
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 112 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
| 30 |
29 |
28 |
27 |
26 |
25 |
| 36 |
35 |
34 |
33 | 32 |
31 |
| 42 |
41 |
40 |
39 |
38 |
37 |
| 48 |
47 |
46 |
45 |
44 |
43 |
| 54 |
53 |
52 |
51 |
50 |
49 |
| 61 |
60 |
59 |
57-58 |
56 |
55 |
| 67 |
66 |
65 |
64 |
63 |
62 |
| 73 |
72 |
71 |
70 |
69 |
68 |
| 79 |
78 |
77 |
76 |
75 |
74 |
| 85 |
84 |
83 |
82 |
81 |
80 |
| 91 |
90 |
89 |
88 |
87 |
86 |
| 97 |
96 |
95 |
94 |
93 |
92 |
| 103 |
102 |
101 |
100 |
99 |
98 |
| 109 |
108 |
107 |
106 |
105 |
104 |
| 110 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
111 - قىسىم
سۈرىيە ئاپىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ . قولىدا ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى.
-ئاپا، يىغلىماڭ! مېنىڭ ھېچقانداق يېرىم ئاغرىمىدى ؟ -دىدى سۇرىيە.
- ئاغرىسىمۇ ھېچقىسى يوق . ئاپاق قىزىم .مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن .بۈگۈندىن باشلاپ سىز قەيەردە بولسىڭىز ، مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن ،- دېدى رەنا قىزىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ . -ئاپا ، ماڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىڭچۇ
- بولىدۇ. قايسى ناخشىنى ئاڭلىغۇڭىز بار ؟
- ئاپام قانداق ناخشا ئېيتسا مەن ياخشى كۆرىۋېرىمەن،- دېدى سۈرىيە .
رەنا قىزنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ ئۇنى ئەللەي ئەتكەچ باغرىم بالام دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى . قۇربان كېلىپ ، بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ، كۆڭلى سەل بىئارام بولغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قېيىن ئاپىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئاپىسى قۇرباننى كۆرۈپ:
- ھازىر ،بۇ ئەھۋالدا پەقەت رەنالا سۈرىيەنى ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگۈزەلەيدۇ ،-دىدى ئاپىسى.
- بىراق ، رەنا ئۇ كېسەل تۇرسا ئۇنىڭمۇ سالامەتلىك ئەھۋالى پەقەتلا ياخشى ئەمەس نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇ ھېچنېمە يېمىدى . ئېيتىڭە؟ مەن بۇ ئۆمرۈمدە قايسى قىلغان ئىشلىرىمغا بۇنداق جازالىنىدىغاندىمەن .
- قۇربان، قالايمىقان سۆزلىمە ؟-دىدى ئاپسى.
قۇربان جىم بولۇپ قالغانىدى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن روزىمۇ يېتىپ كەلدى . ئۇ قۇرباننىڭ ئارقىسدا تۇرۇپ بوش ئاۋازدا:
- دېرىكتور ، مۇتەخەسسىسلەر كەلدى .
- ئەمىسە ، تېز تەكلىپ قىل !-دىدى قۇربان.
بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز رەنا ۋارقىرىۋەتتى .
- نېمە ئىش بولدى ؟- دەپ سورىدى قۇربان .
-سۈرىيە ئايلىنىپ كەتتى. تېز ئۇنى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئەكرەيلى دىگىنچە سۇرىيەنى ئىلىپ ئوپېراتسىيە ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى .
-روزى سەن دەرھال مۇتەخەسسىسلەرنى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرگىن!-دىدى قۇربان ۋارقىراپ تۇرۇپ.
-بولىدۇ،-دىدى روزى ھەمدە كىچىكتۇرمەي چىقىپ كەتتى. ئاپىسى بىلەن رەنا تىزلىكتە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىردى .
- جىددىيلەشمىگىن. ئوغلۇم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم . سۈرىيەگە ھېچ ئىش بولمايدۇ ، مەن ساڭا ۋەدە بىرەي . بىزنىڭ مال مۈلكىمىز قۇرۇپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنى چۇقۇم داۋالاپ ساقايتىمىز ،- دېدى ئاپىسى . رەنا بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا تەسىرلەنگەنىدى .
-كەچۈرۈڭلار بەش يىلدىن بۇيان مەن .…
- بولدى. ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئىشلاردا ھېچكىمنىڭ خاتالىقى يوق. بىز ھەممىمىز سۈرىيەگە ياخشى بولسۇن دەيمىز رەنا . مەيلى سىز بۇرۇن قانداق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىزدىن قەتىينەزەر سىز دېگەن بىر ئانا. سۈرىيە سىزگە موھتاج ، سىز چۇقۇم ياخشى داۋالىنىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشىڭىز كېرەك . چۈشەندىڭىزمۇ ؟-دىدى قىيىن ئاپىسى.
رەنانىڭ كۆڭلى بەك يېرىم ئىدى. لېكىن ،بېشىنى لىڭشىتتى .
-سۈرىيە ماڭا نىسبەتەن ئۇ مېنىڭ ھاياتىمغا تەڭ،- دېدى رەنا.
-سىز ھەرگىزمۇ قورقماڭ !بۇ جەڭدە يېڭىشىڭىز كېرەك. ھازىر، ھەممە نەرسىلەر ئۆزگەردى . سۈرىيە بەكلا قەيسەر .سىز ئۇنى مۇشۇنداق قەيسەر قىلىپ تەربىيىلىدىڭىز. دېمەك سىز بىر ئۇلۇغ ئانا. مەن بىزنىڭ ئائىلىگە ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . ئۇ كىچىك چېغىدا، مەن ئۇنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ باقمىدىم . سىز ئۈچۈن ئەرفات ئۈچۈن ئۇ ئاخىرى دېمەي ، تۇرالمايتتى. ئەجەبا ،ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەسمەنمۇ ؟ رەنا بەزى ئىشلارغا ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ سىز ماڭا ئىشىنىڭ، سىز سۈرىيەنى مۇشۇنداق قەيسەر قىلىپ تەربىيىلىدىڭىز . سىز ئۆزىڭىزدىن غالىپ كەلدىڭىز ، شۇنداققۇ ؟- دېدى قېيىن ئاپىسى .
- كەچۈرۈڭلار ، مەن بۇنداق ئويلاپ باقماپتىمەن ،-دېدى رەنا.
- مەندىن كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ؟ كەچۈرۈم سورىغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق . ئەكسىچە ،بىزنىڭ ئائىلە سىزدىن كەچۈرۈم سورىسا توغرا بولدۇم . نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىڭىز يالغۇز بۇ ئىككىيلەننى بېقىپ چوڭ قىلدىڭىز . 5يىل بۇرۇن مەن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشىڭلارغا مىنىڭ كارىم بولمىدى . مەن ئويلايمەن ئىككىڭلارنىڭ نەتىجىسى چىقمايدۇ دەپ ئويلايتتىم . ئوغلۇم سىز بىلەن توي قىلدى . ئۇ سىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ، ئوغلۇم راستىنلا ئۆزگەردى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلالمىدى . خالاس.ھىلقى ئوت ئاپىتىدە بىز تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى ئويلاپ باقماپتۇق . لېكىن ، سىز قەيسەرلىكىڭىز بىلەن ئەرفاتنى ، سۈرىيەنى ئۆزىڭىزنى ساقلاپ قالدىڭىز . دېمەك سىز بەكلا قالتىس . رەنا. سۈرىيە چۇقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .ماڭا ئىشىنىڭ ،قۇربانغا ئىشىنىڭ . بىزنىڭ ئائىلىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىڭ . ئەگەر سىز بۈگۈنكى كۈندە ۋاز كەچسىڭىز ئائىلىنىمۇ ، قۇرباننىمۇ ۋەيران قىلغان بولىسىز ،- دېدى قېيىن ئاپىسى .
رەنا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى . چۈنكى، قېيىن ئاپىسىمۇ بىر ئاپا .بۇ تەرەپلەرنى ئوبدان چۈشىنەتتى . شۇڭا ، ئۇ بۇ قىيىنچىلىقنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى ئويلىدى. .
رەنا بۇ ۋاقىتتا ئويلىنىۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ قېيىن ئاپىسىنڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشەنگەن ئىدى . 5يىل بۇرۇنقى ئائىلە ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر بىرلەپ ئۇنىڭ قىشىغا قايتىپ كىلۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ بىر غەيرەتكە كېلىپ:
- ئاپا ، مەن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدىم ،- دېدى .
قېيىن ئاپىسى ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- مەن سىزگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەي ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ . فۇرقەت سىزگە ھەمراھ بولسۇن ،- دېدى .
- ماقۇل . ئاپا ،-دېدى رەنا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ فۇرقەت بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ كېسەلخانىسىغا قايتىپ كىرىپ كەتتى . كېسەلخانا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن فۇرقەت رەنانىڭ چىرايىغا قاراپ:
-ئاپا ، سىز راستتىنلا كېسەل بولۇپ قالدىڭىزمۇ سىزگە زادى نېمە بولدى ؟- دېدى فۇرقەت .
رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى .مەن ئازراق چارچاپ قالدىم . ئازراق ھورۇن بولۇپ قاپتىمەن . ماڭا ئېيتىپ بەرگىن ، مۇسا سىلەرنى قانداق تەربىيلەيتتى ؟
بۇ ۋاقىتتا ،فۇرقەت تەربىيىلىنىش جەريانىنى بىر بىرلەپ رەناغا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى . رەنا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ھېچقىسى يوق ، مەن بەكلا ياخشى .… بىراق مومام سىزنى ئاغرىپ قالدى دەيدۇ . ئاپاڭنىڭ كېسىلى يۈرەك كېسىلى. ئاپاڭغا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ دەيدۇ ،- دېدى فۇرقەت . رەنا ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئەرفاتنى ئويلىدى . ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئوغلىنى بەكمۇ سېغىنغانىدى . بۇ ۋاقىتتا فۇرقەت ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ:
- ئاپا ، خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئاكامنى چۇقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىمەن ،- دېدى . بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، قېيىن ئاپىسى بىر قاچا تاماق كۆتۈرۈپ يېتىپ كەلدى . تاماقنىڭ پۇرىقىنى پۇراپلا رەنانىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن ئىدى . لېكىن ، ئۇ قۇرباننى ئويلاپ ، ئۆزىنىڭ قىزى سۈرىيەنى ئويلاپ ، يەنىلا ئۆزىنى بېسىپ جىم تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن رەنا بوش ئاۋازدا:
- ئاپا ، سىز فۇرقەتنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭ ، مەن ئۆزۈم يالغۇز بولسام بولاۋېرىدۇ .
- مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ ؟- دېدى قېيىن ئاپىسى ئەنسىرەپ .
رەنا بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
- ئاپا ، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ ؟- دېدى .
–ئەمىسە، مەن ئىشىك تۈۋىدە سىزنى ساقلاپ تۇراي. بىرەر ئىش بولسا بىزنى چاقىرىڭ ؟-دېدى قېيىن ئاپىسى.
-ماقۇل ، ئاپا .
شۇنىڭ بىلەن فۇرقەت بىلەن قېيىن ئاپىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى . كېسەلخانا ئۆيدە رەنا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى .ئۇ قاچىدىكى تاماقنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېلىشقا باشلىدى . لېكىن، ئۇ شۇنداقتىمۇ قىزى سۈرىيە ئۈچۈن يولدىشى ئۈچۈن تاماقنى ياخشى يەپ بالدۇرراق ساقىيىپ تۇرشىنى بەكمۇ ئۇمۇد قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زورمۇزور ئۈستەل ئۈستىدىكى تاماقنى ئالدى دە بىر قوشۇقتىن ئاغزىغا سېلىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكى تاماقنى تەستە سىڭدۈرىۋاتاتتى . شۇنداق ، قىلىپ ئۇ چىدامچانلىق بىلەن ئاخىرى بىر قاچا تاماقنى يەپ بولدى . ئۇ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن كۆڭلى بەك ئېلىشىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ ئىچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ياخشى ئارام ئېلىپ ، بالدۇر ساقىيىشىم كېرەك كارىۋاتقا چىقتى- دە ئۆز ئۆزىنى ئۇخلىتىشقا باشلىدى .
سىرتتا بولسا فۇرقەت بىلەن قېيىن ئاپىسى پاراڭلىشىپ تۇراتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار كېسەلخانا ئۆيگە كىردى ، قارىسا رەنا ئۇخلاپ قالغانىدى . ئۇلار كېسەلخانا ئۆيگە كىرىپلا ئۇياندىن بۇيانغا مېڭىشقا باشلىدى .
- ئوغلۇم .مىدىرلىما! - دېدى قېيىن ئاپىسى .
-بىراق ،ئاپامدا ھېچقانداق ئاۋاز يوققۇ ؟-دېدى . فۇرقەت .
-سەن ئاپاڭغا ئىشەنگىن . ئاپاڭ بەكلا قەيسەر. ئۇ سەن ئۈچۈن ئەرفات ئۈچۈن قىزى سۈرىيە ئۈچۈن چۇقۇم بەرداشلىق بېرەلەيدۇ . سەن دېگەن ھازىر قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بالىسى . شۇڭا بەزى ئىشلاردا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ،- دېدى مومىسى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



