
…………
…………





مەن مۇئەللىمگە ئۆچ ئىدىم…
ئۇ ھەمىشە قاپاق تۈرەتتى،
ئاۋۋال يوقلىما قىلىپ،
ئاندىن دەرس ئۆتەتتى.
سىنىپ باشلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋانە بولسىمۇ،
ئۇ ئۆگىنىش باشلىقىنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى.
پىلان دەپتەر رەسمىيەت ئىدى،
پىلانسىزمۇ ئۆتىۋېرەتتى.
ئۆزى ماتىماتىكا بېرىپ تۇرۇپمۇ،
تارىخلارنى سۆزلەپ يۈرەتتى.
تەنەپپۇسقا زۇۋانىك چالسا،
ئەمما گەپنىڭ ئاخىرى قالسا،
كىم ئالدىراپ تالاغا ماڭسا،
بورنى بىر ئېتىپ،
قاڭشىرىنى ئۇچۇرۋېتەتتى.
ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر،
شۇڭا سىنىپ كۆچەلمىگەنلەر،
قۇتۇلدۇق دەپ،
كۆڭلى يېرىم كۈلۈپ كېتەتتى.
مەن مۇئەللىمگە ئۆچ ئىدىم،
قارىساملا تېنىم شۈركىنەتتى.
ئەمدى بىلسەم،
كەلگۈسىدە تالادا قالمىسۇن دەپ،
يوقلىما دەپتەرنى كۆتۈرۈپ،
تالاغا چىققىلى قويماپتىكەن،
ماتىماتىكا مۇئەللىم بولسىمۇ،
تارىخنى ئۇنتۇپ قالماپتىكەن.
گەپنىڭ مېغىزى قالغاچقا،
ئەسقاتىدىغىنى شۇ يەر بولغاچقا،
ئەمما باشتىن كەلمىسە بولمىغاچقا،
ۋاقىت يېتىشتۇرەلمەي،
تەشكىللەيمەن دەپ ئۈلگۈرەلمەي،
تەنەپۇسنى قېتىۋاپتىكەن،
ياغاچ قۇلاقنىڭ تولىلىقىدىن،
بورنى دەل تەككۈزۈشنى ئۆگۈنىۋاپتىكەن.
سىنىپ باشلىقىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ،
ئۇنىڭ كۈچىنى دېمىسە،
مۇئەللىم ھەممە ئىشىنى بىلىپ قاپتىكەن.
ئۆگىنىش باشلىقىم ھاكاۋۇر بولسىمۇ،
پەقەت تىرىشقىنى ئۈچۈن،
ئۇنى بېشىغا ئاپتىكەن.
بۈگۈن …!
ئۇنىڭدىن قۇتۇلغانلار ئۇنى سېغىنماقتا،
مەن مۇئەللىمگە ئۆچ ئىدىم،
ئەمما سېغىنىشىم ،
ئۆچمەنلىكتىن غالىب كېلىپ،
شۇ سىمانى قايتا - قايتا توۋلىماقتا...


.
خەيىرلىك كەچ 


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

