسىنى ئەنسىرىتىپ قويمايمەن دەپ ئويلايتتى . ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان پىچاق ئىزلىرى بار. ئەگەر ئادەتتىكى بالا بولسا ، يىغلاپ بىر نېمە قىلىۋالاتتى ، لېكىن، ئۇ شۇنداق تىنچ تۇراتتى. ئۇنىڭ تېنچ تۇرغان ھالىتى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش يۈرەكنى كۆچۈرسەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا…دىيشىگە
-سېستىرا. ئەگەر، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يۈرەكنى تاپالاپ قالساق ئوپېراتسىيە مۇۋاپپىقىيەتلىك بولارمۇ؟
- دوختۇرنىڭ دېيىشىچە 65% مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىكەن . ھازىر دۇنيادا 100%لىك ئوپېراتسىيە يوق . بۇرۇن سەمەت دېرىكتور بىلەن سوفىيە خېنىم سۈرىيەگە ئوخشاشتى. ئۇنى ئىزدەيمىز دەپ نۇرغۇن جاپالارنى چەككەن . ھەم بىر نەچچىسىنى سىناپمۇ باققان . لېكىن ،سۈرىيە خېنىمنىڭ قان تىپى ئاز ئۇچرايدىغان تىپ بولغاچقا گەرچە ئوخشاش تىپنى كۆچۈرسەكمۇ قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىرغىچە بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىدى. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنىدا ئامال بار بولۇشى مۇمكىن ، بولۇپمۇ قان تىپى ئوخشاشلىقى . رەنا خېنىمنىڭ سىزنى ئىزدەشتىكى سەۋەبىمۇ مۇشۇ ،-دىدى سېستىرا .
قۇربان ھېچنېمە دىمەي جىم تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ، كېسەلخانا ئۆيىگە قاراپ ماڭماقچى بولۇۋېدى .
-دىرېكتور، كىرىپ كېتەمسىز ؟
-ھەئە ، كىرىپ قىزىمغا ھەمراھ بولاي .
قۇربان بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كىرىپ كېتىپ قالدى. سېستىرا ئارقىدىن يۇقىرى ئاۋازدا:
- قۇربان دىرېكتور، سۈرىيە خېنىم ھازىر ئۇخلاپ قالدى .بەلكىم ئەتە سەھەرگىچە ئۇخلىشى مۇمكىن .بولمىسا مەن سىزنى مېھمان قىلاي يېقىن ئەتراپتىكى قىزىل ھاراقنىڭ تەمى خېلى بولۇپ قويىدۇ؟- دېدى سېسترا .
قۇربان شۇ زامان رەت قىلىۋەتتى .
- بولدى ،رەھمەت. مەن كېرىپ قىزىمغا ھەمراھ بولاي. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوپېراتسىيىسى قىلساق .مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ، مەن ھاراق تاشلايمەن ،-دېدى .
- ئاڭلىشىمچە شاڭخەيدىكى چەت بىر رايوندا بىر كۆڭۇل ئىچىش يىرى بار ئۇ يەردە دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى خەۋەرلەرمۇ بار . سىز بېرىپ كۆرۈپ باقمامسىز ؟-دىدى سىستىرا.
- سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز قانداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؟- دېدى قۇربان .
-بارلىق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ . چۈنكى ئۇ يەردە ھەر قىسىم ھەر ساھەدىكى ئادەملەر كىرىپ، بىر بىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ . بەزىدە ئادەمنى ئاشۇ يەرگە يوشۇرۇپ ئالسىمۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى ھەرگىزمۇ تاپالمايدۇ . ئىشقىلىپ ھەر خىل پاراڭلار بولىدۇ ،-دىدى، سېستىرا .
سېستىرانىڭ گەپلىرى قۇرباننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى . ھەمدە سەل ئىككىلىنىپ قالغانىدى ، سېستىرا:
- ۋىيەي، بولدى. قۇربان دېرىكتور .ئەنسىرىمەڭ ئۇ يەر بىخەتەر ، ھېچنېمە بولمايدۇ. كېچىچە قايتىپ كەلگىلى بولىدۇ ،-دىدى.
- بولىدۇ. مەن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قىزىم بىلەن ئوغلۇمدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىللە بارايلى ،-دىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزلىكتە ئۇ ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ئۇ بىر كۆڭۈل ئېچىش رايونى بولۇپ قارىماققا تازىلىقى ئىنتايىن ناچار ئىدى . ھېلىقى رەنانى تۇتقۇن قىلغان قارا كىيىملىك ئادەم دەل شۇ يەردە بولۇپ ، ئۇ ئادەم ئۇ سېستىرانى تونۇيتتى . سېستىرا ئۇنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ھېلىقى قارا كىيىملىك ئادەم سېستىرانى كۆرۈپ سالاملىشتى سېستىرا قۇربان دىرىكتۇرغا:
- قېنى، ئەپەندىم. ئىچىگە كىرىڭ ،-دىدى.
ھېلىقى، قارا كىيىم كيىگەن ئادەم قۇربانغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن گەپ قىلمىدى . قۇربان كىرگەن بۇ يەرنىڭ ناھايىتى ياخشى جاي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى . بەزىلىرى قىمار ئويناۋاتقان بەزىلىرى قارتا ئويناۋاتقان ، بەزىلىرى ناشايان ئىش قىلىۋاتقان ھېچكىمنىڭ ، ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئىدى . ئۇ خۇددى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ:
- بولدى. مەن قايتىپ كېتەي . مېنىڭ ئىشىم بار دەپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ھېلىقى سېستىرا ئۇنى توسۇۋالدى .
-قىزقارلىق ئىشلار بار ئەپەندىم . ھازىر قايتىپ كەتسىڭىز قانداق بولىدۇ. قىزىقارلىق ئىشلار ئىچىدە تۇرسا دەپ قۇرباننى توسۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىچىگە كىردى . راست دېگەندەك ، ئىچىدە ھەر خىل پاراڭلار بولىۋاتاتتى ھەمدە قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر قۇربان ۋە قادىرنىڭ ئۆيدىكىلەر توغرىسىدا ھەر خىل پاراڭلار بولۇۋاتاتتى. توساتتىن قارا شەپكە كەيگەن بىرى؛
-ئاڭلىسام قۇربان بەگزادىنىڭ ئۆيدە نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بېرىپتۇ .ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئوغلى يۈتۈپ كېتىپتۇ. مېنىڭ بىر يۇرتدىشىم ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ،ھېلىقى قۇرباننىڭ ئوغلى يۈتۈپ كەتكەن كۈنى ئاخشىمى ئۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ جەسىتىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىكەن. بەش ، ئالتە يەتتە ياشلىق بالىلار بار ئىكەن .دىيشىگە قۇربان چاچراپ چىقىپلا ھېلىقى ئادەمنىڭ ياقىسىدىن ئالدى- دە:
- سەن بايا نېمە دېدىڭ ؟ سېنىڭ قايسى يۇرتدىشىڭ؟ ئۇ ھازىر قەيەردە ؟-دىدى.
تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ئەندىكىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم :
-سەن كىم مېنى قويىۋەت ؟- دېدى .
-گېپىمگە جاۋاب بەر !بولمىسا يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايمەن ؟- دېدى قۇربان زەردە بىلەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىنىغا ئىسىپ يۈرگەن بىر پىچاقنى ئالدىدە ھېلىقى ئادەمنىڭ گېلىغا تەڭلىدى . ھېلىقى ئادەم قورققىنىدىن ئىشتىنىغا سىيۋىىتەي دەپ قالغانىدى .
- ئەپەندىم ، مەن پەقەت يۇرتدىشىمدىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان. سىز ،زادى نېمىنى بىلمەكچى سىز بىلمەكچى بولسىڭىز ، مەن سىزنى باشلاپ ئاپىراي .
- ئەمىسە ،تېز ماڭ ؟-دىدى قۇربان كەسكىنلا. ئۇ ئىككى ئادەم سىرتقا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا سەمەت دېرىكتورنى ئۇچرىتىپ قالدى ؟
- سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن ؟ -دېدى سەمەت .
-سەنچۇ، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن ؟
-چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟ مەن قەيەرگە بارسام بولىۋېرىدۇ ؟
-ھە ، بوپتۇ . ئۇنداقتا، مېنىڭ يولۇمنى توسمىغىن ،-دىدى قۇربان.
ھازىر، قۇرباننىڭ كاللىسىدا ھېلىقى ئادەم ئىدى . چۈنكى ، ئۇ مۇشۇ ئادەم ئارقىلىق ئوغلى ۋە رەنانىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقچى ئىدى .
قۇربان ھېلىقى ئادەمنى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى . سەمەت يېنىدىكى ئادەمگە پۇل چىقىرىپ تۇرۇپ:
- بۇ زادى نېمە ئىش؟ دەپ سورىدى.
ھېلىقى ئادەم سەمەتنىڭ قولىدىكى پۇلنى كۆرۈپ .باي بولغان ئىشلارنى سەمەتكە بىر قېتىم دەپ بەردى .
ھازىر ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت رەنالا بار ئىدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



