
…………
…………




شايار ھەققىدە غەزەل
ئامانگۈل نىياز
ئىشقىڭدا كەلدىم ئۆرتىنىپ، ۋىسالى ئىنتىزار شايار،
بىپايان قوينۇڭدا كۆردۈم گۈلىستان لالىزار شايار.
مېھىرلىك باغرىڭدا باسقان قەدەمدە يايرىدى جان-تەن،
سېخى ھەم سېھىرلىك يۇرتسەن،خەلقى شاد- بەختىيار شايار.
بارسا كىم مېھمان بولۇپ گەر،ئىللىق قۇچاقىڭ كەڭ ئوچۇق،
تويۇنار ئىززەتۇ-ھۆرمەتكە، تەڭداشسىز جەزبىدار شايار.
كۆكلەرگە بوي سوزغان قەدىم توغراقتا ھېكمەت جىلۋىسى،
كائىناتتا تۆھپىسى كۆپ ،جاھانغا ئىپتىخار شايار.
يىگىتلەر مەرد-غەيۇر،قىزلار گۈزەل شەرمىي ھاياسىدا ،
ۋاپا ئەھلىگە يانداشتىم، ئاشىقمەن بىقارار شايار.
مۇھەببەت تۇپرىقى مۇنبەت ئېتىزلار پاختا-ئاشلىقتا ،
بېغىدا مېۋىلەر شاھى ،سۇنار بال ئېكىنزار شايار.
ئىناقلىقنىڭ مارشى ياڭرايدۇ ،كىشىلەر ئاق كۆڭۈل شۇنچە،
قىلار نەيرەڭۇ-ياۋلارنى قەدەمدە شەرمىسار شايار.
تىرىشچان ھەممە ھەر سەپتە بۈيۈك نۇسرەتنى كۆزلەيدۇ،
ئاسايىشلىق زامان بولغاچ،سەپەردە ئىختىيار شايار.
قەلبلەردە ماكان تۇتقان سۆيۈلگەچ يىلتىزى توغراق،
سولمايدۇئەبەد ئۇ بىر روھ ، پەخىرلىك يېشىلزار شايار.
بېغىدا سايرىغان بۇلبۇل ئەجر -مېھنەتكە قاتقان كۈي ،
ئۈزۈم،شاپتۇل بىلەن بىر سەپ تەمى شەربەت ئانار شايار.
«تاج ساراي»،«ئەل باغ»دا ئوخشار تۈرلۈك تائام، سەي-قورۇما،
تەمى شېرىن ،قانداق ئۇنتاي يۈرەككە كۈچ-مادار شايار.
ساياھەتنىڭ گۈلتاجىدۇر «سۇلۇق باغچا»،«تاغان شەھرى»،
قەدىمىيەت ئىزناسى مول، مېھمانغا غەمگۈزار شايار.
ھەر مىللەتتىن جۇشقۇن ياشلار ،ئوينايدىكەن «يېس-پوس»لاردا،
توپىسىمۇ خۇشبۇي ئەنبەر مۇھەببەت جۇش ئۇرار شايار.
بىرلىك تۇغى لەپىلدەيدۇ ،چېھىرلەردە لىق تەبەسسۈم،
جۇت-شىۋىرغان يىراق قاچقان، يېقىملىق نەۋ باھار شايار.
گۆش قاتلىما،كاكچا نانلار سۈت-قايماق ۋە ئېسىل غىزا،
ھاياتنىڭ ھوزۇرى سەندە ئاشىقىم دىلخۇمار شايار.
ئۈلگۈرمىدىم ئەپسۇس يوغان بېلىق كاۋاپ ،كۆمەچلەرگە ،
كېيىن كەلسەم بولۇپ قالار ھەرقاچان ئامەتيار شايار.
ئەجەپمۇ كۈتتۈڭلار قىزلار چىن دوستلۇققا مۆھۈر بېسىپ،
ئادىمىيلىك كەتتى يايراپ شۇ مىنۇت يادىكار شايار.
سۆيسە قۇياش سۇلىرىڭنى بەخت نۇرى چىمىرلايدۇ،
چىن گۈزەللىك تاغلىرىدا قامىتى تىك چىنار شايار.
ئىلىم-ئىرپان مەشئەللىرى يورۇتقاچ تۈمەنمىڭ دىلنى،
گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سېنى يېتىشتى ئىزباسار شايار
ئىلىم-ئىرپان مەشئەللىرى يورۇتقاچ تۈمەنمىڭ دىلنى،
گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سېنى يېتىشتى ئىزباسار شايار.
ئەھياسى يوق گۈزەل باغلار ،پارلاق ئەتە ساقلاپ تۇرار،
مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىڭدا ،سەن تېخى بىغۇبار شايار .
ئەسكەرتىش: قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە مۇزىكىلىق تاماقخانا ناملىرى
2024-يىلى 10ئاينىڭ 22-كۈنى ئاقسۇ


.
خەيىرلىك كەچ 


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

