
…………
…………



ئىشقىڭ شېرىن بولمىسا مۇنچە
ئابدىرىشىت مەمتىمىن
يۈرىكىمنى ئەيلەمتىم غۇنچە،
ئىشقىڭ شېرىن بولمىسا مۇنچە؟
بۇ ھاياتنى سۆيەمتىم شۇنچە،
ئىشقىڭ شېرىن بولمىسا مۇنچە؟
يازارمىدىم بىر ئۆمۈر ئەشئار،
بۇ ئۆمرۈمگە بەرگەندەك قارار؟
سەن كەلگەندەك كېلەمتى باھار،
ئىشقىڭ شېرىن بولمىسا مۇنچە؟
مۇڭغا چۆكسەم تۈنلىرى تىنچ،
ئېھ، دېڭىزغا ئايلاندى سېغىنچ.
كۈي باغرىغا سىڭەرمىدىم ھېچ،
ئىشقىڭ شېرىن بولمىسا مۇنچە؟
كەپتەرلىرىم ئۇچسا سەن تامان،
چىن يۈرەكتىن كۈۋەجەر ئارمان.
كەچمەسمىدىم كەچسە كۆپ زامان،
ئىشقىڭ شېرىن بولمىسا مۇنچە؟
ھايات مېھرى
پەشنى قېقىپ كەتكىلى بولماس،
بۇ ھاياتنىڭ مېھرى ئۆزگىچە.
گاھ نائۈمىد ئۈمچەيسە يۈرەك،
گاھ سۆيگۈدىن كۆڭۈلدە غۇنچە.
قۇشلار سەرخۇش سايرىشار سەھەر،
يەنە ئاۋات سەھرايۇ شەھەر.
قانماي تاڭدىن تا تۈنگە قەدەر،
بۇ ھاياتنىڭ مېھرى ئۆزگىچە.
مەزمۇت دەسسەپ تىرىشماق كېرەك،
ياخشىلارغا ياخشىلار يۆلەك.
كۆكلەپ تۇرار يۈرەكتە تىلەك،
بۇ ھاياتنىڭ مېھرى ئۆزگىچە.
دىللاردا گۈل ھېچقاچان سۇلماس،
ئارمانلارنىڭ رومكىسى تولماس.
تۇلپار بولغىن، بەيگىدە قالماس،
بۇ ھاياتنىڭ مېھرى ئۆزگىچە.
ئاتا- ئانا ئۆتەر بالام دەپ،
گويا شامغا ئوخشايدۇ ئەجەب.
دەيدۇ ئوغلۇم بەرسۇن ئەلگە نەپ،
بۇ ھاياتنىڭ مېھرى ئۆزگىچە.
سېھرى گويا ئالەمگە قەدەر،
يازسام پۈتمەس، يەتمەيدۇ دەپتەر.
ئەجىر بىلەن كۆكلەيدۇ چىن ئەر،
بۇ ھاياتنىڭ مېھرى ئۆزگىچە.


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

