大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 114 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 114 - قىسىم aybarawazi
2024-05-12
2
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 115 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98
109
108
107
106
105
104


113
112
111
110


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


114 - قىسىم 



رەنا قېيىن ئاپىسىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى سەزگەندەك بولدى . قېيىن ئاپىسى ئۇنىڭ قولىغا يېنىككىنە ئۇرۇپ قويۇپ: 

- بۇ بولسا بىزنىڭ ئەجدادلارنىڭ قالدۇرغان بىردىنبىر مۈلۈكى. ئۇ پەقەت ئائىلە باشلىقى ئايال خوجايىننىڭ قولىدىلا تۇرىدۇ . شۇڭا ، سىز، بۇ نەرسىنى  چۇقۇم ئوبدان ساقلىشىڭىز كېرەك. 

بۇ نەرسە كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ چۇشىدىمۇ ئىرىشەلمەيدىغان نەرسىسى.  بىزنىڭ ئائىلىگە كېلىن بولغان ئادەم چۇقۇم بۇ تەۋەررۈكنى تاقىشى كېرەك .مېنىڭ يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى. ئەمدى قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن ، تېخى ئۇنى ئۇنى بىلمەيمەن. بۇ ئۈزۈكنىڭ بىرسى قۇرباننىڭ قولىدا يەنە بىرسىنى مەن ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا، سىز بۇ ئائىلە ئۈچۈن كۆپلىگەن بەدەللەرنى تۆلىگەن ئىدىڭىز ،لېكىن مەن ئىرەن قىلمىغان ئىدىم. ھەم سىزگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان ئىدىم. مەن بەكلا ۋىجدان ئازابى تارتىمەن ،- دىدى قىيىن ئاپىسى.

  رەنا سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

-  ئاپا ، مەن بۇ ئۈزۈكنى تاقاشقا سالاھىيىتىم توشارمۇ ؟-دىدى تارتىنىپ تۇرۇپ.

- سالاھىيىتىم توشارمۇ توشماسمۇ دەپ ئۇنداق ئويلىماڭ .قۇربان سىزنى ئىتراپ قىلدى.  مەن سىلەرگە ئانا بالىلارنى قوللىمىغىنىمغا بەكمۇ پۇشايمان قىلىمەن ،-دېدى قېيىن ئاپىسى ئۇ قولىدىكى ئۈزۈكنى تۇتۇپ تۇرۇپ: -سىز بىزنىڭ ئۆيگە بۇنىڭدىن كېيىن  كىرگەندىن كېيىن چۇقۇم مەسۇلىيەت بويىچە بىزنىڭ ئائىلىنى باشقۇرۇشىڭىز كېرەك قۇربانغا ياخشى ، كۆيۈنۈپ بىزنىڭ ئائىلە جەمەتىنى ئوبدان قوغدىشىڭلار كېرەك ؟-دېدى قېيىن ئاپىسى . 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئاپا ، بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ .مىنڭ  ھازىر قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ . ھاياتىمغا كەلگەن ئېغىر سىناقلار مېنى چارچاتتى . لېكىن مەن بوشاشمىدىم. مەن قۇرباننى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن .بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن . مەن ئوغلۇمنى تېزراق تېپىۋالسامكەن دەيمەن قىزىمنى تېزراق ساقايسا ، ئۇ بىر نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش ياشىسا ، ئۇنىڭ خۇشال ھالىتىنى كۆرسەمكەن دەيمەن . ئاپا . بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەن ئۇقۇشماسلىق دەپ بىلدىم .لېكىن، مەن يەنىلا قۇرباننى ياخشى كۆردۈم .5يىل ھەتتا 5000يىل بولسىمۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايتتى . 5يىل جەريانىدا سەمەت مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى .سەمەتنىڭ قانداق ئادەملىكىنى سىزمۇ بىلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن ئۇ مېنى باققان ئەجرىگە شاڭخەيدىكى  قۇربان گۇرۇھىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋاپتۇ . ئۇ مېنى تېخى باغلاپ قويۇپ مەن بىلەن توي قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ، مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا سىز مېنىڭ ئاكامغا ئوخشاش ، مەن سىزنى ياخشى كۆرەلمەيمەن دېسەم ئۇنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرى قاراڭ؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئېلىشىدۇ ئادەملەر بەك رەزىل ئىكەن . جىق ئىشلارنى قۇرباننىڭ بىلمىگىنى ياخشى. مىنڭچە ، شاپائەتچىم ئاقكۆڭۈل شۇنداق ياخشى ئەر دەپ چاغلايتتىم . لېكىن، ئۇ قىزىمغا زىيانكەشلىك ، قىپتۇ . بەلكىم، مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئىز دېرىكىنىمۇ ئاشۇ بىلىشى  مۇمكىن.مەن ئەرفاتنى ئۇنىڭ قولىدىمىكىن دەپ ئويلايمەن،-  دېدى رەنا بىر ئۇھسىنىۋەتتى .

قىين ئاپىسى رەنانىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.  ئۇ بۇ ۋاقىتتا ، بىر نېمىلەرنى دېيىشنى ئويلايتتى يۇ ، لېكىن، ئۇمۇ راستنلا ئامالسىز قالغانىدى . ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى بىللە يەڭگىسى ئۇنىڭغا مەدەت بەرگۈسى كېلەتتى. لېكىن ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ زەئىپلىشىشى ئۇنىڭغا كرىزىس ئېلىپ كەلگەن ئىدى . توساتتىن ئىشىك چېكىلدى . روزى يىتىپ  كەلگەن ئىدى.  قۇرباننىڭ ئاپىسى روزىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى قۇربانغا ئېيتماسلىقىنى جىكىلىدى. روزى ئارتۇق گەپ قىلماي ماقۇل بولدى.

يېنىككىنە چىقىلغان سوغۇق شامال قۇرباننىڭ مەڭزىگە ئۇرۇلۇپ ، قۇرباننى ئۇيقۇسىدىن بۇزىۋەتكەن ئىدى . قىيىنچىلىقلار ئارىسىدا ئۇ 3كۈن كۆز يۇمماي ، ھەقىقەتەن چارچىغان ئىدى . ئۇ ئۈستىگە يېپىلغان نېپىز ئەدىيالنى كىمنىڭ يېپىپ قويغانلىقىنى ئويلىدى ئۇ يەنىلا رەنانى ئەسلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلەمنى ئېلىپ ، دەرھال كېسەلخانا ئۆيگە كىردى . قارىسا روزى رەنا ئاپىسى ئۈچى پاراڭلىشىۋاتاتتى . روزى قۇربانغا قاراپ سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن: 

- دىرېكتور ئەرفاتنىڭ خەۋىرى بولدى .

-قانداق ، ئۇ قەيەردە ئىكەن ؟

- ئۇنى سەمەتنىڭ ئادەملىرى تۇتۇۋاپتۇ. سەمەت بەكلا رەزىل ئەبلەخ ئىكەن .ئۇنى نەچچە پارە قىلىۋەتكۈم بار.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇربان ھەيران قالدى. رەنامۇ ، قېيىن ئاپىسىمۇ ئەرفاتنى  بەكلا سېغىنغانىدى . قۇرباننىڭ كاللىسى غەمگە تولدى . ئۇ سەمەتنىڭ قولىدىن ئوغلىنى قانداق قۇتقۇزۇپ چىقىشنى ئويلايتتى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قۇرباننىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى . قارىسا ناتونۇش بىر نومۇر ئىدى .ئۇ تېلېفوننى ئالدى .

- ۋەي ، كىمۇ ؟- دېدى قۇربان كەسكىن ئاۋازدا . -قۇربان .مەن، سەمەت. قانداق ئەھۋالىڭ؟ سەن رەنانى مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپسەن . ئۇنتۇپ قالما ، مەن ئۇنىڭ ھالىدىن بەش يىل خەۋەر ئالدىم .سەن ئۇنى مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلما !سەن رەنانى ماڭا ئەكىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىسەن؟-  دىدى سەمەت .

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى . 

- سەمەت سەن بەكلا ئىپلاس ئىكەنسەن . سەن قىزىمغا زادى نېمە قىلدىڭ؟ سۈرىيەگە مورفىن ئىشلىتىپسەن سەنمۇ ئادەممۇ؟  قاراپ تۇر ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، مەن سېنى نەچچە پارە قىلىۋېتىمەن؟-دىدى قۇربان.

سەمەت  يۇقىرى ئاۋازدا كۇلۋەتتى.

-ھا…ھا…ساڭا  دەپ قوياي . قۇربان، سەن دېگەن  مېنىڭ رەقىبىم . مەن سېنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىڭنى بىردىن -بىردىن  تارتىۋالىمەن ، قاراپ تۇر .چۈنكى، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال سېنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مېنى ئازابلىدى . مەن بۇنىڭ ئۆچىنى ئالماي قويمايمەن ،-  دېدى سەمەت .

- بۇ سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ؟

- ئۇنتۇپ قالما؟ مەن سېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭنىڭ جېنىنى قىينايمەن . شۇ ئارقىلىق سېنى    يىقىنلىرىڭدىن ئايرىلغاننىڭ تەمىنى تىتىقۇزۇپ ھاياتتىن رايىڭنى يانغۇزۋىتىمە، -دىدى سەمەت ھەمدە تىلفۇنننى قۇيۋەتتى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۇشكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ راستىنلا ئەرفاتنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەسلىدە غۇجىدار ئايال سەمەتنىڭ يۇرۇن ئىشپىيۇنى ئىكەندە. ئۇ ئۇنىڭ قولىدىن ئەرفاتنى ئىلۋالغاندىن كىيىن ئۇنى ئىچكىرى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويغان ئىدى.  بۇنى ئەرفاتمۇ بىلەتتى. غۇجىدار ئايال قاچاي دىسىمۇ قاچالمايتى. ئۇ  سەمەت ئۇچۇن شۇنچە نۇرغۇن قۇربانغا قارشى ئەسكى ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ،ئۇ يەنىلا ئۇنىڭدىن يۇز ئۆرىگەن ئىدى. قۇرباننىڭ ئەس يادى ئەرفاتتا ئىدى. 

 

 قۇرباننىڭ كاللىسى مىڭ خىيالغا تولغانىدى . ئەرفاتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، سەمەتنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ  ئۇ سەل خاتىرجەم بولغان ئىدى . لېكىن، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ ئەرفاتنى قۇتقۇزۇپ چىقمىسا بولمايتتى . ھازىر سەمەت بىلەن ئۇ ئىككسى دۈشمەن رەقىبلەرگە ئايلانغانىدى . سەمەت دېگەن كالۋا ئادەمگە پەقەت رەنا بولسىلا بولاتتى .ئۇ رەناغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، ھەر قانداق ئادەم قىلپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايتتى . رەنا قۇربانغا يىغلاپ تۇرۇپ: 

- سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي .ئوغلۇمنى چۇقۇم قۇتقۇزۇپ ئەكىلىڭ !مەن ئۇنى بەكمۇ سېغىندىم،- دېدى ، رەنا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

- رەنا، بولدى يىغلىماڭ . ئەرفات ، مېنىڭمۇ ئوغلۇم .ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ۋارىسى. ئۇنى ياخشى قوغدىيالمىدىم. مېنى كەچۈرۈڭ . مەن ئامال بار ئۇنى ئالدىڭىزغا ئەكىلىمەن  بىز بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىمىز، -دىدى قۇربان. -ئاپامنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى چىقىپتىمۇ ؟ئاپامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ئىكەن؟ ياندۇرۇپ سوردى قۇربان.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، رەنا بىلەن ئاپىسى جىددىيلىشىشكە باشلىدى ، ھەمدە رەنا ئۆز كەيپىياتىنى يىغىشتۇرىۋېلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: 

- دوختۇر . ئاپامنىڭ تېنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بەك چارچاپ كەتكەنلىكىنى بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى كۈتۈنۈپ ياخشى داۋالانسا ياخشى ئارام ئالسا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئارتۇق ئىش يوق . دېدى رەنا..

 قۇرباننىڭ كاللىسىدا ئەرفاتنى قانداق قۇتقۇزۇش خىيالى بولغاچقا ئۇ ئىنچىكىلەپ سوراپ كەتمىدى . ئۇ رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدى . بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى . تېلېفوننى دوستى ئىسمائىل ئۇرغان ئىدى .

- ۋەي، تېلېفون قىلىپ قاپسەنغۇ ؟-دېدى قۇربان تېلېفوننى ئېلىپلا .

- ساڭا ،دىسەم. ئەرفات ئوغلۇڭ سەمەتنىڭ قولىدا ئىكەن،- دېدى ئىسمائىل .

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇربان ھەيران قالدى .

- سەن بۇ ئىشقا ئارىلاشقانمىتىڭ ؟

- توغرا ، ئاغىنە . مەن ئاستىرىتتىن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرگەن ئىدىم .ئۇلار ئەرفاتنىڭ سەمەتنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى .شۇنىڭ بىلەن ماڭا دېدى .شۇڭىلاشقا  مەن ساڭا بۇ خەۋەرنى دېدىم ،-دېدى ئىسمايىل .

- قارا ،بايا سەمەت ماڭا تېلېفون قىلىپ ئەڭ يېقىنلىرىڭنىڭ جېنى قىينايمەن دەپ ماڭا تەھدىت سالدى .سەنمۇ تەكشۈرۇپ كەينىدىن روزىمۇ تەكشۈرۈپ ئەرفاتنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .ئۇنىڭغا رەنا لازىم ئىكەن . رەنا بىلەن ئەرفاتنى ئالماشتۇرىدىكەنمىز ،- دېدى قۇربان . 

-خاتىرجەم بول . ئاغىنە .ئەرفاتنى بىز سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقىمىز .  سېنىڭ ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن جەم بولىدىغان ۋاقتىىڭ ئاز قالدى ،- دېدى ئىسمايىل.

- رەھمەت ساڭا . ئەمىسە سەن قايتىپ كەلگىن . بىز ئوبدانراق پىلان تۈزۈپ ئەرفاتنى قۇتقۇزۇپ چىقايلى .

-ماقۇل ئاداش،-دىدى

 ئىسمايىل تىلفۇننى قۇيۋەتتى. 



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k