大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 109 - قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 109 - قىسىم aybarawazi
2024-05-07
2
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !

  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بۇ ئەسەرنىڭ 110 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31
42
41
40
39
38
37
48
47
46
45
44
43
54
53
52
51
50
49
61
60
59
57-58
56
55
67
66
65
64
63
62
73
72
71
70
69
68
79
78
77
76
75
74
85
84
83
82
81
80
91
90
89
88
87
86
97
96
95
94
93
92
103
102
101
100
99
98

108
107
106
105
104


سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


109 - قىسىم


 

رەنا قۇرباننىڭ كېسەلخانا ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگىلا تېزلىكتە تازلىق ئۆيىگە بېرىپ تۈكۈرۈشكە، ياندۇرۇشقا باشلىدى . ئۇ تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بۇ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ،مەيلى نېمە ئىش بولسۇن چۇقۇم ساقىيىپ دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرىشنى ئويلىدى . ئۇ سەمەتنى ئويلىدى . بۇرۇن بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەم قىلغان سەمەت ھازىرقى سەمەت بىلەن ئوخشىمايلا قالغانىدى . ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى . ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى دە، كېسەلخانىنىڭ ئىشىكنى ئاچتى ھەمدە چوڭ ئىشىكتىن چىقىپ كەلدى .لىكىن، قۇرباننى ئويلاپ يەنىلا كىسەلخانا ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن خىياللار ئەگىپ ئۆتەتتى . ئۇ قۇرباننى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن ئايرىلسا بولمايتتى . ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ،قىزى سۈرىيەنىڭ تېخى ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغانلىقى، ئوغلى ئەرفاتنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغانلىقى بىر ئانىنىڭ يۈرىكىنى ، خۇددى پىچاق تىققاندەك ئاغىرىتماقتا ئىدى . ئۇ جۈرئەتكە كېلىپ دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ باقماقچى بولدى . ئورنىدىن تۇردى ، يەنە يىقىلىپ چۈشتى . يەنە تۇردى ، يەنە يىقىلىپ چۈشتى . ئۇ مىڭ تەسلىكتە كېسەلخانىنىڭ ئىشىكنى ئاچتى ھەمدە فۇرقەتنىڭ كارىدوردا يىغلاپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئۇنىڭ قولىدا سائەت تۇراتتى . ئۇ قول سائىتى رەنا ئوغلىغا بەش ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، سوۋغا قىلغان سوۋغات بۇيۇمى ئىدى . فۇرقەت رەنانى كۆرۈپ:
- سىز، مېنىڭ ھامماممۇ ؟-دىدى.
كېسەل سەۋەبىدىن ئۇ راستىنلا چىرايىدىن كەتكەن ئىدى .
- ھەئە ، مەن سېنىڭ ھامماڭ سەتلىشىپ كېتىپتىمەنمۇ ؟ -دېدى چاقچاق قىلىپ .
-ھامما ، كەچۈرۈڭ، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم . مەن ئاكامنى ياخشى قوغدىيالمىدىم ،-دىدى.
- ياق، فۇرقەت بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس .بۇنى سەندىن كۆرسەك بولمايدۇ،-دىدى، رەنا. ھەمدە ئۇنى باغرىغا بىسىشقا باشلىدى. نېمىلا بولمىسۇن بۇ قېتىملىق ئىشلار فۇرقەتكە بەك ئىغىر كەلگەن ئىدى . مەيلى قانداق بولسۇن فۇرقەتمۇ بىر خىل مېھرىگە موھتاج ئىدى.
فۇرقەت بولسا رەنانىڭ قوينىدا يىغلاپ تۇراتتى .فۇرقەت ئاپىسىنى راستلا سېغىنغانىدى . لېكىن ،ئۇنىڭ ئاپىسى بەكلا ئەسكى ئايال ئىدى . نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ئۇنىڭ باغرىدىن چۈشكەن ئىدى. ئەسكى بولسمۇ ئۇ ئاپىسىنى يەنىلا ئەسلەيدۇ.
-ئاچا، دادام ئاپامغا بەكلا ئۆچ توغرىمۇ ؟ مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپامنى تىلغا ئالالمايمەن . مەن ئاپامنى ئېتىراپ قىلمايمەن .مىنىڭ ئاپام ياخشى ئايال ئەمەس ،-دېدى فۇرقەت.
رەنا ئۈندىمەي جىم تۇراتتى . چۈنكى، ئۇ سەۋەبلىك ئۇ ئوغلىدىن ئايرىلغان ئىدى .ئەمما ئاپىسىنى ئەسكى دەپ بالىسىغا قوپال مۇئامىلە قىلسا بولمايتتى . چۈنكى فۇرقەت ئوغلى ئەرفاتقا چىن كۆڭلىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .ھەتتا ئۇنى دەپ ئاپىسى بىلەن دۈشمەنلەشكەن ئىدى . بۇ تەرىپى رەناغا ئېنىق ئىدى . رەنا ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويۇپ ، بوش ئاۋازدا:
- ئۇ ساڭا ھاياتلىق بەردى . ئۇ سېنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىڭگە سەۋەب بولدى . ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاپاڭ، سېنىڭ يول باشلىغۇچۇڭ، ئاپاڭ قانچە ئەسكى بولسىمۇ. لېكىن ، ئۇنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ . مەيلى ، ئۇ نېمىلا قىلسۇن . لېكىن ئۇ ساڭا ئانىلىق مەجبۇرىيەتنى ئاداققىچە ئاتا قىلدى . بۈگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئۇ يوق. لېكىن ، ئۇنىڭ ساڭا قىلغانلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالما بولامدۇ . سەن ئۇنى ھەر ۋاقىت ئەسلىسەڭ بولىدۇ . مەن ھەرگىزمۇ بالامنىڭ يوقاپ كېتىشى سەۋەبىدىن ساڭا يامان مۇئامىلە قىلمايمەن . ھەممە ئادەمنىڭ ياش ۋاقتى بولىدۇ . بالىلىق ۋاقتى بولىدۇ .ئاپاڭنى ئەسلەپ تۇرغىن!- دېدى رەنا . فۇرقەت رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:
-ئاچا، سىز ئاپامغا نەپرەتلىنەمسىز ؟
-نەپرەتلىنىمەن . چۈنكى، ئۇ كۆز ئالدىمدا ئوغلۇمنى مەندىن تارتىۋالدى . ئۇ مېنىڭ بەخىتلىك ئائىلەمنى ۋەيران قىلدى فۇرقەت مەن ساڭا دېدىم . سەن ئۇ ئەمەس . سەن ئۆز خاراكتېرىڭدە ياشىساڭ بولىدۇ . مەن سېنى كۆرسەم ئوغلۇمنى كۆرگەندەك بولىمەن. ئەگەر ،خالىساڭ بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئاپا دىگىن . مەن ئوغلۇمغا ئوخشاش ساڭا مۇئامىلە قىلاي،-دېدى رەنا ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ .
-راستمۇ ؟- دېدى فۇرقەت.
-ئەلۋەتتە، راس،- دىدى رەنا.
-ئاپا ،-دىدى فۇرقەت رەنانىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. - ئاكام ماڭا ،سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمنى سىزگە ياخشى ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشۈمنى ھەمدە سىڭلىمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلشىمنى ئىيىتقان ئىدى. مەن قىلالايمەن چۇقۇم قىلالايمەن.گەرچە ،ياخشى قىلالمىساممۇ ، مەن مۇسا ئوفىتسېردىن قانداق باتۇر ئوغۇل بولۇشنى ئۆگىنىمەن . بۇنىڭدىن كېيىن سىڭلىم ۋە سىزگە قانداق خېيىمخەتەر بولۇپ قالسا ،مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن . ئىشنىڭ ئاكام چۇقۇم قايتىپ كېلىدۇ . ئۇ مېنى ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمەيدۇ . بۇنىڭدىن كېيىن مەن ياخشى قىلالماي قالسام ،مېنى ئۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ .تىللىسىڭىزمۇ بولىدۇ . مەن ھەرگىزمۇ سىزدىن رەنجىمەيمەن ؟-دىدى فۇرقەت.
-ئەخمەق بالا،- دىدى رەنا.ھەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرى لىق ياشقا تولغان ئىدى. ئۇ ئوغلىنى بەكمۇ سېغىنغانىدى . ئازابنىڭ ئىچىدىكى ئازابتا ئۇنىڭ يۈرەكلىرى پۇچۇلنىپ كەتكەن فۇرقەتمۇ ئۇنىڭ قوينىدا يىغلاپ تۇراتتى.
–بولدى. يىغلىما ! سەن ئەرفاتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ماڭا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشىڭنىڭ ھاجىتى يوق . مېنىڭ كۆڭلۈمدە ئەرفات ھەم سەن بولساڭلا بولدى . بۈگۈندىن باشلاپ سەن مېنىڭ ئوغلۇم بولدۇڭ . فۇرقەت . بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى نېمە ئىش بولسۇن كۆڭلۈڭدە نېمە ئىش بولسا ماڭا دېگىن . مەن سېنىڭ خۇشال خۇرام ئۆتۈشۈڭنى، ساغلام چوڭ بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن،-دىدى رەنا .
فۇرقەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى .
-ئاپا ، سىڭلىمنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس.
- تازا ياخشى ئەمەس دېگەن نېمە گەپ ؟- دېدى رەنا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ فۇرقەتكە قاراپ. –مەنمۇ، ئېنىق ئۇقمايمەن .سەمەت دېرىكتورنىڭ، دوختۇرخانىسدىكى ۋاقتىدا ئۇ بەكلا ئاجىز ئىدى . كېيىن ،دادام ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرغۇزماي قويدى . ھەمدە ئاپام بىلەن چوڭ ئاپام سۈرىيەنى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىدى . لېكىن، ئۇ ئادەملەر مۇمام بىلەن سىڭلىمنى ئارىۋەتتى،-دىدى .
-فۇرقەت،نىمە ئۇچۇن؟- دېدى رەنا ھەيران قېلىپ .
فۇرقەتنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، ئەينى ۋاقىتتا سەمەتنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىنى ئېسىگە ئالدى . ئەسلىدە ئۇ سەمەتنى مېنى قورقۇتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى .لېكىن، ئۇ راستىنلا زەھەرخەندە قولىنى قىزىمغا سالغانمىدۇ ؟ رەنا دەرھال ئېسىنى يىغىپ: -دوختۇرخانا باشلىقنىڭ ئىشخانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
- بىلىمەن. مەن سىزنى ئاپىراي .
بۇ ۋاقىتتا، فۇرقەت ئاستاغىنە رەنا بىلەن بىللە دوختۇرخانا باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى . ئىشىك يوچۇقىدىن ماراپ دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن قۇرباننىڭ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى .
-قۇربان دىرېكتور ، سۈرىيە خېنىمنىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس . چۈنكى ،ئۇنىڭ بەدىنى بۇرۇن يېگەن دۇرىلىرىغا كۆنۈپ كېتىپتۇ . بىز يىلتىزدىن داۋالايلى دېسەك ئاسان ئەمەس . ئەگەر، ئۇ بۇرۇنقى دورىسىنى يەۋەرسە ، بەلكىم سۈرىيە بۇ ئۆمرىدە ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرىكىنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ كېتىپتۇ . ئۇ چاغدا قۇتقۇزماق تەس ،-دىدى دوختۇر.
رەنا ئىشىك يوچۇقىدىن دوختۇرنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى . قۇربانمۇ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:
- باشقا ئامال يوقمۇ دوختۇر ؟- دېدى قۇربان .
-ھازىر سۈرىيەنىڭ بەدىنىدە كىچىك مۇدۇلار پەيدا بولىۋاتىدۇ .بۇ ئەسلىدىكى ئىشلەتكەن دورىغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئەگەر باشتا ئىشلەتكەن دورا بولمىسا بەلكىم ئۇنىڭ بەدىنى بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن . ئەگەر ،نورمال ئادەم بۇ خىل دورىنى تاشلىۋېتەي دېسە بولىدۇ ، لېكىن، سۈرىيە خېنىمنىڭ بەدىنى بەكلا ئاجىز ئىكەن . مەن ئەنسىرەيمەن ،،،- دېدى دوختۇر .
قۇربان دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:
-سىزنىڭ ، بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئۇنىڭ باشتا ئىشلەتكەن دورىلىرى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان نەرسىمۇ . ياكى نېمە ؟-دىدى قۇربان.
دوختۇر قۇرباننىڭ بۇ ئەلپازىنى كۆرۈپ يېنىككىنە نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن:
-مەن ،سۈرىيە خېنىمنىڭ قېنىنى تەكشۈردۈم . ئۇنىڭ قېنىدا مورفىن بار ئىكەن . بۇ نەرسە باشلىنىشتىلا سەل ئاغرىتىدۇ . لېكىن ، ئادەتتە بۇ نەرسىنى بالىلارغا ئىشلەتمەيدۇ . ئەمما سۈرىيە خېنىمنىڭ بەدىنىدە بۇ نەرسە راستىنلا بار ئىكەن . ئاڭلىشىمچە، سىز باشقا يەردىن داڭلىق مۇتەخەسسىس ، دوختۇرلارنى تەكلىپ قىپسىز ھەمدە قىزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ باقماقچى بوپسىز . ئۇلارنىڭ سىزگە ئۆلچەملىك بىر جاۋابىنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
-مورفىن؟ سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز سەمەت دېگەن ئەبلەخ قىزىمغا مورفىننى دورا قىلىپ ئۇرۇپتىمۇ ؟-؟دىدى قۇربان ئۇنلۇك ئاۋازدا.
دوختۇرنىڭ گىپىنى رەنامۇ ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ سەمەتتىن بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنى نىجاتكارى دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ شۇنچىلىك ئادەم قىلىپىدىن چىققان رەزىل ئەبلەخ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.



داۋامى بار …

 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0