
…………
…………


بېيدەيخېدا ئېيتقان ناخشىلار
ئوسمان قاۋۇل
يۈزۈمنى سۆيمەكتە بوخەي شامىلى
ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتىدۇ نازغىپ،
شۇنچىلىك يېقىملىق بوخەي دېڭىزى.
چايكىلار ئەگىيدۇ بېشىم ئۈستىدە،
بەلكىم ئۇ قۇشسىمان بەختىم يۇلتۇزى.
ھەر نۆۋەت ئۇرۇلسا قىرغاققا دولقۇن،
يۈرىكىم جىغىلدار ھاياجان بىلەن.
بۇژغۇننىڭ چاچرىشى گۈلنى ئەسلىتەر،
تۇرقىدىن مەزمۇت ۋە شۇنچىلىك تىمەن.
شامالنىڭ قانىتى يەلپۈپ ئۆتكەندە،
تىترەيدۇ نازۇك بىر تۇيغۇدا چېچىم.
چەكسىزلىك مۇڭىغا چۆككەندە دېڭىز،
ساناقسىز خىيالغا تولىدۇ ئىچىم.
ئاجايىپ ھەيۋەت ۋە بەكمۇ مېھىرلىك،
يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدۇ بوخەي.
سەھەردە قۇياشنىڭ نۇرىغا قوشۇپ،
تۇيغۇمنى ئاۋايلاپ ئېتىدۇ ئەللەي!…
بېيدەيخې كېچىسى
بېيدەيخېنىڭ ئۇزاق كېچىسى،
مەن ئۇيقۇسىز ئەسلىدىم سېنى.
يۈرەكتىكى تەلپۈنۈشلەرگە،
ھەمراھ بولدى دېڭىز دولقۇنى.
يۇلتۇزلارنىڭ جىمىرلىشىنى،
كۆزلىرىڭگە ئوخشاتتىم تەكرار.
تەشنالىقىم ئېشىپ بارغانچە،
بولۇپ قالدىم دېڭىزغا خۇمار.
يىراقتىكى تەنھا پاراخوت،
نېچۈن يېقىن كەلمەس قىرغاققا.
ئۇمۇ ياكى مىسكىن قەلبىمدەك،
چىدىمامدۇ ئاچچىق پىراققا.
ساھىل بويلاپ مېڭىپ يۈردۈم مەن،
بۇژغۇن سۆيگەن قۇملارنى كېچىپ.
تىنىقىڭدەك ئۇرۇلسا شامال،
بىرە- بىرە كەتتىم ئەندىكىپ.
تاڭ ئاتقىچە كۆزۈمنى يۇمماي،
دېڭىز بىلەن چىقتىم سىردىشىپ.
مېھرىڭ ھەقتە قىسسە سۆزلىسەم،
شاۋقۇن ماڭا كەتتى چىرمىشىپ.
سېغىنىشنىڭ كېچىسى تۈگەپ،
ئۇپۇق كۈلدى، كۆزلىرىمدە ياش.
ۋىسال ئىزدەپ دېڭىز بويىدا،
بولۇپ قالدىم تەنھا خادا تاش!
مەۋھۇم دېئالوگ
قارىغىن دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىغا،
كۆزيېتىم يېرىدە مېنى كۆرىسەن.
دولقۇنلار مەۋجىگە چۆككەن ئارالدا،
ئايانچلىق سىماھىم تۇرار گىرىمسەن.
--بىر شائىرەنىڭ يېڭى شېئىرىدىن.
چېچىڭنى يەلپۈتكەن دېڭىزغا قاراپ،
سېغىنىش ئوتۇمدا يېنىپ- ئۆچەرسەن.
يۈرەككە بېسىقماس پىراقنى سېلىپ،
نىگارىم سەن مېنى قاچان سۆيەرسەن؟!
دېڭىزنى باغاشلاپ ئۈزگەن چېغىڭدا،
يولۇمدىن ئۈزمىگىن تەشنا كۆزۈڭنى.
ساھىلدا غەمسىنىپ يۈرسەڭ ناۋادا،
ئېسىڭگە كەلتۈرگىن يۈرەك سۆزۈمنى.
بۇژغۇننىڭ ناخشىسى سېنى رام قىلىپ،
مېھرىمنى ئۇنتۇشقا قەدەم باسمىسۇن.
مەرۋايىت تۇغمىغان قۇلۇلە قېپى،
باغرىنى بىھۇدە ساڭا ئاچمىسۇن.
دولقۇنلار قىرغاقنى يېنىشلاپ ئۈپۈپ،
سەن ھەقتە بىر كۈينى ياڭراتتى بۈگۈن.
يىراقلاپ كەتتىڭ سەن دېمىگىن مېنى،
يېتەرمەن قېشىڭغا ئەتە يا ئۆگۈن.
تىڭشىغىن دېڭىزنىڭ شاۋقۇنى ئىچرە،
غۇلاچلاپ، كۈچلىنىپ ئېيتقان ناخشامنى.
كۈن پاتتى، ساھىلدا ساقلىدىم سېنى،
ئۇنتۇما گۈزىلىم مۇشۇ ئاخشامنى!…
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

