
…………
…………



🦋
ئامالسىزلىق
ئابابەكرى توختى
سېغىنىشنىڭ بۇنچە دەھشەتلىكىنى
ئەمدى ھىس قىلدىم
يالغۇزلىقىم
ئۇۋۇلۇپ كەتكەن تاشلاردەك
پارە ـ پارە بولغاندا
لېۋىمنى سوزدىم
قىلىچقا ئايلاندى شاماللار
باغرىمنى ئاچتىم
تۆمۈر تىكەنلىرىنى سانچىدى گۈللەر
قولۇمنى ئۇزاتتىم
توزۇپ كەتتى ئىككى ئاسمان
يۈرىكىمنى يالىڭاچلىدىم
مۇكۈۋالماقچى بولدى
ئارقاڭدىن ئەگىشىپ كەلگەن
قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار
كەل
قورقما
تەييارلاندىم ھەممىگە
قېچىپ كېتەيلى بىر ـ بىرىمىزگە
2019-4-13سەھەر، خېنەن ـ خېبى شەھىرى
♡

🦋


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

