大数跨境

🧡ھەممىنى ئىچىمگە قويدۇم يۇشۇرۇپ

🧡ھەممىنى ئىچىمگە قويدۇم يۇشۇرۇپ aybarawazi
2024-05-11
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ



…………………… 




🦋


 ھەممىنى ئىچىمگە  قويدۇم يوشۇرۇپ 


ئايتېكىن


بىلمەيسەن  نەقەدەر  ئامراقلىقىمنى 

بۇ  ساڭا كۈلكىلىك تۇيۇلار بەلكىم

مەيلىلا ئۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭدۇر 

بەرى بىر ئۆزىگە تەۋە ھاياتنى 

خالىغان  تەرىزدە   ياشايدۇ ھەركىم


بىراق مەن يەنە شۇ  ئاۋالقىدەكلا 

سەن بىلەن  باسىمەن ھەربىر  قەدەمنى 

مەيلى دە  ئۇ مېنىڭ  ئۆزلۈك ئەركىمدۇر 

چالىمەن  ئەڭ گۈزەل جاھىللىقىمدا 

سەن بىلگەن ھېلىقى كونا پەدەمنى


سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئۆكتەم ئەبلىخىم

سەن بولغان ھاياتمۇ گۈزەل شۇ قەدەر 

مەن سېنى ھېچكىمگە ئوخشىتالمايمەن

سەن مېنىڭ مۇھاببەت سۇلالەمدىكى 

ھېچكىمگە ئوخشىماس يىگانە بىر  ئەر


بىلمەيسەن…خۇددى سەن كېلىدىغاندەك 

چىرايلىق ياسىنىپ مېڭىپ كېتىمەن 

تىرنىقىم خېنىلىك بوينۇمدا شارپا 

مۇزلىغان قۇلۇمنى  ئىشقىلاپ تۇرۇپ 

يوللارغا ئۈمۈتلۈك قاراپ كېتىمەن 


ھوزۇرلۇق بىر  ئىشقۇ سېنى سېغىنىش 

مۇڭلۇق بىر ناخشىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ 

تۇرۇپلا  ئاغرىيدۇ  ئەمما سول  تەرەپ

شۇندىمۇ  مەن ئاشۇ  پىنھان سۆيگۈمنى 

بىر قۇشتەك شۇ يەرگە قويدۇم يوشۇرۇپ


♡ 







🦋


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0