大数跨境

رۇبائىيلار -نۇرمەمەت تۇرسۇن

رۇبائىيلار -نۇرمەمەت تۇرسۇن aybarawazi
2024-11-27
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 



 رۇبائىيلار 

نۇرمەمەت تۇرسۇن


1

تەنھالىق پەيلىنى ماڭا كۆرسەتمە،

ھەمراھسىز سەيلىنى ماڭا كۆرسەتمە.

بىر قۇچاق سۆيگۈنى چاچاي ئالەمگە،

مەجنۇنسىز لەيلىنى ماڭا كۆرسەتمە.

2

قويۇپ بەر لېۋېڭدە لەۋلىرىمگە مەي،

مەن سېنىڭ قەلبىڭنى مەيخانەم ئېتەي.

دۇنيانىڭ غەملىرى يوقىسۇن بىردەم،

كەل لەۋزىم مەنزىلى، مەن ساڭا يېتەي.

3

يۈگۈرمە ئەجىرسىز نەپنىڭ ئالدىدا،

ئويلانماي قىلىنغان گەپنىڭ ئالدىدا.

جەڭچى بول ئىش- ئەمگەك ئۈچۈن يارالغان،

مۈشكۈلنى يېڭىشتە سەپنىڭ ئالدىدا.

4

قانچىلىك بولسىمۇ قۇشنىڭ پەرۋازى،

يىراققا ئاڭلانماس ھېچ بىر ئاۋازى.

زەررىدەك تۆھپەڭدىن كېرىلىپ يۈرمە،

بەخت شۇ ئەجرىڭدىن ئەل بولسا رازى.

5

بىرى دەر گۈزەللىك نېمىدە مەۋجۇت؟

مەن دەيمەن ھاياتلىق جىمىدە مەۋجۇت.

ئىزلىمە ئەكسىڭنى ئاختۇرۇپ تالاي،

ئۆزلۈگۈڭ سۈيى لىق چىنىدە مەۋجۇت.

6

بۈگۈندىن ئەتىنىڭ تىۋىشى كېلەر،

ھەر بىر تاڭ ئاقىللار قەلبىدە تۈنەر.

ئەتەڭنىڭ غېمىنى بۈگۈندىن كۆرسەڭ،

ئەجرىڭگە ئاسمان ھەم تاغمۇ ئېگىلەر.



 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k