大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 108 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 108 - قىسىم aybarawazi
2024-05-06
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 109 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98


107
106
105
104


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


108 - قىسىم


 

-ھازىرچە ئامال يوق. بەلكىم ،ئۇ كەيپىياتىنى ياخشى تۇتسا كۆڭلىدىكى باشقا ئىشلارنى چىقىرىۋەتسە ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن،-دىدى دوختۇر.



 قۇربان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . بۇ ۋاقىتتا رەنامۇ چىققان ئىدى .ھەمدە  كارۋىتىغا چىقىپ ياتماقچى بولدى . يوتقاننى ئېلىپ باشقا بىر كارىۋاتقا ئىلىپ  قويدى.



- سىزنىڭ ، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ؟



- مەن ئاغرىپ قالدىم .مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن بولامدۇ ؟- دېدى رەنا .



- مېنىڭ نېمىشقا كارىم يوق؟ مەن سىزنى چۇقۇم ياخشى داۋالىتىمەن . 



-بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ؟ مەن بىلەن ئەمدى كارىڭىز بولمىسۇن . مەن ئوغلۇمنى يوقىتىپ قويدۇم. قىزىممۇ ئېغىر كېسەل . ھازىر مەنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك تۇرىمەن . شۇڭا ،بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ،-دىدى رەنا كۆڭلى يېرىم بولۇپ.



 -بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ ؟ مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەز سىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن ،-دىدى قۇربان .



 لېكىن، رەنا ئۇنى سىلكىپ يېتىۋالدى . ھەمدە ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا  قۇربان نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى . ئۇ روزىنىڭ كىسەلخانا  ئىشىكىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى.



 - روزى چىقىپ ماڭا بىر ئىشنى بېجىرىپ بەر ؟



-نېمە ئىشنى ؟ 



-سەن چىقىپ ئىسمائىلغا دە . بىز ھېلىقى قارا كەچلىك بازارنى سېتىۋالايلى . نەچچە پۇل كەتسە مەيلى،-دىدى.



روزى خوجايىننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ  ھەيران قالدى . ھەمدە رەنا خېنىمنىڭ بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالىنڭ شۇ خىل كەچلىك بازاردىكى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. .



 روزى چىقىپ كەتتى . قۇربان بولسا كارىدوردا بىردەم تۇردى . ئۇنىڭ كاللىسىدا رەنالا بار ئىدى . ئۇ ئايالنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن مۇشەققەتلىرىنى  ئويلىغىندا  ئۆزىنى تۇتىۋالاي دېسىمۇ يۈرىكى بەكلا ئاغرىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئامال بار ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىۋاتاتتى  . بۇ ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ ئاپىسى يىتىپ كەلدى.  ھەمدە ئوغلنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ: 



- نېمە بولدۇڭ؟ ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ ؟-دىدى ئاپسى.



 قۇربان ئاپىسىنى كۆرۈپ سالام قىلغاندىن كېيىن ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى . 



ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بەرگىن . ئامال يوق تەقدىر ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى  يولۇقتۇرۇپتۇ .مەنمۇ ئامال بار سۈرىيە ۋە فۇرقەتلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ۋاقتىنچە كەلتۇرمەي ئۇ تىنچ داۋالانسۇن! بىزنىڭ ئائىلە ئۇنىڭغا قەرىزدار ،-دىدى  ئوغلىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ. ئانا، ئەمەسمۇ. شۇڭا ئۇغلىنىڭ ئەھۋالىنى چۇشنەتتى. 



-پەقەت، گپىڭنى ئاڭلىمىسا .مەن كىرىپ ئۇنىڭغا ياخشى نەسىھەت قىلاي،-دىدى ئاپىسى.



 بۇ ۋاقىتتا قۇربان بىشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: 



-ئاپا، -بولدى ،ئەر -خۇتۇن ئىككەيلەننىڭ  ئشىغا سىز ئارلاشماڭ، مەيلى نىملا بولمىسۇن تەكشۇرۇش نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ئۇ بەرىبىر گىپىمنى ئاڭلايدۇ ،-دىدى قۇربان بىر ئۇھ سىنۋىتىپ.



 ئاپىسى ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئارتۇق گەپ قىلماي بىشىنى لىڭشىتتى ھەمدە چىقىپ كەتتى. ئۇيەردە قۇربان بىر ئادەملا قالدى. ئۇ كىسەلخانا تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. لىكىن، ئۇ يەر بەكلا جىمجىت ئىدى.



-رەنا…سىزبارمۇ…رەنا؟…-دىدى قۇربان كىسەلخانا ئۇينىڭ ئىشكىنى چېكىپ تۇرۇپ. بىراق ھىچىقانىداق ئىنكاس يوق ئىدى. قۇربان تىخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۇچەپ  ئىترىۋىدى، بۇ ۋاقىتتا،ئۇ رەناننىڭ تازلىق ئۆيىدە تىخىچە ياندۇرۋاتقانلىقىنى كۆردى، ھەمدە تىزلا بىرىپ ئۇنىڭ دۇمبىسنى سىيلاشقا باشلىدى، ھەمدە:



- رەنا ،بەكلا قىيلىنىپ كەتتىڭىز، پەقەتلا بولمىسا بىز بۇ كىسەلنى ئالدىرماي داۋالايلى. دۇختۇر مۇ ئىيىتتى، سىز چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىسىز. سىزگە قۇۋۋەت ئۇكۇلى ئۇرغۇزايلى بولامدۇ؟-دىدى قۇربان.



 رەنا بۇ ۋاقىتتا، ئۇرنىدا ئولتۇرۇپ قالدى ھەمدە چۇڭقۇر نەپەس ئالغاچ:



- ئاستا داۋالاش دىگەن قانچىلىق ۋاقىت؟ بىر يىل، بىر ئاي، بىر ھەپتە، قۇربان مەن ياخشى داۋالىنشىم كىرەك. مەن ئۇزۇمگە تاينىشىم كىرەك چۇنكى، مەن ئۇغلۇمنى تاپمىسام بولمايدۇ. قىزىمنى داۋاتلاتمىسام بولمايدۇ. بىز بىللە ياشىشىمز كىرەك. مىنى چۇشنەرسىزمۇ؟-دىدى رەنا يىغلاپ تۇرۇپ.



بۇ ۋاقىتتا ،قۇربان ئۇنى قۇچاقلىدى، ھەمدە: -ماڭا ئازراق ۋاقىت بىرىڭ بولامدۇ؟ مەن سىزگە سىزنىڭ پەخرىڭىزنى تىپىپ بىرمەن. مەيلى نىمىش بولسۇن ماڭا بىر ئىشقا ماقۇل بۇلۇڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلدىغان ئىشنى قىلماڭ؟-دىدى قۇربان.



-مەن چۇقۇم بۇ ئازاب ئۇقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بىرشىم كىرەك…



-توغرا چۇقۇم بەرداشلىق بىرشىمىز كىرەك نىمىش بولسۇن. بىز ئەرخۇتۇن بىللە قىيىنچىلىقنى يىڭىمىز،-دىدى قۇربان.



رەنا ئۇندىمەي جىم تۇراتتى.



- رەنا بىلەمسىز! ھەممە ئادەمنىڭ ئۇخشاشلا قىيىنچىلقى بۇلىدۇ، قىيىنچىلىق خۇددى تاققا ئوخشاش بىزنى تاۋلاپ كۇچلۇك قىلىشى مومكىن. شۇڭلاشقا، مەن سىزنى ھىچقاچان زاڭلىق قىلىپ باقمىدىم. ھەم سىزنى ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى كۆرىمەن. مەيلى نىمىش بولسا بىز بىللە تاقابىل تۇرايلى بولامدۇ؟-قۇربان، رەنا ئاغزىنى مەھكەم تۇتقىنچە گەپ قىلماي ئۇكسۇپ ئۇكسۇپ يىغلاشقاباشلىدى.



 بۇ ۋاقىتا، ئىسمايىل تىلفۇن قىلغان ئىدى. ئۇ رەنانى قۇيۋىتىپ مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي دىگىنچە چىقىپ كەتتى. ئۇ ئىسمايىلغا تىلفۇن قايتۇردى.



-قانداق بولدى؟  قۇتقۇزالىدىڭمۇ؟- دىدى ئىسمايىل.



-ھەئە قۇتقۇزدۇم،- دىدى قۇربان بوش ئاۋازدا.



-ھە ئەمسە. ئاچىققىن مەن كۆرۇپ باقاي  يەڭگەمنى،-دىدى ئىسمايىل.



-ئۇنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس.ھازىرچە سىرىتقا چىقالمايدۇ،-دىدى قۇربان.



  بۇ ۋاقىتتا  ئىسمايىل قاپىقىنى تۈرۈپ: 



- نېمە؟ سەمەت دېگەن ئەبلەخ ، يەڭگىمىزگە چېقىلىپتىمۇ؟-دىدى. قۇربان بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: 



- ياق . باشقا ئىشلار. روزى ساڭا تىلفۇن قىلىپ خەۋر قىلدىمۇ؟-دىدى قۇربان.



-مەن دەل مۇشۇ ئىشنى دەپ ساڭا تىلفۇن قىلاي دىگەن ئىدىم. سەن ئۇ كەچلىك بازارنى سىتۋالالمايسەن. ھەتتا دادام بارسىمۇ ئۇلار ئويلىنىپ باقاي دەيدۇ.، مەن بىلمىدىم  سەن نىمە ئۇچۇن ئۇ كەچلىك بازارنى سىتۋالماقچى بلىسەن؟ ئۇنداق يەر سىنىڭ تىجارەت قىلشىڭغا ماس كىلەمدۇ؟ كاللامدىن ئۆتمىدى؟-دىدى  ئىسمايىل.



-باشقا ئامال بارمۇ؟-دىدى قۇربان ئۇھسىنىپ تۇرۇپ.



-يوق، ئۇ كەچلىك بازار كىمنىڭ ئىگدارلىقىدا تىخى بىلمەيمىز. ھەم جىق ئادەم بىلمەيدۇ.سەن بىر گوروھنىڭ باشلىقى تۇرۇپ نىمانچە چىڭ تۇرسەن ئۇ يەرنى سىتۋىلىشنى.! مەن پەقەتلا بىلەلمىدىمغۇ؟- دىدى ئىسمايىل.



قۇربان بوش ئاۋازدا: 



-مەن ئۇلارنىڭ ئادەملەرنى قانداق جازالايدىغىننى بىلىپ باقماقچى؟تۇتۇپ ئەكەلگەنلەرگە نىمە بەرگەنلىكىنى بىلىپ باقاي دەيمەن.رەنا ئۇ يەردىن كەلگەندىن تارتىپ سالامەتلىكى  پەقەتلا ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭدىن سورسام ھىچنىمە دىمەيدۇ.ئەگەر، مەن بىلگەن بولسام بەلكىم ئۇنى داۋالىتىشىمغا ياردىمى بۇلاتتى،-دىدى قۇربان.



- ئەسلىدە، مۇنداق ئىكەندە. سەن ئۇ يەرنىڭ تۇزۇمىنى بىلمەكچى بولساڭ مەن ساڭا  ياردەم قىلاي. لىكىن ،ئۇ يەرنى سىتىۋالىمەن دىسەڭ بۇ خىيال سەل قىيىن .شۇڭا بۇ خىيالنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەتكىن.



-چاتاق يوق. ئۇنداق بولسا مەن بىلمەكچى بولغىنىمنى چۇقۇم بىلشىم كىرەك. بوپتۇ ئالماي،- دىدى قۇربان.



- ئەمسە، مىنىڭ  خەۋرىمنى ساقلا!مەن خەۋەر بولسىلا ، سىنى ئۆزۇم ئىزدەيمەن،-دىدى ئىسمايىل.



 قۇربان تېلېفوننى قويىۋېتىپ كىسەلخانا ئۆيىگە قايىتتى. رەنا تىخىچە سۇخاندا ياندۇرۋاتاتى، قۇربان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتاتتى -يۇ .لىكىن ،ئۇنىڭ ئازابىنى تەڭ تارتالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپ قىلماي دۇختۇرغا دەپ ئۇنىڭغا قۇۋۋەت ئۇكۇلى ئۇرغۇزدى.شۇنداق قىلىپ تىپتىنىچلا ئۇچ كۇن ئۆتتى.ئەمما، رەنا ئەسلىگە  تولۇق كىلىپ بۇلالمىغان ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا قۇربانغا قاراپ: -مەن سىزگە بىسىم ئەكىلىپ قۇيدۇم شۇنداقمۇ؟-دىدى رەنا بوش ئاۋازدا.



-ياق، ئۇنداق ئەمەس. نىمىش قىلغۇڭىز كەلسە قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن،- دىدى قۇربان.



- ماڭا، پىسخىكا دوختۇرى چاقىرىپ بىرىڭ بۇلامدۇ؟ -دىدى قۇربانغا قاراپ.



قۇربان گەپ قىلالماي جىم تۇراتتى. چۇنكى  ،ئۇ ئايالنىڭ ئالدىدا بەكلا ئىلاجىسىز قالغان ئىدى. 



رەنا سەل  تۇرۇپ ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ، قۇرباننىڭ قىياپىتىگە قاراپ يۇز بەرگەن ئىشلارنى  دەپ بىرەي دەپ ئويلىدى . لېكىن، ئۇ يەنىلا تەڭقىسلىقتا جىم تۇراتتى . قۇربان ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ: 



- مەن سىزگە ئېيتقان ئۆزىڭىزنى قىينىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىزنىڭ  قاچان ئېيتقۇڭىز كەلسە شۇ ۋاقىتتا ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ . ھازىر مەن بىلىمەن دەپ تۇرىۋالمايمەن . قانداق قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ بىرەر نەرسە يېگۈڭىز بارمۇ ؟- دېدى . 



رەنا ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ  چىرايىغا  كۈلكە يۈگۈرتتى .ھەمدە: 



-بۇلىدۇ! -دىدى رەنا.



 قۇربان ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ، يېنىدىكى ئۈستەل ئۈستىدىكى تاماقتىن بىر قوشۇق ئۇنىڭ ئاغزىغا سالدى .  رەنا تاماقنى يەپ يەنىلا بىئارام بولۇپ كەتكەن ئىدى . بۇ ۋاقىتتا، قۇربان ئۇنىڭ مەيدىسىنى ئاستا ئۇلاشقا باشلىدى . دوختۇرمۇ يېتىپ كەلدى. دوختۇر قۇربانغا قىزى سۈرىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا دېمەكچى ئىدى . رەنا  ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى بىلىپ:



- بېرىۋېرىڭ! ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ،-دىدى  رەنا.



-  ئەمىسە سىزچۇ ؟ -دېدى قۇربان .



- ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ .ياندۇرغۇم كەلسە ياندۇرىۋەتسەملا بولىدۇ. بولدى ، سۈرىيەنىڭ ئىشى  مۇھىم . مەن بۇ ھالىتىم بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا بارالمايمەن .ئورنۇمدا ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئېلىپ  قويۇڭ ،-دىدى رەنا.



 قۇربان ئۇنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنەتتى.



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0