
…………
…………

بەخت گۈلى ھەر كۈنى ئېچىلىدۇ رەڭمۇرەڭ،
خۇشبۇي ھىدى ھەر يانغا چېچىلىدۇ رەڭمۇرەڭ.
يېڭى دەۋر، يېڭى كۈي بەرگەچ مەدەت ھەممىگە،
گۈللەر يەنە گۈللەرگە قېتىلىدۇ رەڭمۇرەڭ.
گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى قەلبلەردە ئۆركەشلەپ،
خۇددى ساليۇت گۈلىدەك ئېتىلىدۇ رەڭمۇرەڭ.
ئىشلەپ مانا باي بولدۇق، ئاسماندىكى ئاي بولدۇق،
بازارئاۋات، ھەرخىل مال تېپىلىدۇ رەڭمۇرەڭ.
ئۆيدە تاتلىق سۈيىمىز، دىلدا شادلىق كۈيىمىز،
ئامەت گۈلى دىللارغا چېتىلىدۇ رەڭمۇرەڭ.
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ