
…………
…………

ئوسمان قاۋۇل
سۇ بويىدا ياربىلەن مەن، كۆكتە ئاينىڭ جىلۋىسى،
كۈلكىمىزگە كۈلكىسى جور سۇدا ۋىل-ۋىل شولىسى.
تالى مەجنۇننىڭ ئىغاڭلاپ نازغىشى دىلغا ھۇزۇر،
جاننى يايراتتى ئەجەبمۇ دىلبىرىمنىڭ سۆيۈشى.
يەلپۈنۈپ تۇرغان شامالدا تۇرقىمىز ھىمزىرلىشىپ،
ئەكىس ئەتتى سۇدا ئامراق قوشماق ئۆردەك سايىسى.
شاد كۆڭۈلگە بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى تامدۇرۇپ،
ئاڭلىناتتى سۇ لېۋىدىن جۈپ تومۇزغا ناخشىسى.
سۇ بىلەن ئاي قاش قېقىپ بىزگە سۇناتتى قۇت كۈيى،
گۈل پۇراقى بىرلە دوست خۇش ھىد يوپۇرماق تەڭگىسى.
قوللىرىمىز ئۆزئارا چىرماش بولۇپ قالغان بويى،
سۆيگۈمىزگە ئاينى تەمسىل ئەيلىدۇق سۆز ئارىسى...
سىڭىشىپ كەتمەكچىدەك بىر تەنگە بىر تەن شۇ تەرىق،
ئۆتتى ۋاقىت شۇنچە تېز شەربەتلىنىپ لەۋ خانىسى.
ئايرىلىشقا تاقىتى يوق قوش يۈرەك بولغاندا جەم،
يېشىلەتتى ئىختىيارسىز شوخ كۆڭۈلنىڭ ئىزمىسى.
ئايغا قاراپ زوقلىنىپ گاھ مۇڭلىنىپ سۇدىن يەنە،
يار قۇچاقتا تىنىقى ئوت، كۆزى سۆيگۈ بەلگىسى.
ئۇنتۇماق مۇمكىنمىدۇ بۇنداق گۈزەل ئاخشامنى ئاھ،
قالدى كۆكتە ئاي غېرىپ، سۇ، تالى مەجنۇن ھەممىسى!
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

