大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 113 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 113 - قىسىم aybarawazi
2024-05-11
3
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 114 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98
109
108
107
106
105
104



112
111
110


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


113 - قىسىم 


 قۇربان ئەسنىگىنىچە ئۇخلاپ كەتتى .

 بۇ ۋاقىتتا رەنا ئويغىنىپ فۇرقەتنىڭ قېشىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردى . رەنا ئاستا يوتقاننى قايرىپ كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئۇ كېسەلخانا ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشىغا ئامانلىق ساقلىغۇچى ، ئۇنى كۆرۈپ  ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدى . 

-قېيىن ئاپام قېنى ؟

- خانىم ئايلىنىپ چۈشكەن ئىدى .  جىددىي قۇتقۇزۋاتىدۇ ،-  دېدى ئامانلىق ساقلىغۇچى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېز سۈرەتتە ئوپېراتسىيە خانىنىڭ ئالدىغا باردى ،  بۇ يەردە روزى تۇراتتى. -روزى قۇربانچۇ؟ - دېدى ئەنسىرەپ . 

-خوجايىن ئىسمايىل ئەپەندىم بىلەن پاراڭلاشقىلى ئارقا ھويلىغا چىقىپ كەتتى .

 -قېيىن ئاپامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟-  دېدى رەنا . 

روزى بولغان ئىشلارنى رەناغا ئېيتىپ بەردى . رەنانىڭ كاللىسى قالايمىقان خىيالغا توشقانىدى . بۇ ۋاقىتا ئوپېراتسىيەخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى .

 -دوختۇر ،خانىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ -دېدى روزى ئالدىراپ . 

دوختۇر روزىغا قاراپ  ئەتراپتا قۇرباننىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ:

- قۇربان دىرېكتورچۇ ؟-دەپ سورىدى . رەنا بوش ئاۋازدا:  

- ئۇ ھازىر ئارام ئېلىۋاتىدۇ ، مەن ئۇنىڭ ئايالى . ھازىر ياتقان خانىمنىڭ كېلىنى ،نېمە ئىش بولسا ماڭا دېسىڭىز بولىدۇ .

- توغرا ، توغرا. بۇ ئايال بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادىمى .نېمە ئىش بولسا ئۇنىڭغا دېسىڭىز بولىدۇ ،- دېدى روزى. 

-ئەمىسە، بىز ئىشخانىغا كىرىپ سۆزلىشەيلى ،-دېدى دوختۇر .

 شۇنىڭ بىلەن رەنا دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى . دوختۇر بىر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: 

- خانىمنىڭ ئەھۋالى    چاتاقراق .

- زادى نېمە ئىش بولدى ؟ ماڭا ئېيتىڭچۇ ؟- دېدى رەنا .

دوختۇر قېيىن ئاپىسىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى رەناغا تەڭلىدى .

- بۇ خانىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ، ئۇ ياش چېغىدىلا ياخشى ئەمەس ئىكەن . ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئىش يۈز بەرگىننى مەن بىلمەيلا قالدىم . ئۇ بەلكىم كۆپ مىقداردا يەرلىك رېتسىپ ئىستېمال قىلغان بولۇشى مۇمكىن . بىز مىللى  داۋالاشنى ئېلىپ بارساق .  خانىم ئۆزى يەرلىك داۋالانسا ، بىز ئۇنى ئانچە توغرا كۆرمەيمىز . چۈنكى، يەرلىك رېتسىپنى كۆپ ئىستېمال قىلغان ۋاقىتتا دورىنىڭ تەركىبىدىكى بەزى زەھەرلىك ماددىلار ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بەدەندە يوشۇرۇنۇپ زەھەر ھاسىل بولىدۇ . ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئادەمنىڭ بەدىنى زەئىپلىشكە باشلايدۇ . بىراق ،مەن ئىنچىكە تەكشۈرۈپ چىقتىم . لېكىن، خانىمنىڭ بەدىنىدە راستىنلا يەرلىك زەھەرلەر بار ئىكەن ھەمدە ئاشۇ زەھەرلىك ماددىلار ئۇنىڭ بەدىنىگە تارقاپ كېتىپتۇ . گەرچە، نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولغان بولسىمۇ بىراق ، زەھەر ئۇنىڭ بەدىنىنى كونترول قىلىۋاپتۇ ،-دېدى دوختۇر . 

-ئۇنى داۋالىغىلى بولارمۇ ؟ 

 دوختۇر بېشىنى لىڭشىتىپ: 

- بىز ئۈلگۈرەلمىدۇق ؟ 

- بۇ ،سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز ؟ 

-دېمەكچى بولغىنىم خانىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى پەقەتلا ياخشى ئەمەس .سىز بۇ يەرگە قاراڭ !

 ئۇ شۇنداق دېگىنىچە دوكلات قەغىزىنى رەناغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . ئۇ قېيىن ئاپىسىنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدى . دوختۇر بىرەر قۇر قېيىن ئاپىسىنىڭ ئەھۋالنى  رەناغا چۈشەندۈردى . رەنانىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولغان ئىدى . چۈنكى ،ئۇ قېيىن ئاپىسىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ دۇنيادىن كىتىشىنى خالىمايتتى . 

-دوختۇر ، ئۆتۈنۈپ قالاي. قانچىلىك پۇل خەجلىسەك مەيلى ئۇنى چۇقۇم داۋالاپ ساقايتىڭ! ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭ!-  دەپ يالۋۇردى رەنا . 

بىراق ، دوختۇر ئۆزىنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. 

-رەنا خېنىم . مېنىڭچە، سىز بۇ ئىشنى قۇربان دېرىكتور بىلەن ياخشى مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭ . ئەگەر بىز خانىمنى خىمىيە ئۇسۇلى بويىچە داۋالىساق  چاتاق چىقمايدۇ .لېكىن ئۇنىڭ بەدىنى بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق ، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس ،-دىدى، دوختۇر .  

رەنا، بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى يىرىم بولدى  . رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئۇ روزىغا قاراپ: 

- قۇربان ئارقا ھويلىدا شۇنداقمۇ ؟ 

-ھەئە.

- ماڭا،ھېلىقى نېپىز گىلەمنى ئەكىلىپ بېرىڭ . دېدى رەنا .

 روزى ھاڭۋېقىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمدى .لېكىن، كېچىكتۈرمەي بىر پارچە گېلەمنى رەناغا ئەكىلىپ بەردى . رەنا گىلەمنى ئالغىنىچە ئارقىغا چىقىپ كەتتى . بېرىپ قارىسا قۇربان ئۇخلاۋاتقان ئىدى . رەنا ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بەكلا كۆڭلى يېرىم بولغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىدىكى نېپىز گېلەمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى . بۇ ۋاقىتتا ، ئىسمائىل رەنانى كۆرۈپ:  

-سىز يەڭگەم بولامسىز ؟

- سىز .…!

-  مېنىڭ ئىسمىم ئىسمايىل .قۇرباننىڭ ئاغىنىسى ،- دېدى ئىسمايىل دەرھاللا قولىنى چىقاردى.

 رەنا ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشتى .ھەمدە بوش ئاۋازدا: 

- ئۇ ئۇخلىمىغىلى قانچە ئۇزۇن  بولدى ؟

- ئۈچ كۈن بوپتۇ ئۇخلىمىغىلى .

 قۇربان زە ھەربىيلىككە قاتناشقان ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنداق ئىدى .

 بۈگۈن كۈنگە كەلگەندە قېرىندىشىم نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقۇپتۇ . لېكىن، ئۇ ۋاز كېچىپ باقمىدى . لېكىن ،بىر ئادەمنىڭ كۇچى چەكلىك بولىدۇ . لېكىن ، يەڭگە سىز ياخشىراق ، بۇ ئاغىنەمگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ . بۇ ئاغىنەمگىمۇ ئاسان ئەمەس .

-رەھمەت ، سىزگە .مەن بىلدىم ،- دېدى رەنا . ئۇ قۇرباننىڭ قېشىغا كېلىپ ، ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردى. نۇرغۇنلىغان قالايمىقان خىياللار ئۇنىڭ كاللىسدا بار ئىدى.  ئىسمايىلمۇ ئۆزىنى سوراپ چىقىپ كەتتى،   بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ قۇربان ئويغانمىدى .شۇنىڭ بىلەن رەنا ئۇنىڭ پىشانىسىگە يىنىككىنە سۇيۇپ قۇيۇپ  كىسەلخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  ئۇ كېسەلخانا ئۆيدىن چىقىپ ئوپېراتسىيەخانىغا كىرىپ قېيىن ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقماقچى بولدى . بۇ ۋاقىتتا قېيىن ئاپىسى  ئۇخلاپ قالغانىدى . رەنا ئاستا بېرىپ لۆڭگىنى ئىسسىق سۇدا ھۆل قىلىپ ، قېيىن ئاپىسىنىڭ يۈزىنى سۈرتۈشكە باشلىدى . قېيىن ئاپىسى ئويغاندى.

-سىز كېسەلچان تۇرۇپ ، نېمىشقا مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغىلى كەلدىڭىز ؟

- ئاپا ، بۇ دېگەن مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم .

قېيىن ئاپىسى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى . 

-قېنى قېشىمغا كېلىڭ !مەن سىزگە بىر نەرسە بېرەي . رەنا  ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى . قېيىن ئاپىسى يانچۇقىدىن بىر تال كىچىك قۇتىنى ئېلىپ رەناغا تەڭلىدى . بۇ نەرسە مېنىڭ ئەجدادىمدىن قالغان تەۋەرۈك. بۇنى مەن ھازىر كىلىنىمگە تاپشۇرماقچىمەن . بۇنى بىزنىڭ ئائىلىدىكى ئايال خوجايىن  بولغان ئادەملەر ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ نەرسىنى سىزگە تاپشۇردۇم .بۇنىڭدىن كېيىن قۇرباب بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتىمۇ بىللە بۇلشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن؟-دىدى قىيىن ئاپسى .

- ئاپا ، مەن بۇ نەرسىنى ئالالمايمەن. سىزنىڭ ئوغلىڭىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتكۈڭىز يوقمۇ؟ -  ئەلۋەتتە .

-بىللە ئۆتكۈم بار.

 بىراق، بۇ نەرسىنى ماڭا بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوقتە ؟

-بالام ، مېنىڭ كۆپ ۋاقتىم قالمىدى ،- دېدى قىيىن ئاپسى.

-  بار ئاپا ، سىز قالايمىقان سۆزلىمەڭ.

- ۋاي بالام . مەندىن يوشۇرماڭ . قۇربان سالامەتلىك ئەھۋالىمنى تەكشۈرتكەن . ئۇ ۋاقىتتا مەن سالامەتلىكىمدىن چاتاق چىققانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغان ئىدىم . مەن چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمدا بەدىنىم توختىماي ئاغرىيتتى .لېكىن تەكشۈرتۈپ باقمىدىم. لېكىن ، بۈگۈنكى كۈندە ئايلىنىپ چۈشۈپ  ۋاقتىمنىڭ ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ،-دېدى .

- ئاپا ، سىز بۇنداق دېمەڭ. دوختۇر ،سىزنى بەك ھېرىپ كەتكەچكە مۇشۇنداق بولدى دەيدۇ .

- بولدى بالام . ماڭا تەسەللىي بەرمەڭ. ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۆزۈمگە ئايان قانچىلىك ياشىيالايمەن تېخى بىلمەيمەن ھازىر دېگەن گەپلىرىمنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ!  ھازىردىن باشلاپ سىز مېنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىمنى يېرتىۋىىتڭ. ئەگەر قۇربان كېلىپ سوراپ قالسا ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىغانلىقىمنى  ھېرىپ كەتكەچكە  ئايلىنىپ چۈشكەنلىكىمنى ئېيتىڭ . ھەمدە ئارتۇق داۋالاشنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى ئېيتىڭ . مەن بۇياشقا كېلىپ قالدىم .يەنە داۋالىنىشىمنىڭ ھاجىتى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇمنىڭ بېشىدا نۇرغۇنلىغان غەم ئەندىشە بار. ئوغلۇم بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدۇ . سىز بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى. مەيلى ، سىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇڭ .سىز ئۈرۈمچىدە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىردىنبىر ئايال خوجايىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟-دىدى قىيىن ئاپىسى.

- ئاپا ،بۇ سىزنىڭ نىم دىگنىڭىز؟

 

-  مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، مەن قۇربان بىلەن ئىككىڭلارغا يەنە بىر قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەي دەيمەن .

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، رەنا ھەيران قالدى . 

-توي، ياق كېرەك ئەمەس . ھازىر قۇرباننىڭ ئەھۋالى بۇ تۇرسا ئاپا . پەقەت سىز ئېتىراپ قىلسىڭىزلا ، مەن باشقىلار نېمە ئويلىسا، مېنىڭ كارىم يوق . 

- لېكىن ، بەزى ئادەملەر بۇنىڭغا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ . چىرايلىق  قىزىم . مەن سىزنىڭ بىزنىڭ ئائىلىگە ھېچقانداق غەرىزىڭىز يوقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن . لېكىن، سىز مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ!- دېدى قېيىن ئاپىسى رەنانىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، رەنا قېيىن ئاپىسىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى سەزگەندەك بولدى 



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k